attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 01:11:28

2015يىلى ساقلاشقا ئەرزىگۇدەك چوڭ فىلىملار ۋە تەشۋىقات رەسىمى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 04:08  

2015يىلى قويلىدىغان چوڭ فىلىملارنى تەشۋىقات رەسىمى بىلەن يوللىدىم تورداشلار ئالدىن خەۋەردار بولسا ئەجەپ ئەمەس.
ياقتۇردىغانلار تورداشلار بىلەن بىللە ساقلايلى
1.ئاۋاتار2(阿凡达2)

2.پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش7  ( 星球大战7)

3.قىساسكارلار ئىتىپاقى2  (复仇者联盟2)

4.كارىپ دىڭىز قاراقچىلىرى5(加勒比海盗5)

5.ئاجايىپ 4پەلۋان (神奇四侠2)

6.ئاچارچىلىق ئويۇنى 3(饥饿游戏3)

7.تەنھا جاسوس 5(5碟中谍)

8.توڭلىتىلغان  تەخت )冰封王座)

9.غەيرى شەكىللىك كىرىش2(普罗米修斯2)

10.ئاخىرلاشتۇرغۇچى5(终结者5)

11.تىيدى ئىيىقى2(泰迪熊2)

12.مۇستەقىللىق كۇنى2(独立日2)

13.قاتىل ئەقىدىسى(刺客信条)

14.يۇرا دەۋرى باغچىسى4(Jurassic Park 侏罗纪公园4)

15.بونىد24 (007)

16.مەن رىۋايەت2(我是传奇2)

17.پەرەز پويىزى2(猜火车)

18.مەن ماشىنا ئادەم2(我,机器人2)

19.چاقماق پەلۋان(闪电侠)

20.يېشىل چىراق پەلۋان2(绿灯侠2)

21.چۇمۇلە ئادەم(蚁人)

22.مۇردىلار دۇنيا ئۇرۇشى2(末日之战2僵尸全球大乱战)

23.گۇمپىچى مۇشۇك ئىيىق3(功夫熊猫3绝领全球)

24.دەندىڭنىڭ جاھالىتى(但丁的地狱)

25.دېڭىز ئاستى سەپەرۋەرلىكى؛دوۋلىنى ئىزدەش(海底总动员2.寻找多莉)

26.چوڭ مىڭىنىڭ ساياھەت خاتىرىسى؛چوڭ مىڭە كىچىك ئادەم(大脑环游记)

27.تىنىچ ئوكياننى ئايلىنىش2(环太平洋)

28.گۇلچى قىز يەنە بىرئاتىلىشى كۇلقىزنىڭ رىۋايىتى(花姑娘)

