neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:16:49

توي-تۆكۈنلىرىمىز تاپاۋەت سورۇنى بولۇپ قالمىسۇن



    ئۆتكەن ھەپتە بىر دوستۇمنىڭ ئۆيىگە بارغان ئىدىم. ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىۋاتسام، ئۇلارنىڭ  ئۆيىگە مېھمان كېلىپ قالدى. گەرچە قايتماقچى بولغان بولساممۇ دوستۇم« يەنە بىر دەم ئولتۇرۇپ قايتىڭ» دەپ ئۇنىمىغاچقا، كەلگەن مېھمانلارنىڭ سۆھبىتىدە بولۇپ قالدىم. سۆھبەت ئارىلىقىدا دوستۇمنىڭ ئانىسى كىچىك قىزىنىڭ تويى توغرىسىدا سۆز ئېچىپ:
   -  چوڭ قىزىمنىڭ تويىدا چۈشكەن  پۇل 35 مىڭ يۈەندىن ئاشقان ئىدى، بىراق كىچىك قىزىمنىڭ تويىدا چۈشكەن پۇل  30 مىڭدىن ئاران ئېشىپتۇ،-دېۋىدى، مېھمانلارنىڭ ئارىسىدا  ئولتۇرغان 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئايال:
  -  30 مىڭ يۈەن چۈشسىمۇ ھەرھالدا يامان ئەمەس چۈشۈپتۇ، 20 مىڭ يۈەنمۇ چۈشمەيۋاتقان تويلار خېلى بار. ھازىر كىچىك قىزىڭىزنىڭ تويىدا كۆپرەك پۇل چۈشمەسلىكتىكى سەۋەب، بەلكىم ئۇنىڭ تويى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلمىگەنلىكىدىن بولسا كېرەك،- دېدى.
دوستۇمنىڭ ئانىسى:
  - ئەسلى مەنمۇ كىچىك قىزىمنىڭ تويىنى شەنبە-يەكشەنبىگە توغرىلاپ قىلىشنى ئويلىغان، بىراق يېقىندىن بۇيان رېستۇرانلار بەك ئۆچرەت بولۇپ كەتكەچكە، ئۇنىڭ تويى ئادەتتىكى كۈنگە توغرىلىنىپ قالدى،- دېدى.
مەن دوستۇمنىڭ ئانىسىنىڭ بۇ ئايال بىلەن بولغان سۆھبىتىنى ئاڭلاپ ئەجدادلىرىمىزدىن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىز كۆيگەن، يىگىت سۆيگەن، ئىختىيارلىق ئۆلچەم قىلىنغان، قۇدىلار رازىلىق بېرىشكەن، ئەل- يۇرت لايىق بىلگەن، مادارى يەتكەن خىراجەت مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىپ سورۇن قۇرۇپ، داستىخان سالغان  ھالدا توي قىلىش ئەنئەنىمىزنىڭ بىردىنلا تاپاۋەت سورۇنىغا ئايلىنىشغا باشلاۋاتقانلىقىغا ئەپسۇسلاندىم.
   ئەلۋەتتە، ئەجدادلىرىمىزنىڭ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك توي- تۆكۈن ئەنئەنىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ مېڭىشىمىز لازىم. توي- تۆكۈنلەرگە بارغانلارنىڭ مۇۋاپىق سوۋغا-سالاملار بىلەن بېرىشى ئاددىي قائىدە، بىراق تويغا چاقىرىلغۇچى تەرەپ توي قىلغۇچى تەرەپكە« مەن 500 يۈەن ئاپارسام، قارشى تەرەپ بالىلىرىمنىڭ تويى بولغاندا 1000 يۈەن