hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:31:27

ياڭاق ھەققىدە ( 3) ياڭاق كۆچەتلىرىنى ئۇلاش ( خىيالچى )


        مەزكۇر تېما ئەسلى ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىدىغان تېما ئىدى ، لىكىن ئەمىلىيەتتىن ئاز تولا بىلىدىغانلارغا پايدىسى تىگىپ قالار دىگەن ئۈمىدتە  يوللىدىم ، تەنقىت - تۈزىتىشنى ئايىماي ياغدۇرغايسىلەر ، مەرھەمەت :


     10. ياڭاق كۆچەتلىرىنى ئۇلاپ ئۆزگەرتىش

كۆچەتنى ئۇلاپ ئۆزگەرتىش باغۋەنچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ بىردىنبىر مۇھىم نوختىسى . ياڭاقلىق باغ بەرپا قىلغاندا كۆپىنچە ئۇلاقسىز كۆچەت سالغاشقا ئەلا سورت بىلەن ئۇلاپ ئۆزگەرتىش ناھايىتىمۇ مۇھىم . ئۇلاپ سورتىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇپ ، ئىختىسادى ئۈنۈمنى  يۇقۇرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ  .
   1)بەگە يىغىش ۋە ساقلاش : ئۇلاق ئۈستى قىلىش ئۈچۈن سورتى ساپ، ئۆسىشى ساغلام ، كېسەل ھاشارەت زىيىنىغا ئۇچرىمىغان ،تۇللۇق مىۋىلەيدىغان تۈپلەرنى تاللاپ ،ئۇلارنىڭ دەرەخ تاجىسىنىڭ سىرتقى قىسمىدىكى كۈن نۇرى تۇللۇق چۈشكەن ، ساغلام يېتىلگەن ،بىخلىرى توق،بۇغۇم ئارىلىقى قىسقا بولغان  بىر يىللىق شاخلار تاللاپ ئېلىنىدۇ .

            ئەگەر يازدا ئۇلىماقچى بولسا بەگىنى شۇ يىلقى ساغلام نوتىلاردىن تاللاپ كۈندىلىك بەگىنى كۈندە ئېلىش كېرەك ھەمدە يۇپۇرماقلىرىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن ھۆللەنگەن تاغارغا ئوراپ ،سالقىن جايدا قويۇپ ئۇدۇللۇق ئېلىپ ئىشلىتىش كېرەك .
           ئەتىيازلىق ئۇلاققا بەگە ئالغاندا ھەر 50تالنى بىر باغلام قىلىپ باغلاپ ،سورت نامى ، ئورۇن نامى ، ئېلىنغان ۋاختى يېزىلغان كارتۇچكىنى ئېسىپ ئۇنى توڭلىتىش ئىسكىلاتىدا ياكى گەمىدە ساقلاش كېرەك . گەمىنىڭ تېمپۇراتۇرسى℃ 0-℃5 قىچە ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ . ساقلىغان چاغدا دائىم تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىپ سۇسىزلىنىش، سوغاق ئۆتۈپ قېلىش ، گەمىنى سۇ بېسىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك .
      
) ئۇلاق ئۇسۇللىرى :
        ئۇلاق، ئۇلاش مەزگىلى ۋە ئىشلىتىلىدىغان بەگىنىڭ  ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن شاخ ئۇلاق ۋە بىخ ئۇلاق دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلىنىدۇ .
       شاخ ئۇلاق-يارما ئۇلاق ،كەسمە ئۇلاق ،تىل ئۇلاق ،قوۋزاق ئۇلاق دەپ ئايرىلىدۇ . ئادەتتە بۇ ئۇلاق ئەتىياز پەسلى ئېلىپ بېرىلىدۇ (دەرەخ بىخلىنىشتىن بۇرۇن ).
بىخ ئۇلاق ـ I شەكىللىك بىخ ئۇلاق، T شەكىللىك بىخ ئۇلاق ، چاسا بىخ ئۇلاق دەپ ئايرىلىدۇ .ئادەتتە بۇ ئۇلاق ياز پەسلى ئېلىپ بېرىلىدۇ (6 ـ ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە ).
3) ئۇلاش ئۇسۇلى : ھازىر  ئاساسلىق قىلىپ  ياز پەسلى چاسا  بىخ ئۇلاق ئۇسۇلىنى قوللىنىۋاتىدۇ ، شۇڭا مۇشۇ ئۇلاق ئۇسۇلىنى  تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز .
   بۇ خىل ئۇلاقتا ئالدى بىلەن چاسا قىلىنىپ بىخنىڭ تۆت ئەتراپى تەكشى كېسىلىدۇ ، بىخنىڭ ئۇزۇنلىغى㎝ 3 ـ㎝ 2 بولىدۇ،  كەسكەندە بىخنىڭ ئۈستىدىن㎝ 0.5 ،ئاستىدىن㎝ 1 قالدۇرۇپ كېسىش لازىم، بىخنى كېسىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلاق تۈۋىدىكى سىللىق جاي ئۇلاق ئورنى قىلىنىدۇ ۋە بىخنىڭ چوڭ –كىچىكلىگى بىلەن تەڭ ئورۇندىكى قوۋزاقنى كەسكەندە ئالدى بىلەن يۇقۇردىن تۆۋەنگە ، سولدىن ئوڭغا بىر پىچاق سېلىنىدۇ ۋە ئۇلاق تۈۋىدىكى چاسا قوۋزاق ئېلىۋېتىلىدۇ ،□ شەكلىدە كىسىپ تەييارلانغان بىخ ئۇلاق تۈۋىدىكى ئورۇنغا سېلىنىپ دەرھال باغلىنىدۇ ، باغلىغاندا بىخنى سىرتتا قالدۇرۇپ چىڭ باغلاش ، بىرـ بىرىگە زىچ بىرلىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك .



hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:32:53

قوۋزاق ئۇلاق

ئادەتتە كىشىلەر قىستۇرما ئۇلاق دەپمۇ ئاتايدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:34:08

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 12:36  

تىل شەكىللىك ئۇلاق

ئەتىياز پەسلىدىكى تىل شەكىللىك ئۇلاق 4-ئاينىڭ بېشىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.



رەسىمدە چىلان دەرىخىنىڭ تىل شەكىللىك ئۇلاق شەكلى كۆرسىتىلىپتۇ ، ئەمەلىيەتتە چىلانغا بۇنداق ئۇسۇل جىق ئىشلىتىلمەيدۇ ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:36:50

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 12:38  

قوۋزاق تىل ئۇلاق




hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:39:22

چاسا بىخ ئۇلاق

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:42:14

داۋامى بار

qalbim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:59:09

مۇشۇ ئۇلاقلارنىڭ ئىچىدە  قايسى  ياخشى  قايسىنىڭ تۇتۇش نىسپىتى يۇقۇرى

sanjay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:34:53

خى خى خى بۇنمۇ بلۋالدم

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:56:03

رەھمەت خېلى نەزىرۋېى ساۋادقا ئىگە بولۇپ قالغىدەكمەن

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:41:01

ئەجرىڭىزگە رەخمەت، سوراپ باقسام ، ئاۋۇ رەسىمدىكى كىتاپ ئۇلاقچىلىق تېخنىكىسىغا ئائىتلا كىتاپمۇ ياكى پەرۋىشكە ئائىت مەزمۇنلارمۇ بارمۇ ؟  بولسا كىتاپخانىلاردىن تاپقىلى بولامدۇ ؟ كىتاپ ئىسمى نېمىكىن؟

Erzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:57:39

ئەتىيازدا بىر يېرىم مو يەر ئالغان، ئۈستىدە 75 تۈپ ئۇلانمىغان ياڭاق باركەن، كىچىكى بىلەكتەك ، چوڭى ئادەمنىڭ بېلىدەك، كۆپىنچىسى ئادەمنىڭ يوتىسىدەك  باركەنتۇق ، 4-ئايدا ئۇلاقچى تېپىپ ئۇلاتقان، رەسىمگە قارىسام قوۋزاق تىل ئۇلاقتا ئۇلاپتۇ، ئاساسەن ھەممىسى دىگۈدەك تۇتتى، 1ئايدىن كېيىن يەنە شۇ ئۇلاقچىلارنى تېپىپ شاخ تىكلىگۈزدۈم، ئاندىن 9-ئايغىچە بىرنەچچە قېتىم سۇغاردىم، شۇ تاشلاپ قويغانچە قالدى،  ئەمدى يەنە قانداق پەرۋېشى بار ئۇقمۇدۇم، شۇڭا ياڭاق پەرۋىشىگە ئائىت كىتاپ بولسا ئالايمىكىن دەپ تۇرغان، نەقلا ما تېما ئۇچراپ قالدى، بولسا يەنە قانداق پەرۋىشى بار ، دىققەت قىلىدىغن ئىشلار توغرسىدا مەسىلىھەت بەرسىڭىز، رەھمەت.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:50:13

qalbim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:59 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ئۇلاقلارنىڭ ئىچىدە  قايسى  ياخشى  قايسىنىڭ تۇتۇش ن ...