قارا كىيىملىك ئادەم4ۋە ئەزرائىل كەلدى5قاتارلىقلار............
مەنبە :百度贴吧

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 05:04:05

بىر بىرىدىن ئېسىل كىنولار چىقىدىكەن كېلەر يىلى.مەن ئۈچۈن كۆرۈشكە ئەرزىيدىغانلىرى: ئاۋاتار(چوقۇم كىنوخانىدا 3د دا كۆرۈش كېرەك{:101:}) پلانىتلار ئۇرۇشى بىزنىڭ دەۋردىكى كىنو بولمىغاچقىمۇ ئانچە قىزىقىپ كەتمەيمەن مۇشۇ كىنوغا. قىساسكارلار  بوپ قالىدۇ كۆرۈنۈشلىرى،كىنوخانىدا ھوزۇرلىنىشقا بولىدۇ. كارىپ دېڭىز قاراقچىلىرىنى ئىشلىگەنسېرى مازلاشقىلى تۇردى 5چىسى قانداقراق چىقار ئەمدى. تۆت پالۋاننىڭكىنى ھەرگىز كۆرمەيمەن تايىنى يوقتەكلا بىلىدىدۇ مۇشۇ پالۋانلارنىڭ كىنولىرى ماڭا،ئاچارچىلىق ئويۇنىغىمۇ ئانچە قىزىقمايدىكەنمەن.ئىمكانسىز ۋەزىپە_(ئامال بار كىنونىڭ ئەسلى ئاتىلىشى بويىچە تەرجىمە قىلىڭ،تەنھا جاسوس دەپ ئاڭلاپمۇ باقماپتىمەن)بۇ كىنونى تاشلىماي كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن،جامس بوند نىڭ كىنولىرىنى بېسىپ چۈشتى بۇ كىنو ھازىر. ئاخىرلاشتۇرغۇچى- بۇ قېرىنىڭ كىنولىرىنى ئەمدى پۇل خەجلەپ كىنوخانىدا كۆرۈشنىڭ ئورنى قالمىدى سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ ئۆيدىلا كۆرسە بولىدۇ مەنچە.مۇستەققىلىق كۈنى - بۇكىنوغا ئاز بولغاندىمۇ 15يىلدىن ئاشتىمىكىن،بىرىنچى قىسمىنىڭ ۋەقەلىكى تېخىچە ئېسىمدە.مەنچە كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ،ئەگەر يەنە ۋېل شىمىس رول ئالسىلا. قاتىل ئەقىدىسى:ماكىنونى مەن ساقلاۋاتقىلى خېلى بولدى،چۈنكى بۇنىڭ ئويۇنىنى ئىز قوغلاپ ئويناۋاتقىلىمۇ خېلى بولغان ماڭا،ئويۇندىكى ۋەقەلىكلىرى خۇددى كىنودەكلا ئېسىلتى ئەمدى كىنوسىنى قانداقراق ئىشلىگەندۇ. 007نىڭ ئالدىنقى قىسمى يەنى skyfallمېنى بەك ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن،بۇ قىسمىنى قانداق ئىشلىگەندۇ.رىۋايەت-بۇ كىنومۇ ئېسىل كىنو ساقلايمەن. تېنچ ئوكيان دېگەن كىنونىڭ بىرىنچىسىنى يامان ئەمەس ئىشلەپتىكەن بۇنىمۇ ساقلايمەن

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 05:08:07

adil621 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 05:04 static/image/common/back.gif
بىر بىرىدىن ئېسىل كىنولار چىقىدىكەن كېلەر يىلى.مەن ئۈچ ...

شىۋاسىڭگىرنىڭ فىلىمىنى كۆرۇش ئۇسۇلىڭىز ماڭا يارىدى ،
:lol

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 05:56:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elder تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 05:58  

بىر نەچچە كىنو ئىسمى غەيرى تۇيۇلدىغۇ ...

2.پىلانىتلار ئارا ئۇرۇش7  ( 星球大战7)
«يۇلتۇز ئارا ئۇرۇش». ئەسلىسىگە يېقىنراق ؟

8.توڭلىتىلغان  تەخت )冰封王座)
«مۇزلىغان تەخت»، «توڭلىغان تەخت»، «توڭلاق تەخت»، « ئۈششۈك تەخت» ياكى «قاتقان تەخت» ... نېمىشقا ئاتىيىتەن «توڭلىتىلغان» دەپ مەجھۇل ئىشلىتىلىدىكىن ؟

9.غەيرى شەكىللىك كىرىش2(普罗米修斯2)
«غەيرى شەكىل» نىڭ كىنو ئىسمى بىلەن بولغان مۇناسىۋىىتىنى بىلەلمىدىم ... «كىرىش» نڭكىنى تېخىمۇ شۇنداق ... «Promêtheús» قەدىمقى يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى ئادەملەرگە ئوت ئوغۇرلاپ بەرگەن ئىلاھ. ئىسمىنىڭ مەنىسى «ئالدىن كۆرەر». «پرومېتېئۇس» دەپ ئالغىمىز كەلمىسە چاغاتاي ئۇسلۇبىدا «پېيشنەزەر 2 جەننەت» دېسەكمۇ ياكى خاقانىيە ئۇسلۇبىدا «ئۆڭكۆرەر 2 ئۇجماق» «ئىلكۆرەر 2 جەننەت» دېسەكمۇ بولىدۇ. لېكىن «غەيرى شەكىللىك كىرىش» زە ..؟

