پىروگراممېرلارغا بىر تەكلىپ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا HEZINE تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-18 22:39ئەسسالامۇئەلەيكۇم. ئىزدىنىش ئەھلى، پىروگراممېرلار.
ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يانفونۇم wp8سېستىمىلىق، نەشرىنى 8.1گە كۆتۈرگەندىن كىيىن ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈشتە ئىشلىتىدىغان swype ئىقتىدارى قوشۇلدى، يەنى ھەرپلەر چېكىلىپ ئەمەس، بەلكى سىيرىش ئارقىلىق يېزىلىدۇ. سۈرئىتى ۋە توغرىلىق دەرىجىسى ناھايىتى قالتىس. ئۆتكەندە 15ياشلىق بىر بالا swypeئۇسۇلى ئارقىلىق ئەڭ تېز خەت بېسىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلاپتۇ. ئەمەلىي ئۈنۈمىنى بۇ سىن ئارقىلىق كۆرۈپ باقساڭلار بولىدۇ.
http://player.youku.com/player.php/sid/XNjk1NDM1MTgw/v.swf
ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتىش جەريانىدا«ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىمۇ مۇشۇ ئىقتىدار قوشۇلۇپ قالسىچۇ» دېگەن خىيال كاللامغا كېلىپ قالدى. ئۆزۈمغۇ پىروگرامما يېزىش، ئەپ ئېچىش دېگەندەك ساھەلەرگە يېقىن كېلەلمەيمەن، پەقەت ITساھەسىگە قىزىقىدىغانلا يېرىم بار. لېكىن ئۆزۈمچە ئويلاپ باقسام ئۇيغۇر يېزىقىمۇ ئېنگلىز تىلىغا ئوخشاش ئېلىپبەلىك يېزىق، سۆزلۈك ئامبىرىمۇ ئاساسەن تولۇقلاندى. شۇڭا نەزەرىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا مۇمكىن بولۇپمۇ قالغۇدەك. ھازىر كۆپىنچە ئۈسكۈنىلەر سەزمە ئېكرانلىق قىلىپ ئىشلىنىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ، ئۈسكۈنىلەرگە ئۇيغۇرچە تونۇتۇش، كىرگۈزۈشمۇ ئاساسەن ئەمەلگە ئېشىپ بولدى، ئەگەر بۇ كىرگۈزۈش ئىقتىدارى تەتقىق قىلىپ چىقىلسا، ئىشلىتىش قىممىتى ھەقىقەتەن زور بولاتتى.
تەكلىپىم مۇشۇنچىلىك، قالغىنىغا پىروگرامما ئۇستىلىرى بىر نەرسە دەپ باقسا.
ئەڭگىلىزچىنىڭ ۋۇ بى سىكەندە بۇ؟ بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇيغۇرچەا كىرگۈزگۈچكە ئىشلەتسە تازا ياخشى بولماسمىكىن ... 980999621 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 09:40 static/image/common/back.gif
بۇ خىل ئۇسۇلنى ئۇيغۇرچەا كىرگۈزگۈچكە ئىشلەتسە تازا يا ...
بۇنداق يازسا تازا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر تېخنكا يەتسە بۇنىمۇ قىلغۇلۇق. ئۇيغۇرچىگە ماس كەلمەيدىغان ئىش يوق. خەت ئۇرۇش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرىدىغان ئىقتىدارنىڭ ياخشى بولمايدىغان يېرى يوق.
بۇ ئىقتىدارنىڭ ئېسىل تەرەپلىرى مۇنداق: بىرىنچىدىن سۈرئىتى ئالاھىدە تېز.
ئىككىنچىدىن بەزى ھەرپلەرنى shiftكونۇپكىسى ئارقىلىق كىرگۈزىدىغان قولايسىزلىقتىن قۇتۇلىمىز.
ئۈچىنچىدىن ئىملا خاتالىقى كۆرۈلمەيدۇ.
شۇڭا پىروگراممېرلار تەكلىپىمنى جىددىي ئويلىشىپ كۆرۈڭلار. بۇ ئىقتىدار ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ بازىرىغا «ئىنقىلاب خاراكتىرلىك» ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقى بار. {:92:} مەنچە ئەڭ چوڭ توسالغۇ قۇشۇمچىلارنىڭ زىيادە كۆپ بۇلشى بولسا كىرەك ...
مەنچە بولسا ئارتۇق قۇشۇمچىلارنى قىسقارتىش تەكلىپنى بىرمەن ....
يۆلنىش كىلىش قۇشۇمچىسنى‹‹ گە ›› گە ، چىقىش كىلىش قۇشۇمچىسنى ‹‹دىن›› گە ، سۈپەتداش قۇشۇمچىسنى ‹‹گەن››گە .... &.... دىگەندەك ۋە ھاكازالار جىميا بۇ تېما. ياساپ بولۇپلا ئېلان قىلاي دەۋاتقان ئوخشىمامدۇ پروگراممېرلار؟ بايا ئەرەبچە ۋە تۈركچە كونۇپكا تاختىسىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزۈم بىلىدىغان سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ سىناپ باقتىم، بۇ يېزىقلارنىمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن كىرگۈزگىلى بولىدىكەن، قارىغاندا ئېلىپبەلىك يېزىقنىڭ ھەممىسىنى قوللايدىغان ئوخشايدۇ. دېمەك كىيىنچە ئۇيغۇرچە كونۇپكا تاختىسى قوشۇلسا، مىكروسوفىتنىڭ ئۆزىلا بۇ خىل كىرگۈزۈش ئۇسۇلىنىمۇ قوشۇپ بېرىدىغان چىراي. Typography يوللىغان ۋاقتى 2014-11-19 11:06 static/image/common/back.gif
بۇنداق يازسا تازا مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر تېخنكا يەتسە ...
مەن ماس كەلمەيدۇ دېمىدىم ... ئۇيغۇرچە يېزىشقا تازا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ دېمەكچى .... ئۇيغۇرچە OCRنىڭ ئىشى. يىڭى بولۇنۋاتقان گەپ ئەمەس، ئون يىلدىن ئاشتى بۇ ئىشقا. {:204:} kokkaptar يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 17:04 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرچە OCRنىڭ ئىشى. يىڭى بولۇنۋاتقان گەپ ئەمەس، ئون يى ...
تەپسىلىيراق سۆزلەپ بەرسىڭىز... 980999621 يوللىغان ۋاقتى 2014-12-29 16:26 static/image/common/back.gif
مەن ماس كەلمەيدۇ دېمىدىم ... ئۇيغۇرچە يېزىشقا تازا مۇۋ ...
مەنمۇ دەل شۇ گەپنى دەۋاتىمەن. ئۇيغۇرچە يېزىشقا ۋەھشەت ماس كېلدىكەن. كۆنۈپ كەتتۇق. مەنمۇ Windows Phone مەشخۇلات سىستىمىسىغا شۇنداق ئامراق. ئىلگىرى باشقىلىرىنى ئىشلەتكەن ئىدىم. يەنىلا تېخنىكىسى پىشىپ يىتىلگەن Windows قا يەتمەيدىكەن. لىكىن ناھايىتى ئەپسۇس ئادەتتىكى بىچارە خەلىق بۇنى ئىشلەتمەي Android نىڭ قۇلى بولۇپ كىتىۋاتىدۇ.
بەت:
[1]