مۇردا دادا (قىسقا فىلىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bireylen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-19 15:03شياڭگاڭنىڭ ماڭلىيىغا سېرىق قەغەز چاپلاپ قويسا توختايدىغان ، ئىككى قۇلىنى كۈتۈرۈپ قۇشقاچتەك سەكرەپ ماڭىدىغان مۇردىلىرى توغرىسىدىكى كىنولىرىنى ھېسابلىمىساقمۇ مۇردىلار توغرىسىدا ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەر خېلى كۆپ . مەسلەن : ۋىل شىمىس باش رول ئالغان مەن-رىۋايەت ( I Am Legend ، 我是传奇 ) . ئۆتكەن يىلى قۇيۇلغان ، مۇردىلار توغرىسىدىكى فىلىملەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سەرپ قىلغان كىنو – - مۇردىلار دۇنياسىدىكى جەڭ ( World War Z ، 僵尸世界大战 ) . تېلىۋىزىيە تىياتىرىدىن تىرىك جەسەتلەر (The Walking Dead ,行尸走肉) بار
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغانلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ تېمىدا ئىشلەنگەن كىنو-فىلىملەر ئىچىدە بىرقەدەر مۇنەۋۋەرلىرى ھېسابلىنىدۇ . بۇيەرگە قىستۇرۇپ ئۆتەي ، تېلىۋىزىيە تىياتىرى –تىرىك جەسەتلەر ( The Walking Dead 行尸走肉 ) نىڭ 5-بۆلۈمى قۇيۇلىۋاتىدۇ
لېكىن بۈگۈن تورداشلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىمىز مۇردىلار توغرىسىدىكى قىسقا فىلىم . بۇ فىلىم باشقا مۇردىلار توغرىسىدىكى فىلىملەردەك قورقۇنچلۇق ياكى مۇدھىش ئەمەس . فىلىم پەقەت يەتتە مىنۇتلا ، ئەمما بۇ يەتتە مىنۇتتا سىزگە بىر ئاددىي ھەم ئۇلۇغ ئاتىنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەيدۇ . نەچچە سائەتلىك كىنوغا تۈكۈلمىگەن ياشلىرىڭىز بەلكىم بۇ قىسقا فىلىم ئۈچۈن تۆكۈلۈشى مۇمكىن .
………قاتناش ھادىسىدىن كېيىن ھۇشىغا كەلگەن ئاتىنىڭ كۆزىنى ئېچىپ كۆرگىنى مۇردىغا ئايلىنىپ كەتكەن ئايالى بولىدۇ . ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدا بۇۋاق بالىسى يىغلاۋاتقان ، ئۆزى ھەم يۇقۇملىنىپ مۇردىغا ئۆزگىرىپ كېتىش خەۋپىدە قالغان ……..
ئاتىمۇ مۇردىغا ئۆزگىرىپ كېتەمدۇ ياكى ھايات قالامدۇ ؟ بۇۋاقچۇ ؟ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى فىلىم دىققىتىڭىزدە بولسۇن
http://player.youku.com/player.php/sid/XNTQwNzY2NTg4/v.swf
خوش ، باشقىلارنىڭ ئاتىسىدىن بىر پەدە تەسىرلىنىۋەتتۇق . ئۈزىمىزنىڭ ئاتىسىچۇ ؟ 2013-يىللىق ئاۋسترالىيە قىسقا فىلىم فېستىۋالىدا نادىر فىلىم بولۇپ باھالانغان بەك تەسىرلىك فىلىم ئىكەن ئېسىل ... مەنمۇ كۆرگەن ئىنتايىن تەسىرلىك،ئۆزى قىسقا مەزمۇنى چوڭقۇر فىلىم. ۋۇييۇ ئۇف بالا ئامان قاپتۇ بالىسىنىمۇ يەۋىتەرمىكى دەپ ئەنسىرگەن مەن :funk: wuyyu يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 15:37 static/image/common/back.gif
ۋۇييۇ
ۋاييەي {:97:} XXXXYXXXX يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 15:55 static/image/common/back.gif
ئۇف بالا ئامان قاپتۇ بالىسىنىمۇ يەۋىتەرمىكى دەپ ...
مەن كۆرگەندە بالىسىنى ئارقىسىدىكى سومكىسىغا سېلىپ ، مۈرىسىگە ياغاچ تېڭىپ ، ئالدىغا گۆشلەرنى ئېسىۋالغىنىدىن بىلگەنىدىم . ئۇ دادا مۇردىغا ئايلىنىپ كەتكەندە ئالدىدىكى ئېسىقلىق گۆش ئۈچۈن ئالدىغا قاراپ ماڭىدۇ ئەمەسمۇ .
مەن توغۇرلۇق ئىشلەنگەن ئېسىل فىلىم بۇ{:112:} تورخۇماردا كۆرۈپ بوپتىكەنمەن.
بەت:
[1]