malak يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:09:41

سەكرەپ ئۆز جايىڭىزغا چۈشەمسىز ياكى قاڭقىپ ئالغا ئۇچامسىز؟



     مەن ئۆزۈمنى ئىزدەۋاتىمەن. سورىماڭ مەندىن، سەن كىم؟ يۇرتۇڭ قەيەردىن دەپ!
     يولۇمنى ئىزدەۋاتىمەن، نەدىن كەلدىم نىشانىم نە؟ بۇنى ھەم بىلمەيمەن!
     مەن مېڭىۋاتىمەنمۇ؟ ياق! ئورنى ئورنۇمغا دەسسەۋاتىمەن، ھەم شۇنداق مادارسىز. سۈبھى كۆتۈرۈلگەندىن شەپەق قىزارغۇچە قانچە ئاياغلىرىم تىتىلدى، تاپانلىرىم قانىدى، چۈنكى تىكەنگە دەسسەپ تۇرماقتىمەن، ئاياغلىرىم ھەم ئەرزان ھەم ساختا!
     قورساق غېمى ئالدىنقى ئورۇنغا تىزىلغان ھامان، نە پەدىشەپ، نە مۇھەببەت، نە نومۇس، نە ئازاب ھەممىسى نۆلگە تەڭ! مەن ھازىر شۇ قورساق غېمىنىمۇ قىلالمايدىغان بولۇپ قالدىم. چۈنكى مەندە نېمە يېسە قورساق تويىدىغانلىقىدەك ئەڭ ئەقەللىي بولغان بىر ئۇقۇممۇ يوق!
     كىم مېنى سەكرە دېدى؟ سەكرەۋاتىمەن ھېچ بۇيرۇقسىز، سەكرەپ سەكرەپ ئورنۇمغا چۈشۈۋاتىمەن، ئورۇندا تۇرۇپ يىراققا سەكرىسەم نېمە بولار؟ ياق، مەن ئالدىمغا بىر قەدەم ئېلىشتىن قورقىمەن. چۈنكى ئالدىمدىكىلەرمۇ دەل شۇنداق ئورنىدىلا سەكرەۋاتىدۇ. قانچە ئېگىز سەكرىگەنسېرى ئورنىغا شۇنچە قاتتىق چۈشۈۋاتىدۇ. پۇتىدىن ئاققان قانلار ئەتراپقا ھەم چاچراۋاتىدۇ. سەكرىيەلمىگەنلەر شۇ قانغا مىلىنىپ توپا قاندا لاي ئېتىپ، ھەممەيلەننىڭ تاپىنى ئاستىدا يېتىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن توختىماي سەكرىشىم ئورنۇمغا يەنە گەلدەڭشىپ چۈشۈشۈم كېرەك!
    چۈشلىرىڭدىمۇ كۆرمىدىڭمۇ بىرەر يورۇق يۇلتۇزنى؟ شۇ چۈشنى كۆرەلەمسىز دەپ سوراڭ!
چۈشلىرىمدە كۆرىمەن، قاراڭغۇ زېمىن، ئاجىز بىر ئۇچقۇن ئۆچەي دېگەن چوغ ئۈستىدىن يالىلدايدۇ، ئەمدى چاچلىرىمنى لاۋا قىلىپ ئوتنى يالقۇنجىتاي، زېمىننى يورۇتاي دەيمەن، رەھىمسىز كەلگەن بىر شامال ئۇنى ئۆچۈرىدۇ. قارارگاھىمنى يەنە تاپالماي گاڭگىراپ قالىمەن.
     چۈشلەر بىلەن رېئاللىق ئارىسىدا بىر تونېل بولسا، چۈشلىرىمگە كىرىپ كەتسەم دەيمەن.
بىر قولنىڭ كېلىشىنى، ماڭا كىملىكىمنى تەڭلەپ تۇرۇپ، كىملىكتىنى ئۇچۇرلىرىمنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ بېرىشىنى شۇنداق ئۈمىد قىلىمەن.
     ئاخىرى ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان چىقتى. بىر قول ئەمەس، مىڭلىغان قوللار كىملىكىمنى تېپىۋاپتۇ. ئۇلار ماڭا شۇ كىملىكلەرنى تەڭلەۋاتىدۇ. قۇچىقىمدا لىق كىملىك. ئەمدى شۇ كىملىكتە قانات ياساۋاتىمەن، شۇ بىر سەكرەپ قاڭقىشىمدا يىراق مەنزىلگە كەتسەم! مەيلى تاپىنىمدىن ئوت چىقسىمۇ، ئۇچسام دەيمەن! ئۆزىنى تونۇماي، جايىدا تولا سەكرەپ، تاپانلىرىنى قاناتقان شۇ تونۇش چىرايلارنىڭ كىملىكىنى تېپىپ كەلسەم دەيمەن.
     تاغلار ئېشىپ، چۆللەر كېزىپ ئۇچۇۋاتىمەن، كىملىكىمنى يوقاتقاندىكىدەك ئۆمىلەپ باقمىدىم، چۈنكى كىملىكىمنى كۆرگەن ھەربىر مەۋجۇدات ماڭا ئېگىلىپ، تاغلارمۇ تىزلاندى، چۆللەر بوستانلىققا ئايلاندى. ھەيران قالماڭ مەن دەل ئۆزۈم!
تاشلانغان كىملىكلەر ئەخلەتلىرى ئارىسىدىن ئەڭ ئېسىل كىملىكنى تاپتىم، ئۇ كىملىكنىڭ ئىگىسىنى تاپماق بولدۇم. يەنە ئۇچۇۋاتىمەن!
      شۇ كىملىكىنى يوقاتقان ئېسىلزادىنى تاپقانىدىم، ئۇ كىملىكىنى ئېتىراپ قىلمىدى، ھەم ئۆز كىملىكىدىن نومۇس قىلدى، ئۇنى تونۇمايمەن دېدى. ئۇ يەنە شۇ تىكەنلىكتە ئۆز تاپىنىنى تېشىپ قان كېچىپ سەكرىمەكتە. ئۆزىچە شۇ سەكرىگەنچە كۆككە ئۆرلەپ چىقماقچى!
      خۇلاسىكالام: ئۆز تالانتىڭىزنى تونۇڭ، ئۆز ئورنىڭىزنى توغرا تاللاڭ. تىكەنزارلىقتا سەكرەپ جايىڭىزغا چۈشمەكچىمۇ ياكى تالانتىڭىزنى قانات قىلىپ ئۆز كەلگۈسىڭىزنى ياراتماقچىمۇ؟ ئۆزىڭىزنى كەمسىتمەڭ، ئۆزىڭىزنى تونۇۋېلىڭ!
                                                                                   گۈلمىرە شەمشىدىن نىيازى يازمىسى

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 15:50:04

تايىنى يوق خەتلەركەن ...

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:13:48

ئىككىگە ئىككىنى قوشسا چوقۇم تۆت بولىدۇ .

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:23:50

خۇلاسەكالامنى يازمىغان بولسىڭىز مەن باشقىچە چۈشەنگەنىدىم.........
ئەڭ ياخشىسى مۇنبەردە بەك سەكرەپ كەتمەڭ.....
ئەگەر بۇ سۆزۈمنى ئوڭ چۈشەنسىڭىز بارىكاللا ، خاتا چۈشەنسىڭىز ئاللا ئاللا....

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 18:34:59

:lol
بەت: [1]
: سەكرەپ ئۆز جايىڭىزغا چۈشەمسىز ياكى قاڭقىپ ئالغا ئۇچامسىز؟