ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:02:58

توك يەر پار ھەققىدە پاراڭلاشمامدۇق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئىزدىنىش ئەھلى :
ھەممىمىز بىلىمىز، قىش پەسلى كىرىشى بىلەنلا ھاۋا بىردىنلا سوۋۇشقا باشلىۋىدى، تەبىئىي گاز قىس بولۇشقا باشلىدى. ئائىلىدە ئىسىنىش مەسلىسى بۇرۇنقى كۈمۈر قالايدىغان پار قازانلارنى چېقىپ تاشلاپ ، ھەر بىر ئائىلە بىردىن تەبىئىي گاز ئاسما ئۇچاق ئېسىۋىدى، گاز قىسلىق مەسلىسى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى.
جەنۇبىي شىنجاڭ رايۇنىدا، بۇلۇپمۇ ئاقسۇدا ئېلىكتىر كۈچى ھەقىقەتەن نۇرمىدىن ئۇشۇق، شۇڭا بۇ يىل خېلى يەرلەردە توك يەر پار (电地暖) قۇراشتۇرىۋاتىدۇ، بۇ نەرسە ھەققىدە  بىر نەرسە بىلمىسەممۇ، تېخنىك بالىلاردىن سورىسام، ئۇلار 100 كىۋادىرات ئەتراپدىكى ئۆيگە شۇنى ئۆزگەرتىشكە 10000 يۈەندىن 15000 گىچە پۇل كېتىدۇ، توك سەرپىياتى 800 ۋات بىلەن 1000 ۋات ئەتراپىدا بولىدۇ. سۈپەتكە 10 يىل كاپالەتلىك قىلىمىز دەيدۇ. شۇڭا مەنمۇ ئۆيۈمنى ئۆزگەرتەيمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم. مۇشۇ ھەقتە بىلىدىغانلار ، بىلىمىڭلارنى ئايىماي تۆكسەڭلار، بەھۇزۇر  پاراڭلاشساق:)

ھەممىڭلارغا تەشەككۈر:handshake

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 10:28:32

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 10:30  

يېزىلاردا مومكىن بولسا بۇ تېخنىكىنى قوللانسىمۇ بۇلىدۇ. ئىزدىنىشقا يوللىمىغان ئۇخشايمەن، يوللاپ قۇياي دىسەم كونا تىما بولغاچقا بىئەپ تۇرىدىكەن.

svpvrga يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 10:55:31

بۇنى ئورناتقاندا، يەر ئاستى سۇ ئورنى، سۇنىڭ قاتتىقلىق، شورلۇق دەرىجىسى دىگەندەكلەرنى چوقۇم ئويلىشىشى كېرەك ئىكەن. بىزنىڭ ئىدارىدىمۇ شۇنى ئورناتقان. بىر يىل ساق ئىشلىدى، ئىككىنچى يىلىدىن باشلاپ يەر ئاستى سۇ ئورنى يۇقىرىكەن دەپ، قايتقان سۇ يەر ئاستىغا سىڭىپ بۇلالماي سۇ تېشىپ كىتىپ، ئايدا نەچچە كۈن پار توختايدۇ، يىلدا بىر دىگۈدەك سۇ پومپىسىنى ئالماشتۇرىدۇ. سۇ تارتىدىغان تۇرۇببا تۈمۈر بولغاچقا داتلىشىپ كاردىن چىقىدۇ... ئاخىردا، تۆت يىل ئىشلەتكەن بۇ ئۈسكۈنىنى ئېلىۋىتىپ بىر تۇتاش پارغا ئۇلىدۇق. ھازىر پار ياخشى ئىسسىيدۇ. ئىشقىلىپ تۆت يىل پارنىڭ خۇۋلىقنى كۈرەلمەيلا ئۈتۈپ كەتتۇق.   

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:11:01

ناھىيىمىزدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى بىناسىغا يەر ئاستى سۈيىدە ئىستىش قۇرۇلمىسى قىپتىكەن  ، پەقەت ئىستالماي ئوقۇغۇچىلارنى بىرەر ئاي قويىۋەتتىغۇ دەيمەن . ئاخىرى ئىسىقلىق ئېنىرگىيە شېركىتىگە ئۇلىدى . يەنە بىر ئولتۇراق رايوننىڭ شۇ خىل قۇرۇلمىنى ئورناتقان ئوي مۈلۈك شېركىتىنىڭ خوجايىنى تولا تياق يەپ  ئۇ بىنانىمۇ  ئاخىرى ئىسىقلىق ئېنىرگىيە شېركىتىگە ئۇلىدى .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:31:01

svpvrga يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 10:55 static/image/common/back.gif
بۇنى ئورناتقاندا، يەر ئاستى سۇ ئورنى، سۇنىڭ قاتتىقلىق ...