ئەكىلىدۇ» دېگەن تامادا پۇل ئاپىرىدىغان، توي- تۆكۈنلەرنى سودىغا ئايالاندۇرۇپ، تاپاۋەت سورۇنى قىلىۋېلىش مىللىي ئەنئەنىمىزگە، شۇنداقلا قىممەت قارىشىمىزغا ئۇيغۇن بولمىغان بىنورمال ھادىسىدۇر. بۇلتۇر، جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىپ بىر قانچە تويغا قاتنىشىپ قالدىم. بۇ تويلارنىڭ مېنى سەل غەيرىي ھېس قىلدۇرغان بىر تەرىپى شۇ بولدۇكى، توينى سۈرەتكە ئالغۇچى، تويغا چاقىرىلغان مېھمانلار توي ئىگىسىگە « كۆڭۈل» لىرىنى بىلدۈرگەن چاغدا بىر-بىرلەپ سۈرەتكە ئالدى. ئانامدىن نېمىشقا مۇشۇنداق قىلىدىغانلىقىنى سورىسام، ئانام ماڭا بۇنداق قىلغاندا «تويغا چاقىرغۇچى، كېلەر قېتىم داستىخان قىلغۇچىنىڭ تويىغا بارغاندا، ئۆزىگە ئىلگىرى قانچە  پۇل ياكى نېمە ئەكەلگەنلىكىگە ئاساسەن تەڭ قىممەتتىكى پۇل ياكى مال-مۈلۈك ئاپىرىدۇ» دەپ جاۋاپ بەردى. ئانامنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قەدىمدىن خالىس سوۋغات ئاپىرىپ ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان توي- تۆكۈنلىرىمىزنىڭ  تاپاۋەت سورۇنىلا ئەمەس، ئابرويپەرەسلىك، مەنپەئەتپەرەسلىك سورۇنىغىمۇ  ئايلىنىپ قېلىنىشقا تاس قالغانلىقىغا تېخىمۇ ئەپسۇسلاندىم.
  مېنىڭچە، پەقەت پۇللا بولۇش قىز-يىگىت مۇھەببەتىنىڭ ئۇلى ۋە بەختىنىڭ كاپالىتى بولالمايدۇ. بىز ئوغۇل ئۆيلەش، قىز چىقىرىش چىقىمىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ كېتىش سەۋەبى بىلەن تويلىشالماي، ھەسرەتتە قېلىۋاتقان قىز- يىگىتلىرىمىزنى، توي قىلىشقا پۇل تېپىش ئۈچۈن قەرزگە بوغۇلىۋاتقانلارنى، شۇنداقلا بىنورمال يوللار ئارقىلىق پۇل تاپىمەن دەپ ئۆزىنى نابۇت قىلىۋاتقانلارنىمۇ ئاندا-ساندا ئۇچرىتىپ قالىمىز ۋە ئاڭلاپ قالىمىز. شۇڭا تويلۇقلار ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ سېلىنىشنى، شۇنداقلا، تويدىكى چىقىملارنىڭمۇ مۇۋاپىق بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. شۆھرەتپەرەسلىك، ئاپبويپەرەسلىك ۋە ئىسراپخورلۇق تويلىرىمىزنىڭ مودىسى بولۇپ قالمىسۇن. نىكاھ-توي مۇراسىملىرى تېگى-تەكتىدىن جامائەت ۋە جەمئىيەتكە خاس خەلق مۇراسىملىرىدۇر، قىممەتلىك مىللىي ئەنەئنىمىزدۇر. شۇڭا دەيمىزكى، مىللىي ئەنئەنىمىزنىڭ جۇلاسى بولغان توي- تۆكۈنلىرىمىز تاپاۋەت سورۇنى بولۇپ قالمىسۇن.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:19:43

