ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:51:31

ياپونىيەدە تىلەمچى يوقمۇ؟

ياپونىيەدە تىلەمچى يوقمۇ؟

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى (2014-11-15) ماقالىسى:
ياپونىيەدە نېمىشقا تىلەمچى يوق؟ بىلەمسىز؟

بۈگۈن توكيودا سىم-سىم يامغۇر ياغدى. بۇ جۇڭگونىڭ جىياڭنەنگە ئوخشاش دەل يامغۇرلۇق پەسلى ئىدى.
ئۆيگە قايتىش يولىدا، بىر ياشانغان كىشى ۋېلىسىپىت مىنىپ كېتىۋاتقان بولۇپ، كەينىدە بىر چوڭ خالتا قۇرۇق قەلەي قۇتىلار بار ئىدى. شۇندىلا مەن ئەتە بىر ھەپتە ئىچىدىكى بەلگىلەنگەن ئەخلەت تاشلاش كۈنى ئىكەنلىكىنى ئەسكە ئالدىم، بۇ ياشانغان كىشى ئېنىقلا بەزى مېھمانخانىلارنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپ ئەخلەت يىغىش شىركىتىنىڭ ئالدىدا قول سېلىپ مېھمانخانىدىكىلەر تاشلىۋەتكەن بەزى قۇتىلارنى يىغىپ كەلگەنىكەن.
بىر ۋېلىسىپىتنىڭ ئالدى كەينىگە نەچچە يۈز تال قۇتىنى سىغدۇرغىلى بولىدۇ. مەن قىزىقىپ توختاپ بوۋايدىن قۇتىلارنى قانچىگە ساتىدىغانلىقىنى سورىدىم، بۇ چاغدا بوۋاي ئېھتىيات قىلغان ھالدا ماڭا قارىدى. ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مۇشۇ سەۋەبتىن ئاز بولمىغان كىرىمىدىن قۇرۇق قېلىشى مۇمكىن.
بوۋاي ئاخىرى ھۆل بولۇپ كەتكەن ئۈچ بارمىقىنى چىقاردى. مەن بۇنى چۈشەندىم، بۇ يامغۇردا شۇنچىلىك جاپا تارتىپ تېرىپ كەلگەن بۇ قۇتىلارنى 3 مىڭ ياپونىيە يىنىغا سېتىشقا تامامەن بولاتتى.
بۇ كېچە بوۋاينىڭ بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ بېيىپ كېتىدىغان بىر كۈنى ئىدى. بۇ پۇللارنىڭ بىر قىسمىغا نەچچە قاپ تەييار چۆپ، ئىككى پارچە پۇرچاق ئۇيۇتمىسى، بىر بوتۇلكا ھاراقنى ئېلىپ كۆۋرۈك ئاستىدىكى سۇلياۋ خالتا بىلەن ئوراپ ياسىۋالغان ئۆيىدە راسا يەپ-ئىچىدىغان بىر كاتتا پۇرسەت ئىدى.
بوۋاي بولسا بىر سەرگەردان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا توكيودا ئۇنىڭغا ئوخشاش سەرگەرداندىن 2000 دىن ئارتۇقى بار.
ئۆتكەن يىلى يازدا مەن توكيودىكى مەلۇم بىر كۆۋرۈكنىڭ ئاستىدا سەرگەردانلارنىڭ ئۆيىنى كۆرۈپ باققان. كۆۋرۈك گۇندىسى يامغۇردىن ساقلايدىكەن، ئەتراپتىكى دەريا سۈيىدە بىر نەرسىلەرنى يۇغىلى بولىدىكەن، يەنە كېلىپ بۇ يەر ھۆكۈمەت يېرى بولغاچقا تەبىئىيلا سەرگەردانلارنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. بۇ ئۆيلەر دائىم ئاسمان كۆكى رەڭگىدىكى قېلىن بولغان سۇلياۋلاردىن ياسىلاتتى. ئىچىدە بولسا تېرىپ كېلىۋالغان كىچىك كارىۋات ، ياخشىراق بولغانلىرىنىڭ يەنە تېخى تېلېۋىزور ۋە توك قازانلىرى بار ئىدى. نەلەردىن تېرىپ كېلىۋالغان گېنېراتوركىن، ھەممىسىنىڭ توك مەنبەسى بولۇپ قالغانىدى.
بۇ سەرگەردانلار كۆپىنچىسى ياشانغانلار بولۇپ، ئوتتۇرا ياشلىقلارمۇ ئۇچراپ قالاتتى. ئىلگىرى ئۇلار بەلكىم شىركەتنىڭ ئاق ياقىلىق خادىملىرى ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلىگەن كىچىك كارخانىلارنىڭ خوجايىنلىرى بولۇشى مۇمكىن. ھەر خىل سەۋەبلەردىن ئۇلار مۇشۇنداق سەرگەردانلىق تۇرمۇشنى تاللىۋالىدۇ.
ئۇ بوۋاينىڭ دېيىشىچە، بىر يىل سەرگەردانلىق تۇرمۇشى ئۆتكۈزگەن ئادەمنىڭ يەنە ئىشلەيدىغان تۇرمۇش ھالىتىگە قايتقۇسى كەلمەيدىكەن، چۈنكى ئۇلار بۇنداق ئەركىن بولغان تۇرمۇشنى بەخت دەپ قارايدىكەن.
ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن ئالاھىدە بولغان «تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى» بار. پەقەت سىزنىڭ تۇرمۇش قامداش ئىقتىدارىڭىز بولمىسىلا يەرلىك ھۆكۈمەتكە بېرىپ بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. توكيودا ئادەتتە «تۇرمۇش كاپالىتى سىياسىتى»دىن بەھرىمەن بولغانلار ھەر ئايدا 120مىڭ ياپونىيە يىنىغا ئېرىشىدۇ.(تەخمىنەن 9600 خەلق پۇلى) بۇ پۇل توكيودا سىزنىڭ يەپ-ئىچىشىڭىزگە، تۇرالغۇڭىزغا يېتىدۇ. لېكىن نۇرغۇنلىغان سەرگەردانلار بۇنداق ياخشى ئىشنى رەت قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئۆزىنى ئۆزى بېقىش بولسا بىر خىل قەدىر-قىممەت ھېسابلىنىدۇ.
توكيودا، ھەتتا پۈتۈن ياپونىيەدە بىرمۇ تىلەمچى ئۇچرىتالمايسىز، قول-پۇتلىرى مېيىپ بولغان تىلەمچى كىچىك بالىلارنى تېخىمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ. ياپونىيەدە تىلەمچى يوق  بۇ بولسا ياپونىيەدەك بىر ئارال دۆلىتىنىڭ ئىنتايىن كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان ھەم چۈشىنىش ئىنتايىن تەس بولغان بىر ئىش.
مەن ياپونىيەدىكى ئالىي مەكتەپ پروفېسسورىدىن نېمىشقا ياپونىيەدە تىلەمچى يوقلىقىنى سورىغىنىمدا ئۇنىڭ جاۋابى ناھايىتى كەسكىن ئىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بىرىنچىدىن ياپونىيەلىكلەرنىڭ ئار-نومۇس تۇيغۇسى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشكە رازىكى، ھەرگىز تىلەمچىلىك قىلمايدىكەن. ئىككىنچىدىن ئەمگەك قىلماي ياشايدىغانلار ياپونىيەدە ئەڭ كۆزگە ئىلىنمايدىغان كىشىلەر ئىكەن. ئۈچىنچىدىن ياپونىيە سامۇرايلىق مەدەنىيىتىدە «ئادەم نامرات بولسىمۇ ئىرادىسى ئاجىز بولماسلىقى كېرەك» دەيدىغان ئىدىيە بار ئىكەن.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://www.uycnr.com/ylxw/201411/t20141115_864326.html
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:46:17

ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ

سەۋەبى نىمىدۇ ؟

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:09:57

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:46 static/image/common/back.gif
ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ

سە ...

ئۇخمىدىم :D  ،  زىيەك بىلەمدىكىن :lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:24:07

ErkinQush يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 11:09 static/image/common/back.gif
ئۇخمىدىم   ،  زىيەك بىلەمدىكىن

  يۈكسەك پەزىلەت، ئۇ يەردە ئۇنداق ئەمگەكسىز پايدىنى قۇغلىشىدىغانلار كۈپەيسە باشقىلېرىمۇ پايدىسى كۆپ ئىش ئىزدەپ تىرىشمايدىغان بۇپ كىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن پارىخورلۇق ئەۋجىگە چىقىپ دۆلەت تەرەققىياتى كەينىگە چىكىنىدۇ.
  پۇللا تاپساڭ  بولدى ، خىروئىن ساتساڭمۇ مەيلى دەيدىغان دۆلەتلەرنىڭ ھالى خاراپ تۇرمامدۇ...

ghalibjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:25:27

hiyalqi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:46 static/image/common/back.gif
ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ

سە ...

ياپونىيەدە ئۆز ئالدىغا ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ بولۇپ، يەرلىك ھۆكۈمەت مۇشۇ سەۋەبتىن ئاز بولمىغان كىرىمىدىن قۇرۇق قېلىشى مۇمكىن.


