Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:09:32

تەكلىماكان ئالگاسىنىڭ بايقىلىش جەريانى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 15:22  

تەكلىماكان ئالگاسىنىڭ بايقىلىش جەريانى:       
يېشىل ئالگا تەخمىنەن بۇندىن 1مىليارت 500مىليۇن يىللار ئىلگىرى لەيلىگۈچى جانلىق سۈپىتىدە دېڭىز –ئوكيانلاردا پەيدا بولغان تاق ھۈجەيرىلىق ھەقىقى يادرۇلۇق جانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئىلىم ساھەسىدە ، ئالگا تۈرىنىڭ بارلىققا كېلىشى ،يەرشارى ئوزۇن قەۋىتىنىڭ شەكىللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،كۈچلۈك ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرىنىڭ جانلىقلارغا بولغان زىيىنىنى ئازايتىپ، جانلىقلارنىڭ دېڭىزدىن قۇرۇقلۇققا يۆتكىلىشىگە ئاساس ھازىرلىغان دەپ قارىلىدۇ.
ئالدىنقى ئوتتۇراھايات ئېراسى  ــــ بۇندىن تەخمىنەن 180 مىليۇن يىللار ئىلگىرىكى تەكلىماكان...


تەخمىنەن 5مىليۇن400مىڭ يىللار ئىلگىرى قۇرۇشقا باشلىغان...


3 مىليۇن يىللار ئىلگىرى ...


بۇندىن بىر يېرىم ئەسىرئىلگىرى دۇنيادىكى بۇ ئەڭ چوڭ كۆچمە قۇملۇق  تەكلىماكان، «ھالاكەت دېڭىزى »دەپ ئاتالدى.


2008 –يىلى، دوكتۇر ھەسەنجان ئابدۇللا تۇنجى قېتىم ساپ قۇملۇق يېشىل ئالگا ھۈجەيرىسىنى ئايرىپ چىقتى. «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى»غا قارىتا ئېلىپ بېرىلغان بىئولوگىيە ۋە ئوزۇقلۇق ئىلمى تەتقىقاتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ خىل ھۈجەيرە ئالاھىدە ئوزۇقلۇق تەركىبىگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ ھازىرغىچە ئۈچ مىليۇن 500 مىڭ يىللار بۇرۇنقى ئىپتىدائىي تەرەققىيات ھالىتىنى ساقلاپ قالغان.  بۇ بايقاش تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ قەدىمدە كەڭ كەتكەن دېڭىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. شۇ چاغدىكى دېڭىز ئالگالىرى دېڭىزنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، تەدرىجىي ھازىرقى قۇملۇق ئالگاسىغا ئايلانغان. تەكلىماكان قۇملۇق ئالگاسى يەر شارىدىكى جانلىقلارنىڭ تەرەققىيات ۋە ئۆزگىرىش جەريانىغا شاھىد بولۇپلا قالماي، شۇنداقلا دېڭىزدىن قۇملۇققا ئايلىنىشتىن ئىبارەت ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش جەريانىدا ئۆز مەۋجۈتلۇقىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۆتمۈشتىكى دېڭىز ئالگاسىنىڭ ھازىرقى قۇملۇق ئالگاسىغا ئايلىنىپ ئۈچ مىليۇن 500 مىڭ يىل ياشىيالىغىنى بىزگە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھاياتلىقنىڭ تولىمۇ ئۇلۇغ مۆجىزە ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى.


  2009-يىلى 1-ئايدا، ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقىدا قۇملۇق ئالگاسىنى ئۆستۈرۈپ مۇۋاپپەقىيەت قازىنىلدى.



2009-يىلى 4- ئايدا، ئەڭ ياخشى ئالگا ئۆستۈرۈش سۇيۇقلۇقى تاللاپ چىقىلدى.


2009-يىل9-ئايدا، بۇ ئالگا تۈرلىرىگە «تەكلىماكان قۇملۇق يېشىل ئالگىسى»دەپ نام قويۇپ ۋە خەلقئارالىق يېشىل ئالگا ئۇرۇق ساقلاش مەركىزىگە ئەنگە ئالدۇرۇلدى .


2009-يىلى 10- ئايدا، يېشىل بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى رەسمىي قۇرۇلدى.

2009-يىلى 12-ئايدا،شىركەت ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، تەكلىماكان قۇملۇقىدا مىليون يىللاردىن بېرى مۆجىزىلەرچە ياشاپ كەلگەن قۇملۇق ئالگىسىنىڭ 1000 دىن ئارتۇق تۈرىنى تېپىپ چىقىپ، تەكلىماكان ئالگاسىنى سېستىمىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى باشلىنىپ، دەسلەپكى قەدەمدە «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگا ئۇرۇق ئامبىرى» قۇرۇپ چىقىلدى.


