tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:38:24

ياخشى ھەسەل بىلەن ناچار ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى

)  كىراخمال قوشۇلغان ھەسەلنى سۇدا ئېرىتىپ يود تىنىكتۇرىيىسى تېمىتساق كۆك رەڭگە ئۆزگىرەيدۇ.
2) 4تىن 14سېلسىيە گىرادوسقىچە مۇزلاتساق كىرىستالغا ئايلىنىدۇ،ئاندىن چۆكۈش (چوكا) بىلەن چاچساق(سانجىساق) ياخشى ھەسەل سانجىلىدۇ،(كىرىستالى يۇمشاق)،ناچار ھەسەل (كىرىستالى قاتتىق) ،ئاسان سانجىلمايدۇ.قولغا ئېلىپ ئۇۋىلىساق ياخشى ھەسەل ئاسانلام ئېرىپ كېتىدۇ،ناچار ھەسەل ئاستا ئېرىيدۇ ياكى ئېرىمەيدۇ،يىرىك بىلىنىدۇ.
3) قىپقىزىل بولۇپ قىزدۇرۇلغان تۆمۈرنى ھەسەلگە سانجىساق تۆمۈر يۈزى سىلىق،پارقىراق بولسا ساپ ھەسەل،ئەگەر يۈزىدە قاتتىق قۇرۇق نەرسىلەر بار بولسا ئارىلاشما بولغان ھەسەلدۇر،ھەسەلگە سانجىغاندا قارا ئىس ھاسىل بولسا ئۇنىڭغا شېكەر ياكى كىراخمال قوشۇلغان بولىدۇ،ئاق ئىس ھاسىل بولسا ساپ ھەسەل.
4)بىر ئۈلۈش ھەسەلگە ئىككى ئۈلۈش سوۋۇتۇلغان قايناقسۇ(ئەڭ ياخشىسى دېستىرلەنگەن سۇ)قۇيىمىز،ئاندىن ئۇنىڭغا 95%لىك ئىسپىرت قۇيۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ بىر كېچە تىنچ قويىمىز،ئەتىسى ھېچقانداق چۆكمىگە چۈشمىگىنى ساپ ھەسەل بولىدۇ.
5) بىر ۋاراق سۇ سۈمۈرىدىغان قەغەزگە ياخشى ھەسەلنى تېمىتساق ھەسەل يۇمىلاق بىر تامچە ھالىتىدە بولىدۇ،سۇ قېتىلغان ھەسەل بولسا يېيىلىپ كېتىدۇ.
6) ئادەتتىكى بىر ۋاراق قەغەزگە ئىككى خىل ھەسەلنى تېمىتىپ تىكلەيمىز،قايسى تېز چۈشسە شۇ ناچار ھەسەل .
7) تاياقنى چىلاپ تارتىپ چىقارساق ياخشى ھەسەل ئۇزۇن يىپچە ھاسىل بولىدۇ،ناچىرى ئاسانلام ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ.

مەنبە:ساغلاملىق تورى

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:35:42

خەنزۇچە ماركىدىكى  قاپلىق سوۋغاتلىق ھەسەللىلىرى ناچار ھەسەلدۇ.

نارات، ساپ داۋا، گۈلدىيار قاتارلىق سوۋغاتلىق ھەسەللەر ھەقىقىي ساپ ھەسەلمۇ يەكى پىششىقلانغىنىمۇ؟

