rohqin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:21:25

بىر قېتىملىق سودىغا ھەمكارلاشقۇچى چاقىرلىدۇ



سودا پىلاننىڭ ئالاھىدىلىكى

جەمىيەتنىڭ ئىھتىاجى، بازار رىقابىتىنىڭ يۇچۇقى، مۇكەممەل سىستىما، ئىنىق نىشان، تەپسىلى پىلان، كۈچلۈك ئىجرا مۇھىتى قاتارلىقلاردىن پايدىلنىپ، زور دەرىجىدە كىرىم يارتىش مەقسەت قىلنىدۇ.

جەمىيەتنىڭ ئاساسى يۆلىنىشىنى باشقۇرۋاتقان تېلېۋىزىيە، رادىيو، تور قاتارلىق مېدىيە ۋاستىللىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلنىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىغا تەسىركۆرسىتىپ، ئۇلارنى باشلاپ كىلىپ مال سېتىپ مۇلازىمەت قىلىپ، كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا «بۇ ساھەدە مۇشۇ ئورۇن ئەڭ قالتىس» دىگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇش نىشان قىلنىدۇ.

خېرىدارلارنى ئۇلار ئويلاپ باقمىغان پائالىيەت، يىڭىلىق، مۇلازىمەت، مۇكاپاتلار بىلەن تەمىنلەپ «مۇلازىمەت بىرىنچى، باھا ئىككىنچى» دېگەن قاراشقا قايىل قىلنىدۇ.

سەگەكلىك، ئاكتىپچانلىق، قىزغىنلىق، پىلانلىق، ھەمكارلىق قاتارلىق ئامىللار ئارقىلىق ئازغىنە مەبلەغنى تىز ئايلاندۇرۇپ مەبلەغنىڭ يېتىپ قېلىشى، ئىسراپ بۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ئازغىنە مەبلەغدىن زور دەرىجىدە پايدىلنىدۇ.

ئاكتىپ تىجارەتتە تىجارەتنىڭ تەرەققى قىلىشى ياكى زىيان تارتىشى قانچىلىك مەبلەغ سالغانلىقى، قانچىلىك پايدا ئالغانلىقى، قانچىلىك بازار بوشلۇقى، قانچىلىك ئىھتىياجى بارلىقى، قانچىلىق داڭلىق بۇلىشى بىلەن ئۆلچەنمەستىن مەبلەغنىڭ قانچىلىك تىز ئايلانغانلىقى بىلەن ئۆلچىنىدۇ. مەسىلەن: ئوخشاش بىر تىجارەتتە مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ كۈنلۈكى بىر ئايلاندۇرۇپ يۈز يۈەن پايدا ئالغان تىجارەتتىن، يۈزيۈەن مەبلەغنى كۈنلۈكى ئون ئايلاندۇرۇپ پايدا ئالغان ئەللىك يۈەن ئېشىپ كىتىدۇ. ناۋادا مۇشۇ ئوبۇرت ئېشىپ يۈز يۈەننى مىڭ يۈەنگە كۆپەيتىش ئىھتىياجى تۇغۇلغاندا تەبئىيلا كۈنلۈك پايدىسى 500 يۈەنگە چىقىپ كىتىدۇ. يەنە بىر مەسىلە؛ يۈز يۈەننى ئون ئايلاندۇرغاندا مەبلەغ ئىسراپ بولماستىن تۇلۇق ئايلىنىدۇ. مىڭ يۈەننى بىرئايلاندۇرغاندا 900 يۈەن ئون سائەت ئەتىراپىدا بىكار ياتتى دىگەن گەپ، بۇ دەل مەبلەغنى ئىسراپ قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ.

بۇ يەردە كارخانىدا ئۈمۈت بار-يوقلىقىغا ھۈكۈم قىلىشتا مۇنداق بىر فورمۇلا تۈزۈشكە بۇلىدۇ.
سىزنىڭ كارخانىڭىزنىڭ ئۇمۇمى مەبلىغى ئون مىليۇن يۈەن بولسا ( بۇ يەردە ئايلاندۇرۋاتقان پۇلنى كۆرسەتمەستىن كارخانا بەرپا بولغاندىن بىرى خەجلەنگەن ئۇمۇمى پۇلنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن: ئىجارىگە ئالغان ئىشخانا پۇلىسى، ئورۇندۇق، ئۈستەل، كومپىيىيوتىر، ئىستاكانلارغىچە)بىر ئاي ئىچىدە قىلغان جەمى سودىڭىز ئوتتۇز مىليۇندىن يۇقىرى بولسا سىزنىڭ كارخانىڭىزدا ئۈمۈت بار. ئەللىك مىليۇندىن ئاشقان بولسا سىز تىز سۈرئەتتە تەرەققى قىلىدىكەنسىز. ئون مىليۇندىن، ئوتتۇز مىليۇنغىچە بولغان بولسا دىققەت قىلىڭ چىكىنىپ كىتىش ئىھتىماللىقىڭىز بار، ناۋادا ئون مىليۇنغا يەتمىسە تىز سۈرئەتتە ۋەيران بۇلۇۋېتىپسز. دىمەك ئۇمۇمى مەبلەغنى بىرئايدا ئۈچ قېتىمدىن يۇقىرى ئايلاندۇرالىسىڭىز تەرەققى قىلىسىز بىر قېتىم ياكى ئۈنىڭدىن تۈەن بۇلۇپ قالسا ۋەيران بۇلىسىز.

