bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:43:59

تەرەت ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان گەپلەر

ستاتىستىكىلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۈگۈنكى دەۋر كىشىلىرىنىڭ تەرەت چىقىرىش مىقدارى 20 يىل بۇرۇنقىغا قارىغاندا %20 تۆۋەن ئىكەن. بىزنىڭ ئۈچەيلىرىمىز ئىلگىرىكى ئىنسانلار دۇچ كېلىپ باقمىغان دەرىجىدە ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىماقتا. ئۈچەي تازىلاش تەجرىبىسىدە، ئۈچەيدىكى تەرەت ھەرقېتىم تولۇق تازىلانسا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1-15 كلوگرام يېنىكلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.

بىرىنچى ھەقىقەت: بۈگۈنكى كۈندە كىشىلەرنىڭ ھەزىم قىلىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولماقتا.
ئىلگىركىلەر 8~12 سائەت سەرپ قىلىپ ھەزىم قىلغان يېمەكلىكنى بىز ھازىر يېتەرلىك يېمەكلىك تالاسى ئىستېمال قىلماسلىق سەۋەبلىك تەخمىنەن 80~120 سائەتتە ھەزىم قىلىمىز. دېمەك سىز ئوبورنىدا چىڭقىلىپ ئولتۇرۇپ چىقارغان نەرسىلىرىڭىز بەلكىم سىز ئۈچ كۈن بۇرۇن يېگەن نەرسىلەر بولۇشى مۇمكىن. بۇرۇنقىلار قارا ئاشلىق، قوناق تامىقىنى جىق يەيتتى، مېۋە-چېۋە، كۆكتاتنى جىق يەيتتى. بىز يەۋاتقان ئاپئاق بۇغداي ئۇنى، گۆشلەرنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن ئەڭ چوڭ پايدىسى مۇشۇ بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى ھەقىقەت: تەرىتىم ياخشى دەپ ئويلىماڭ، ھامان قۇتۇلالمايسىز.
مەيلى ئورۇق-سېمىز، ئەر-ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە ھەممە ئادەمنىڭ بەدىنىدە تەرەت ساقلىنىپ قالىدىكەن. نورمال ئادەملەرنىڭ بەدىنىدە 3~6 كلوگرام، سېمىز ۋە قەۋزىيەت بولۇپ قالىدىغانلارنىڭ بەدىنىدە 7~11 كلوگرام تەرەت بولىدىكەن.

بەدەندە ساقلىنىپ قالغان تەرەت قانداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟
1. ئوزۇقلۇقلارنىڭ شۈمۈرۈلۈشىنى توسالغۇغا ئۇچرىتىدۇ. ئۈچەي تىرپىلىرىنىڭ ئېلاستىكىلىقنى بۇزۇۋېتىدۇ.
2. بەدەندە تەرەت تۇرۇپ قېلىش داۋامىدا، ئېچىيدۇ ۋە گاز ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بۇ گاز قانغا قوشۇلۇپ قان بۇزۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە كىسلاتالىق زەھەرلىنىشنى پەيدا قىلىدۇ (acidosis) . ئۇندىن باشقا جىگەر، بۆرەك ۋە تېرە قاتارلىق زەھەر تازىلىغۇچى ئەزالارنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ بالدۇر قېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. بەدەندە تەرەت ساقلىنىش جەريانىدا ئىچكى ئەزالارنى بېسىپ تۇرغاچقا، نۇرغۇن ئەزالارنىڭ كاردىن چىقىرىدۇ ياكى ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىۋېتىدۇ. قورساق ۋە ئومۇرتقىنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئەڭ قورقۇنچلۇقى، سېمىزلىكنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبكارى مۇشۇ تەرەتتۇر. ئەتراپىمىزدا داۋاملىق 40 ياشلار ئەتراپىدىكى ئەرلەرنىڭ دوۋسۇنى يوغان تۇرغانلىقىنى، ئورۇقلاي دەپمۇ ئورۇقلىيالمىغانلىقىنى كۆرىمىز، ئادەتتە بۇنداق ئادەملەرنىڭ ئۈچىيىدە تەخمىنەن 10 كلوگرام ئەتراپىدا تەرەت ساقلانغان بولىدۇ.

