Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 15:48:22

بېلىق بېرەمدۇق ياكى بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتەمدۇق؟

ھەممەيلەن دېگۈدەك ئاڭلاپ باققان بىر گەپ بار: «بىراۋغا بېلىق بەرسەڭ ئۇنى بىر كۈن باققان بولىسەن؛ بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويساڭ بىر ئۆمۈر باققان بولىسەن.» بەلكىم بۇنى ئاڭلىغان ھەممەيلەن قايىللىق بىلەن بېشىنى لىڭشىتقان بولۇشى، ۋە ئېھتىمال بۇنى ئوقۇۋاتقاچ ھازىرمۇ بېشىنى لىڭشىتىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما مەن ھازىر بۇ گەپنىڭ پۈتۈنلەي خاتا ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىمەن.

بىراۋنىڭ ئاچلىقتىن، قىيىنچىلىقتىن ھالسىراتقان ۋاقتى سىزنىڭ قوپۇپ ئۇنىڭ كاللىسىنى بىلىم بىلەن تولدۇرۇش، ئۇنى ھۈنەر بىلەن قوراللاندۇرۇش ۋاقتىڭىز ئەمەس. بۇ ۋاقىتتا سىزنىڭ قىلىدىغان ئىشىڭىز ئاۋۋال ئۇنىڭغا شۇ بىر بېلىقنى بېرىش، ئۇنى ئاچلىقتىن قۇتقۇزۇشتۇر. ئاندىن سىز ئۇنىڭغا بېلىقچىلىق ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىسىڭىز بولىدۇ.

كۆپىنچە ۋاقىتتا كىشىلەر بۇ ئەقەللىي بىرىنچى قەدەمنى ئۇنتۇپ قېلىشىدۇ. ئۇلار قەھەتچىلىكتە قىينىلىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگەندە يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇلارغا ئەقىل ئۆگىتىشكە باشلايدۇ: «سىزنىڭ ئورنىڭىزدا بولسام مەن مۇنداق مۇنداق قىلاتتىم..»

ئەمما ئەندىشە، قايغۇ، ۋە ئۈمىدسىزلىك دېگەنلەرنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان شۇ كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقى ئىكەنلىكىنى ناھايىتى ئازچىلىقىمىزلا چۈشىنىمىز. قىيىنچىلىقتا، ئاپەتتە قالغان كىشىلەر ئۈمىدسىزلىكتە تېڭىرقاۋاتقان بولىدۇ. ئۇلار نورمال تەپەككۈر قىلالمايدۇ. ئۇلارنىڭ نېرۋىلىرى توختاپ قالغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ئۆلىدۇ.

بىز ھەممىمىز كەسىپتە ئۇتۇق قازانغان، توققۇزى تەل كىشىلەرنىڭ تاسادىپىي مەغلۇبىيەتتىن ئەندىكىپ كېتىشكەنلىرىنى، تەپەككۈرىنىڭ قالايمىقانلاشقانلىقىنى -ۋاقىتلىق بولسىمۇ- كۆرگەنمىز. خوش، ئۇنداقتا داۋاملىق مەغلۇبىيەتتە تۇرغان كىشىلەرنىڭ قانداق ھېسسىياتتا بولىدىغىنىنى تەسەۋۋۇر قىلالامدۇق؟

قىيىنچىلىق ئىچىدە جان تالىشىۋاتقان كىشىگە ئەقىل بېرىش پەقەت ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتۇر، خالاس.

ئەكسىچە ئۇ ئالدى بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇشى كېرەك، بۇ ئورۇندالغاندا، ئۇنىڭ قۇلاقلىرى ئېچىلغاندا، يۈرىكى ۋە تەپەككۈرى ئۆتكۈرلەشكەندە، ئاندىن سىزنىڭ ئۇنىڭغا يېڭى ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىش پۇرسىتىڭىز كېلىدۇ.

بىراۋنىڭ بېلىق تۇتۇش دەرسىدىن كۆپرەك بېلىققا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىگە قانداق ھۆكۈم قىلىسىز؟ ئىككى نەرسە:

1.) دىققىتىنى يىغىش ئىقتىدارى. قاراڭ: ئۇ كىشى ئوچۇق ۋە مەغلۇبىيىتىنى ھەزىم قىلىپ بولغان باسقۇچتىمۇ ياكى دۇنياغا ھازىرمۇ مەغلۇبىيەتتىن قىسىلىپ قالغان قىسىق كۆزى بىلەن قورققان ھالدا قاراۋاتامدۇ؟ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگىلا ئەھمىيەت بەرسىڭىز بۇنىڭغا ھۆكۈم قىلالمايسىز. «ھەممە ئىشلار ياخشى بولۇپ كېتىدۇ» دەپ قويۇش يېتەرلىك ئەمەس. سىز ئۇنىڭ ھەرىكىتىگە ۋە نېمە دېمەيۋاتقانلىقىغا قارىشىڭىز كېرەك.

