Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 05:29:50

بۇ ئىسىل كىتابلارنى كىم ئالىدۇ؟

كونا كىتاب ياكى ئارتۇق كىتابلارنى سېتىش ئىزدىنىش تورىدا قىزىپ قالدى. بۇ ئۆزئارا كىتاب تولۇقلايدىغان ياخشى پۇرسەت بولغاچقا ،مەندىكى بىر قىسىم ئارتۇق كىتابلارنىمۇ يوللاپ قويدۇم ،كېرەك قىلىدىغانلار ھايىت دەڭلار.
1-تۈركۈم:
1.رۇبائىيات (2) -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تۈنجى نەشىرى
2.شىكىسپىر سونىتلىرى -تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى
3.قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى
4.بەشنامە (قەدىمكى ھىندى دانىشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دۇنياۋى ئەسەر )
جەمئى باھاسى : 230 يۈەن.

2- تۈركۈم :
1. ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى - ئابدۈشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى
2.دىۋانى گۇمنام - مۇھەممەد ئەمىن گۇمنام (ھىرقەتى)   تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى
3.يارىلانغان يۈرەك -چەتئەل نادىر شېئىرلىرىدىن تاللانما ، تۈنجى نەشىرى
4.جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى - 2007-يىللىق توپلام
جەمئى باھاسى : 200 يۈەن


يەنە بىر قىسىم «ياخشىلار باغچىسى »قاتارلىقكىتابلار بار....

ehsan99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:33:59

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،1-تۈركۈمدىكى 3.قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن بىلەن 2.تۈركۈمدىكى كىتابلارنى مەن ئالاي ،پۇلنى قانداق يەتكۈزىمەن ،كىتابنى قانداق تاپشۇرۇپ ئالىمەن ؟

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:46:41

ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدىنىيىتى دېگەن كىتابنى مەن ئالاي.....
باشقىلار قالغانلىرىنى دەپ بوپتۇ....

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:49:58

ehsan99 يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 08:33 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،1-تۈركۈمدىكى 3.قەدىمكى مەركىزى ئاس ...

2-تۈركۈمدىكى بر كىتابنى ماڭا ئۆتۈنىۋېتىڭا ھە...{:170:}

doctor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:03:08

ئالىدىغانلارمۇ چىقىپ بۇپتۇ مانا

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:37:11

ehsan99 يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 08:33 static/image/common/back.gif
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،1-تۈركۈمدىكى 3.قەدىمكى مەركىزى ئاس ...

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،سىزگە تەپسىلاتىنى يېزىپ ئۇچۇر يوللاپ قويدۇم !
مېنىڭ چ چ نومۇرۇم : 643390606

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:14:02

مەن ھەممىسىنى 1000 سومغا ئالاي. كىم ئارتۇق قىلىپ ساتىلى بۇنى :)

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:22:07

خوش ئەمىسە...ماۋۇ تالاشتۇرۇپ سېتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ توۋلاپ بېرىدىغانلار يوقمۇ؟:P

yurak-sadasi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:48:25

بىرىنجى تۈركۈمدىكى كىتاپلارنى مەن بىر ئېلىپ باقاي دىسەم مەندىن بالدۇر چىقىپ بولغانننىڭ ئۈستىگە باھاسىنى مىڭ سومغا چىقىرىۋېتىپتۇ.
ئۈچ تۆت كۈن بۇرۇن يانچۇقتىكى 3   مىڭغا يېقىن پۇلنى بىر يەردە چاق چاق قىلغاندەك ئويناپ سېلىپ ئۇتتىرىۋېتىپ سالدىم. ئۇنداق بولمىغان بولسا مەن ئالاركەنمەن.
پۇل يىغىپ كىلەر يىلى ئۆي سالىدىغان ئوغول بالا مەن تېخى
خوتۇن بىلىپ قالسا پىچاق چەيدولىنى ئېتىشتىن يانمايدۇ

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:50:34

Uyghur يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 09:37:11 static/image/common/back.gif


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ،سىزگە تەپسىلاتىنى يېزىپ ئۇچۇر
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنى تورداش ئوقۇغىن ئىزدىگىلى نەچچە كۈن بوپكەتتى. ئايرىم سېتىلسا سېتىپ بەرسىلە ئاشۇ بالىغا...

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:12:28

salambay يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 11:50 static/image/common/back.gif
ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتىنى تورداش ئوقۇغىن ئىزدى ...

تورداش ئوقۇغىننىڭ ئىشى ھەل بولدى ئاللاھ خالىسا ،ئەمما بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۇ كىتابنى ئاۋۇ تورداش ئالىمەن دەپ قول كۆتۈرىۋەتكەچ باشقا جايدىن ھەل بولدى.

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 20:27:15

1-تۈركۈمنىڭ ئىچىدىكى «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا »بىلەن ئىككىنجى تۈركۈمدىكى بارلىق كىتابلار سېتىلىپ بولدى.

قالغان كىتابلار:
1.رۇبائىيات (2) -ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن .قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى تۈنجى نەشىرى
2.شىكىسپىر سونىتلىرى -تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى
3.بەشنامە (قەدىمكى ھىندى دانىشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دۇنياۋى ئەسەر )
4. جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى 2006-يىللىق توپلىمى .
جەمئى باھاسى : 230 يۈەن.