2010 – يىلى 1 – ئايدا، ئۈچ لىترلىق كولبىدا قۇملۇق ئالگاسىنى مىكروبسىز ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.


2010-يىلى1–ئايدا، 10 لىترلىق سۈزۈك تۇڭدا مىكروبسىز ئۆستۈرۈش مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى.

2010-يىلى 1- ئايدا، ھەسەنجان دوكتۇر BHT ئۆستۈرگۈچنى ئىجاد قىلىپ، مىكروبسىز قۇملۇق ئالگاسى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى.


2010 -يىلى 2-ئايدا، چوڭ ھەجىملىك ئۆستۈرۈش سىناق ئەندىزىسى  مەغلۇپ بولدى.


2010 - يىلى 3- ئايدا،  قۇملۇق ئالگاسىنى 40 لىترلىق  يېپىق قۇرۇلمىدامىكروبسىز ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى.


2010-يىلى 4-ئايدا، تۇنجى قېتىم ئالگا سۇيۇقلۇقى  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا يىغىۋېنلىدى.


2010-يىلى 4-ئايدا، يۇقىرى سۈرئەتتە مەركەزدىن قاچۇرۇش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، تۇنجى قېتىم  مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا قۇيۇقلاندۇرۇلغان ئالگا سۇيۇقلىقىغا ئېرىشىلدى.


2010-يىلى 5-ئايدا، تۇنجى قېتىم ياساپ چىققان ئالگا ئىچىملىكى.


2010-يىلى 5-ئايدا،  قۇملۇق ئالگا تابلىتكىسى ۋە كاپسۇلىنىڭ ئۆلچىمى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇلدى.

2010-يىلى 11- ئايدا، 250 لىترلىق  مىكروبسىز ئۆستۈرۈش قۇرۇلمىسىدا قۇملۇق ئالگاسى ئۆستۈرۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى.

2011-يىلى 3-ئايدا، قۇم تىزگىنلەشتە ئىشىلىتىلىدىغان ئالگا تۈرى تەتقىقاتى باشلاندى.


2012-يىلى 4-ئايدا ،تۇرپان ۋىلايىتى پىچان ناھىيەسىدە كۆلىمى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق «ئالگا بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى» قۇرۇپ چىقىلدى.


2012-يىلى 11-ئايدا، ھەسەنجان دوكتۇر «پۈتۈن يېپىق شەكىللىك مىكروبسىز بىئو رىئاكتورى»ۋە « سۈزۈك شەكىللىك بىئو رىئاكتورى»نى تەتقىق قىلىپ، ياساپ چىقتى.



2013-يىلى، كورلىدا 50 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق قۇياش ئېنېرگىيەسى ئېلىكتىر ئىستانسىسى «بىئولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش سىناق نۇقتىسى» تەسىس قىلغان.


2013-يىلى، جۇڭگودا تۇنجى بولۇپ مىكروبسىز شارائىتتا كۆلەملەشكەن ئالگا ئۆستۈرۈش ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگودا بىئولوگىيەلىك پەن-تېخنىكا ئارقىلىق مىكروبسىز شارائىتتا كەڭ كۆلەمدە ئالگا ئۆستۈرۈش تېخنىكىسى بولماسلىقتەك بىر بوشلۇقنى تولدۇردى.

   

2014-يىلى9-ئايدا،  شىركىتىمىز «يېشىل» ماركىلىق «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگا جەۋھىرى»، «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگا تابلېتى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنى بازارغا سالدى.


  

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:25:06

مۇبارەك بولسۇن. بۇندىن كېيىنكى ئىشلېرىڭلار ئۇتۇقلۇق بولغاي. بولسا «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگا جەۋھىرى»، «تەكلىماكان قۇملۇق ئالگا تابلېتى» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتلارنىڭ قانداق كېشىلەرنىڭ ئىستىمال قېلىشىغا ماس كېلىدىغانلىقى توغرىلىق چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز.

Uyghun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:29:05

مەن بۇ شېركەتكە بەك قايىل بولدۇم . ئىمكان بولسا ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ بىرەر ياردەم قىلالىسام ياكى ئۇلار نىڭ ئىشلىرىغا ھەمدەم بولالىسام بەك خۇش بولاتتىم .

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:23:37

لىشاينىكمۇ ئالگا دىگىنى؟...

sardar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:44:04

ئېسىل! بۇ نەتىجىلەر ھەقىقەتەن ئاسان قولغا كەلمەپتۇ ، سىلەرگە بولغان قايىللىقىم تېخىمۇ ئاشتى .يېشىل شىركىتى خەلقىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن تېخىمۇ كۆكلەپ ياشنىغۇسى!