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:08:45

ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ نەق مەيداندىن ئېلىڭلار ھەسەلنى. 600 سومغا 12 كىلو ئاپتىكەنمەن جىگدە ھەسىلىدىن. تالاي پۇل، تالاي ۋاقتىمنى سەرىپ قىلىپ ئېغىرلىغىمغا باراۋەر كەلگۈدەك دورىلارنى يەپمۇ ياخشىلانمىغان ئاشقازان كېسىلىم مۇشۇ ھەسەلدبن 2 كىلو يەپلا ساقايغان ئىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەسىلىم تالىنىپ كەتتى، ماڭا ھەسەل بۇيرىغان تىۋىپنىڭ دىيىشىچە بۇ جىگدە ھەسىلى ئاشقازاندىن بۆلەكمۇ بارلىق ئىچكى كېسەللەرگە پايدا قىلغۇدەك، ئازراق سۆزلەپ قالغان بىر ئايالمۇ شۇ ھەسەل بىلەن ئۆڭشۇلۇپ قالغاندىن كېيىن يەنە ئالاي دىسەم يوق. ئاللاھ خالىسا كېلەر يىلى كۆپرەك ئېلىپ ساقلاپ قويايمىكىن دەيمەن. ئىزدىنىشتىكى ھەكىملىرىمىزنى جىگدە ھەسىلى ۋە باشقا ھەسەللەر ھەققىدە سۆزلەپ بەرسە دىگەن ئۈمۈتتە مەن.

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:34:04

بولسا ياخشى ھەم ساپ ھەسەل ساتىدىغان ئورۇنلارنى تەۋىسىيە قىلساڭلار ئوبدان بولاتتى.ئۆتكەندە تېلۋۇزوردا داڭلاۋاتقان ھەسەلدىن بىر قۇتا ئاپتىمەن،ماركىسى ئۇيغۇرچە،ئىشلەپچىقارغان ئورۇن قېرىنداش مىللەت شىركىتى ئىكەن،
تولاتقۇنىڭ تۆت سېلتسىيە گىرادوسلۇق بۆلۈمچىسىگە سەپ قويسام  قۇتا تېگىگە كىرىستال يىغىلىپ قاپتۇ لېكىن ھەسەل يەنىلا سۇيۇق ھالەتتە،دېمەك بۇ ھەسەلگە باشقا خېمىيۋى دورا سالدى دىگەن گەپ.شۇڭا ھەسەل توغۇرلۇق ياخشى چۈشەنچىگە ئىگە تورداشلار بىلىدىغىنىڭلارنى دىسەڭلار بىزمۇ سۈپۈتلىك ياخشى ھەسەل سېتۋالايلى!

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:52:06

ساپ، ئىشەنچلىك ھەسەل مەندە بار، ئىشەنمىسەڭلار بىر-ئىككى كىلو سىتىۋېلىپ يەپ بېقىڭلار!:lol

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:56:52

جىگدە ھەسەل: بىر كىلوگىرامى - 70كوي
يانتاق ھەسىلى: بىر كىلوگىرامى - 60 كوي
تۈئەن مەيدان دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدە بېقىلغان ھەرىنىڭ ھەسىلى: بىر كىلوگىرامى - 80 كوي
ھەسەل ساپ بولغاندىن سىرت كۆنەكتە ئۇزۇنراق تۇرغۇزۇلۇپ ئوبدان پۇشۇرۇپ ئىلىنغان. تەكشۈرۈشتە سۇ مىقدارى ئاران بىر پىرسەنت چىققان. ئادەتتە دۆلەتتە ئۆلچىمىدە ھەسەلنىڭ سۇ مىقدارى 20% كىچە بولسا نۇرمال ھىسابلىنىدۇ دەپ ئاڭلىدىم. قۇتىلىق ھەسەللەرنىڭ ئۆلچىمىنى شۇنداقراق بىكىتىدىغان بىر ئىش بارمىش.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:34:06

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 15:56:52 static/image/common/back.gif
جىگدە ھەسەل: بىر كىلوگىرامى - 70كوي
يانتاق ھەسىلى: بىر كى
ۋاي ھەكىم، ئا ھەسەللەرنىڭ باھاسىدىن بۆلەك گەپلەرنىمۇ قىلىپ بەرسىلە دەيمەن :lol. ھەسەلنى ئەلسەتتە ئالىمىز، قايسىسىنى قايسى مەقسەتتە ئالىمىز، شىپاسى قانچىلىك، زىيىنى قانچىلىك، يا ۋاي دىگۈدەك ئەمەسمۇ دىگەندەك پاراڭلارنى:handshake.

toxkan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:40:38

Birzat يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 15:56 static/image/common/back.gif
جىگدە ھەسەل: بىر كىلوگىرامى - 70كوي
يانتاق ھەسىلى: بىر كى ...