تىمىدا جاۋاپ يىتەرلىك ئەمەسمىكەن تەقسىر

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:29:15

9600
بۇ يەردىكى بىر ھۆكۈمەت ئىشچى خىزمەتچىسىنىڭ ئىككى ئايلىق مائاشىدىنمۇ ئارتۇقكەنغۇ :funk:

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:30:34

شەھەر بولىدىكەن ئۇنىڭدا چوقۇم تىلەمچى بىلەن پا***ە بولىدۇ .
پەقەت ياپۇنىيىدە ئاز بولغان يېرى بار .
سەۋەبى :
1. ياپۇن مىللىتى ئىشلىمەي ئېلىشنى نومۇس دەپ بىلىدۇ،
2. ياپۇن سامۇراي روھىدا كەمبىغەل بولساڭمۇ قەددىڭ رۇس بولسۇن دەيدىغان ئاڭ بار .
3. ياپۇنلۇقلار تىلەمچىلەرنى بەكمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ .
بۇ گەپلەرنى مەن دىمىگەن، ياپۇنىيىلىك ئالى مەكتەپ پىروففىسورى دىگەن .:lol

Sihriger1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:42:52

ياپونىيەدە ئاممىۋى ئەخلەتخانىلاردىن ئەخلەت يىغىش قانۇنغا خىلاپ، ئەخلەتخانىلاردىكى ئەخلەتنىڭ قىممىتى بار بولۇپ، ئۇلارنى تۈرتۈرگە بۆلۈپ ئۇلارنى قايتا ئىشلىتىدۇ، شۇڭا كىشىلەر ئەخلەتلەرنى تۈرگە بۆلۈپ تاشلايدۇ، توڭلاتقۇ، يوتقان-كۆرپە دىگەەندەك چوڭ ئەخلەرنى پۇل تۆلەپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا تاشلايدۇ، شۇڭا ئىشلەتمەيدىغان نەرسىلەرنى باشقىلار ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەكەتسە خوشاللىق بىلەن بېرىدۇ. مەن بىرسىنىڭ كىچىك ئاپتوموبىلنى باشقىلارغا بەرگىنىنى كۆرگەن، ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ.

Sihriger1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:44:45

ئاممىۋى ئەخلەتخانىدىن نەرسىلەرنى يىغىش، كوللىكتىپ مۈلكىنى ئوغىرلىغان بىلەن ئوخشاش.

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:54:41

مەن ھازىرقى تىلەمچىلەرگە قەتتى پۇل بەرمەيمەن.
سەۋەبى: ئۇلارغا پۇل بەرگەنسىرى ئۇلار تېخىمۇ كۆپىيىدۇ..
شۇڭا باشقىلارنىمۇ شۇنداق قىلىشقا چاقىرىمەن.

سىلەرچە بۇ قىلغىنىمغا قانداق قارايسىلەر...؟

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:03:57

ياپۇندا اياللارنىڭ تېنىنى ساتىدىغان ىىشلىرى بارمىكەن؟ مۇشۇنداق ىىشلارنى نومۇس دەپ بەك ېىغىر الامدىكەن ياكى پەقەت تىلەمچىلىكتىنلا شۇنداقمىكەن؟

ىىسلام دىنىمىزدىمۇ تىلەمچىلىكنى يامان كۆرىمىز. ەمما تىلەمچىلەر كۆپ ۇچرايدۇ. تېنىڭ ساق بولغاندىكىن ھالال ەمگەك قىلساڭ بولمامدۇ!؟ دىسىڭىز، بۇ كەسىپنى سەن قىلالامسەن؟!. اتا كەسىپ ماۋۇ! دەپ شەرەپنى قوغدىغاندەك پەخىرلىنىپ تۇرۇپ پاراڭ قىلىدىغانلارنىمۇ كۆرىمىز.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:18:54