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 08:02:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 10:01  

لىشاينىكمۇ ئالگا دىگىنى؟...
ئۇ  يۇسۇن تۈرىگە تەۋە تاق ھۈجەيرىلىك ئۆسۈملۈك.ھۈجەيرە دىئامېتىرى 2-10 مىكرومېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.مىكروسكۇپ ئاستىدا كۆرگىلى بولىدۇ.

ATLAN111 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 08:02:51

ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن! لېكىن مۇشۇ مىليارد يىل بۇرۇن، مانچە يۈز مىليۇن بۇرۇن...دېگەندەك گەپلەرنى قىلمىساڭلاركەن.

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:49:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Yexilbiotech تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 10:49  

ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن! لېكىن مۇشۇ مىليارد يىل بۇرۇن، مانچە يۈز مىليۇن بۇرۇن...دېگەندەك گەپلەرنى قىلمىساڭلاركەن.

دىگىنىڭىز ئورۇنلۇق، بۇ دىگەنلىك چوقۇم100% شۇنداق دىگەنلىك ئەمەس، ئېلمى ئىزدىنىشلەرنىڭ ھەممىسى نىسبى ئېيتىلغان بولىدۇ. نۇرغۇن نەزىرىيەلەر دەسلەپتە ئىلمى  قىياس ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. لېكىن بۇ قىياسلارنىڭ مەلۇم ئاساسى بولىدۇ. مەسىلەن ، مەلۇم دەۋىرگە تەۋە تاغ جىنىسلىرىنىڭ يېشىنى ئۆلچىمەكچى بولسا، شۇ تاغ جىنىسدىكى ھازىر بار بولغان رادىئو ئاكتىپ ئىلمىنتلار بىلەن ئۇ رادىئو ئاكتىپ ماددا يېرىم يېمىرىلىش جەريانىدا ھاسىل بولغان ھاسىلىۋى ئىلمىنتلارنىڭ ئومۇمى مىقدارىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ھەربىر خىل ئىلمىنت ئىزوتوپىنىڭ  مۇقىم يېرىم يېمىرىلىش دەۋرى بولىدۇ. بۇنى فورمىلاغا سېلىپ ھېسابلاپ ،تەخمىنەن يېشىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. مەسىلەن ،.كروران گۈزىلى»نىڭ يېشىنى ھېسابلىغاندا، كاربون 14 ئېزوتوپىنىڭ يېرىم يېمىرىلىش دەۋرىگە ئاساسەن ئۆلچەپ چىققان(كاربون 14 ئىزوتوپىنىڭ يېرىم يېمىرىلىش دەۋرى 5730يىل). ئەمدى بۇ دىگەنلىك،بۇ نەتىجە مۇتلەق توغرا دىگەنلىك ئەمەس، لېكىن ئىلمى ئاساسى بار. ئەمدى رادىئو ئاكتىپ ئىزوتوپلارنىڭ يېرىم يېمىرىلىش دەۋرى ،نورمال ئەھۋالدا مۇقىم بولىدۇ، ئۇ مۇرەككەپ گىئولوگىيىلىك ئۆزگىرىش جەريانىدا يەنىلا شۇنداق مۇقىم بولامدۇ.بۇ توغۇرلۇق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئىزدىنىش جەريانى ئۇنىڭ خاتالىقلارنى ئۆزلۈكسىز توغرىلاش جەريانىدۇر...

zaghra يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:17:25

شۇنداق قىلىپ قۇملۇقتىن گۆھەرنى ئاخىرى تاپتىڭلار.
تىرىشسا چۆلدىنمۇ رىسقىنى تىپىپ يەلەيدۇ. تىرىشمىسا باغدا تۇرۇپمۇ ئاچ قالىدۇ

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 18:38:57

Yexilbiotech :
سىز باش دېرىكتۇر ھەسەنجان بۇلامسىز؟
ئۇنداق بولمىسا دوكتۇر ئاكىمىزنىڭ تەرجىمالىنى بىلىپ باقساق؟

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-20 10:07:18

ياق ئەمەس قېرىندىشىم ،  ھەسەنجاننىڭ  تەرجىمالىنى يوللاشقا بولامدۇ -بولمامدۇ ، ئاۋۋال ئۇنىڭ روخسىتىنى ئېلىپ بىر نىمە دەي بولامدۇ؟

Yexilbiotech يوللانغان ۋاقتى 2014-11-22 10:09:33

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،يېقىندا تور بېتىمىزنىڭ ئويغۇرچە نۇسخىسىنى پۈتتۈردۇق. تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىپ  يېشىل شىركىتى ۋە قۇملۇق ئالگاسى توغرىسىدا تېخىمۇ كۆپ  ئۇچۇرلارنى كۆرۈشۈڭلارنى قارشى ئالىمىز.
شىركەت تور ئادرىسى :
www.yexil.com.cn
بەت: [1]
: تەكلىماكان ئالگاسىنىڭ بايقىلىش جەريانى