neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 15:59:17

موتورولانىڭ ئۆتمۈشتىكى كىلاسسىك مەھسۇلاتلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   neFese تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 16:00  



يانفوننىڭ ئاساسچىسى DYNATAC8000X


1973-يىلى 4-ئاينىڭ 3-كۈنى، ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى چوڭ شەھىرى نىيويوركتىكى بىر كوچىدا موتورولا شىركىتىنىڭ ئالىي ئېنژىنىرى مارتىن كۇپېر قولىغا ئۈسكۈنە ئېلىپ دۇنيادىكى تۇنجى تېلفوننى ئۇرغان، ئون نەچچە يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، 1983-يىلى 4-ئايدا دۇنيادىكى تۇنجى يانفون موتورولا DYNATAC8000X بارلىققا كەلگەن.


ئەينى يىللاردىكى ئەڭ كىچىك يانفون STARTAC


1996-يىلى موتورولا قاتلىنىدىغان STARTAC يانفونىنى چىقارغان، ئېغىرلىقى پەقەتلا 88 گرام بولۇپ، بۇ يانفون دۇنيادىكى تۇنجى قاتلىنىدىغان يانفون ئىدى، شۇندىن كېيىن يانفون ساھەسى يىنىكلەشكەن قاتلىنىدىغان دەۋرگە كىرگەن.


ھەقىقىي مەنىدىكى يانفون V998


ئەينى ۋاقىتتا يانفون ساھەسىدە موتورولانىڭ نۇرغۇنلىغان رىقابەتچىسى يانفوننىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ۋە سۆزلىشىش ۋاقتى مەسىلىسىگە دۇچ كېلىپ، بۆسۈشكە ئېرىشەلمىگەن. مۇشۇ ۋاقىتتا موتورولا يەنە قايتا يېڭىلىق ياراتقان، 1999-يىلى بازارغا سالغان V998 نىڭ ئېغىرلىقى ئاران 80 گرام ھەم ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت ساقلاپ تۇراتتى، بۇ ھەقىقىي مەنىدىكى كۆچمەن تېلفون ئىدى.


V8

2004-يىلى بازارغا سېلىنغان V3 بىر قاتار قوللاشقا ئېرىشكەندىن كېيىن، موتورولانىڭ بازىرى كاساتلىشىشقا باشلىدى. ناچار بازار ئەھۋالىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن موتورولا ئىككىنچى ئەۋلاد RAZR قاتارىدىكى V8 مەھسۇلاتىنى بازارغا سالدى، دەرىجىدىن تاشقىرى نېپىز يانفون گەۋدىسى بىلەن ئىلگىرى V8 سالاھىيەت سىموۋولىغا ئايلاندى.

RAZR قاتارى


2000-يىلىدىن كېيىن، موتورولانىڭ شانلىق يىللىرى دېيىشكە بولىدۇ، 2004-يىلى ئاۋىئاتسىيە دەرىجىسىدىكى ئالىيۇمىن قېتىشمىسى ئشىلىتىپ ياسىغان موتورولا V3 بازارغا سېلىندى، يانفون گەۋدىسى ئاران 13.9مىللىمېتىر ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، RAZR قاتارىدىكى يانفون پۈتۈن دۇنيادا 100 مىلىيون يۈرۈش سېتىلغان.



E8

2008-يىلى MP3 بازىرى قىزىغان مەزگىلدە، ھەرقايسى شىركەتلەر MP3 گە كۈچىدى، ئەكىسچە، شۇ يىلى 1-ئايدا موتوتولا E8 نىڭ بازارغا سېلىنىشى بىلەن بازار ۋەزىيىتى ئۆزگەردى. يانفوننىڭ ئاۋاز سۈپىتىمۇ MP3 دىن ئېشىپ كەتكەن. نۇرغۇنلىغان ئىستىمالچىلار ئۇنىڭ ئاۋاز سۈپىتى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يېڭى مەشغۇلات شەكىلى ھەم ModeShift تېخنىكىسى بۇ يانفۇننى ئەينى دەۋرىدىكى ئەڭ چاقنىغان مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرغان.