تۆۋەندىكى پىلان ئالتە ئايلىق مۇددەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇلۇپ يۇقارقى ئالاھىدىلىكلەرنى تۇلۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان، مەبلەغنى تىجەش ئارقىلىق ئاز مەبلەغ بىلەن يۇقىرى كىرىم يارىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇلغان.

سودا پىلانىدىن قىسقىچە مەلۇمات

پىلان ئىجرا ۋاقتى: ئالتە ئاي

ھەمكارلىق مەزگىلىدە ياراتماقچى بولغان كىرىمنىڭ تۆۋەن ئۆلچىمى تۇنجى ئايدا 60مىڭ يۈەن. ئىككىنچى ئايدا 80 مىڭ يۈەن، ئۈچۈنچى ئايدىن باشلاپ تۈەن ئۆلچەم 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى.

مەبلەغ سالغۇچى بىلەن ھەمكارلىق ۋاقتى: بىريىل

ھەمكارلاشقۇچىنىڭ سالىدىغان مەبلىغى 380،000.00 يۈەن

مەبلەغنى قايتۇرۋېلىش ۋاقتى تەخمىنەن 4 ئاي، ساپ كىرىم يارتىدىغان ۋاقىت 8 ئاي.

پايدا ئايرىش نىسبىتى:50 %=50%

ھەمكارلىق ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن مۆلچەردىكى ئۇمۇمى كىرىم : 1،800،000.00

ئورنى: ئۈرۈمچى

يۇقارقى سودا پىلانى بارلىق جەريان، ئەمەلى تەجىربە ۋە رىئال ئىمكانيەتلەر ئاساسىدا تەپسىلى تەييارلانغان بۇلۇپ 20 بەتتىن ئاشىدۇ.

پىلان ئىچىدىكى ھەربىر كۈن، ھەربىر ھەپتە، ھەربىر ئاي ئچىدە قىلىدىغان ئىشلار تەپسىلى خاتىرلەنگەن.

مەبلەغ سالغۇچىلىك كۈچىڭىز بولسا، ئاۋۋال پىلاننى تەپسىلى كۆرۈپ، كاللىڭىزدىن ئۆتسە سالىسىڭىز بۇلىدۇ.

تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى تېلىفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۈڭ

ئالاقىلاشقۇچى، ئۆمەرجان: 13999897408

تىما باشقىلارنىڭ ھاۋالىسىگە ئاساسەن يوللاندى.  باشقا تەپسىلاتلارنى تېلىفۇن ئارقىلىق سۈرۈشتۈرۋېلىڭ

jesurmen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:17:00

ئايلىق سودا سوممىسى 10 مىللىيوندىن تۆۋەن بولسا تېز سۈرئەتتە ۋەيران بولسىز دەڭ!
سىز قايسى شىركەتتىن، نىمە ساتىدىغانسىلەر؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:26:08

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:31:39

ئايلىق سوممىسى 10 مىليوندىن تۆۋەن بولسا زىيان تارتىسىز دېمىدى.
ئەسلى سالغان مەبلىغىڭىز 10 مىليون بولسا ، ئەگەر سىز شۇ تىجارەتنى قىلىپ بىر ئاي ئىچىدە 10 مىليون مەبلەغنى ئايلاندۇرۇپ ساتالمىسىڭىز سىز زىيان تارتىسىز دەيدۇ. راست دەيدۇ،ئاساسى بار.

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:43:03

ئۇكام، سىز يەر شارىدا بامۇ يا؟
ياكى مەن سىزدىن 300 ياش كىچىكمۇ؟

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:56:00

ئاكام 300مىڭ مەبلەغ بىلەن ئىيىغا 60مىڭ ~80مىڭغىچە سودا قىلىۋاتىدۇ ، ئەمما چىقىم كۆپ ، پايدا نىسبىتى تۆۋەن

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:24:22

بۇ قاندق شىركەت چۇشىنەلمىدىم :funk:

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:32:30

neFese يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 15:24 static/image/common/back.gif
بۇ قاندق شىركەت چۇشىنەلمىدىم

پۇل بولسا بە دەيدىغان شىركەتكەن.

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:38:23

udun007 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 13:32 static/image/common/back.gif
پۇل بولسا بە دەيدىغان شىركەتكەن.

