ihsan1982 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:27:59

كىشىلىك ھاياتتىكى مارافۇنچە مۇسابىقە

                                                             كىشىلىك ھاياتتىكى مارافۇنچە مۇسابىقە
                                                                 كارۇكى مۇراكامى(ياپۇنىيە)
                                                                        (ئېھسان تەرجىمىسى)
     1996-يىلى 6-ئايدا، مەن خوككايدو ساروماكو كۆلىنىڭ بۇيىدا ئۆتكۈزۈلگەن دەرىجىدىن تاشقىرى مارافۇنچە مۇسابىقىگە قاتناشتىم. مۇسابىقىنىڭ ئومۇمى يۈگرەش مۇساپىسى يۈز كىلومېتىر ئىدى. سەھەر سائەت بەشتە، تۇلىمۇ مەغرۇر ھالدا باش پەللىگە قەدەم باستىم. مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مۇساپىسى باش پەللىدىن باشلىنىپ ئەللىك بەش كىلومېتىرلىق بۆلەكتىكى دەم ئېلىش نوقتىسىغىچە داۋام ئىتەتتى. نېمىسىنى ئېيتاي، مەن ئۈن-تىنسىز ئالغا ئىلگىرلەۋاتاتتىم. كۆڭلۈمدە خۇددى ھەر ھەپتىسى رەسمىيەتكە چېنىقىشقا چىققاندەك تويغۇ ھۆكۈم سۈرەتتى. ئەللىك بەش كىلومېتىرلىق بۆلەكتىكى دەم ئېلىش نوقتىسىغا يىتىپ بارغاندىن كېيىن، مەن كىيىمىمنى ئالماشتۇرۇپ، قۇرسۇقۇمنى ئازراق ئەستەرلىۋالدىم. پۇتلىرىم ئازراق ئىششىغاچقا، يېرىم رازمىر چوڭراق يۈگىرەش ئايىغىنى ئالماشتۇرۇپ، يەنە يۈگىرەشكە باشلىدىم.
   ئەللىك بەش كىلومېتىردىن يەتمىش بەش كىلومېتىرغىچە بولغان يۈگىرەش بۈلىكىدە بارغانسېرى قىينىلىپ كەتتىم. قەلبىمدە «ئالغا ئىلگىرلەش» دىگەن سۆزنى زىكرى قىلىپ تۇرساممۇ، بەدىنىم ئىختىيارىمغا باقمايۋاتاتتى. جان-جەھلىم بىلەن قوللىرىمنى پۇلاڭلىتىپ يۇلقۇناتتىم، جىسمىم خۇددى قىيما توغراش ماشىنىسىدىكى كالا گۈشىدەك تەسلىكتە ھەركەت قىلاتتى. زىيادە ھارغىنلىقتىن يىقىلىپ چۈشۈشكە تاس-تاماس قېلىۋاتاتتىم. ماھىرلار ئارقا-ئارقىدىن مېنى كەينىدە قالدۇرۇشقا باشلىدى. يەتمىش ياشلاردىن ھالقىغان بىر موماي يېنىمدىن ئوزاپ كېتىۋاتقاچ ماڭا قاراپ «بەرداشلىق بىرىڭ»دەپ توۋلىدى.
  ئالدىمدا يەنە مۇساپىنىڭ يېرىمى دىگۈدەك سوزۇلۇپ ياتاتتى. «قانداق قىلىش كىرەك؟  قانداق بەرداشلىق بىرىش كىرەك؟» دىگەنلەرنى خىيال قىلىۋاتقىنىمدا، بىر كىتاپتا تونۇشتورۇلغان بىر ئەپچىل چارە كاللامدا يالىت قىلىپ پەيدا بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆز-ئۆزۈمگە: «مەن ئادەم ئەمەس، بەلكى بىر ماشىنا. مەندە ھېس-تۇيغۇ يوق، مەن ئالغا ئىلگىرلەشنىلا بىلىمەن»دەپ زىكرى قىلىشقا باشلىدىم. يۇقارقى مۇناجات سۆزلىرى كاللامدا غەلىيان قىلىشقا باشلىدى. مەن نەزىرىمنى يىراققا ئاغدۇرماي، ئالدىمدىكى ئۈچ مېتىر دائىرىنى كۆزلەپ ئالغا ئىلگىلەشكە باشلىدىم. ئاسمان، شامال، ئوتلاق، تاماشىبىن، ئالقىش ساداسى، رىئاللىق، ئۆتمۈش-بارچە نەرسىلەرنى دىققىتىمنىڭ سىرتىدا قالدۇردۇم.
   شۇ مىنۇتلاردا خۇددى مۆجىزە يۈز بەرگەندەك، جىسمىمدىكى ئاغرىق تويۇقسىز تاراپ، ۋۇجۇدۇم خۇددى ئۆزلىكىدىن ھەركەت قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى. شۇنداق قىلىپ، باشقىلاردىن ئۇزاپ كېتىشكە باشلىدىم.
   چۈشتىن كىيىن سائەت تۆتتىن قىرىق ئىككى مىنۇت ئۆتكەندە، ئاخىرى ئاخىرقى پەللىگە يىتىپ باردىم. بۇ قېتىملىق كەچۈرمىش ماڭا ئاخىرقى پەللە سىزىقىنىڭ پەقەتلا بىر بەلگە ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ئۇنچىۋىلا زور ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى، ھالقىلىق مەسىلىنىڭ مۇساپىنى قانداق يۈگۈرۈپ تاماملاش ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى. مۇقەررەركى، كىشىلىك ھاياتمۇ دەل شۇنداق ئىدى.
(مەزكۇر ئەسەر ئاۋام تورىدىن (خەنزۇچە) «ئوقۇرمەنلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 9-سانىغا كۆچۈرۈپ بېسىلغان)
                          (مەزكۇر تەرجىمە شىنجاڭ مائارىپ گىزىتىنىڭ 11-نۇيابىردىكى سانىغا بېسىلغان)
بەت: [1]
: كىشىلىك ھاياتتىكى مارافۇنچە مۇسابىقە