dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:31:52

پەرزەنت تەربىيىسدىكى پىسخىكىلىق قانۇنىيەتلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   dadash تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 13:35  

ئائىلە تەربىيىسى ئەمەلىيەتتە بىرتۈرلۈك «تەسىركۆرسىتىش سەنئىتى» جەريانى ھېسابلىنىدۇ، بالىلارنىڭ قەلب ئىكىنزارلىقىنى ياخشى پەرۋىش قىلمىساق، كەلگۈسىدىكى مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈمى ئويلىغىنىمىزدەك بولمايدۇ.
شۇڭا، بالىلارنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى بولغان ئانىلار بىرقىسىم پىسخىكىلىق قانۇنىيەتلەرنى ئۆزلەشتۈرىۋالسا بالا تەربىيىسىدە ياخشى ئۈنۈملەرنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن.
شۇ مەقسەتتە، بالا تەربىيىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك 10 تۈرلۈك پىسخىكىلىق قانۇنىيەت رەتلەپ چىقىلدى.



روسېندال ئېففېكتى

ئامېرىكىلىق مەشھۇر پىسخولوگ روسېندال مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن:

ئۇ بىرقانچە ئاق چاشقانلارنى ئىختىيارى ھالدا A ۋە Bدىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىغان ھەمدەA گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى باققۇچىغا بۇ چاشقانلارنىڭ ئىنتايىن زېرەك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە B گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى باققۇچىغا بۇ چاشقانلارنىڭ ئادەتتىكىچە چاشقان ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
نەچچە ئايدىن كېيىن، پىروفىسسۇر بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا سىرلىق ئوردا سىنىقى ئېلىپ بارغان، نەتىجىدە A گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار B گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارغا قارىغاندا زېرەك بولۇپ چىققان ھەمدە ناھايىتى چاققانلا يېمەكلىكىنى تېپىپ يېگەن. B گۇرۇپپىدىكى چاشقانلار بولسا دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغان.

بۇ تەجرىبىدىن كېيىن روسېندال پىروفىسسۇر ئىلھاملىنىپ، مەزكۇر تەجرىبىنى ئىنسانلارئۈستىدە ئېلىپ بارماق بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بىر ئادەتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپكە كېلىپ، مەلۇم بىر سىنىپقا كىرگەندىن كېيىن بىرئاز ئۇياقتىن-بۇياققا ئىختىيارى ئايلانغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلىپ، بىرقانچە نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ ئىسمىغا بەلگە ئۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا :« بۇ بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى بەك يۇقىرى، بۇلار بەك قابىلىيەتلىك» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. مەلۇم ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن روسېندال ھىلىقى مەكتەپكە كېلىپ شۇنى بايقىغانكى ئۇ بالىلارئاساسەن ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئايلانغان!

نېمە سەۋەبتىن بۇنداق ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ؟

ئەمەلىيەتتە بۇيەردە «بېشارەت»تىن ئىبارەت سىرلىق سېھرىي كۈچ ئۆزكارامىتىنى كۆرسەتكەن ئىكەن.
كىشىلىك تۇرمۇشتا ھەربىر ئادەم تۈرلۈك پىسخىكىلىق بىشارەتلەرنى قوبۇل قىلىپ تۇرىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئاكتىپ بولسا بەزىلىرى پاسسىپ بولىدۇ.
ئانا بالىغا ئەڭ كۆيۈنىدىغان ئىنسان، شۇنداقلا پەرزەنتلەر ئەڭ ئىشىنىدىغان ،ئەڭ تايىنىدىغان ئىنسان، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ بالىلارغا پىسخىكىلىق بېشارەت بېرەلەيدۇ.
ئەگەر ئۇزۇن مەزگىل بالىلارنىڭ سەبىي دىلىغا پاسسىپ بولغان پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىلسە ، بالىلارنىڭ كەيپىياتى ئۇدا زەخمىگە ئۇچراپ، ساغلام بولمىغان پىسخىكا يېتىلدۈرىدۇ. ئەگەر، ئەكسىچە بالىلارغا ئاكتىپ پىسخىكىلىق بېشارەت بېرىلسىچۇ؟ ئاكتىپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش، خاتىرجەملىك بېغىشلىغۇچى كۈلۈمسىرەش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولغان رىغبەت سۆزلىرى داۋاملىق بالىلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا چېچىلسا، ئۇلاردا ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى كۈچەيتىشتەك ئاكتىپ پوزىتسىيە ئۇلارنىڭ خاسلىقىغا ئايلىنىدۇ.



سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى

بۇ تېمىدا ئالدىنقى قېتىم روسېندال ئېففېكتى ھەققىدە سۆزلىگەن ئىدىم، بۈگۈن سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى(خەنچىدە 超限效应 دېيىلىدۇ، ئەمما قولۇمدىكى لۇغەتلەردىن قېلىپلاشقان ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسىنى تاپالمىدىم) ھەققىدە توختىلىمەن.
سۇپېرماكسىمال ئېففېكتىنىڭ قانداق پىسخىكىلىق قانۇنىيەت ئىكەنلىكىنى تۆۋەندىكى يازمىدىن ھېس قىلىۋالسىڭىز بولىدۇ ئەلۋەتتە.
ئامېرىكىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى مارك.تېۋىن(1835-1910) بىرقېتىم چېركاۋغا بېرىپ باستېرنىڭ نۇتىقىنى ئاڭلاشقا قاتنىشىپ قالىدۇ.
دەسلىۋىدە، باستېرنىڭ نۇتىقى ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىپ كېتىدۇ، تەسىرلەنگەن مارك.تېۋىن ھەتتا چىركاۋئۈچۈن بىرمۇنچە سەدىقە ئىئانە قىلىش نېيىتىگىمۇ كېلىدۇ. ئارىدىن ئون مىنۇت ۋاقىت ئۆتۈپ كېتىدۇ، باستېرنىڭ نۇتىقى ھېچ تۈگەيدىغاندەك قىلمايدۇ، بۇچاغدا مارك.تېۋىننىڭ سەۋرى توشۇپ، سەل بىئارام بولىدۇ ھەمدە دەسلەپتە ئىئانە قىلماقچى بولغان سەدىقىنىڭ بىرقىسىمنى كېمەيتىش ئويىغا كېلىدۇ. يەنە ئون مىنۇت ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، باستېرنىڭ نۇتىقى ئاخىرلىششىدىن ئەسەرمۇ بولمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا ئەرۋايى قىرىق گەزئۆرلىگەن مارك.تېۋىن بىرتېيىنمۇ ئىئانە قىلماسلىق نېيىتىگە كېلىدۇ.
شۇنىڭدىن خىلى ۋاقىت ئۆتۈپ، باستېرنىڭ ئۇزاققا سوزۇلغان نۇتىقى ئاخىرى تۈگەيدۇ ۋە سەدىقە يېغش باشلىنىدۇ، بۇ چاغدا يىرىلىپ كېتەي دەپ ئولتۇرغان مارك.تېۋىن سەدىقە بېرىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە سەدىقە يېغىش قاچىسىدىن ئوغۇرلۇقچە ئىككى دوللار پۇلنى ئېلىۋالىدۇ.
بۇخىل زىيادە ھاياجانلىنىش، زىيادە زورۇقۇش ۋە كۆپ ۋاقىت سەرپ قىلىپ سەۋرى قىلىشقا مەجبۇرلىنىش تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدىغان پىسخىكىلىق قارشىلىششتىن ئىبارەت پىسخىكىلىق ھادىسە بولۇپ، سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى دەپ ئاتىلىدۇ.
سۇپېرماكسىمال ئېففېكتى ھادىسىسى ئائىلە تەربىيىسى جەريانىدا ھەرۋاقىت يۈزبېرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن؛ بالا خاتالىق سادىر قىلغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانا تەرەپ ئىككى-ئۈچ قېتىم ھەتتا تۆرت-بەش قېتىم ئوخشاش بىرخىل تەنقىد ئۇسۇلىنى قوللىنىپ مەزكۇر ئشىقا پوزىتسىيە بىلدۈرىدۇ،  بۇنىڭ بىلەن بالاروھى جەھەتتىن تىنچسىزلىنىپ، سەۋرى توشىدۇ بۇ كەيپىيات ھەتتا ئۇلاردا ئاتا-ئانىسغا نىسبەتەن ئۆچمەنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە تېخىمۇ يامىنى ئۆچمەنلىك كەيپىياتىنىڭ-ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىگە ئايلىىنىپ كېتىشىدۇر.
كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئانا بولغۇچى ياكى دادا بولغۇچىنىڭ بالىنىڭ مەلۇم خاتالىقىغا نىسبەتەن ئېلىپ بارغان تەنقىدىي چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ خاتالىقىغا قارىتا بىر قىتىم خاتالىق سادىر قىلسا، بىرقېتىم تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش ئاقىلانىلىق. ئەگەر قايتا-قايتا تەنقىدىي تەربىيە بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش ئۇسۇلنى تەكرارلىماي، چىقىش نۇقتىسىنى ۋە پىكىرئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا بالىلارئاتا-ئانىسىنىڭ، ئۆزىدىكى بىرەر خاتالىقنى بايقاپ قالسا ئۆمۈر بويى تەگەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت غەشلىككە تولغان پىسخىكىلىق كەيپىياتقا پېتىپ قالمايدۇ، روھى بېىسىمى يېنىكلەيدۇ.