  

سۈپىتى ياخشى سۇلياو تۇرۇبىنى يۇمىلاق قىلىپ سۇغا سىلىپ، ئىككى بىشىنى سىرىتقا چىقىرىسىز، ئاندىن ئىچىگە سۇ تولدۇرۇپ ئايلاندۇرسا سۇ ئايلاندۇرۇشقىمۇ ئاز سەرپىيات كىتىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:36:47

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 11:45  

paltahun يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 11:11 static/image/common/back.gif
ناھىيىمىزدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ يېڭى بىناسىغا  ...

قۇبۇل قىلىدىغان ئىسسىقلىقنى ھىسابلاشتا ئىچكىرىدىكى ماتىرياللارغا قاراپلا قىلىۋالسا يىتەرلىك بولمايدۇ، بىزنىڭ بۇ يەرلەر سۇغۇقراق بولغاچقا يىتەرلىك قىلىش بىلەن بىرگە چۇقۇم تىمپىراتورىنى قاتلاپ يۇقىرى كۈتىرىش ئۈچۈن ئىسسىتىش ۋە سۇۋۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش كېرەك، ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ سىرىتقا ئورنىتىلىدىغان قىسمىدىكى ئىسسىقلىق تارقاتقۇچ سىز ياسىغان ئالماستۇرغۇچ ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى سۇغا قۇيىۋەتسە ياكى سۇدىن ئىسسىقلىق سۈمۈرىۋالسا بۇلىدۇ.

تۈۋەندىكىسى شۇنىڭ كىچىكرەك ياسالغىنى.

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:01:15

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 10:28 static/image/common/back.gif
يېزىلاردا مومكىن بولسا بۇ تېخنىكىنى قوللانسىمۇ بۇلىدۇ ...

ئاۋۇ رەسىم بەك كىچىككەن، كۆرىشكە مۇمكىن بولمىدى ئابلىمىت

abux311 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:48:23

ئاقسۇلۇق توختى دىگەن بىر قېرىندىشىمىز بۇ خىل پارنى غۇلجىدا قۇراشتۇرغان. ئۈنۈمى خىلى ياخىشىغۇ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:51:39

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 12:53  

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 12:01 static/image/common/back.gif
ئاۋۇ رەسىم بەك كىچىككەن، كۆرىشكە مۇمكىن بولمىدى ئابل ...

ئەگەر بىرىنچى رەسىمنى دىسىڭىزمۇ ئۈستىدىكى كۈك رەڭلىك خەتنى چەكسىڭىز شۇ تىمىغا ئۇلىنىدۇ.
چۈشۈرۈپ كۆرسىڭىز بۇلىدۇ، ئاستىدىكىسى ئالماشتۇرغۇچ، سۇ سائىتىنىڭ ئىچىدىكىنى تاشلىۋىتىپ ئاندىن مىس نەيچىنى ئەينىكىگە ئوخشاش يۇمىلاق تۈمۈر گە بىكىتىپ ئورنىتىپ قويسىلا بۇلىدۇ. چوڭراق قىلغاندا دىئامىتىرى 20 سانتىلىق پۇلات توربا ئىچىگە مىس نەيچە ئورناتسىلا بۇلىدۇ.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 18:04:08

مەن توك پەردىنى گىلەم ئاستىغا ئورناتتىم، كۋادراتى يۈز يۈەن، كونتروللىغۇچى يۈز ئەللىك، ئۆزۈم ئورناتتىم. سەككىز كۋادرات مېتىر كۈندە يېرىم كۈن ئېچىپ، 3~6 يۈەن توك يەيدۇ. ئوبدان ئىسسىتىدۇ. ئۈچ تاش ب ر ت بېكەت كەينىدىكى بىر بىنادا ئۇيغۇر بالىلار ساتىدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 19:22:43

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 18:04 static/image/common/back.gif
مەن توك پەردىنى گىلەم ئاستىغا ئورناتتىم، كۋادراتى يۈز  ...

ماۋۇنى دەۋاتامسىز. بۇرۇن يوللىغان تىمىدىكىدەكمۇ؟

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 20:13:56

ablimitt يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 19:22 static/image/common/back.gif
ماۋۇنى دەۋاتامسىز. بۇرۇن يوللىغان تىمىدىكىدەكمۇ؟

ھەئە، كورىيە نۇسخىسى.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:16:48

توك پارنىڭ تىمىسىدا يەر ئىسسىقلىق پارىنىڭ گىپىنى قىپ كىتىپسىلەرغۇ
    بۇنداق توك پارنى ئوينىڭ يەريۈزىگە خۇددى  سۇ پار ، گازبارنىڭ 地暖管 دەك ئورنىتامدۇ
ئايدا قانچىلىك چىقىم كىتىدۇ ؟ بىخەتەرمۇ ؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:33:27

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 21:16 static/image/common/back.gif
توك پارنىڭ تىمىسىدا يەر ئىسسىقلىق پارىنىڭ گىپىنى قىپ ك ...