ھازىر كىچىككىنە بۈلۈم دەرىجىلىك ئەمىلىڭىز بولسا تويدا 5-6 تۈمەن گەپ يوق چۈشىدۇ ....

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:40:07

ئارىمىزدىكى بەزى-بىر ئادەملەر تويلۇق ئۈچۈن نەچچە تۈمەن تويلۇق سېلىۋالدۇ ، تويلۇقنى كۆپ سېلىۋېلىش بىلەن نۇرغۇن تويلار ئەمەلدىن قالدۇ ،،،تويلۇقنى كۆپ سېلۋالدىغان شۇ ئاتا-ئانىلىرمىزنىڭ دىلىغا ئۇلۇغ ئاللاھ  كۆڭلىگە ئىنساپ ، دىلىغا ساپ ئىمان ئاتا قىلسۇن امىن:)

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:43:26

‏بېشىغا كەلمىگۈچە بۇ بىر كۆڭۈلشىمەيدىغان سورۇن پارىڭى. لېكىن بېشىغا كەلگەندە يۈرىكى تىترەپ، نېمە قىلارىنى بىلمەيدىغان بىر قىزىق نۇقتىلىق ئىجتىمائىي مەسىلە. ھازىر جەنۇبىي شىنجاڭدا يۈز مىڭ كوي بولمىسا ئوتتۇرىھال بىر توينى ئۇزاتقىلى بولمايدۇ، ئۈرۈمچىدە بەلكى 2- 3- ھەسسە قاتلىنىشى مۈمكىن. ھازىر تويدىن بەكرەك ئۇنىڭ مەسلىھەت چېيى بەك ھەشەمەتلىك بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. نەدىن تاپىدىكىن مۇشۇ جەنۇپنىڭ خوتۇنلىرى ئەپلەشمىگەن قائىدىنى. بىر مەسلىھەت قىلغىلىمۇ 100دەك كىشى قوشۇن بولۇپ بارىدىغان گەپ ئىكەن. نەچچە خىل تاماق، ھەرخىل تىزما، ھەرخىل قويما...ۋاي-ۋۇي، راستلا ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇ مەسلىھەتنى قىلغۇچە ئاۋۇ بىر جۈپلەرگە ئۆينىڭ غېمىنى قىلىپ بەرسە ياكى بىرەر ماشىنا ئېلىپ بەرسىمۇ مەيلى ئەمەسمۇ. ئىششەك قەرز قىلىپ توينى قىلىدىكەن، بالىلارنىڭ تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشى ھېچقانداق ئويلىشىلماي، ئەكسىچە شۇ داغۋازلىقنىڭ دەردى يۈكلىنىدىكەن.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:44:21

ھەي توۋا ،توي قىلىش دىگەن ئەل يۇرتقا داسقان سىلىش ئىدى،ھازىر ئىلىش بوپ قالغاچ يىمەك-ئىچمەك ئىسراپ بولىۋاتقان ،ئۇ يەتمەي قەرىز ئىلىپ توي قىلۋاتقان ،ئۇنداق قىلمايلى دىسەك،پەمسىز جومباق خوتۇنلار ،گەپ تىپىپ ئارامىدا قويمايۋاتقان ، زادى شۇلارنىڭ گىپى گەپ ،شۇڭا مەندىن باشلاپ ئېي يىگىتلەر ئىلىمسىز، ئەخلاقسىز خوتۇننى بىكا بەسىمۇ ئاممايلى

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:51:37

ئاھ  ! توي ...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:10:12

توي ئالدىرمايمىز،

ئىسمى بىلەن يېزىپ قوياپتىكەن توي دەك
ئىسمى بىلەن يېزىپ قوياپتىكەن قىما دەپ
ئىسمى بىلەن يېزىپ قوياپتىكەن بالا
:lol

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:17:04

قىلدى، قىلىمىز، قىلمىدى، قىلالمىدى، ئاران شۇنچىلىك قىلدى.... {:92:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:18:37

ما تېمىنى زىيالىغا كۆرسەتمەڭلار {:90:} قان بېسىمى ئۆرلەپ تىكلا چۈشمىسۇن

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:21:49

خۇتۇن ئالامىغانلار  دەردىمىزنى راسا تۈكۈۋالنى ھە  :lol

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:23:00

دۇنيادا ئۈچ نەرسىگە ئىسىم غەلىتە قۇيۇلغانمىكىن دەيمەن
1 - تۈرمە = تۇرما
2 - قىمار = قىما
3 - كىمە = كىرمە

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:23:45

ghalibjan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 17:21 static/image/common/back.gif
خۇتۇن ئالامىغانلار  دەردىمىزنى راسا تۈكۈۋالنى ھە

قېنى بەھۇزۇر....

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:25:24

شۇنداق بىر يىگىت بولۇش كېرەككى ،مال-دۇنيا،ھەشەمنى دەيدىغان دوست-يارەن تۇتمىغان بولسۇن...شۇنداق بىر يىگىت بولۇش كېرەككى ئۆمۈرلۈك ئىشلىرىغا ئۆزى كەسكىن قارار چىقارغان بولسۇن.ھەركىم ئۇنىڭ چىقارغان قارارىغا ھۆرمەت قىلسۇن ۋە چىش يېرىپ بىرنەرسە دىيەلمىسۇن.تويۇڭنى ھەشەم ئۆتكۈزسەڭ بولمامدۇ دېگەنلەرگە، مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىدەك قىلدىم،ئاددى-ساددا بولسىمۇ ، ھالال ياشاپ بەختلىك ئۆتسەم شۇنىڭغا شۈكرى، مېنىڭ ھەشەمىتىمنى دەپ يېقىنلاشقانلار بولسا يوقالسۇن...دېيەلەيدىغان بولسۇن...

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:26:42

parakende يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 17:23 static/image/common/back.gif
دۇنيادا ئۈچ نەرسىگە ئىسىم غەلىتە قۇيۇلغانمىكىن دەيمەن ...