24.دەندىڭنىڭ جاھالىتى(但丁的地狱)
ئەسلى ئىسمى Inferno  دىن ئۇدۇللا «جەھەننەم»، «دوزاخ»  ياكى  «ئاست» «تەكت» دېگەندەك تەرجمە قىلسا ياخشى بولاتتىكەن...

گەپتە سىپتا بولۇپ كېتەلمىدىم. تېما ئىگىسىدىن ۋە ئىسىم تەرجىمە قىلغانلاردىن ئۆزۈر تىلەيمەن.

Alqut701 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:35:22

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 05:56 static/image/common/back.gif
بىر نەچچە كىنو ئىسمى غەيرى تۇيۇلدىغۇ ...

2.پىلانىتلار ئ ...

بەك ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز ....

welld يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:46:46

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 07:56 static/image/common/back.gif
بىر نەچچە كىنو ئىسمى غەيرى تۇيۇلدىغۇ ...

2.پىلانىتلار ئ ...

:handshake
ناھايىتى ياخشى ئىنكاس بوپتۇ.
تىما ئىگىسنىڭ يوللىغان ھەر بىر كىنوسى كۆرۈشكە تەشنا بولغىدەك فىلىملەركەن.
لېكىن بىر يىتەرسىزلىكى،  بەزى بىر كىنو ناملىرىنىڭ تەرجىمىسى بەك تۈز، تومتاق
بولۇپ قالغان.
سىزنىڭ ئەسكەرتىشلىرىڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگۈنىۋلدۇق.
بىلىمىڭىز كەڭ دائىرىدە ھەم چوڭقۇركەن.
بارىكاللا!
بىراق چاغاتاي، خاقانىيە ئۇسلۇپىلىرىدىكى بەزى تەرجىملەر بەك چۈشۈنۈكسىزكەن.
پوزور، پاساھەتلىكتەك قىلغان بىلەن ئېغىز تىلى، كۈندىلىك تۇرمۇشتىن بەك يىراق.
ھازىرقى كۆپ ئىشلىنىۋاتقان سۆزلەردىنمۇ ياخشى تەرجىمىلەر چىقىدۇ دەپ ئويلايمەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:58:58

تېددىي بەك قېلىن كېنوغۇ بۇ، گەرچە ياخشى ئىشلەنگەن بولسىمۇ:lol

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 08:02:38

ئاۋتار تېزراق چىقسا بولىتتى{:92:}

uyghurqq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 08:44:42

قاچان چىقار مۇشۇ كىنولار  {:87:}

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:02:46

uyghurqq يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 08:44 static/image/common/back.gif
قاچان چىقار مۇشۇ كىنولار

كېلەر يىلى!

arkan2011 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:03:33

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 05:56 static/image/common/back.gif
بىر نەچچە كىنو ئىسمى غەيرى تۇيۇلدىغۇ ...

2.پىلانىتلار ئ ...

ھەقىقەتەن ئېسىل تەرجىمە بوپتۇ! ئامال بار ئىنگىلىزچە نامىدىن تەرجىمە قىلغان ياخشى، خەنچىدىن تەرجىمە قىلسا ئاشۇنداق پەلىپەتىش بولۇپ قالىدۇ!

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:41:02

قاتىل كىنولار ئېلان قىلىندىغان چىراي

asalam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:06:42

رەنجىمەي ھەممىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بوپتىكەن پەيزىدەك قىلىدۇ ، بىر كۆرۈپباقاي دىگەن.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:37:31

asalam يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 11:08 static/image/common/back.gif
رەنجىمەي ھەممىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسىنى قالدۇرۇپ قويس ...