ROKR قاتارى

بۇ خىل يانفوننىڭ ئاساسلىق ئالاھىدىلىكى مۇزىكا قويۇش بولۇپ، 2006-يىلى 6-ئايدا، موتورولا ياشلار توپى ئۈچۈن مۇزىكىلىق يانفون E2 نى بازارغا سالغان. بۇ خىل يانفون گەۋدىسىنىڭ يان تەرىپىدە مەخسۇس كۇنۇپكا بولغاندىن سىرت يەنە 3.5 مىللىمېتىرلىق تىڭشىغۇچ تۆشۈكى قوشۇپ لاھىيەلەنگەن ھەمدە 2GB لىق كېڭەيتىلگەن سىغىم كارتا بوشلۇقى تەمىنلىگەن. ئەينى ۋاقىتتا كوچىلاردا E2 كۆتۈرىۋېلىپ مۇزىكا ئاڭلاۋاتقان ياشلارنى كۆپ ئۇچىراتقىلى بولاتتى.


SLVR قاتارى

بەلكىم SLVR قاتارىدىكى مەھسۇلاتنىڭ ئۇنداق كۆنى چاقنىتىدىغان ئىقتىدارى ياكى ئۇنداق كۆپ ئۆزگىرىدىغان تاشقى قىياپىتى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما ئىتراپ قىلماي بولمايدىغىنى ئۇ بىر كىلاسسىك مەھسۇلاتى. بۇ تۈرلۈك مەھسۇلات ئىزچىل موتورولا شىركىتىنىڭ سىموۋولى بولۇپ، 2006-يىلى 3-ئايدا بازارغا سېلىنغان L6 بىلەن RZAR قاتارى ئورتاق نىپىز بولغاندىن سىرت، بۇ يانفوننىڭ قولدىكى تۇيغۇسى ۋە پاكىزلىقى بىر مەزگىل ئىستىمالچىلارنىڭ قوغلىشىشىغا ئېرىشكەن.

A

ھازىر ھەشەمەتلىك يانفوننى تىلغا ئالسا نۇرغۇن كىشلەر AURA نى تىلغا ئالمايدۇ. ئەمما 2008-يىلى موتورولا AURA نى ئېلان قىلغاندا، ئىستىمالچىلار ناھايىتى قىممەت سېتىلىش باھاسى بىلەن بىرگە ئارزۇلىغىدەك تەرىپىنىڭ تەڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغان. بۇ يانفون V70 نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى دەپ قارالغان.

L7

L6 بىلەن ئوخشاش دەۋردىكى مەھسۇلات بولۇش سۈپىتى بىلەن، L7 نىڭ ئىكران پەرقلەندۈرۈش ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئوخشاش دەۋردىكى ئۈنۈمى قالتىس بىر تۈرلۈك كىلاسسىك مەھسۇلاتقا ئايلانغان


A1680

گەرچە ئاندرويىد مەشغۇلات سېستىمىسىنىڭ باش كۆتۈرىشىگە ئەگىشىپ، موتورولا مەھسۇلاتلىرى قايتىدىن دەرىجە ئاشۇرۇپ موتورولا A1680 نى چىقارغان. A1680 دا يەنىلا قاتلىنىدىغان لاھىيە قوللىنىلغان، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى A1680 يانفونى 3G ئىقتىدارىنى قوللىغان، پەقەت ئەينى ۋاقىتتا جۇڭگودا 3G تورى دەسلەپكى باسقۇچتا تۇرغان.

Q قاتارى


2007-يىلى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى، موتورولا مىكروسوفىت بىلەن بىرلىشىپ جۇڭگودا QWERTY كومپيۇتېر كۇنۇپكا تاختىسى قوللانغان موتورولا Q8 نى ئېلان قىلغان. گەرچە بۇ مەھسۇلات جۇڭگودا كۆپ سېتىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ بىر كىلاسسىك مەھسۇلات.


Milestone

ئىسىمنى تەرجىمە قىلغاندا ئابىدە تاش بولۇپ، ئوخشاشلا بۇ يانفونمۇ موتورولانىڭ ئابىدە خاراكتېرلىك مەھسۇلاتى. 30 يىلدا موتورولا كىشلەرگە ناھايىتى ئاز خوشاللىق ئېلىپ كەلگەن. ئەمما 2010-يىلى ئابىدە خاراكتېرلىك مەھسۇلات بازارغا سېلىپ ئابونىتلارغا ئازراق ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن. ئەپسۇسلىنارلىقى بىر يىلدىن كېيىن موتورولا شىركىتى سېتىۋېلىنغان.



Q11

بىر يىلدىن كېيىن، موتورولا Q8 نىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى Q11 نى چىقاردى، گەرچە سەپلىمىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن، سىرتقى كۆرۈنىشى ئازراق ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەينى ۋاقىتتىكى بازار ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتەلمىگەن.