بۇ توغۇرلۇق قانۇننى سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم.
قانۇن بويىچە بولغاندا بۇنداق قۇرۇق قۇتىلارنى يىغىش قانۇننىڭ مۈجىمەل يېرىگە چۈشىدىكەن،يەنى ئېنىق قانۇن يوقكەن.ھازىرغىچە بىر قانچە قېتىم مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك سوتمۇ ئېچىلغان ئوخشايدۇ.ئەمما نەتىجىسى گۇناھسىز چىقىپتۇ........
يەنە بىر قىسىم رايۇنلار ئۆز ئالدىغا بەلگىلىمە چىقىرىپ بۇنداق قىلىشنى چەكلەپتۇ.تېمىدا دىگەندەك چەكلىمىگەندە يەرلىك بىر قىسىم كىرىمدىن قۇرۇق قېلىشى مومكىن...
ئەخلەتلەرنى يىغىش،يۆتكەش، بىر تەرەپ قىلىش قىلىش ئۈچۈن ھەممىسىگە پۇل كىتىدۇ.قۇرۇق قۇتىلاردەك بىر قىسىم ئەخلەتلەر پۇل بولغان بىلەن پۇل بولمايدىغان ئەخلەتلەرمۇ ئاز ئەمەس.بۇ ئەخلەرنى پۇل بولمايدۇ دەپ تاشلىۋەتكىلىمۇ بولمايدۇ.چوقۇم مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.شۇڭا يەرلىكتىكىلەر ئەخلەت يىغىپ بىر تەرەپ قىلىدىغانلارنىڭ بىر قىسىم پۇل بولىدىغان ئەخلەتلەرنى پايدىسىغا يىغىۋېلىشقا يول قويۇش ئارقىلىق پۇل بولمايدىغان ئەخلەتلەرنى تۈۋەن باھا ياكى ھەقسىز بىر تەرەپ قىلدۇرىدۇ. پۇل بولىدىغان يېرىنى باشقىلار يىغىۋالسا،كىم بۇنداق پايدىسى چىقمايدىغان ئىشنى قىلىدۇ؟يەرلىكنىڭ ما رايۇندىكى ئەخلەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بەر دەپ كىمنى ئىزدەيدۇ؟چىقىشىمۇ مومكىنغۇ.ئەمما ئەخلەتلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ھەققى ئاشقىنىدا بۇ پۇل يەنە ئايلىنىپ كىلىپ باجدىن چىقىرىلىپ يەرلىكنىڭ ئىقدىسادى بېسىمىنى ئاشۇرۋېتىدۇ.
يەرلىكنىڭ بۇ خىل قىلمىشنى چەكلىگىنى مۇشۇ يەردە.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:25:02

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:03 static/image/common/back.gif
ياپۇندا اياللارنىڭ تېنىنى ساتىدىغان ىىشلىرى بارمىكەن ...

ئالدىنقى قېتىممۇ بىر مۇشۇنداقراق تېمىنى ئوتتۇرغا قايغانلىقىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس قايتۇرماي ئۈتۈپ كەتكەن ئىدىم:lol
بۇ قېتىم بىر سورىۋالاي
بۇ خىلدىكى تېمىلارغا راستىنلا قىزىقامسىز؟:lol
بىلگىنىمنى بىلگىنىمچە بىلمىگىنىمنى توردىن مۇناسىۋەتلىك مەزمونلارنى ئىزدەپ تەپسىلىي جاۋاپ بېرىمەن.
ئەمما مۇنبەردە چوڭ كىچىك ئەر ئايال دەيدىغان پەردىشاپ دىگەن نەرسە قالمايدىغان نەرسە بولىدۇ.مەيلىمۇ؟:lol :lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:41:25

بەدىنىنى سېتىشنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قانۇنلۇق ياكى ئەمەس ئەھۋالى
يېشىل:قانۇنلۇق ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئورۇنلار(بىۋاستە پاھىشخانا دەپ ئېلىۋېرەيمۇ؟) مەۋجۇت.
كۆك:قانۇنلۇق ئەمما شۇنىڭغا ماس ھالدىكى ئورۇنلار يوق.
قىزىل: قانۇنسىز

قانۇنغا ئاساسلانغاندا ياپۇنىيەدە تېنىنى سېتىش قانۇنغا خىلاپ دەپ قارىلىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:43:26

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:25 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى قېتىممۇ بىر مۇشۇنداقراق تېمىنى ئوتتۇرغا قاي ...

ياپوننىڭ جىنس مەدەنىيىتى، جىنسى بايراملىرى ھەققىدە سۆزلەپ بېرىڭ :lol

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:44:53

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:25 static/image/common/back.gif
ئالدىنقى قېتىممۇ بىر مۇشۇنداقراق تېمىنى ئوتتۇرغا قاي ...

