neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:12:19

ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ۋاپات بولدى

خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ۋاپات بولدى

قايغۇلۇق خەۋەر
*ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانى، خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن 2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى (سەيشەنبە) ۋاپات بولدى. ھەممەيلەن مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكىگە خەيرلىك تىلەيمىز.


ئابدۇكېرىم نەسىردىننىڭ تەرجىمھالى

ئابدۇكېرىم نەسىردىن __ ئەر، ئۇيغۇر، 1947-يىلى 2-ئايدا ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. كومپارتىيە ئەزاسى، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رەسسام (پروفېسسور)، ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئۇستىسى. 1963-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى سەنئەت فاكۇلتېتى گۈزەل-سەنئەت كافېدراسى ئوتتۇرا مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1967-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتى گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتېتى رەسساملىق كەسپىدە تولۇق كۇرس پۈتتۈرگەن. 1981-يىلى مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتىدا ماي بوياق كەسپى بويىچە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقنى تاماملىغان. 1988-يىلدىن 1989-يىلغىچە فىرانسىيە پارىژ خەلقئارا سەنئەت شەھەرچىسىدە بىلىم ئاشۇرۇپ، رەسىم كۆرەكلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ۋە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ياۋروپا، ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە ئىزدىنىش ۋە تەكشۈرۈشتە بولغان. 2000-يىلى ئىتالىيىدە رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردە گۈزەل-سەنئەت تەتقىقاتى ئېلىپ بارغان. 2004-يىلى تەكلىپ بىلەن ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن < يىپەك يولىدا يېڭى نامايەندە __ غەربىي جۇڭگو رەسىم كۆرگەزمىسى > نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ھەمدە ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون، نيويورك، فىلادېلفىيە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئۆگىنىش-زىيارەتتە بولغان. ئىلگىرى <ئىلى گېزىتى> ئىدارىسى، ئىلى ئوبلاستلىق كۆرگەزمىخانىدا سەنئەت تەھرىرى ۋە ئىجادىيەتچى ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.1981-يىلدىن 2005-يىلغىچە شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيىسىدە كەسپىي رەسسام، ماي بوياق رەسىم تەتقىقات ئىشخانىسى مۇدىرى، پارتكوم شۇجىسى، مۇئاۋىن ئاكادىمىيە باشلىقى ۋە ئاكادىمىيە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ 6-، 7-، 8-، 9- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ماي بوياق رەسىم باھالاش ھەيئىتى، ھەر نۆۋەتلىك < جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى > باھالاش ھەيئىتى، 4-، 5-، 6- نۆۋەتلىك رەسساملار جەمئىيىتى قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، 8- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولغان. نۆۋەتتە جۇڭگو رەسساملار جەمئىيىتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى، ماي بوياق رەسىم كومىتېتىنىڭ ھەيئىتى، شىنجاڭ ماي بوياق رەسىم ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ پەخرى رەئىسى، شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى، گۈزەل-سەنئەت فاكۇلتىتىنىڭ مۇدىرى، مەركىزىي سەنئەت ئىنىستىتۇتى ۋە شىئەن سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانت يېتەكچىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كەلمەكتە.