ئۇنداقتا بۇ تەرەت ساقلىنىپ قېلىش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟

1. كۈنىگە كەمىدە 10 مىڭ قەدەم مېڭىپ بېرىڭ. قەدىمىڭىزنى ساناپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق. ئادەم تەخمىنەن بىر سائەت ئەتراپىدا يول ماڭسا 10 مىڭ قەدەم ئالىدۇ.
2. ئەتىگەن ئورنىڭىزدىن تۇرۇپلا 500 مىللىلىتىر ئىلمان سۇ ئىچىڭ. كۈنىگە 2000 مىللىتىر قايناقسۇ ئىچىپ بېرىڭ. (سوغۇق سۇ، دەملىگەن چاينى ئامال بار ئازراق ئىچىڭ. قايناقسۇ ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى ياخشىلاپ، تېرىنى ياخشىلايدۇ.)
3. كۈنىگە ئاز دېگەندە 5~9 خىل مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات يەڭ. ئامال بار ھەرخىل رەڭلىكلىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ يەڭ.

تۆۋەندىكى ئامالنى ھەپتىسىگە بىر قېتىم سىنىسىڭىز ھەر قېتىمدا بىر كلوگرام مەينەتتىن قۇتۇلىسىز :
جۈمە كۈنى كەچلىك تامىقىڭىز: 250 گرام قېتىق + 500 گرام تاتلىق بەرەڭگە (قاسقاندا پىشۇرۇپ پوستى بىلەن قوشۇپلا يەڭ) + ئىككى تال ئالما (باشقا تاماق يېمەيسىز)
شەنبە كەچلىك تامىقىڭىز : 250 گرام قېتىق + 500 گرام تاتلىق بەرەڭگە.
يەكشەنبە ئەتىگىنى ئۇبۇرنىغا يۈگۈرۈڭ.
بۇ تېمىدا سەتراق گەپلەر جىق بولۇپ قالدى، سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن توغرا چۈشىنەرسىلەر.
ئەلداۋا ساغلاملىق تورىدىن مەريەم تەييارلىغان

Elder يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 05:30:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elder تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 05:31  

تەرەت ساقلىنىپ قېلىش مەسىلىسىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى ھاجەتخانا شەكلى، يەنى ... ھېلىقى ... ئوچاق دەمدۇق ؟ شۇنىڭ تۈرى. شۇ توغۇرلۇق بىر سىن كۆرگەنتىم.

ئورۇندۇق شەكلىدىكى ئولتۇرۇپ تەرەت قىلىدىغىنى تەرەتنىڭ پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشىنى توسايدىكەن. ئادەم ئورۇندۇقتا ئولتۇرغاندەك ھالەتتە تەرەت قىلسا يوتىسى تالمىغىنى بىلەن، قورساقنىڭ چوڭ تەرەتنى چىقىرىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۈچى چوڭىيىپ كېتىپ، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغى، گېموروي، مەقئەت چىقىپ قېلىش، چوڭ ئۈچەي (ئوڭ بۇرجىكى) كېڭىيىپ كېتىش... دېگەندەك كېسەللەرنى كۆپ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ئاندىن ئۇنداق چىچسا تەرەت ھامىنى تولۇق تازىلانماي، قالدۇق تەرەت، بوغماق ئۈچەي راكى، چوڭ ئۈچەي راكى، مەقئەت يولى راكى دېگەندەكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسپىتىنى ئۆرلىتىدىكەن ...

يەنە بىر خىل كونىچە (ئۇنىڭدا ئولتۇرۇش شەكلىنى ئىپادىلەشتە قايسى پېئىلنى ئىشلىتىشنى بىلەلمىدىم) سىدا تەرەت قىلغان بەل بىلەن يوتا ھاسىل قىلغان بۇلۇڭ 90 دىن تۆۋەن بولۇپ، قورساقنىڭ ئىچكى بېسىمىنى چوڭايتىپ (يەنى تەرەتنى چىقىرىش ئۈچۈن قورساق ئىشلىتىدىغان كۈچنى ئازايتىپ) تەرەت چىقىرىشنى ئاسانلاشتۇرىدىكەن...
تېخى ئۇنىڭدا ئىستىنجا قىلىشمۇ ئاسان، شۇڭا بۇدا قانداق تۈردىكى «ئوچاق» ئېلىشقا دېققەت قىلارسىلەر...