ئەتىياز پەسىللىك شاخ ئۇلاقلارنىڭ ئىچىدە ئاۋۇ قوزاق ئۇلاقنىڭ تۇتۇش نىسبىتى يۇقىرى ، ئەمما رەسىمگە قاراپ ئۆگىنىش بەسى مۈشكۈل ، تەرتىپلىرى ئىنچىكە ،
ئارتۇقچىلىقى  بالدۇر كۆكلىگەن بولغاچقا قىشتىن چىقارماق ئوڭاي ،،
كەمچىلىكى : ئۇلاق ئۈستىنى ئەتىياز پەسلىدە ئالغاندا  ناھايىتى ئاسانلا ئۈششۈپ قالغان نوتىلارنى ئىشلىتىپ قۇيۇش خەۋپى بار ( شۇنىڭ بىلەن تۇتمايدۇ )  ، ئۇلاقچىنىڭ ئابرويىنى تۆكىدىغان ئۇلاق ..

ياز پەسىللىك ئۇلاقلارنىڭ ئىچىدە ھەرخىل بىخ ئۇلاقلارنىڭ ھەممىسى ناھايىتى ياخشى تۇتىدۇ ، سورتىنى تاللاپ ئۇلاشقا قۇلايلىق ، بىر تەرەپتىن بەگە ئېلىپ بىر تەرەپتىن ئۇلىسا بۇلىدۇ .

كەمچىلىكى جىق يوق

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:55:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 18:57  

يالغۇز بىخلىق چاپلىما ئۇلاق

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:57:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 19:00  

دېرىزە شەكىللىك ئۇلاق ئۇسۇلى


ياز پەسىللىك بىخ ئۇلاشتا مۇشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلانساق بۇلىدۇ ....

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:02:44

يەككە بىخلىق شاخ ئۇلاق



hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:04:35

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 19:12  

يالغۇز بىخلىق كەسمە ئۇلاق










hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:29:03

كاللا قاپاق بۇلۇپ كەتتى ھەقاچان :

ئالتىنچى ئايدا ئۇلايدىغان بىخ ئۇلاقنى ئاساس قىلىپ ئازراق تەرتىپنى سۆزلەيلى ، مەيلى قايسى خىل شەكىلدىكى بىخ ئۇلاقنى قوللانمايلى ، جەزمەن تۆۋەندىكى بىرقانچە تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش كېرەك ...

بىرىنچى ، 4-ئاي مەزگىلىدە ئۇلانماقچى بولغان كىچىك كۆچەتلەرنى 20-30 سانتىمىتىرغىچە قالدۇرۇپ كىسىۋېتىش كېرەك ، بۇنى غول قالدۇرۇش دەيمىز ، غول قالدۇرۇلغاندىن كىيىن كەسكەن ئۇرۇنننىڭ ئاستىدىكى بىختىن يېڭى نوتا چىقىدۇ ، ئۇلاق مۇشۇ يېڭى نوتىغا قۇيۇلىدۇ .
ئىككىنچى ، يېڭى نوتىلارنىڭ ئۇچىنى 5-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كىيىن ئۈزۈش كېرەك ، مەقسەت نوتىلارنىڭ ياغاچلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش .
مۇشۇ ئىككى تەييارلىقنى قىلىۋالساق ئالتىنچى ئايدا بىۋاستە ئۇلاشنى باشلاپ كىتەلەيمىز ....

ئۇلىغاندا ئىمكانقەدەر پاكار ئۇلىغان ياخشى ، بۇنداقتا كۈچەتلەر ئۈششۈپ كىتىپ باش ئالماشتۇرساق قايتا ئۇلاش ئاۋارىچىلىقىدىن ساقلانغىلى بۇلىدۇ .

windows100 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:54:34

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 19:29 static/image/common/back.gif
كاللا قاپاق بۇلۇپ كەتتى ھەقاچان :

ئالتىنچى ئايدا ئۇلاي ...

سىز يېڭىدىن كۆز قويغان ياڭاقنى قىشتىن قانداق ئۆتكۈزىسىز؟  بىرسى كۆمسىمۇ بولىدۇ دىگەنتى،كۆمۈپ قىشتىن ئۆتكۈزۈشنى سىناپ باقتىڭىزمۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:16:19

رەسىمگە تارتىۋالماپتىمەن ....

يېڭىدىن كۆز قويغان ياڭاقنى پەقەت ئىككى خىل ئۇسۇلدا قىشتىن ئۆتكۈزگىلى بۇلىدۇ ، بىرسى توپا بىلەن كۈمۈش ، يەنە بىرسى ئىككى قات گېزىت ئوراپ ئۈستىدىن بىر قات يالتىراق ( خاشۇ ، سۇلياۋ دەپمۇ قۇيىمىز )  ئوراش .

تۈپ سەل چوڭ بولسا تۈۋىگە ئازراق توپا دۆۋىلەپ ئاندىن ياتقۇزۇپ كۆمسەك سۇنمايدۇ ....

كىيىم كىچەكلەرنى ئورىغاندا بىخەتەر بولمايدۇ ...

