Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 23:57:26

ئۆمەرجان ئىمىن: ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن

    ئاتاقلىق رەسسام، مەرھۇم سەنئەت ئەربابى ئابدۇكېرىم نەسىردىن

                                       ئۆمەرجان ئىمىن
      

   ‹‹ ...كۆلتېكىن بولمىغان بولسا،ھەممىڭلار ئۆلگەن بولاتتىڭلار! ... كۆلتېكىن قازا تاپتى، ئۆزۈم ھەسرەت چەكتىم. كۆرەر كۆزۈم كۆرمەستەك بولدى، ئەقىل – ھۇشۇمدىن ئاداشقاندەك بولدۇم. ئۆزۈم ھەسرەت چەكتىم، زامان، تەڭرى ياشايدۇ (ئۆلمەيدۇ). ئىنسان بالىسى ئۆلۈش ئۈچۈن تۆرەلگەن... شۇنداق ئويلىدىم، كۆزۈمگە ياش كەلسە ئۆزۈمنى تۇتىۋالدىم، كۆڭلۈم بۇزۇلسا ئۆزۈمنى باستىم.مەن چەكسىز ھەسرەتلەندىم... خەلقىم يىغلاۋېرىپ كۆزلىرىدىن ئايرىلىپ قالۇرمۇ؟ دەپ ئويلىدىم...»
                   ـــ «كۆلتېكىن مەڭگۈ تېشى» دىن

   2014 – يىلى 11 – ئاينىڭ 18 – كۈنى خەلقىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ مۇسىبەتلىك كۈن بولدى، بۇ كۈنى جۇڭگو بۈگۈنكى زامان گۈزەل سەنئىتىنىڭ مۇھىم ۋەكىللىرىدىن بىرى، خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر پەرزەنتى ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئەپەندى  ئۈرۈمچى شەھىرىدە 67 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇيغۇر مەدەنىيەت – سەنئىتىنىڭ بىر گىگانت تۈۋرۈكى يىقىلدى، سەنئەت ئاسمىنىدىكى پارلاق، يېگانە بىر يۇلتۇز ئۆچتى. بىۋاپا پەلەك مەدەنىيەت – سەنئىتىمىزدىن ئۆچىنى ئالغاندەك، بىتەكرار سەنئەتكارىمىزنى ئارىمىزدىن ئېلىپ كەتتى. بۇ مۇسىبەت مېنى خۇددى ھايات توختاپ قالغاندەك، سەنئىتىمىزنىڭ نۇرى ئۆچۈپ كەتكەندەك ھېسسىياتقا كەلتۈرۈپ قويدى. ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكا بىر – بىرىدىن نادىر ئىجادىيەتلىرى بىلەن خەلقىمىزنىڭ روھىنى نامايش قىلغان، ئۇيغۇر گۈزەل سەنئىتىنى دۇنياغا تونۇتقان داڭدار سەنئەتكار بولۇپلا قالماي، مېنىڭ 25 يىللىق جان جىگەر ئاكا ئاغىنەم ئىدى. ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكا ئېسىل ئەسەرلىرى، ئۆزىگە خاس سەنئەت يولى ئارقىلىقلا ئەمەس، يۈكسەك ئادىمىيىلىك پەزىلىتى ۋە  قىممەت قارىشى بىلەن ھاياتىمغا  كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ساناقلىق زاتلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن كەسپىي سورۇنلاردا ھەمسەپەر بولغاندىن باشقا، كېچە –كېچىلەپ قېنىشماي مۇڭدىشاتتۇق، ئۇنىڭ كەڭرى، ئازادە نەزەر دائىرىسى، يېڭىلىققا، ئىجادىيلىققا  باي، مول بىلىمى، كىشىنىڭ زۇقىنى كەلتۈرگىدەك كەچۈرمىشلىرى، كەم ئۇچرايدىغان ئاقسۈڭەكلەرگە خاس مىجەز – خاراكتېرى، ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان سۆز سەنئىتى، ھاياتقا تۇتقان مۇھەببەتلىك مۇئامىلىسى مېنى ھەيران قالدۇراتتى، ھايات يولۇمغا ئۈلگە بولاتتى. ھەر قېتىم ئۆچمەس تەسىراتلارغا ئىگە بولاتتىم. ئابدۇكېرىم نەسىردىن  ئاكا  25 يىللىق بۇرادەرچىلىكىمىز جەريانىدا ئۇستازىملا ئەمەس، بىر قۇرساق قېرىندىشىمدەك بولۇپ قالغان ئىدى. تېخى تۆنۈگۈنلا ماڭا ئىللىق باققان مۇلايىم كۆزلىرىنىڭ مانا بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن مەڭگۈلۈك ئۇيقىغا كەتكەنلىكىگە ھازىرغىچە ئىشىنەلمەي، ئۆزۈمگە كېلەلمەي يۈرۈپتىمەن. ئۇنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدىمۇ پات – پات جۆيلۈپ: «ئۆمەرجان كەلدىمۇ؟» دەپ توۋلاپ كېتىشلىرىنى، ھەر قېتىم  خوشلۇشۇپ يانغىنىمدا كېسەل كارۋىتىدا يېتىپ تۇرۇپ ماڭا يېنىش – يېنىشلاپ قاراپ كېتىشلىرىنى قانداقمۇ ئۇنۇتقىلى بولسۇن؟! ئۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنى بىللە كەزگەندىكى گۈزەل، رۇمانتىك كەچۈرمىشلىرىمىزنى قانداقمۇ ئۇنۇتۇپ كەتكىلى بولسۇن؟!  مانا ھازىر شۇ ئۇنتۇلماس كۈنلەر قايتا – قايتا يادىمدىن كېچىپ،كۆز ياشلىرىم كومپىيوتېر ئېكرانىنى غۇۋالاشتۇرۇپ تۇرسىمۇ، تىترەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن مۇشۇ يازمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن.