(سۆز ياساشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكىم ئۈچۈن) ئېسىمغا بىر ئىش كەپ قالدى، «تەرەت قاچىسى» (خۇددى بىرسى قاچىغا تەرەت قىلىدىغاندەك)، «ئوچاق» دېگەندەك گەپلەرنىڭ ئورنىغا «پوقدام» دېگەندەك بىر گەپنى ياساپ ئىشلەتسەكمۇ بولغىدەك ...

پوق =پوق بۇنى بىلىسىلەر، «دام، دەم، تام،تەم» سوڭ قوشۇمچىلىرى بولسا قەدىمقى ئۇيغۇرچىدىكى سۆز ياساش قوشۇمچىلىرى. مەن بىلىدىغان ھازىر تىلىمىزدا ساقلىنىپ قالغىنىدىن «ئەردەم» سۆزى بار، «تەڭرىدەم، كۈندەم، بىردەم (بىردىنلا) يىنتەم (بىردىنبىر، دائىم) بوغدام » دېگەندەك گەپلەر قەدىمقى ئۇيغۇرچىدا ئىشلىتىلىپتىكەن.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:05:05

ئۈچەي تازىلاش تەجرىبىسىدە، ئۈچەيدىكى تەرەت ھەرقېتىم تولۇق تازىلانسا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 1-15 كلوگرام يېنىكلەيدىغانلىقى ئىسپاتلاندى.
ماۋۇ گەپكە قاتتىق ھەيران قاپتىمەن. 15 كىلو چىچالايدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ؟ مەنغۇ ئۆزۈمنىڭكىنى مىقدارىغا ئاساسەن بىر كىلونىڭ ئالدى-كەينىدە دەپ پەرەز قىلىمەن.

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:15:18

dolkun531 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:26:54

بۇ يىل  ئەۋرەز مودا بولىشى راست چىقامدۇ نېمە ;P

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:34:33

مەن تاھارەتنىڭ گىپى ئوخشايدۇ  دەپتىمەن
مۇشۇ  تاھارەت ، تەرەت دىگەن گەپلەرنىڭ يىلتىزى بىر ئەمەستۇ ھە ، ئىغىز تىلىدا تاھارەت ئىلىشنى تەرەت ئىلىش دەيمىز ، چوڭ كىچىكنى چىقىردىغان ئىشنى تەرەت قىلىش دەيمىز ،  ئىلىش بىلەن قىلىش مەنەسىنى ئايرىپ بىرىدۇ
   تاھارەت ئەرەبچە سۆزغۇ ، تەرەتمۇ شۇنداقمۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:37:06

ئۆچەينى تازلاتسا ئاخرىمدۇ ؟
ئۆچەينى تولۇق تازلىۋەتسە  توشقۇزۇش ئۈچۈنمۇ خىلى كۆپ نەسە يىمىسە بولماس

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 08:54:18

مىۋە-چىۋىلەرنىڭ پوستىدا يىمەكلىك تالاسى ئەڭ كۆپ بولغاچقا قوشۇپ يىيىش كېرەككەن،دېھقانچلىق دورىلىرىنىڭ قالدۇقلىرىدىن قورقۇپ يىيىشكە پېتىنالمايدىكەنمىز.
تاتلىق بەرەڭە红薯 ھەقىقەتەن ئىچىنى يۇمشىتىپ تەرەتنى راۋانلاشتۇرىدۇ، قەۋزىيەت بولىدىغانلار يەپ بەرسە بولىدۇ، يەنە كېلىپ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئۈنۈمى ياخشىكەن.

يەنە بىر گەپ، تولا يەل كەلسە ،يەنى كۆپ ئوسۇرسا بۇ نىمىنىڭ سەۋەبىدىن ؟{:136:}

eRVen_RuMMeL يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:17:57

تولا  كىكەرسە  نىمە سەۋەبتىن بولىدۇ ؟

قەۋزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ،قايسى ساغلاملىق مەھسۇلاتى ماس كىلىدۇ ؟

ھەزىم ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ،يەنى ھىلىقى ئاشقازان ئۈچەينىڭ مىتابولىزم ئىقتىدارىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ،رىتسىپسىز ساغلاملىق مەھسۇلاتى ئىچىدە قايسىسى ئانچە مۇنچە ئىستىمال قىپ بەرسە پايدىلىق ؟