ئۇنداق قىلىۋەتمەي تۇرۇپ ئىپادىلىگىلى بولماسمۇ؟ ئىنچىكە ھالقىلىرىنى تەسۋىرلەپ كۆرسەتمەكچىما سىز؟ يالىڭاچلىۋەتمەي  لىپاپنىڭ سىرتىدىىنراق  دەپ بەرمەمسىز؟:lol
مېنىڭ شۇنداق سۇئاللارنى سورىشىمدىكى سەۋەپ،   ئىشلەشنىلا تەكىتلەپ ئىنسانغا زىيانلىق-ياكى پايدىلىق ئىش قىلىشقا  ياپۇنلار ئۆز ئىچىدە قارنداقراق قارايدىكەن، دىگەننى بىلىپ باقماقچى.  ئۇلار ئىشلمەي چىشلەشنىڭ قاتتىق نومۇس ئىش ئىكەنلىكىنى ھەممىسىنىڭ ئېڭىغا قانداق سىڭدۈرگەن؟  بىزنىڭكىلەردە نىمىشقا بۇنداق ئاڭ بەك ئاجىزلار كۆپ؟  ئەسلى پۈتۈن ئىنسانلار جەمىيىتىگە زىيانلىق بولغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ ھەممىسى قاتتىق نومۇس ئىش ئىكەنلىكىنى پۈتۈن ئىسنانلارنىڭ ئېڭىغا چوڭقۇر سىڭدۈرۈشتە  قانداق قىلىش كېرەك؟ دىگەن مەسىلىلەر تۇغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆرۈش لازىم دەپ قارىدىم.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:50:51

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 13:14  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:41 static/image/common/back.gif
بەدىنىنى سېتىشنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قا ...

تۈركىيەمۇ يېشىل رەڭدە تۇرامدۇ نىمە؟
قىزىل رەڭدىكى يەرلەرمۇ شۇنى كەسىپ قىلىپ ئۇرۇن تۇتۇشىنى چەكلىگەن بىلەن، بىر كۆزىنى قىسىپ،  «تۇغرا چۈشىنىپ» ئانچە چەكلەپ كەتمەيدىغانلارىمۇ باردۇ.  خۇددى ياپۇندا تىلەمچىلىكنى نۇمۇس بىلگەندەك ، زىنانىمۇ شۇنچە نۇمۇس بىلىپ قاتتىق چەكلەنگەن رايونلارمۇ بارمىدۇ؟ شۇنداق يەر لەر بولسا، بېغىر رەڭدە ئىپادىلىسە بوپتىكەن.

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:02:34

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:07:42

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:50 static/image/common/back.gif
تۈركىيەمۇ يېشىل رەڭدە تۇرامدۇ نىمە؟

تۈركىيەمۇ يېشىلكەن.
بۇ توغۇرلۇق تۈركىيەدە تۇرۋاتقانلار بىر نىمە دىمىسە مەن ئۇقمايدىكەنمەن:lol

بۇ خىلدىكى تېمىلارنى بەزى پەردىشاپلىق پاراڭلارنى قىلماي تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدىكەن:L

پەردىشاپلىق پاراڭلاردىن قېچىپ پاراڭ قىلغاندا مۇنداق قاراشمۇ باركەن
مەسلەن
بەدىنىنى سېتىش دىگەننى بەدىنىنى قارشى تەرەپكە تاپشۇرۇش بەدىلىگە پۇل ياكى ماددا قاتارلىق مەلۇم نەرسىگە ئېرىشىش دەپ قارىساق بولامدۇ؟شۇنداق بولغىنىدا ..........
ئەرخۇتۇنلۇق تۇرمۇشنى مىسالغا ئالساق
ياپۇنىيەدە ئەرلەر ئىشلەپ ئاياللار ئۈيىدە ئۆي باقىدىغان ئىشلار نورمال ۋە كەڭ ئۇمۇملاشقان.
ئەر ئىشلەپ پۇل تاپىدۇ.ئايالمۇ بۇ پۇلنى تەڭ خەجلەيدۇ.
شۇنداق بولغىنىدا ئايال ئەرگە بەدىنىنى سېتىش بەدىلىگە پۇلغا ئېرىشكەن دىسەكمۇ بولمايدىغان يېرى يوق:lol
ئايالى بىلەن ئوتتۇرىدا نىكاھ مۇناسىۋىتى بولغاندىن كىيىن بەدىنىنى سېتىش ھىساپلانمايدۇ دىيىلىش مومكىن.........
ئۇنداق بولسا ئاشنا بېقىۋالغان بولسا قانداق بولىدۇ؟:lol
.....................:lol

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 13:09:16

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 12:43 static/image/common/back.gif
ياپوننىڭ جىنس مەدەنىيىتى، جىنسى بايراملىرى ھەققىدە س ...

:lol :lol
مەن ئەڭ ياخشىسى بۇ خىلدىكى تېمىلاردىن ئۈزەمنى تارتاي:lol
بەت: [1] 2 3 4
: ياپونىيەدە تىلەمچى يوقمۇ؟