   ئۇنداقتا، ئابدۇكېرىم نەسىردىن كىم؟
   ئابدۇكېرىم نەسىردىن 1947 – يىلى 2 – ئايدا ئۈرۈمچىدە مەرىپەتپەرۋەر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. 1960 – يىلى يەكەن ناھىيەلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپنى،  1963- يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) سەنئەت فاكولتېتىنىڭ گۈزەل سەنئەت كەسپىي تېخنىكومىنى، 1967 – يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتوتى (ھازىرقى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى) گۈزەل سەنئەت فاكولتېتىنىڭ تولۇق كۇرسىنى، 1981 – يىلى مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى ماي بوياق رەسىم فاكولتېتىنىڭ ئاسپىرانتلار سىنىپىنى پۈتتۈرگەن.
   ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئىلگىرى – ئاخىرى «ئىلى گېزىتى» (1970 – 1972)، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانا (1972 – 1978)، شىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى (1981 – 2005)، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى ( 2005 – يىلىدىن ھازىرغىچە) قاتارلىق ئورۇنلاردا گۈزەل سەنئەت مۇھەررىرى، كەسپىي ئىجادىيەتچى، كەسپىي رەسسام، ئاكادېمىيە باشلىقى، ئىنىستىتوت مۇدىرى بولۇپ خىزمەت قىلغان.
    ئابدۇكېرىم نەسىردىن دۆلەتلىك 1 – دەرىجىلىك رەسسام، پىروفېسسور، مەركىزىي گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتى، شىئەن گۈزەل سەنئەت ئىنىستىتوتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى بولۇپ، جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ھەيئىتى، جۇڭگو تام رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك رەسىم باھالاش كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق مۇھىم ئىجتىمائىي ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.
   ئابدۇكېرىم نەسىردىن تەبىئەتنى، تۇرمۇشنى قىزغىن سۆيىدىغان ئىجتىھادلىق رەسسام بولۇش سۈپىتى بىلەن  پۈتۈن ھاياتىنى ئېلىمىزنىڭ، جۈملىدىن مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە گۈزەل سەنئەت مائارىپىغا بېغىشلىغان.
   ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئۆزىنىڭ سەنئەت ھاياتىدا «مەشرەپ»، «قۇمۇل مەشرىپى»، «دولان مەشرىپى»، «مۇڭ»، «كېرىيەلىكلەر»، «ئانا»، «شاتگۈل»، «تەڭرىتاغدىكى باھار» (تام رەسىم)، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن» (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونىمىزغا  تەقدىم قىلىنغان ‹ئىتتىپاقلىق داڭقىنى› ناملىق چوڭ تىپتىكى قاپارتما ھەيكەل)، «تىنچلىق كەپتىرى»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «ۋارىسلىق . ماسلىق: كۈسەن ئۇسسۇلى ۋە دولان مەشرىپى»، «تەكلىماكاندىكى قۇم – بوران . يېشىل يېمەكلىك – قېتىق» (ھاياتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە سىزغان) قاتارلىق يۈزلىگەن نادىر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان. «ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى»، «ئابدۇكېرىم نەسىردىن»، «جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى – ئابدۇكېرىم» قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشر قىلدۇرغان. ئۆزى بىر قوللۇق پىلانلاپ تۈزگەن توپلام - كىتابلاردىن «جۇڭگو شىنجاڭ مەكىت دېھقانلىرى رەسىم توپلىمى»، «شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى» (CD  پىلاستىنكا توپلىمى)، «شىىنجاڭ رەسساملار ئاكادېمىيەسى ئەسەرلىرى توپلىمى»، «ئۈمىد يۇلتۇزى : شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر گۈزەل سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى»، «3 – نۆۋەتلىك جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى – شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى» قاتارلىقلار بار. «مىللىيلىقمۇ ياكى خاسلىق؟»، «ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش»، «ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم»، «بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى» قاتارلىق نۇرغۇن ئېسىل ماقالىلەرنى ئېلان قىلغان. ئۇ ئىلگىرى – ئاخىرى بولۇپ، فىرانسىيە، ئىتالىيە، گىرمانىيە، ئامېرىكا قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئۆگىنىش، تەتقىقات، تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىدە بولغان. ھازىرغىچە ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شياڭگاڭ، ئالمائاتا، بېشكەك، بولۇنىيە، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزگەن (نۇرغۇن قېتىملىق كوللېكتىپ كۆرگەزمىلەر بۇنىڭ سىرتىدا). «ۋارىسلىق . ماسلىق: كۈسەن ئۇسسۇلى ۋە دولان مەشرىپى» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل سەنئەت سارىيى، ئىتالىيە بولۇنىيە سەنئەت ئىنىستىتوتى قاتارلىق داڭلىق گۈزەل سەنئەت سارىيى ۋە موزېيلاردا مەڭگۈلۈك ساقلاشقا ئېلىپ قېلىنغان.