-يىلدىن بۇيان نۇرغۇن ماي بوياق رەسىم، تام رەسىم ئەسەرلىرى كۆپ قېتىم ئاپتونوم رايون، مەملىكەت ۋە خەلقئارا دەرىجىلىك كۆرگەزمىلەرگە قاتناشتۇرۇلۇپ، ئايرىم-ئايرىم ھالدا خەلقئارا رەسىم كۆرگەزمىسى « ئالاھىدە مۇكاپاتى »، دۆلەتلىك « تام رەسىم كاتتا مۇكاپاتى »، « مىس مىدال مۇكاپاتى »، « مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى » ۋە ئۆلكە-مىنىستىر دەرىجىلىك 1-، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. كۆپلىگەن ماي بوياق رەسىم ۋە تام رەسىم ئەسەرلىرى جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت سارىيى، جۇڭگو ماي بوياق رەسىم مۇزىيى، مەركىزىي سەنئەت ئىنستىتۇتى، ئىتالىيە بولونىيا سەنئەت ئىنىستىتۇتى، بېيجىڭ خەلق سارىيى، شىنجاڭ خەلق سارىيى قاتارلىق ئورۇنلاردا ساقلانغان. ئەسەرلىرى مەدەنىيەت مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تاللىنىپ فىرانسىيە، ئامېرىكا، ئاۋىسترالىيە، ياپونىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، قاتار، ئومان، بەھرەيىن قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ئاۋمېن، تەيۋەن، شياڭگاڭ قاتارلىق رايونلاردىكى ھەر خىل گۈزەل-سەنئەت يەرمەنكىلىرى ۋە رەسىم كۆرەكلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېيجىڭ، پارىژ، ئالمۇتا، بېشكەك، بولونىيا، شياڭگاڭ، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە شەخسىي رەسىم كۆرگەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان. كۆپ قىسىم ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى مەملىكەتلىك كەسپىي گېزىت-ژۇرناللاردا ۋە چەتئەلدىكى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. شەخسىي تەرجىمىھالى « جۇڭگو گۈزەل-سەنئەت ئېنسىكلوپىدىيىسى »، « 20-ئەسىر جۇڭگو ماي بوياق رەسىم توپلىمى »، « جۇڭگو ھازىرقى زامان ماي بوياق رەسىم سەنئىتى »، « دۇنيادىكى مەشھۇر شەخسلەر توپلىمى » قاتارلىق توپلام ۋە كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن. « ئابدۇكېرىم نەسىردىن ماي بوياق ئەسەرلىرى توپلىمى »، « ئابدۇكېرىم نەسىردىن »، « جۇڭگو ماي بوياق رەسسامى __ ئابدۇكېرىم » قاتارلىق توپلاملىرىنى نەشىر قىلدۇرغان. بىر قوللۇق تەشكىللەپ ۋە تەھرىرلەپ نەشىر قىلدۇرغان توپلام-كىتابلىرىدىن « جۇڭگو-شىنجاڭ-مەكىت دېھقانلىرى رەسىم توپلىمى >، < شىنجاڭنىڭ 100 داڭلىق سەنئەتكارى » CD توپلىمى، « شىنجاڭ گۈزەل-سەنئەت ئاكادىمىيسىى ئەسەرلەر توپلىمى »، « ئۈمىد يۇلتۇزى __ شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر گۈزەل-سەنئەت ئەسەرلىرى توپلىمى »، « 3-نۆۋەتلىك جۇڭگو ماي بوياق رەسىم كۆرگەزمىسى __ شىنجاڭ ئەسەرلىرى توپلىمى » قاتارلىقلار بار. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن « مەشرەپ »، « قۇمۇل مەشرىپى »، « دولان مەشرىپى »، « دېھقانلار شادلىقى __ مەشرەپ »، « ئەللەي ناخشىسى »، « كېرىيىلىكلەر »، « ئانا »، « شاتگۈل »، « يىپەك يولىدىكى بازار »، « تەڭرىتاغ باھارى » (چوڭ تىپتىكى تام رەسىم)، « مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ياشىسۇن » (مەركەزدىن ئاپتونوم رايونغا تەقدىم قىلىنغان "ئىتتىپاقلىق داڭقىنى" ناملىق قاپارتما ھەيكەل) قاتارلىقلار بار. ئىلمىي ماقالىلىرىدىن « مىللىيلىق ياكى خاسلىق »، « ئۇيغۇر ماي بوياق رەسىم ئۇسلۇبى يارىتىش ئۈچۈن ئىزدىنىش »، « ئىجادىيەتتە ھېس قىلغانلىرىم »، « بەدەن سەنئىتى مەنتىقىسى »، « ياۋروپا تەسىراتلىرى » قاتارلىقلار بار.