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:35:08

ادھم بن ابراھيمدېگەن كىتاپنى تاپقىلى بولۇرمۇ ؟

rawurus يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:41:23

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   rawurus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-18 22:15

بىر دوستىمىز تورغا چىقىش ئىمكانىيتى بولمىغاچ تۆۋەندىكى كىتابلارنى ۋاكالىتەن سېتىپ قويۇشىنى ھاۋالە قىلغاچ، بۇ كىتابلارنى تورداشلارنىڭ دىققىتىگە سۇندۇق. ئېلىشنى خالايدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. كىتاب 95% پاكىز ساقلانغان بولۇپ، نوپۇزلۇق نەشىريات ۋە ئورۇنلاردىن قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان، تۈزۈلگەن ئىكەن.

( ئايرىم تېما قىلىپ مۇنبەرنى ئاۋارە قىلمايلى دەپ تېمىڭىزغا ئۇلۇنۇش قىلىپ قويدۇق، تېما ئىگىسى رەنجىپ قالمىغاي(

1-تۈركۈم كىتابلار

1. دۆلەت ۋە ئاپتۇنۇم رايوننىڭ يەر باشقۇرۇش قانۇن نىزاملىرى
( شىنجاڭ پەن تېخنىكا نەشىرياتى، 2000-يىلى5-ئاي 1- نەشىرى)
2. يېڭى نىكاھ قانۇنى قوللانمىسى
( مىللەتلەر نەشىرياتى، 2001-يىلى8-ئاي، 1- نەشىرى)
3. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قانۇنلار توپلىمى
( مىللەتلەر نەشىرياتى، 1991-يىلى10-ئاي 1-نەشىرى)
4. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى ئەمگەك توختام قانۇنى
(مىللەتلەر نەشىرياتى، 2007-يىلى12-ئاي 1- نەشىرى)
5. جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى مىللى تېررىتورىيلىك ئاپتونومىيە قانۇنى
(مىللەتلەر نەشىرياتى، 2001-يىلى4-ئاي 1-نەشىرى)
6. ھەق تەلەپ ئومۇمى پىرىنسىپىغا دائىر دېلولار ۋە قانۇنى تەھلىل
( شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2001-يىلى 11-ئاي نەشىرى)
7. يېزا يەر ھۆددىگەرلىك قانۇننىڭ يېشىمى
(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2003-يىلى11-ئاي، 1-نەشىرى)
8. ھەق تەلەپكە دائىر ئەدلىيلىك ئىزاھاتلارنى چۈشۈنۈش ۋە تەدبىقلاش
(شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى،2003-يىلى11-ئاي، 1-نەشىرى)
9. ھەق تەلەپ دېلولىرىدىن 100 مىسال

بۇ 9 پارچە كىتاپ 300 يۈەن
(كىرا ھەققىنى ساتقۇچى تۆلەيدىكەن)
سېتىۋالغۇچىلار ماڭا مۇنبەردە ئۇچۇر قىلسا بولىدۇ.

lopnuri يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 21:46:15

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   lopnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-11-18 21:49

روبائىيات (2) نى مەن ئالاي. چ چ :1428817175تېلېفۇن: 13579038173

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 22:06:44

ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ ئۇيغۇرچىغا (ياكى خەنزۇچىغا) تەرجىمە قىلىنغان بىرەر كىتابى بارمىدۇ؟ بولسا سېتىۋىلىپ ئوقۇپ باقاي دېگەن، قانداقراق ئادەمدۇ؟{:90:}

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 22:16:00

رۇبائىيات سېتىلىپ بولۇندى.

قالغان كىتابلار:
1...
2.شىكىسپىر سونىتلىرى -تۈنجى نەشىرى ،تۈنجى بېسىلىشى
3.بەشنامە (قەدىمكى ھىندى دانىشمەنلىرى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن دۇنياۋى ئەسەر )
4. جوڭگۇ مۇسۇلمانلىرى 2006-يىللىق توپلىمى .
جەمئى باھاسى : 150 يۈەن.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 22:27:49

terjiman يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 22:06 static/image/common/back.gif
ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ ئۇيغۇرچىغا (ياكى خەنزۇچىغا) تەر ...

ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان بىرەر كىتاۋىنىڭ بار يوقلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن .ئۇيغۇرچىسىنىڭ بولىشى ئېھتىمالدىن بەك يىراق .   بەلكىم خەنزۇچە نەشىر قىلىنغىنى بولىشى مومكىن .
لېكىن ،ئىززەت بىگوۋىچنىڭ ئۇيغۇرچە بىر ئېلكىتابى بار .ئىسمى :«ئىسلام شەرىق ۋە غەرب ئوتتۇرىسىدا »غۇ دەيمەن .بۇ ئېلكىتابنى مەن ئوقۇغان . توردىن ئىزدەپ باقسىڭىز چىقىپ قالىدۇ .

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 00:10:35

mohsin يوللىغان ۋاقتى2014-11-18 22:27 static/image/common/back.gif
ئەلى ئىززەت بىگوۋىچنىڭ كىتاب بولۇپ نەشىر قىلىنغان بى ...

مۇشۇ كىتابنىڭ نامىنى مەنمۇ ئاڭلىغانىدىم، تورلارنى ئىزدەپ قېزىۋەتتىم، لىكىن ھىچ يەردىن تاپالمىدىم، سىزدە بولسا ماڭا ئەۋەتىپ بىرەلەرسىزمۇ؟

neFese يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 02:36:46



( ياخشىلار باغچىسى ) دىگەن كىتاپ قانچە پۇل ؟ بىر دوستۇم ئالمەن دەۋاتقان ... :)
بەت: [1] 2
: بۇ ئىسىل كىتابلارنى كىم ئالىدۇ؟