باتتىغۇ؟

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:27:30

پەمسىز جومباق خوتۇنلار كەينىڭلاردىن گەپ تېپىشقا پېتىنالمىغۇدەك بىر يىگىت بولۇپ ياشىيالمىغان بولساڭلار ، مەڭگۈ باشقىلارنىڭ گېپى ئۈچۈن ياشاپ ئۆتۈپ كېتىسىلەر ....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:28:29

ﻻﻳﯩﻖ ﺋﯩﺰﻟﻪﭖ ﻳﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ، ﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ ،
ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺗﯧﭙﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻱ ، ﺳﺎﭖ-ﺳﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻤﺎﯞﯗﺯ ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻟﺌﻪ ،
ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻤﺎﻱ ، ﺳﺎﻳﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ، ﭼﯜﺷﺘﻪ- ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﻮﻗﻠﯩﻤﺎ ،
ﺑﺎﺷﻨﻰ ﺗﯩﻘﻤﺎﻱ ﺳﯩﺮﺗﻤﺎﻗﻘﺎ ، ﺑﺎﺷﺘﺎﻕ ﻳﺎﺷﺎﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪﺍ ، ﺭﯨﺴﺘﯘﺭﺍﻧﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﺷﺸﺎ ،
ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﺩﯨﺒﺎﺩﺍ ، ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﻳﺎﺷﻨﺎﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ ﻛﻮﻳﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﻪ ، ﺑﻪﮔﺪﻩﻙ ﮬﻮﺯﯗﺭ ﺳﯜﺭﯨﺴﯩﺰ ،
ﺗﻮﻱ ، ﺧﻮﺗﯘﻥ - ﺋﯚﻱ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ، ﭼﯚﺭﯛﭖ ﺗﺎﺷﻼﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

" ﺋﯩﺖ ﯞﺍﭘﺎ - ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺟﺎﭘﺎ " ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ ﻛﻮﻧﯩﻼﺭ ،
ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎﺭﺗﻤﺎﯓ ! ﺭﺍﮬﻪﺗﻜﻪ ، ﻗﻪﺩﻩﻡ ﺗﺎﺷﻼﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

" ﺳﯘﻏﯘﻕ ﭼﯚﭘﻨﻰ ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻰ ، ﺋﯩﭽﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ "
ﮬﻪﺭﻛﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﻰ ، ﺋﻮﻳﻨﺎﭖ ﺗﺎﺷﻼﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

ﺳﺎﺗﯩﺮﺍﭼﺨﺎﻧﯩﺪﺍ "ﺧﻮﺗﯘﻥ" ﺟﯩﻖ ، ﻧﻪﺭﻗﻰ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ ،ﺧﻮﻟﻘﻰ ﻛﯚﭖ ،
ﻧﻪﺭﻗﻰ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﺋﻮﻧﺒﻪﺷﻜﻪ ، ﭼﯩﯔ ﺑﺎﻏﺎﺷﻼﯓ ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ .

..........................................................................................
..........................................................................................

ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﺶ ، ﺋﯚﻱ ﺋﯧﻠﯩﺶ ، ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ،
ﻛﯜﭘﻪﻳﻤﻪﻛﺘﻪ ﺑﻮﻳﺘﺎﻗﻠﯩﻖ ، ﺟﯧﻖ ﺗﺎﻻﺷﻤﺎﯓ !!!! ﺯﯨﻴﺎﻟﻰ

                  ---- لاتا

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:30:16

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:34:00

ئۇيغۇرۇم شۇ ئالتە شەدە جېقراق بوغاندىكىن دىگەندە ئەمدى جەنۇبى شىنجاڭ دەپ


بوپتۇ دىگىلى قۇيلى .... شىمالىقلار  ئۇيغۇر كۆرمەي ئۈتەپ كەتمىسۇن

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:35:14

ئاجايىب ئىشتە بۇ... شۇ بەش - ئالتە تۈمەن چۈشسىمۇ ھامان قايتۇرىدىغان گەپقۇ ئاخىرى

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:44:24

سىز شۇ خىلدىكى پەس  كىشلەردىن بولمىسىڭىز  تالاش-تارتىش قىلماڭ ، تېما يىرتىلىپ كەتمىسۇن يەنە :P

سىز ئۈچۈن پايدىلىق تەرەپلىرى بولسا پايدىلانسىڭىزلا بولدۇ . ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك !
بەت: [1] 2 3 4 5
: توي-تۆكۈنلىرىمىز تاپاۋەت سورۇنى بولۇپ قالمىسۇن