   ئابدۇكېرىم نەسىردىن 1990 – يىللاردىن بۇيان « گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان مۇتەخەسىس» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان بولۇپ، يەنە 2005 – يىلى ب د ت پەن – مائارىپ – مەدەنىيەت  تەشكىلاتى مۇتەخەسىسىلەر ئۆمىكىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى ب د ت پەن – مائارىپ - مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن باھالانغان «دۇنيادىكى 100 مەشھۇر مۇتەخەسىس» كە بېرىلىدىغان تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى - «ئالتۇن ئوردېن» مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولغان.  ئەسەرلىرى خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدە نۇرغۇن قېتىم «ئالاھىدە مۇكاپات»، «تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى»، «مىس مىدال موكاپاتى» ۋە ئاپتونوم رايون بويىچە 1 -، 2 - دەرىجىلىك رەسىم مۇكاپاتلىرىغا نائىل بولغان.
    ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئېلىمىزنىڭ، جۈملىدىن دىيارىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت مائارىپىدىمۇ شانلىق ئىزلارنى قالدۇرغان بولۇپ، يۈزلىگەن قابىل ئىزباسار رەسساملارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن. دىيارىمىزنىڭ بۈگۈنكى زامان گۈزەل سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە مائارىپىدا تايانچ كۈچ بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۇنىڭ بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك تەربىيەلىگەن شاگىرىتلىرى ھېسابلىنىدۇ.
   ئابدۇكېرىم نەسىردىن يېتۈك رەسسام، نوپۇزلۇق گۈزەل سەنئەت مائارىپچىسى بولۇپلا قالماي، دىيارىمىز، ھەتتا ئېلىمىز گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكى ئابرويلۇق گۈزەل سەنئەت تەشكىلاتچىسى ۋە پائالىيەتچىسىدۇر. ئۇ كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمزنىڭلا ئەمەس، ئېلىمىزنىڭ گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىكى مۇھىم پائالىيەتلەرنى تەشكىللەش ۋە يېتەكچىلىك قىلىش، ئىلمىي ئۇنۋان ۋە مۇكاپاتلارنى باھالاش، بېكىتىش ئىشلىرىدا ئۆزىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۆھپىلىرى گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىن ھالقىپ، پۈتكۈل مەدەنىيەت ساھەسىگە قەدەر مەنپەئەتلىك تەسىر كۆرسەتكەن.
ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئەسەرلىرى «جۇڭگو گۈزەل سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيەسى»، «20 – ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىملىرى توپلىمى»، «جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى»، «دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر قامۇسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن.
    ئابدۇكېرىم نەسىردىن يوقىرىقىدەك تۆھپە – ئۇتۇقلىرى بىلەن ئۇيغۇر گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىلا ئەمەس، جۇڭگو، ھەتتا دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسىدىمۇ مۇناسىپ ئورۇن تۇتىدىغان،  يىقىلماس ئابىدە تىكلىگەن مەشھۇر رەسساملارنىڭ بىرى .
   مەرھۇم ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئادىمىىيلىك ئىستىلى دۇرۇس، كەڭ قۇرساق، كەمتەر، خۇشپېئىل، يۇمۇرىستىك، چىقىشقاق، كۆيۈمچان خاراكتېر – مىجەزى بىلەن كەسىپداشلار ئارىسىدىلا ئەمەس، كەڭ جامائەتچىلىك ئارىسىدىمۇ يۈكسەك ئىناۋەت تاپقان پازىل زات ئىدى.
   خەلقىمىز مۇشۇنداق بىر مۇنەۋۋەر پەرزەنتى، شۆھرەتلىك سەنئەتكارى بولغىنىدىن ئىپتىخارلىناتتى، ئۇنىڭ نامى ۋە ئەسەرلىرىنى ھۆرمەت ۋە پەخىرلىنىش ئىچىدە سۈيۈنۈپ تىلغا ئالاتتى. مىڭ ئەپسۇس!!!، خەلقىمىز، ئېلىمىز، ھەتتا دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسى يېگانە بىر يارقىن يۇلتۇزدىن ئايرىلىپ قالدى...
   ئۆز ئەسەرلىرىدە تارىم ۋادىسىنىڭ قۇياش نۇرى، قەدىمىي سەددىچىننىڭ تىنچلىق كەپتىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شامىلىنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا گۈزەل سەنئەت ساھەسىدە «تەكلىماكانغا قايتىش» ھادىسىنى ياراتقان مەشھۇر رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىرىدىننى خەلقىمىز ئەبەدىلئەبەت ئۇنۇتمايدۇ. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيا گۈزەل سەنئەت تارىخىنىڭ ئالتۇن قۇرلىرىدا مەڭگۈ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ.
           ئەلۋىدا، ئۇستاز!  ياتقان جايىڭىز جەننەتتە بولغاي!
                                                                                                     (ئاپتور: «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىدا)