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:30:45

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hiyalqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-19 17:40  

6-ئاينىڭ باشلىرى ئۇلاشنى باشلىساق بۇلىدۇ ، ھەرخىل سورتلارنىڭ نوتا چىقىرىش ئەھۋالى ئوخشاش بولمىغاچقا ، باشلىنىدىغان ۋاقتى ئوخشىمايدۇ ، ئونسۇ 185 ئالتىنچى ئاينىڭ 10- كۈنلىرى ئوبدان نوتا چىقىرىدۇ .

ئۇلاقچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان قاچا ، پىچاق ،سۇلياۋ ، چىلەك قاتارلىقلار



ئۇلانماقچى بولغان نوتا (ئۇلاق ئاستى )


نوتىدىن  (ئۇلاق ئاستى ) پەقەت بىردىن ئىككىگىچە يۇپۇرماق قالدۇرۇپ ئاستىدىكى بارلىق يۇپۇرماق ۋە بىخلارنى ئېلىۋېتىمىز .




شۇ كۈنى تەييارلانغان ئۇلاق ئۈستى  ( بەگە )




يۇقارقى تەييارلىقلارنى قىلىپ ، بەگە ( ئۇلاق ئۈستىنى ) 30 سانتىمىر ئۇزۇنلۇقتا كىسىپ ھۆل لۆڭگە بىلەن ئوراپ چىلەكتە كۆتىرىپ يۈرۈپ ئۇلايمىز ...

  بىز يېڭى ئۆگەنگەن چاغدا ئەڭ ئاۋال  ئۇلاق ئۈستى ( بەگىدىن ) بىخ بار ئۇرۇننى تاللاپ ، مۇۋاپىق چەن ئالىمىز ، مەقسەت ئۇلاق ئاستىدىكى كەسكەن ئۇرۇن بىلەن بەگىدىكى كەسكەن ئۇرۇننىڭ دەلمۇ دەل كىلىشى ئۇچۇندۇر .


ئاندىن چەننى ئۇلاق ئاستىغا قۇيۇپ ، قوۋزاقنى شۇنچىلىك ئۇزۇنلۇقتا لاتىنچە T شەكىلدە كىسىۋالىمىز .




ئاندىن چەن ئالغان بەگىدىن بىخ بار ئۇرۇننى كىسىپ ئالىمىز ، ئۇلاقچىلىقتىكى مۇھىم ھالقا مۇشۇ ، بىخنى ئالغاندا بىخ ئاستىدىكى تۆرەلمىنىڭ بىللە قۇشۇپ ئېلىش ئۇلاق تۇتۇشنىڭ زۈرۈر شەرتى ، ناۋادا بۇنىڭغا ماھىر بولمىساق ئۇلاقچىلىقنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ ، بۇ چاغدا ئازراق ياغاچلىق قىسمى بىلەن قۇشۇپ ئالساق بۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ ...






ئاندىن ئالغان بىخنى ئۇلاق ئاستىدىكى ئالدىن تەييارلانغان ئۇرۇنغا سالىمىز ، بۇ ئەڭ تىز سۈرئەتنى تەلەپ قىلىدىغان ۋاقىت ، 3-5 سىكۇنتتا بۇ مەشغۇلاتتىن ھالقىپ كىتىشىمىز كېرەك .


       ناۋادا ئالغان بىخىمىز بار قوۋزاق ، ئۇلاق ئاستىدىكى كەسكەن ئۇرۇندىن كىچىك چىقىپ قالسا ( چەن ئىشلەتمىگەن بولساق ) ، بەلگىنى ئۈستى تەرەپكە تاقاپ قۇيىمىز .


    ئاندىن بەگە سېلىنغان ئۇرۇننى پىششىق تاڭىمىز . ( مەخسۇس ياڭاق ئۇلاقچىلىقىغا ئىشلىتىلىدىغان يالتىراق ئىشلەتسەكمۇ كىۋەزگە ياپقان يالتىراقتىن ئېشىپ قالغانلىرىنى ئىشلەتسەكمۇ بۇلىدۇ ) .
     


بىر ھەپتىلەر ئەتراپىدا كۆكلەپ چىقىدۇ .



كۆكلەپ 30 سانتىمىتىردىن ئاشقاندا شامالدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن تاياق بىلەن باغلايمىز ، ئۆزى قولايلىق ، مىقدارى كۆپ بولغان تاياقنى ھازىر يېزىلاردىن تاپماق تەس ، مەدەنىيەت بۇيۇملىرى دۇكىنىدىكى بايرا ق دەستىسى قىلىدىغان بامبۇك ياغاچنى ئىشلەتسەك بىر قەدەر ياخشى بۇلىدۇ .

ئەگەر شۇ يىلىلا مىۋىلەپ كەتسە ، مىۋىسىنى پۇتىۋەتسەك ياخشى ....









بەت: [1] 2
: ياڭاق ھەققىدە ( 3) ياڭاق كۆچەتلىرىنى ئۇلاش ( خىيالچى )