2.) ھېسداشلىق. ئىشىنىڭكى سىز قانچە مۇۋەپپەقىيەت قازانغانسېرى ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇشىڭىز شۇنچە قىيىنلىشىدۇ.

ئاخىرىدا، توردا ئوقۇغان ھەر نەرسىگە ئىشىنىۋەرمەڭ. چۈنكى ئاشۇ تور دېگەن نەرسىدە تارقىلىپ يۈرگەن «بېلىق بېرىش ۋە بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىش» گېپى مېنىڭ ئۇكامدىن باشقا ھەممە ئادەمگە تەۋە قىلىنىپ تارقىتىلىپ يۈرمەكتە.

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:35:56

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۆيۈم قەشقەر شەھرىگە يىقىنلام تەلۋىچىك دەريا بويىدا ، بۇ يەرگە ۈىر نەچچە بېلىق تۇتىدىغان كەسپى بېلىق تۇتقۇچىلار چىقاتتى . مەن قىزىقىپ ئۇلارغا ئىتىزلىقنىڭ شۇنداقلا بېغىمنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى زولاپ سوۋغا قىلىپ ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم . ھەمدا 452 يۈنگە ئىككى بېلىقك تۇتىدىغان غالتەكلىك قارماق سېتۋىلىپ 10 كۈندەك يۈرۈپتىمەن ، ئۇلارنىڭ قارمىقىغا بېلىق شۇنداق چۈشۈدۇ ، لېكىن مەن بىرنىمۇ تۇتالمىدىم . ئۇلار تۇتقان بېلىقىدىن بىرەتتى ، كېيىن بىلسەم ئۇلار ماڭا بېلىق تۇتۇشنى قەستەن ئۈگەتمەپتۇ ئەمەسمۇ ، قارماققا يەمچۈك سىلىش بىر ھۈنەركەن ، بېلىق تۇتۈشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇچلۇق تەدبىر چارىلىرى باركەن . بىر بېلىقمۇ تۇتالماپتىمەن كاشكى :lol

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:52:44

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:01:38

بىلىق توغرىسا گەپپ بولۇنسىلا بىر ئىش ئىسىمگە كېلىپ قالىدۇ:lol

تاغام بىر كۈنى بىلىق تۇتۇش ئۈچۈن قاماقلىرىنى تەييارلاۋاتاتتى ، 5ياشلىق قىزى‹‹مەنمۇ تۇتىمەن ماڭىمۇ قاماق ياساپ بەر›› دەپ تۇرۋالدى، تاغام ياندۇرۇپلا‹‹ بالام قىز بالا دىگەن بىلىق قاماق ئوينىسا بولمايدۇ ›› دىگەنىدى:lol

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:15:36

«بىراۋغا بېلىق بەرسەڭ ئۇنى بىر كۈن باققان بولىسەن؛ بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويساڭ بىر ئۆمۈر باققان بولىسەن.» بۇ گەپنى پۇتۈنلەي خاتا دەپ قويوڭ تىما ئىگىسى ،ئالدى بىلەن بۇ گەپ مىنىڭچە  ئىنتايىن توغرا گەپ ،توغرا گەپ دىيىشىمىزدىكى سەۋەب  بۇ گەپنىڭ مەنىسى تىخى سىز تەھلىل قىممىغان نۇرغۇن ساھەگە قارىتىلغان ئاساسەن توغرا گەپ ، ئاساسەن توغرا گەپنى بىز ئادەتتە توغرا گەپ قىسقارتىپ سۆزلەيمىز ،گەپ مۇتلەق توغرا بوممايدۇ ،ھەر قانداق مەشھۇر سۆزدىن قۇسۇر تاپىمەن دىسىڭىز سىزگە ئوخشاش بىر بەت ماقالە چىقارغىلى تامامەن بولىدۇ . سىز  كاللىڭىزدىكى يۇشۇرۇن ئىستەكنى بىر ياققا چۆرىۋىتىپ ئەمىلىيەتكە باقسىڭىز  بۇ بىر ئىنتايىن نورمال ئەقلىيە سۆز

yigana523 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:15:39

بۇ يەرلەردە بېلىق كۆپ بولمىغاندىكىن مۇنداق ئۆزلەشتۈرمەمدۇق بۇنى:
بىر لىگەن گۆش بەرگەن ياخشىمۇ قوي بېقىشنى ئۆگەتكەن ياخشىمۇ{:92:}

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:36:43

شانىياز بېلىق تۇتۇشنى ماۋۇ تېمىدىن ئۆگەنسە بولغۇدەك{:92:}

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:37:29

بىرىشقا تىگىشلىك بولمىغان يىرىڭىزدىن باشقا نىمىنى خالىسىڭىز شۇنى بەسىڭىز بولىۋىردۇ

mewize يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 17:50:44

ئەمما تېما مەزمۇنى ماڭا خېلى چۈشۈپ قالدىكەن،شۇڭا مەنمۇ تېما ئېگىسىنى قوللايمەن،ئادەم ئىلاجىسىزلىق،موھتاجلىققا دۇچ كەلگەندە تەپەككۇر ھەقىقەتەن ئاجىزلايدىكەن.بۇ ئۇزۇن داۋاملاشسا شۇنى مەن چۈشكۈنلۈك دىدىمغۇ !