ئېلىمىز مەدەنىيەت-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرى بىلەن ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ « مەملىكەتلىك كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار ياش-ئوتتۇرا ياش مۇتەخەسىس » ۋە « ئاپتونوم رايونلۇق مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس » شەرىپىگە نائىل بولغان ۋە « گوۋۇيۈەن ئالاھىدە تەمىناتى » دىن بەھرىمان بولغان. 2005-يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلەر سېپىگە تەكلىپ قىلىنغان ھەمدە شۇ يىلى دۇنيا پەن-مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن باھالانغان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 100 مەشھۇر مۇتەخەسىسنىڭ تۇنجى تۈركۈمىدە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپاتى __ « ئالتۇن ئوردېن » مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.




1995-يىلى، دولان مەشىرىپى



1990-يىلى، ساپال ۋە بوۋاي



1982-يىلى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ



2007-يىلى، شاتگۈل





مەنبە:نۇرتورىhttp://www.nur.cn/news/2014/11/194362.shtml

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:27:38

خەلقئاراغا تونۇلغان ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ئاكىمىزدىن بىزدىن مەڭگۈلۈك ئايريىلدى :funk:

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:37:09

قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن.

farux يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:02:39

dolqun يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 19:37 static/image/common/back.gif
قالۇ ئىننە لىللاھى ۋەئىننە ئىلەيھى راجىئۇن.

يۇقارقى ئەرەپچە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېتىپ بەرگەن بولسىڭىز. ياكى ئايەت بولسا شۇ ئايەتنىڭ.:)

OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:44:31

ئەلھەكمۆلىللا، مەرھۇمنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىغا سەۋىر تىلەيمەن.

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 22:08:57

دۇچۇمۇ بۇگۇن ۋاپات بوپتۇ .

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 02:33:40

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 22:08 static/image/common/back.gif
دۇچۇمۇ بۇگۇن ۋاپات بوپتۇ .

قايسى دۇچۇ نى دەيسىز ؟

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 03:43:51

http://bbs.izdinix.com/data/attachment/forum/201411/18/14075263hhv66svcl33l3m.jpg.thumb.jpg

بۇ رەسىم پابلو  پىكاسسو نىڭ بولۇپ قالغان تەقدىردە، .....

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 04:34:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgejan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 04:36  

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!

مەن بۇ قېتىم ۋەتەنگە بارغىنىمدا ئابدۇكېرىم ئاكا ئاتايىتەن ئادەم ئەۋەتىپ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلغان ئىدى. بۇ 10-ئاينىڭ 9-كۈنىدىكى ئىش بولۇپ، ئۇنىڭ رەڭگى-رويى ياخشى، كەيپىياتىمۇ ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ ئىكەنتۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى ماڭا سۆزلەپ بەرگەچ، كۆزىنىڭ ياخشى كۆرەلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنالماي ناھايىتى ئىچى پۇشقانلىقىنى ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. مەن پات ئارىدا كۆز كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدىغان تېخىنىكىلارنىڭ مەيدانغا كىلىدىغانلىقىنى دەپ بەرسەم، مەرھۇم ناھايىتى ھاياجانلىنپ ئۆزىنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئويى بارلىقى ۋە بىر ئۈمىد تۇغۇلغانلىقىنى دەپ بەكمۇ خوش بولغان ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن بىر سائەتلىك سۆزلىشىش ئۈچۈن بېرىپ 3 سائەتنىڭ قانداق ئۆتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەيلا يانغان ئىدىم.... رەھمەتلىك يەنە قۇرۇق سۆزلەش ۋە شوئار توۋلاش بىلەن ئەمەس، بەلكى كەسپىدىن ئەمەلىي نەتىجە ياراتقاندىلا مىللەتكە ھەقىقىي تۆھپە قوشقانلىق بولىدىغانلىقى ئۈستىدە توختىلىپ پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلغان ئىدۇق. ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن رىغبەتلەندۈرۈشلىرى مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئۇ ئاتايىتەن ئۆزىنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرى بولغان كىتابلاردىن بىر قانچە پارچىنى ماڭا ۋە دوكتور شۆھرەت مۇتەللىپكە تەقدىم قىلغان ئىدى. ئۇ شاگىرىت تەربىيەلەشنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىش ئىكەنلىكى ئۈستىدە توختىلىپ، شاگىرىتلىرىنىڭ ئۇنىڭ ھاياتىنى تېخىمۇ زور مەنالارغا ئىگە قىلغانلىقىنى مەمنۇنىيەت بىلەن تىلغا ئالغان ئىدى. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىمۇ ئۈمىد ۋە شىجائەتكە تولغان بۇ مېۋىلىك ئۇستازنىڭ بىز بىلەن ۋاقىتسىز خوشلىشىشى ئۇيغۇر سەنئىتى ئۈچۈن زور يوقىتىشتۇر.