تىجارەت دائىرسى ئىشلەچىقىردىغان مەھسۇلاتى توغرىسىدا  پ ل ب ؟؟؟

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:52:11

نىمە تىجارەت ئىكەنلىكىنى دىمەپتۇ{:136:}

apla يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:42:38

پۇل بار ، لېكىن بۇنداق سودىغا تەۋەككۈل قىلمايمەن، ئىگەللىشىمچە جازانىخورلۇق (高利贷)دىن باشقا سودىدا 4 ئايدا مەبلەغنى قايتۇرۇپ كېلىش ناھايىتى تەس،  بىر نەچچە يىلدىن بېرى ئۆي سودىسى قىلغان، ئەمدى، يىمەك -ئىچمەك ياكى بالىلار بۇيۇملىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئويلىشىمەن.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 14:45:45

apla يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 14:42:38 static/image/common/back.gif
پۇل بار ، لېكىن بۇنداق سودىغا تەۋەككۈل قىلمايمەن، ئىگە
:handshake

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:07:23

گۆش توخۇسى بىقىش پىلانى ئەمەستۇ - ھە؟! ئىككى ئايدىلا سەمىرىتىپ بازارغا سالغىلى بولىدۇ. تۆت ئايدا مەبلەغنى ئىككى قېتىم چۆرگىلىتىۋالغىلى بولىدۇ :lol

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:22:11

سودا پىلانىڭلىنى مۇنبەرگە يوللاڭلا كۆزيەتسە مەبلەغ سالىدىغانلار چىقىدۇ .
ھەراس پايدىنىڭغۇ ھىساۋىنى چىقىرىپ قويۇپسىلە زىيان بوپ قالسا تەخمىنەن قانچىلىك پايدىغا ئوخشاش %50=%50 بويچە بۇلامدۇ .
سېلىگە كىپىل بولىدىغان بىز ئىشىنىدىغان بىرەرى بارمۇ ، تىجارەتكە بىزمۇ قاتنىشامدۇق ياكى يىل ئاخىردا ھىساۋاتقا چاقىرامسىلە .

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 15:56:31

مەنمۇ پىلان تۈزۈپ يوللاپ باقايمىكى {:101:}

rohqin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:08:08

كەچ تەرەپتە چاقىراي ئۈزى ئولتۇرۇپ جاۋاپ بىرىپ چىقسۇن . . .  تەپسىلى ئەھۋاللارنى مەنمۇ بىلىپ كەتمەيمەن

NURI24 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 16:53:08

ھە شۇ قانداق تۈرگە مەبلەق سالىسىلەر؟ پىلانىڭلارنى ئوتتۇرغا قويساڭلار ئېشىنچە مەبلىقى بار قېرىنداشلار ئويلىشىپ باقمامدۇ. مەسىلەن قانداق تۈر ؟ بۇ تۈرنىڭ نۆۋەتتىكى  بازار ئەھۋالى قانداق؟ رايۇنىمىزدىكى بازارنىڭ ئېچىلىش ئەھۋالى قانداق ؟ قانچىلىك چىقىم كىتىدۇ؟ شۇ تۈرنى ئىجىرا قىلىدىغان كوللىكتىپنىڭ كۈچى قانداق؟ مۇشۇ نەرسىلەرنى يېزىپ ئېنىق بىر چۈشەنچە بەرسەڭلەر باشقىلارمۇ ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ ئاندىن سىلەر بىلەن ئالاقىلاشسا سىلەرنىڭمۇ ۋاقتىڭلار ئىسراپ بولمايدۇ ئەمەسمۇ.   دوستانە پىكىر ھە.

salam721 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 17:26:28

سىرلىق بىر ئىشكىنا، پايدا نىسبىتى قانچە كۆپ سودا بولسا خەتىرىمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پۇلى كۆپلەر ھەمكارلاشساڭلار بولغۇدەك، زىيان بولسا ھېچكىسى يوق دىيەلىسەكلا، ئەمما قەرز ئېلىپ كىرگەنلەر زىيان بولۇپ قالسا چاتاق، پەرىزىمچە بۇ تۈرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت نىسبىتى 5پىرسەنت ئەتراپىدا بولسا كىرەك،

Qashqari يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 18:19:48

بۇ پىلاننى شانئالنىڭ لىدىرى ئايتۇرسۇن خانىم كورۇپ باقسا بوپتىكەن ، راس ئەسقاتدىغان سودا پىلانىمىدۇ بۇ ، بىر ئايدا مەبلەغنى بەش ئايلاندۇرغىلى بولىدىغان قانداق تىجارەتتۇ بۇ ، مەبلەغ ئاز بولسىغۇ ئايلاندۇرغىلى بولۇشى مومكىن مىليۇندىن ئاشقان مەبلەغنى قانداقمۇ ئاز دىگەندە ئۇچ قىتىم ئايلاندۇرغىلى بولسۇن ، بىر قىتىم ئايلىنىپ كەلسىمۇ 10% پايدا ئىلىپ كىلەلىسە چوڭ گەپ بوپ قالىدۇ ھازىر .

ab1ajan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:31:52

ھازىر پۇل تاپماق تەس بوپ كەتتى جۇمۇ،مەبلەغنىمۇ ئويلۇشۇپ سالغان تۈزۈك
بەت: [1] 2 3
: بىر قېتىملىق سودىغا ھەمكارلاشقۇچى چاقىرلىدۇ