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 19:04:03

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 16:35 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۆيۈم قەشقەر شەھرىگە يىقىنلام تەل ...

قارماققا ئۅزىڭىز ئىلىنىپسىز

okojan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 19:10:45

بىز كۇندىن -كۇنگە دۆتلشىپ كتىپ بارامدۇق نىمە ........؟ كاللىمىز بەك تەرەققى قلىپ ھەرقانىداق ئشلاردىن ،سۆزلەردىن قۇسۇر تاپالايدىغان باسقۇچقا كىلىپ قالدۇقمۇ ...؟  

              

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 19:30:25

okojan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 19:10 static/image/common/back.gif
بىز كۇندىن -كۇنگە دۆتلشىپ كتىپ بارامدۇق نىمە ........؟ كال ...

تىما يوللىغۇچى تەرەپ ئازراق بولسىمۇئىزدىنىپ جاپا تارتىپ تىما يوللاپتۇ .ئادەم دىگەن مۇكەممەل ئەمەس شۇنداققۇ
ئاشۇ تىمىدىن جاپا تارتىپ قۇسۇر ئىزدەشكە رازىلىقى باركى لىكىن تىما توغلۇرۇق ئىزدەنمەيدۇ.

Uyghurking يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 19:45:17

«بىراۋغا بېلىق بەرسەڭ ئۇنى بىر كۈن باققان بولىسەن؛ بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتىپ قويساڭ بىر ئۆمۈر باققان بولىسەن.»  مەن بۇ جۈملە سۆزدىن پەقەت بېلىق تۇتۇشنىلا ئۆگىتىپ بېلىق بەرمە دېگەن مەنانى تاپالمىدىم.

بوپتۇ، بۈگۈن بىر تال بېلىق بېرە، ئەتىسى يەنە بىر تال بېرە، داۋاملىق بېرىۋىرەمدۇ؟

678123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:30:29

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 16:35 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئۆيۈم قەشقەر شەھرىگە يىقىنلام تەل ...

بىلق تۇتۇشمۇ بىر ھۇنەر. الدى بىلەن قايناتقان قۇناق چاچىسىز. بەش ساەت ەتراپىدا تە خىر قىلغاندىن كىيىن. قۇناقنى نورمال ىلدۇرۇپ قۇناق چاچقان يەرگە قاماق تاشلايسىز. شەپە چىقارماي ولتۇرسىز. ياكى باشقا يەردە كۇزۇتۇپ ولتۇرىسىز. سويۇ ۇكۇيدۇ.
اندىن بىلىق چىشلەپ خادا سۆرەيدۇ.ياكى باسىدۇ. بىلىقنى ساق سالامەت ىلىشمۇ بىر گەپ. مەن سەككىز كلولۇق لى يۇ ىلىپ باقتىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 06:31:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-20 06:35  

ئۇيغۇرچە بىلىدىغان بالىلار ھەقىقەتەن بىلىدۇ،  نىمە تالاش-بۇ؟...
بىلىق تۇتۇشنى ئۈگىتىدىغان ئادەم گۆردىكى ئادەمنى تارتىپ چىقىپ ئۈگەتمەس؟...

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 07:49:56

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 12:03:15

سېنىڭ گېپىڭ توغرا، ئۇنىڭ گېپىمۇ بىر ھىسابتا توغرا، لىكىن قاراپ باقسام مېنىڭ گېپىممۇ توغرا...:lol

gunahkar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 12:24:09

ئاتلىق ماڭغاندىن پىيادە ماڭغان ياخشى دېسە ھەرگىر ئىشەنمەڭلار ھە!  

پات يېقىندا بۇتوغۇرلۇق ئىلمى ماقالەمنى ئىزدىنىش نادىر تېمىلار سەھىپىسىگە يوللۇشۇم مۇمكىن. قانداق تېمىنى ئىشتىك تەستىقلايدانلىقىنى ئەمدى بىلىۋالدىم.
بەت: [1] 2
: بېلىق بېرەمدۇق ياكى بېلىق تۇتۇشنى ئۆگىتەمدۇق؟