مەنبە : mobile.163.com

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:03:51

يانفۇننىڭ ئاساسچىقى موتورولا  كىملەرگە سېتىلدى؟ ھەي:shutup:

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:25:54

بالدۇر چىققان قۇلاقتىن كىيىن چىققان مۇڭگۈز ئېشىپ كەتتى :lol

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:26:16

بۇ ماركا يوقىلىپ كەتسىمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۇزۇن يىللارغىچە ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئېلىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن  ، ئەلۋەتتە ئول  كىشى ئۆزىنىڭ  باشقىلار تەرىپىدىن ئەخمەق قىلىنغىنىنى ھىس قىلغان چاغدىلا :lol

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:30:30

سىڭىپ كەتتى

http://17171.89919.com/UserPicShowFlash.aspx?Userid=952671&id=3513952&ClassID=0

HEZINE يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:37:36

مەنمۇ L6g نى ئالتە يىل ئىشلىتىپتىمەن. ئەمما سۈپىتىدە مەسىلە يوق زادى.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:05:41

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   farux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 21:08  

SLVR، l6 ،RAZR،v8 قاتارلىقلارنى تۇتۇپ بىقىپتىكەن مەن . ئاندىن ئايفۇنغا ئۆتتۇق يىلدا يەڭگۈشلىدۇق، ھازىر سەنشىڭغا ئۆتىۋالدىم سامانيولى تىپلىق يانفۇنلىرىنى بىر قاتار تۇتۇپ بىقىپتىمەن ..ھازىر قولامدا  Galaxy Note Edge يانفۇنى بار.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 22:17:14

مەن 99- يىلى تۇنجى قېتىم يانفون ئىشلەتتىم،شۇ ۋاقىتتا موتورولا2688 يانفونىنى ئىشلەتكەن ئىدىم

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 08:43:06

بۇ تېمىنى نۇر تورىدا كۆرگەنتىم، سىز تەرجىمە قىلىپ تەييارلىغانما؟{:101:}

Uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:25:14

V 3 تىلپونىنى يامان كاتتا كۆرىنىدۇ ماڭغا
ئۆز ۋاقتىدا مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ياساپ ،شەخسى تىلپون ساھەسىدە دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا سانىلىدىغان موتورىللانى لىيەنشاڭ سېتىۋالغىنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم نىمىشقىدۇر يېرىم بولدى. نەچچە يىل بۇرۇن گوگۇل موتونىڭ ئالاقە شېركىتىنى سېتىۋالغاندا كۆڭلۈمدە ئەمدى گوگۇل نىكساس تىلپونىنى ئۆزى ئىشلەپ بازارغا سالىدىغان بولدى دەپ ئارتۇقچە ھاياجابلىنىپ يۈرۈپتىمەن.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 14:32:28

ئالما ، موتورولا ، نوكىيانىڭ يانفۇنلىرىنى ئىشلىتىپ باقماپتىمەن ئەل ئۆمرۈمدە  ، ئەمدىلەتىن ئىشلىتىپ باقاي دېسەم يوقالغىلى تۇردى {:219:}

zuwansiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 14:51:39

چاقۇرغۇلىرى قەنى؟؟؟؟

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 18:29:41

V3نى ئۈچ يىل ئىشلەتكەنتىم،ھازىرغا قەدەر كۆزۈمگە بەك چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.

mynawa يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 20:54:52

v3بولىدىغان تېلفۇنتى

iqbal يوللانغان ۋاقتى 2014-11-23 21:01:41

neFese يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 17:30 static/image/common/back.gif
سىڭىپ كەتتى

خان خاپومماي بىر باش سۈرىتىڭىزنى ئۆزگەرتىۋالامسىز؟قىز بالا تۇرماق ئەكىشىلەرمۇ ئۆزىنىڭ باش سۈرىتىنى قوقماي ئىشلەتكىنىنى كۆرمىگەن ما مۇنبەرلىدە.ئۆزىڭىزنىڭ بوممىسىمۇ قاراشقىلا بىرە تونۇش بىلىشىڭىزنىڭدەك تۇرىدۇ.سەل بىر ھايالىقراق بولۇڭلار قىزبالا بوغانكىن
بەت: [1]
: موتورولانىڭ ئۆتمۈشتىكى كىلاسسىك مەھسۇلاتلىرى