tawpik يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:50:15

جۇۋاز يېغىنىڭ شىپالىق رولى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   tawpik تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 08:51  

جۇۋاز يېغىنىڭ شىپالىق رولى

1. جۇۋاز يېغىنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق، قۇۋۋەتلىك، ئاشقازاننى ياخشىلاپ، قاننى تازىلايدۇ. سوغۇق يەلنى ھەيدەپ، رېماتىزىمغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. جۇۋازدا ياغلىقدان خىللىنىپ، تاسقىلىپ، پاكىزلىنىپ، نەمدىلىپ تارتىلغاچقا، ياغ ساپ، سۈزۈك، پاكىز بولىدۇ.
3. بەدەنگە قوتۇر، تەمرەتكە، قىچىشقاق، سوغۇق يارا، جاراھەت چىقىش ھەم پۇت-قول ئاغرىقى، ھەرخىل يەل بىلەن ئاغرىغانلار جۇۋاز يېغىنى جاراھەتلەنگەن ئورۇنغا ھەم يانپاشلارغا چېپىپ بەرسە، ياغ بەدەنگە تېز سىڭىپ، كېسەلگە مەنپەئەت قىلىدۇ.
4. جۇۋازدا تارتىلغان زاغۇن يېغىنى سوغۇق يارا، قان بۇزۇلۇش كېسەللىكىگە ئىشلەتسە، ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
5. زاراڭزا يېغىنى سوغۇق يەل، رەھمە (راك) كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلەتسە ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ.
6. قوغۇن ئۇرۇقى يېغىنى سوغۇق يەلنى ھەيدەشكە ئىشلەتسە، ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
7. كەندىر يېغىنى قان بېسىمنى داۋالاشقا ئىشلەتسە، ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
8. زىغىر يېغىنى كاناي ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلەتسە ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
9. قاپچىمال (ھەرخىل ئارىلاشما ياغلىق دان) يېغىنى ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىق كېسەللىكلىرىنى داۋالاشقا ئىشلەتسە، ئۈنۈمى تېز بولىدۇ.
10.   چاچنى ئۆستۈرۈش، قارايتىش ۋە پاقىراق قىلىش ئۈچۈن، چاچقا شاپتۇل مېغىزى يېغىنى سۈركەپ بەرسە تېز بولىدۇ.
(ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدىن ئېلىندى)
پايدىلنىپ قالسا دەپ يوللاپ قويدۇم

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:12:56

كىچىكىمدە قوشنا مەھەللىنى شوتۇر دەيتۇق، شۇ مەھەللىدە بىر جۇۋازچى بار ئىدى، 3 كىلو زىغىرغا بىر كىلو ياغ ئالماشتۇرۇپ بېرەتتى . ئەمما بەك تەملىك ئىدى ئۇ ياغ، ئۇ كىشى دائىم خام ياغقا نان چىلاپ يەيدىكەندۇق.:lol:lol
:shutup:ھازىرقى ياغقا نان چىلاپ يىيىشقۇ ئەسلى مۇمكىن ئەمەس  {:136:}{:136:}{:136:}

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 19:13:36

بەت: [1]
: جۇۋاز يېغىنىڭ شىپالىق رولى