دورسېي ئېففېكتى

پىسخولوگىيە ئالىمى دورسېي مۇنداق بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەرگەن:

بىرتوپ بالىلار بىرياشانغان كىشىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىشىپ ئويناپ ، جاھاننى بىشىغا كىيىپتۇ. بۇنداق ئەھۋال بىرنەچچە كۈن داۋاملاشقاندىن كېيىن ، ھىلىقى ياشانغان كىشى، بالىلارنىڭ يېنىغا چىقىپ، ھەر-بىر بالىغا 10 سىنېتتىن پۇل تۇتقۇزۇپ،ناھايىتى سەمىمىيلىك بىلەن :« سىلەر بۇيەرنى بەك ئاۋات قىلىۋاتىسىلەر، مەن ياشىنپ قالدىم سىلەر گە ھەمراھ بولاي دېسەممۇ، ئۇنداق قىلالمايمەن، بۇمېنىڭ سىلەرگە بولغان كېچىككىنە كۆڭلۈم، رەھمەت سىلەرگە» دەپتۇ. بالىلار ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ، ئىككىنچى كۈنى يەنە كېلىپ بىرقەپەس قايناپتۇ.
ھىلىقى ياشانغان كىشى يەنە ئۇلارنىڭ قېشىغا چىقىپ، ھەربىر بالىغا 5سىنېتتىن مۇكاپات بېرىپتۇ. گەرچە پۇل ئالدىنقى كۈندىكىدىن ئازلاپ قالغان بولسىمۇ بالىلار يەنىلا رازىمەنلىك بىلەن ئۆيلىرىگە قاراپ يول ئاپتۇ. ئۈچىنچى كۈنى ئۇ كىشى ھەربىر بالىغا 2سىنېتتىن پۇل تارقىتىپتۇ، بىراق بۇ قېتىم بالىلار قاتتىق نارازى بولۇشۇپتۇ، ۋە ئۇ كىشىگە: « بىركۈندە ئاران 2سىنېتتما؟ بىزنىڭ قانچىلىك جاپا تارتقىنىمىزنى بىلەمسز-يوق؟!» دېيىشىپتۇ-دە، ئىككىنچى بۇيەردە ئوينىماسلىققا قەسەم ئېچىشىپ، كېتىپ قاپتۇ.
دورسېي ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مېسالدىكى ياشانغان كىشىنىڭ ئۇسۇلى بەك ئاددى، ئەمما ئۈنۈمى قالتىس. ئۇ بالىلارنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولغان« ئۆزخۇشلۇقى ئۈچۈن ئويناش»تىن ئىبارەت ھەرىكەتنى قەستەن بۇرمىلاپ،« پۇل تېپىش ئۈچۈن ئويۇن ئويناش» قا ئايلاندۇرغان. بالىلارئۆزىنىڭ تەبىئىي ئويۇنىنى پۇلدىن ئىبارەت تاشقى كۈچنىڭ تەسىرىدە، بىرتۈرلۈك ۋەزىپىگە ئايلاندۇرغان. ياشانغان كىشى بولسا پۇلدىن ئىبارەت تىزگىنەك بىلەن ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىۋالغان.
دورسېي ئېففېكتى تۇرمۇشتا قوللىنىلىدۇ. مەسىلەن؛ ئاتا-ئانىلار دائىم دېگۈدەك بالىلىرىغا :« ئەگەر بۇ قېتىم ئىمتىھاندا 100نومۇر ئالساڭ، سىنى 100يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايمەن»، «ئەگەر سەن ئالدىنقى قاتاردا ئوقۇساڭ ئويۇنچۇق ئېلىپ بېرىمەن»،..دېگەندەك ۋەدىلەرنى بېرىشىدۇ.
لېكىن كۆپىنچە ئاتا-ئانىلا بۇ ۋەدىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايدۇ، بۇنداق تەكرارلىق ئاقىۋەت بالىلارنى قوزغىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە سوۋىتىۋىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
ئۆگىنىش جەھەتتە، ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۇلارنىڭ كىلەچكىگە مۇناسۋەتلىك غايىگە ئىنتىلدۈرۈشنى چىقىش قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشكە بولغان ئەسلىدىكى قىزغىنلىقىنى راۋاجلاندۇرۇش، توغرا يېتەكلەش ئارقىلىق، ئۆزھۇجۇدىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى قوزغىتىش كېرەك.
ئەلۋەتتە، بالىلارنى مەلۇم ماددى بۇيۇم بىلەن مۇكاپاتلاش كېرەك، لېكىن بۇمۇ مۇئەييەن رولىنى ئادا قىلىشى، ئۈنۈم يارىتىشى لازىم، مەسلەن؛ كىتاپ-لۇغەت، ئوقۇش قۇراللىرى دېگەندەك بۇيۇملار ھەم مۇكاپات تەمىنى تىتىتسا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ياردەم بىرەلەيدۇ.



جەنۇب شامىلى ئېففېكتى

بۇيەنە ئىللىقلىق ئېففېكتى دەپمۇئاتىلىدۇ. بۇ فرانسىيە يازغۇچىسى Jean de la Fontaine بىرمەسەلىدىن كەلگەن. ئۇمەسەلدە مۇنداق بىرۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ:
شىمال شامىلى باھار شامىلىغا بەسلىشىش تەكلىپىنى قويۇپ كۈچ كۆرسەتمەك بولۇپتۇ ۋە قايسىمىز كوچىدا كېتىۋاتقان ئادەملەرنىڭ پەلتوسىنى سالدۇرۇۋىتەلەيمىز دەپ شەرت قويۇپتۇ.
ئالدى بىلەن شىمال شامىلى كارامىتىنى كۆرسەتمەك بولۇپ، سوغۇق نەپىسىنى بىر پۇۋلەپتىكەن، سۆڭەكتىن ئۆتكىدەك سوغۇق ھاۋانىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كىشىلەر پەلتۇلىرىغا تېخىمۇ چىڭ يۆگىنىۋاپتۇ.
نۆۋەت جەنۇب شامىلىغا كەپتۇ، ئۇ مۇلايىملىق بىلەن ھەرتەرەپكە ئىللىق ھاۋا ئىقىمنى پۇۋلەپتۇ، بۇنىڭ بىلەن كىشىلەر دەسلىۋىدە ئىللىقلىق ھېس قىلىشىپتۇ، ئارقىدىن پەلتۇسىنىڭ تۈگمىلىرىنى ئىچىپ تاشلاپتۇ، يەنە بىرئازدىن كېيىن بولسا پەلتولىرىنى يېشىپ تاشلىشىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جەنۇب شامىلى غەلىبە قىلىپتۇ.

بۇ مەسەلدە، جەنۇب شامىلى غەلىبە قىلدى، ئۇنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىچكى تەلىپىگە ئۇيغۇن ھەرىكەت قىلدى. ئادەملەرنىڭ سۇبىيكتىپ ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان بۇخىل پىسخىكىلىق تەسىر-دەل جەنۇب شامىلى ئېففېكتىدۇر.
ئائىلە تەربىيىسىدە رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن تەھدىت سېلىشنىڭ قايسىنى تاللاش مەسىلىسىدە دەل يۇقىرىقى جەنۇب شامىلى ئېففېكتى ئاساس بولالايدۇ. بالىلارنى تەربىيىلەش جەريانىدا كۆپرەك ئىللىقلىق ھېس قىلدۇرۇش ئۇلارنىڭ ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشەنگەن ھالدا ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن بەك مۇھىم رول ئوينايدۇ.



ياغاچ كۈپ ئېففېكتى

ياغاچ كۈپ( تۇڭ) ئېففېكتىنىڭ مەنىسى مۇنداق؛ ئەگەر ئىغىزتەرىپى تەپ-تەكشى ياسالمىغان بىردانە ياغاچ كۈپ بار دەپ مىسالغا ئالساق، ئەگەر ئۇنىڭغا لىق سۇ قۇيۇلسا، سۇ كۈپ ئېغىزىنىڭ ئەڭ ئىگىزجايى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەڭ پاكار ئورنى بىلەن تەڭ تۇرالايدۇ.
بىر بالىنىڭ ھەرقايسى دەرسلەردىكى ئۇنۋېرسال نەتىجىسىنى بايامقى ياغاچ كۈپكە ئوخشاتساق، ئۇ ئۆگىنىۋاتقان ھەربىر پەن، ياغاچ كۈپنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر پارچىسىغا تەڭ بولىدۇ.
بالىلارنىڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش نەتىجىسىنىڭ ئامان-ئىسەنلىكى ھەرگىزمۇ بىرقانچە پەندىكى نەتىجىنى چىقىش قىلمايدۇ، بەلكى ئومۇمى ئەھۋالىنى چىقىش قىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ مەلۇم ئاجىزنۇقتىلىرىنى تۇتقا قىلىش كېرەك. دېمەكچى بولغىنىمىز، ياغاچ كۈپكە تېخىمۇ جىقراق سۇ سىغسۇن دېسەك، ئۇنىڭ ئېغىزىنى تەكشى ئىگىزلىتىشىمىز كېرەك.

داۋامى بار...

خەنزۇچە «پىسخىلوگىيە ۋە تۇرمۇش» تورژورنىلدىىن تەرجىمە قىلىندى.
قوشۇمچە ئېلان : ئابرال مائارىپ بىلوگىنىڭ ئۈندىدار سالۇنى (ئابرال مىكرو گېزىتى) ئىشقا كىرىشتى، مائارىپ ئۇچۇرلىرى، پەرزەنت تەربىيىسى، پىسخىكا بىلىملىرى قاتارلىق تۈرلەر بويىچە ئىجادىي ۋە بىرىنچى قول تەرجىمە ئەسەرلەر ئېلان قىلىنىدۇ. مۇشتەرى بولۇش ئۇسۇلى : (1) ئاۋۇ باش سۈرىتىمنى سىكانىرلاش (2) ئىزدەپ قىتىش : abral2014

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:16:01

بىرىنچى خىل ئىففىكىت تۇرمۇشىمىزدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ.
بەت: [1]
: پەرزەنت تەربىيىسدىكى پىسخىكىلىق قانۇنىيەتلەر