تېخى ئامېرىكىغا قايتىپ كىلىپ بىر ئاي بولا-بولمايلا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قاتتىق قايغۇردۇم ۋە گىلىمدىن تاماقمۇ ئۆتمىدى... مەرھۇمنىڭ ئاخىرەتلىكى ياخشى بولۇشى ئۈچۈن دۇئا قىلىمەن. ئاخىرىدا مەرھۇمنىڭ نامىزىغا بارالايدىغانلارنىڭ چوقۇم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 12:30:19

farux يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 21:02 static/image/common/back.gif
يۇقارقى ئەرەپچە سۆزنىڭ مەنىسىنى ئېتىپ بەرگەن بولسىڭى ...

ھەممىمىزنىڭ ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچى...

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:14:00

birmoo يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 22:08 static/image/common/back.gif
دۇچۇمۇ بۇگۇن ۋاپات بوپتۇ .

ھە.

Jengchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 13:15:02

neFese يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 02:33 static/image/common/back.gif
قايسى دۇچۇ نى دەيسىز ؟

سىز قايسى دۇچۇنى تونۇيسىز ؟

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 15:01:14

ياتقان يېرى ئۆزىگە لايىق يەردە بولسۇن

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 15:20:31

Jengchi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 13:15 static/image/common/back.gif
سىز قايسى دۇچۇنى تونۇيسىز ؟

سىز تىمىدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتىڭىزمۇ قانداق ؟

tagh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 18:37:52

قوغلاپ تۇتۇش ناملىق ياپۇننىڭ فىلىمى .
neFese :
ئېغىر كۆرمسىڭىز باش سۈرىتىڭىزنى ئالماشتۇرۋەتسىڭىز قانداق؟مۇسلىمە ھەمشىرە قىزلارغا ماس كەلمەيدىكەن.

karam يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 08:14:45

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-21 08:24:20

tagh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 18:37:52 static/image/common/back.gif
قوغلاپ تۇتۇش ناملىق ياپۇننىڭ فىلىمى .
neFese :
ئېغىر كۆرمس
مەن ئۆزىنىڭ رەسىمىمىكى دەيمەنغۇ. ئۇششاق باللا ئامراق كېلىدۇ...:lol

asmanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-24 21:55:28

bilgejan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-19 04:34 static/image/common/back.gif
مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ي ...

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!
===============================
ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. كومپارتىيە ئەزاسى،
=======================
پەرتىيە ئەزاسىغا جەننەت تىلەش قانداق مەنتىقە؟ ھە دەپ قويسا ساراڭدەك سۆزلەيدىغان نېمىكەنسەن. غەرب مۇشرىكلىرى تەسىرىگە بەك ئۇچراپ كىتىپسەن

KARWAN123 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 17:19:36

مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمەن. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلسۇن!

Ependi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-30 22:18:12

مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن .

مەرھۇمنىڭ رەسىملىرىنى بەك ياقتۇراتتىم .
بەت: [1] 2
: ئاتاقلىق رەسسام ئابدۇكېرىم نەسىردىن ۋاپات بولدى