Muyunchur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 06:20:37

سالام! ئۆمەرجان ئىمىن ئاكىمىز ھاۋالە قىلىۋىدى، رەسىملەرمۇ بار ئىدى، رەسىم چىقىرالمىدىم.

function يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 10:55:26

خۇدا ھەممە كىشىنىڭ ئەمىلى بويىچە جازا ۋە مۇكاپات بېرىدۇ. مەرھۇم ئۆز ئەملى بويىچە ئۇ ئالەمگە قايتىپتۇ، گۇناھلىرىنى خۇدا خالىسا مەغپىرەت قىلغاي!

لېكىن، تېما بېشىدىكى نەچچە قۇر گەپ ئەينى ۋاقتتا ئەركىن ئابدۇللانىڭ سادىر پالۋاننىڭ ناخشىسىنى بۇزۇپ ئېيتقاندىن كىيىن خەلقنىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ،  كىيىن پۇشايمان خېتى يازغىغىنى ئەسلىتىپ قويدى.
ئەجدادىمىز كۆلتېگىن بىلەن رەسسامنى سېلىشتۇرۇپ بولماس!

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:45:30

function يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 10:55 static/image/common/back.gif
خۇدا ھەممە كىشىنىڭ ئەمىلى بويىچە جازا ۋە مۇكاپات بېرىد ...

شۇنى دەيمەن ، مەرھۇم رەسسامىمىزنىڭ ۋاپاتىغا مەڭگۈ تاشتىن نەقىل ئېلىش ئارتۇقچە
مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي
بەت: [1]
: ئۆمەرجان ئىمىن: ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن