ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:20:30

ئىزدىنىشتىكى بىر ھەپتە

ئىزدىنىش شىركىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ماڭا تونۇشلۇق ئەمەس، شۇڭا ماس كەلسە قوبۇل قىلىڭلار. تەستىقلاپ تېما شەكلىدە ئىلان قىلساڭلارمۇ بولىدۇ، ياكى پىكىر-تەكلىپ ئورنىدا ئۆزەڭلار ئويلىشىپ كۆرسەڭلەرمۇ بولىدۇ.

ۋاڭيى تورى مەن خەۋەر ئوقۇيدىغان ئاساسلىق تور بېكتى. بۇ بېكەتنىڭ تېلفون نۇسخىسىدا كۈندە ئىككى قېتىم چىقىدىغان بىر سەھىپە بار. ئىسىمى 开心一刻، بەزىدە كۈندە چۈشتە ۋە كەچتە تولۇق چىقىدۇ، بەزىدە بىر ھەپتىدە ئاران بىر قېتىم چىقىدۇ.
بۇ پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەخسەت، ئىزدىنىش تورىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش مەخسۇس تېما سەھىپە ئېچىلغان بولسا. تېما يېزىشنى شىركەت مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىزچىل داۋاملىشتۇرسا دىگەن ئۈمىدتە.
تېمىلارنى شىركەت خادىمى ئەمەس مۇنبەر خادىملىرى يازسىمۇ بولىدۇ، لىكىن بۇنىڭدا ئىزچىللىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. خالىسا يازىدۇ، خالىمىسا يوق بولىدۇ. شىركەت مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ئېلىپ بارسا، ئىزچىل داۋم قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

ۋاڭيى تورىدىكى ئىنكاسلاردىن كۆرۈشىمچە، بۇ مەخسۇس سەھىپىگە تەخمىنەن 2 يىلدەك ۋاقىت بولۇپتۇ. مەن بۇ يىل ئوتتۇرىسىدىن باشلاپ ئاندىن دىققەت قىپتىمەن. بۇ سەھىپە ئاساسلىقى يېقىن ۋاقىت ئىچىدە يۈز بەرگەن قىزىق نوقتا خەۋەرلىرىنى يۇمۇرىستىك نۇقتىدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ بىر ئەسلەپ ئۆتىدۇ. ئۇنىڭ باشقا، يەنە قىزىقارلىق ھەجىۋى رەسىملەر ۋە قىزىقارلىق سۇئاللار بار. ئۇندىن باشقا يەنە ئىنكاسلارنىڭ ئىچىدىكى ئۆزگىچە چىققان ئىنكاسلارنى نەقىل قىلىپ ئۆتىدۇ.
مۇشۇ تۈردىكى بىر ئىككى تېما ئىزدىنىشتىمۇ بىر قېتىم چىققاندەك ئېسىمدە. مەلۇم ۋاقىت ئىچىدىكى مۇنبەردىكى تېمىلارنى بىر قۇر ئەسلەپ چىقىپ، يۇمۇر قىلغان.
مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ سانىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەپتىدە بىر ئىلان قىلسا مۇۋاپىق ئىكەن دەپ ئويلىدىم. ۋاقىت ئۇزۇنراق بولسا، تەييارلىق پۇختا بولىدۇ، پۈچەك مەزمۇنلاردىن ساقلانغىلى بولىدۇ. ئىسىمىنى ئىزدىنىشتىكى بىر ھەپتە، ئىزدىنىش مەشرىپى دىگەندەك ئىسىملاردىن بىرنى تاللاپ قويساق بولامدىكىن.
ناۋادا ياخشى ئېلىپ بېرىلسا، ئىشىنىمەنكى مۇنبەر زىيارەت سانىنى كۆپەيتىشتە بەلگىلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلالايدۇ. باشقا مۇنبەرلەرنى كۆپ كۆرمىگەچكە، بۇنداق سەھىپە باشقىلاردا بارمۇ يوقمۇ ياخشى بىلىپ كەتمەيدىكەنمەن.
ئويلىشىپ كۆرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:48:10

مەن قوللايمەن .:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:53:39

سىز يېزىڭە:lol

Comeon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:04:42

باشلاندى...
ئالدىنقى ھەپتە مۇنبىرىمىزگە يوللىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئاۋات تېمىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالغان‹دەرەخ شېخى لىڭشىمدۇ؟›دېگەن تېمىدىكى ئىلمى ماقالە كۆپچىلىكنىڭ زور قىزغىنلىق بىلەن مۇنازىرە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.مۇنازىرگە ئىشتىراك قىلغان تورداشلار ئاخىرى بىر-بىرىنى قايىل قىلالماي قىزغىنلىقى قىرغىنچىلىققا ئايلىنىپ بىر مەيدان قانلىق تىل جېڭىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ،يارلانغان ،قان قۇسۇپ يېتىپ قالغان ،تۈرمىگە سولانغان، ئۆزىنى-يىراقلارغا سۈرگۈن قىلىپ يامانلاپ كەتكەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيگەچكە ، ئىزدىنىش خاندانلىقى قارار چىقىرىپ مەزكۇر جەڭ مەيدانىنى تازىلاپ بولالماي ئاخىرى ئۆچۈرۈپ تاشلىدى. ئۇشبۇ جەڭدە غايىپ بولغان تورداشلارغا مەيخورلار مارشى دېگەن ناخشا بىلەن تەزىيە بىلدۈرىمىز..
تىلغا ئېلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر خەۋەر باركى ، زامانىمىزنىڭ داڭلىق مۇتەفەككۇر،فەيلاسوف.شائىرىمىز توختاجى ئۆزىنىڭ شېئىريەتتىكى نوپۇزىنى تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەسىرى ‹پوق چالمىسى› ناملىق شېئىرى بىلەن مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلدى. ئەپسۇسلىنارلىقى ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇ ئىنكاس چۈشمەسلىكتەك قىسمەتكە دۇچار بولۇپ تېزلا تېمىلار قاتارىدىن چۆكۈپ كەتتى...بىز يازغۇچىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز بوشاشماي تىرىشىپ ، بۇنىڭدىن كېيىن بىرەرتال ئىنكاس مۇكاپاتىغا ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز....

دېگەندەكما....

xahla91 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:08:33

قوللايمەن.:lol

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:20:37

مەنمۇ قوللايمە :funk:

Typography يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:32:05

Comeon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 14:04 static/image/common/back.gif
باشلاندى...
ئالدىنقى ھەپتە مۇنبىرىمىزگە يوللىنىپ ئۇزۇن ...

:D سىزلا يازسىڭز بولامدۇ نىمە

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:00:10

ئىزدىنىش ئاگنتلىقى خەۋرى، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇسەمەت مامۇت قوي باققاچ خەۋەر قىلىدۇ:
يېقىندا ياشلاردىكى پۇل تاپالماسلىق كىسىلى جەمىيىتىمىزگە زور تەھدىتلەرنى ئېلىپ كىلىۋاتىدۇ، تىپىك مىساللىرىدىن: بەزى ياشلار ئۈچ كوي پۇل تېپىۋالسا كىچىرەك ئاشخانىغا كىرىپ يېرىم قاچا سۇيقاس بۇيرۇتۇپ قويۇپ  كۈنلەپ ئاشخانىدىن چىققىلى ئۇنىماي تېلۋۇزۇرغا قاراپ تۇرۋېلىشتەك قاشاڭلىقى بىلەن ئاممىۋى ئەسلىھەلەرنى كاشىلا قىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزى ياشلىرىمىزدىكى كىم ئۇچرىسا پۇل سوراپ تۇرۋېلىش بەرمەي قالسا ئۇرىۋېتىش ، ئامال يوق ۋىجدانىنى ئېلىشىغا سېتىۋېتىشتەك گەپ توغرا كەلمەيدىغان ناچار ئىشلارغا سۆرەپ مېڭىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاپەت خارەكتىرلىك كىسەل يوقىتىش ئۈچۈن ياشلىرىمىزنى ئەيىپلەۋەرمەي ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلەيلى

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:42:59


‏   
‏2011-يىلى aلارنىڭ ئۆيى چېقىلدى، 2013-يىلى ئۇلارغا بىنادىن ئۆي تەقسىم قىلىندى.
‏2014-يىلى يازدا 400 ئائىلىلىكتىن 117 ئادەم رەسمىيەتنى ئۆتەپ قولىغا ئاچقۇچ ئالدى، ئەمىلىي كۆچكىنى 45 ئائىلىلىك.
‏2014-يىلى 11-ئايدا  پار پۇلى تۆلىگەن ئادەم 22 نەپەر.
‏2014-يىلى 11-ئاينىڭ 18- كۈنىگىچە  aلار b ئەرزىيەت ئىدارىسىغا c پار شېركىتى نىمىشقا پار بەرمەيدۇ دەپ 5 قېتىم ئەرز قىلدى. ئۇلار ھازىر يەنە ئەرز قىلىپ قالدى، مېنىڭچە ئۇلارنىڭ ئەرزى يەنە ئاقمايدۇ. نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىندى.

sardar8 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:03:20

ئەمىليەتكە بەك ماس كەپتۇ

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:19:26

ۋاڭيى تورىنىڭ ئۇ سەھىپىسىگە تەخمىنەن 8 دەك ئادەم مەسئۇل ئىكەن. ھەر بىرىنىڭ لەقەملىرىمۇ بار تېخى. ئىزدىنىشتا مۇشۇنداق بىر سەھىپە ئاچسا، مېنىڭچە پىنھانباي تازا ماس كېلىدۇ.:lol
ئۇندىدارىغا ئالامەت يۇمۇر يازمىلارنى يوللاپ يۈرىدىغان{:112:}

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 17:47:39

خەنزۇچە مۇنبەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى قايسى ؟

MSM يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:18:58

ئىزدىنىش تورى خەۋىرى
ئالدىنقى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ ھازىرىغىچە بولغان ۋاقىتتا مۇنبەردە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن سۆز - ئىبارىلەر ئىيتىدۇلەركى «300 ياش كىچىك ياكى 300 ياش چوڭ»، «ئەۋرەز»..... ۋە ھاكازا.
تېمىغا ھۆددىگەر پىرىم، ئىنكاسقا ھۆددىگەر پىرىم، ئىزدىنىش يىراقتىن ئاغزاكى ھۇجۇم قىلىش جەمئىيىتى، پاختىغا يۆگەپ دۇمبالاش جەمئىيىتى قاتارلىق جەمئىيەت ۋە باشقا ياساۋۇل-باقاۋۇللارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ھاجەتتىن كىرىپ قولىنى يۇيمايلا يېزىلغان ئىنكاس«پولاتتەك ئىنتىزام ئاستىدا ئۇستاز روھى ئىنجىقلاپ ياتىدۇ» ئەڭ نادىر بولۇپ باھالانغان.
تەڭگە تاشلاش جەمئىيىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇنبەرگە يېڭى ئەزا تىزىملىتىش ئېچىۋىتىلگەندىن بۇيان، ھەر مۇنبەردە تەڭ دەسسەپ، ئىشىكتىن قىسىلىپ كىرىۋالغان بىر قىسىم «جاھانكەزدى سۈپۈرگىلەر» مۇنبەر ئاتمۇسفىراسىنى بۇلغاپ، بەزىلىرى ھوشىنى تاپقان بولسىمۇ بەزىلىرى ئۆزلىرى زەھەرلىنىپ، «يالىڭاچ ئادەملەر دۆلىتىگە پالانغان»، يەنە بەزىلەرنى قارىلاش-پالاش جەمئىيىتى يۈزىگە قارا سۈركەپ، بوغچىسىنى تەييارلاپ، چىرايلىق خېتىنى بىرىپ، قۇلىغا بىر يۈەن تۇتقۇزۇپ، «ئېچىۋەتتۇق ئىشىكنى ئۇچۇق» دېگەن شېئىر بىلەن يولغا سېلىپ قويغان.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:37:09

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:45:22

ما لۇتپۇللا دىگەن ناخشىنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ، ئەمما ماڭا ياقمىدى

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:48:29

ياخشى گەپلەر بولىۋىتىپتۇ. مەن جاڭيو ئالغىلى كىرگەن. سىلەر پاراڭلىشىۋېرىڭلار.
汉语:我是来打酱油的。
英语: I'm going to buy some soy sauce. 
韩语: 나는 간장 소스.
德语: ich gehe Sojasosse kaufen.
法语: je me suis prend que sauce de soja.
俄语: Я пришла за соевым соусом.
荷兰语:kwam ik tot een sojasaus
西班牙语:me vino a un salsa de soja

baytekin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:44:56

پارولكام يازسسۇن.... چەمبىرەك ئويناۋەرمەي:P:P:P:lol{:90:}{:90:}{:92:}

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:36:00

قوللايمەن :lol

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 09:34:01

بوپتۇ،مەنمۇ قوللاپ قوياي:lol
بەت: [1]
: ئىزدىنىشتىكى بىر ھەپتە