سىزدىن ھەسەلنى قانداق سېتۋالىمىز؟ئۆتكەندە بىلوگىڭىزدىن ھەسەل توغۇرلۇق ئۇچۇرلارنى كۆرۈپ شۇ يەردىكى نومۇرغا تېلفۇن قىلسام
تېلفۇن ئۇلانمىدى،سىزگە پۇلنى قانداق سېلىپ بېرىمىز؟سىز ھەسەلنى بىزگە باشقا ۋىلايەت-ئوبلاستىكىلەرگە قانداق ئەۋەتىپ بېرىسىز؟

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 17:53:18

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:02:37

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:27:42

toxkan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 15:34 static/image/common/back.gif
بولسا ياخشى ھەم ساپ ھەسەل ساتىدىغان ئورۇنلارنى تەۋىسى ...

نەھرۇل ھايات ماركىلىق ھەسەل ماڭا ھازىرغىچە سۇپىتى ئوزگەرمىگەن ھەسەلدەك بىلىندى ، ئۇنىڭدىن باشقا ماركىلىق ھەسەللەرنىمۇ ئىستىمال قىلىپ باقتىم بۇنىڭدەك ياخشى تەبئى بىلىنمىدى ، سىزمۇ ئىستىمال قىلىپ بىقىڭ .

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:45:28

ئىچنىمە قاتمىغان ساپ ھەسەل مىڭ يىل تۇرسىمۇ سۇپىتى ئۆزگەرمەيدۇ.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:02:21

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:09:32

2525255 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 18:02:37 static/image/common/back.gif


ھەسەل دىگەننى ئېلانغا قاراپلا ئالىدىغان نەرسە ئەمەس.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھەزرىتىم، كۆپ نەرسىلەرنى بىلىۋالدىم. رەھمەت سىزگە! مەلىمىزدىغۇ جىگدە دىگەن تولا گەپ، لېگىن شۇ دورا قىلىپ ئىشلىتىشنى بىلمەيدىكەنمىز. گۈلقەنتنى قانداق ياسايدىغانلىغىنى دەپبەرسىڭىزغۇ ياساييتىم كېلەر ينلى ئاللاھ خالىسا. دورىلىققا ھەسەل ياخشىمۇ، گۈلقەنتمۇ؟

isyankar0903 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:28:43

ئۇمۇمى بەدەننى مىڭىنى قۇۋەتلەشكە قانداق ھەسەل ئىستىمال قىلىمىز ، ھەسەلنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلسا بولامدۇ ؟ ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلماقچى بولسا قايسى خىل ئۇسۇلدا قانچىلىك مىقداردا ئىستىمال قىلىمىز ؟

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:34:45

isyankar0903 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 20:28:43 static/image/common/back.gif
ئۇمۇمى بەدەننى مىڭىنى قۇۋەتلەشكە قانداق ھەسەل ئىستىما
مەنغۇ ناشتىدىن ئاۋال ئىككى قوشۇقنى قايناقسۇغا سېلىپ يىگەن:D

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:36:59

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:44:08

2525255 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 20:36:59 static/image/common/back.gif


ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام، ھەكىم دەپ كەتكۈدەك ئەمەس ھەۋەسك
ھە رەھمەت، كېلەر يىلى ئامان بولساق بىر نەچچە كىلو ئىۋەتىپ بېرەي. ۋاقتى كەلگەندە سەمىمگە سېلىپ قويۇڭ ھە!:D  ھەممە مۇنبەردىكى نامىم مۇشۇ.

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:44:29

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 07:04:40

بەت: [1] 2
: ياخشى ھەسەل بىلەن ناچار ھەسەلنى پەرقلەندۈرۈش ئۇسۇلى