يەر ئىسسىقلىقىدىن پايدىلانسا كۆپ بولسا 1000 يۈەنلىك توك كىتىدۇ. ‹‹توك پار ئورنىتىشنى ئۈگىنۋىلىڭلار›› دىگەن تىمىدىكى كۈرىيە نۇسخىسىدىكىگە ئاز دىگەندە 2000يۈەن ئەتراپىدا...
ئورنىتىش چىقىمى كۈرىيە نۇسخىسى كۆپ ئەرزان تۇختايدۇ.
يەنە بىرى بولسا ئادەتتىكى يەر ئاستىدىن ئىسسىتىلىدىغان ئۆيلەرنىڭ سۈيىنى يەر ئاستى سۈيىدىن ھاۋا تەڭشىگۈچ ئارقىلىق قىزدۇرۇپ تەمىنلىسىمۇ بۇلىدۇ. بۇنىڭ ئەمىلى چىقىمىمۇ ئۆزى بىلىدىغانلارغا بەك يۇقىرى بۇپ كەتمەيدۇ.

niyat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 22:26:40

توك يەر پار ؟ باشقىچە ئاتالغۇ يوقمۇ ؟

Mahir512 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 08:59:47

مەن ئۆتكەن يىلى ئابلىمىت ئەپەندىم تەۋسىيە قىلغان كورىيەنىڭ توك پېرىنى ئورناتقانتىم، خېلى يامان ئەمەسكەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:33:29

Baqka يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 18:04 static/image/common/back.gif
مەن توك پەردىنى گىلەم ئاستىغا ئورناتتىم، كۋادراتى يۈز  ...

ئۆي ئالغاندا چوڭلارغا قولاي بولسۇن دەپ 1- قەۋەتتىن ئۆي ئاپتىكەنمەن يان پار بولغاچقا قىشتا پايپاق بىلەن گىلەمدە مېڭىپ يۇرسەك سەل يېقىمسىز بىلىنىۋاتىدۇ .  تاۋباۋ تورىدىن سىز ئىشلەتكەن يوپۇقلارنى كۆرۈپ باقسام باھاسى 45 يۈەندىن 100 يۈەنگىچە باركەن ، ئىسىقلىق ساقاش يوپۇقلىرى بىلەن قوشۇپ ئالساق 55 يۈەندىن توختايدىغان ئوخشايدۇ . ساتقۇچىدىن  توك يوپۇقنى چىنە خش ئۇستىگە ئورنۇتۇپ ئۈستىگە گىلەم سالسام بولامدۇ دېسەم  گىلەمگە ئىشەنچ قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان شۇڭا ئورناتمىغان ئىدىم . سىز گىلەمنىڭ ئاستىغىلا سالغانلىقىڭىزنى ئېيتىپسىز  ، ئويدە پار بولغاچ يوپۇقنى ئىشتىن چۈشكەن ۋاقىتلاردا ، ئارام كۈنلىرىدە ئىشلەتمەكچى .
يوپۇقنى توك مەنبەسىگە ئۇلاپ قانچىلىك ۋاقىتتا ئىسسىيدىكەن؟ گىلەمنى تېز ئىسىتىش مەخسىدىگە يەتكىلى بولسا مەنمۇ ئورنىتاي دىگەن ئىدىم.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 09:43:59

پالتاخۇن كورىيە بىلەن چاينانىڭ پەرقى بار ، ئەڭ ياخشىسى ،ئۇنداق نەرسىنى توردىن سىتىۋالماي مەخسۇس سىتىش ئورنىدىن سىتىۋىلىڭ

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:12:56

Mahir512 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-20 08:59 static/image/common/back.gif
مەن ئۆتكەن يىلى ئابلىمىت ئەپەندىم تەۋسىيە قىلغان كورى ...

  مەن تىخىچە كۆرۈپ، تۇتۇپ باقمىدىم، ماتىريال ئىزدەۋىتىپ ئۇچراپ قىلىۋدى زاۋۇت تەرەپ بىلەن ئانچە-مۇنچە پاراڭلىشىپ بىقىپلا قۇلايلىقىنى سىندىن كۆرۈپ ئاھالىلەر كۆپ يەرلەردە ياشلارغا چىقىش يۇلى بۇپ قالار دەپ يوللاپ قويغان ئىدىم.
  مەلوم كۈلەمگە قارىتا توك سەرپىياتى قانداقراقكەن؟ ئۇلار 40كۇۋاسىرات ئۆيگە 600يۈەنگە بارمايدۇ دىگەندەك قىلغان، بۇ يەر سۇغۇق بولغاندىكىن كۆپرەك بۇلار دەپ ئويلىغانتىم، زادى نەچچىگە بارىدۇ دىگىنى ئىسىمدە قالماپتۇ...

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 11:14:26

niyat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 22:26 static/image/common/back.gif
توك يەر پار ؟ باشقىچە ئاتالغۇ يوقمۇ ؟

تۇلۇقى ‹‹توكلۇق پار›› مىكىن...
بەت: [1] 2
: توك يەر پار ھەققىدە پاراڭلاشمامدۇق