بىلدىغانلار جاۋاب بىرۋەتسەڭلار ؟

dada يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 10:31:43

رەۋەن بىلەن سانانى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە قورساق يانى ئۈچەي يوللىرىدىكى پوقلارنى تازلايدۇ ، تېمىدا دىيىلگەن مەقسەت ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۈچەي دىۋارىغا چاپلىشىپ قالغان پوقلارنى ئېرىتىپ تازلاش بولىشى مۇمكىن.
مۇنبەر تىۋىپلىرىنى پىكرىنى ئاڭلاپ باقايلى.  
  ئەۋرەز يوللىرىدىكى پوقلارنى ئويلىساڭلارلا ، ئۈچەيلەردە قانچىلىك پوقلارنىڭ بولىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس بولماسلىقى مۇمكىن. :P:P:P     بۇيىلقى تۇنجى ئىنكاسىم مىكىن بۇ پوق ئۈچۈن..........

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 10:55:02

قوساق تويۇپ قىلغىلى ئىش يوق ‹‹ پوق،پوق،پوق›› دەپلا يۈرىيمىزغۇ تالاشقۇدەك باشقا مەسىلە يوق:lol

rakita يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:12:27

بۈگۈن دۇنيا ھاجەتخانە كۈنىكەن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن ئوخشايدۇ{:92:}

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:20:51

‹‹پوقنىڭ تارىخى›› دەپ بىر كىتاپ بولىدىغان.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:31:05

{:92:}دۇنيا ھاجەتخانا كۈنىڭلار مۇبارەك بولسۇن

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:47:05

پاراغەت كەلتۈرۈپ چىقارغان راھەتپەرەستلىك، ھەركەت قىلماي كۆنۈۋالغان ھورۇنلۇق كۆپۈنچە كېسەلنىڭ سەۋەبكارى.
بەدەن چىنىقتۇرۇش، ئۆزىمىزنى يېتەرلىك ئەمگەككە زورلاش، ئانچە-مۇنچە ئاچ قىلىش سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن ئاجايىپ شىپالىق ‹‹دورا›› بولماقتا بۈگۈنكى كۈندە. بەدەن چىنىقتۇرۇش بىلەن مۇۋاپىق توغرا بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى، ياشاش ئادىتى يېتۈلدۈرەلىسەك دوختۇر-تېۋىپ دېگەن گۇيلارنىڭ ئالدىدا ئازىراق سارغىيىپ تۇراتتۇق ئەسلىدە. :lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 11:48:59

ATLAN111 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 07:05 static/image/common/back.gif
ئۈچەي تازىلاش تەجرىبىسىدە، ئۈچەيدىكى تەرەت ھەرقېتىم ت ...

ۋوججون ، سىلە بىر كىلو چىچامسىلە بىر قېتىمدا :lol ;P

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:12:06

قانداق تەتقىق قىلىدىغاندۇ مۇشۇلارنى؟ :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:23:47

iltersh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 11:48 static/image/common/back.gif
ۋوججون ، سىلە بىر كىلو چىچامسىلە بىر قېتىمدا

نىمە يەيدىغاندۇ ھە :lol

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:27:08

چوڭ يەپ -چوڭ ئىچىپ،نوغۇچتەك چىچىپ ،،،دەپقوياتتى باللا {:92:}،،،،
پوققا مۇناسىۋەتلىك تىمىدىن نەچچىسى بوپكەتتى ،،،،ئىزدىنىشتا مودا بولدىمۇ نىمە بۇ ،،،ئۆتكەنيىللىرمۇ بىزگە قانداق
ھەجەتخانلار كىرەك دىگەن تىما ئۈستىدە قىزقارلىق مۇنازىرلەر بولغان شۇ ئىسىمگە كەپ قالدى ،،،ئاشۇ تىمىنى قايتا مۇنازىرە قىلىپ باقىدىغان گەپمىكىن يا {:101:}

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:28:05

ئادەم بەك يۈزسىز،  ئېسل تائاملارنى كۆرگەندە قورساق تويسىمۇ كۆزى تويمايدۇ، لېكىن تائامنىڭ ئاخىرقى تەقدىرىگە قارىغۇسىمۇ كەلمەيدۇ.

- شىكىسپىر :lol
بەت: [1] 2 3 4 5
: تەرەت ھەققىدە سىز بىلمەيدىغان گەپلەر