تېما ماۋزۇسىنى ئوقۇمايلا يېزىۋاتامسىز نىمە؟ 2015-يىلى چىقىدۇ دەۋاتسا.....

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:08:55

刺客信条غا بىر  ئوبدان بىر تەرجىمە چىقمىدى  تىلماچلار بىر تەرجىمە قىلىۋېتىڭلا
مەنغۇ قاتىللىق  كىلىشىمى دەپ تەرجىمە قىلغان يەنە ئازراق بىئارام تۇرىدۇ

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:26:27

Elder يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 05:56 static/image/common/back.gif
بىر نەچچە كىنو ئىسمى غەيرى تۇيۇلدىغۇ ...

2.پىلانىتلار ئ ...

غەيرى شەكلىلىك كىرىىش فىلىمنىڭ يەنە بىر ئىسمى .بەزى فىلىملارنىڭ باشقا ئىسمىلىرىدا تەرجىمە قىلىندى .

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:32:14

welld يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 07:46 static/image/common/back.gif
ناھايىتى ياخشى ئىنكاس بوپتۇ.
تىما ئىگىسنىڭ يول ...

:handshake
رەھمەت. چاغاتايچە، خاقانىيەچە سۆزلەر ئەمەلىيەتتە ئۇنچە چۈشۈنۈكسىزمۇ ئەمەس، تېخى ھازىرقى ئىستىمالىمىزدىمۇ بار. شۇڭا مەن چاغاتاي ياكى خاقانىيە تىلىدا دېمەي، چاغاتاي ياكى خاقانىيە ئۇسلۇبىدا دېگەن.
مەسىلەن :
ئۆڭ Ⅱ: ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى
ئى . ئالدى تەرەپ : ئۇ ئىش ھازىرغىچە كۆز ئۆڭۈمدىن كەتمەيدۇ .
ئىل : ئۆزەك (بەلكىم ئالدى قوشۇمچە) بولۇپ ھازىر قوللىنىلغان ئىلغار سۆزى شۇنىڭدىن كەلگەن. ئىلغار ئەسلى ئالدىن يۈرەر قوشۇن دېگەن گەپ. يەنە ئىلتمەك = ئەگەشتۈرمەك پېئىلىمۇ، ئىلدام سۆزىمۇ «ئىل» دىن ياسالغان دەپ قارايمەن...
چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتىدە يەنە ئىلدەي (= ئالدى) دېگەندەك سۆزلەر ئۇچرايدۇ.
پېش : پارىسچە قوشۇمچە ئالدى دېگەننى بىلدۈرىدۇ. پۇشت نىڭ ئەكسى.
پېش قەدەم (جاڭ بېي، ئالدىدا ماڭغۇچى)، پېش ئايۋان، پېش ئانە ... دېگەندەك سۆزلەر يەنە قوللىنىلىۋاتىدۇ.

مەسىلە، بۇ سۆلەرنى تەھلىل قىلىپ چۈشىنىپ ئىستىمال قىلىۋاتقانلار ئاز.

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:41:39

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 13:26 static/image/common/back.gif
غەيرى شەكلىلىك كىرىىش فىلىمنىڭ يەنە بىر ئىسمى .بەزى ف ...

باشقا ئىسمى بارلىقىنى بىلمەي قاپتىمەن.

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:16:49

ۋۇييۇييۇ  ، كىنولارنىڭ تەشۋىقاتىغا دىققەت قىلمىغىلى خېلى بوپتىكەن . نوچى كىنولار چىقىدىكەن جۇمۇ . خوبىت 3 چۈپ قالغاندەكمۇ نېمە
بەت: [1] 2
: 2015يىلى ساقلاشقا ئەرزىگۇدەك چوڭ فىلىملار ۋە تەشۋىقات رەسىمى