ihsan1982 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 00:10:41

ئىشىنىشكە سازاۋەر بولۇشمۇ بىر خىل بەخىت

                                            ئىشىنىشكە سازاۋەر بولۇشمۇ بىر خىل بەخىت
                                                            (ئېھسان تەرجىمىسى)
       بىر يۈك پاراخۇتى بىپايان ۋە تۇمانلىق ئاتلانتىك ئوكياندا كېتىپ باراتتى. پاراخۇتتا پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىدىغان بىر نىگىر بالا ئېھياتسىزلىقتىن ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئوكيانغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. بالا جان-جەھلى بىلەن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، كۈچلۈك بۇران ۋە دولقۇن تەسىرىدە پاراخۇتتىكىلەر ئۇنىڭ نىداسىنى ئاڭلىيالماپتۇ. پاراخۇت بۇژغۇن تۇزىتىپ بالىدىن يىراقلاشقا باشلاپتۇ. بالا ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئىستىكىدە مۇزدەك سۇدا جېنىنىڭ بارىچە ئۈزۈپتۇ. ئۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئورۇق بىلەكلىرىنى پۇلاڭلىتىپ، بىر ئاماللارنى قىلىپ بېشىنى سۇ يۈزىگە چىقىرىپ، يىراقلاپ كېتىۋاتقان پاراخۇتقا كۆزلىرىنى تىكىپتۇ.
پاراخۇت گەۋدىسى تەدرىجى كىچىكلەپ ئاخىرى كۆزدىن غايىپ بولۇپتۇ. بالىنىڭ كۆز ئالدىدا بىپايان دېڭىز يېيىلىشقا باشلاپتۇ. ئۇنىڭ كۈچى خۇراپ ماغدۇرسىزلىنىپ، بۇلالمايلا قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنى خۇددى چۈكۈپ كىتىدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلاپتۇ. «بولدى، ۋاز كىچەي!»، دەپ پىچىرلاپتۇ ئۇ ئۆز-ئۆزىگە. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا پىشقەدەم كاپىتاننىڭ مېھرىبان ۋە دوستانە سىماسى كەپتۇ. بالا كۆڭلىدە: «ياق، كاپىتان مېنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكىنىمنى بىلسە، چوقۇم مېنى قۇتقۇزغىلى كىلىدۇ!» دىگەنلەرنى خىيال قىلىپتۇ-دە، غەيرەتكە كىلىپ، بارلىق كۈچىنى يىغىپ ئالدىغا قاراپ ئۈزۈشكە باشلاپتۇ.
كاپىتان ئاخىرى نىگىر بالىنىڭ يۇقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپتۇ. ئۇ بالىنىڭ دېڭىزغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، پاراخۇتتىكىلەرنى كەينىگە قايتىپ بالىنى ئىزدەشكە بۇيرۇق چۈشۈرۈپتۇ. بۇ ۋاقىتتا بەزىلەر ئۇنىڭغا:«ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى. بالا تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ، ئاللىقاچان لەھەڭلەرگە يەم بولۇپ كەتتى»دەپتۇ. كاپىتان بىر ئاز ئارىسالدى بولغان بولسىمۇ، يەنىلا قايتىپ بېرىپ ئىزدەپ بېقىشنى قارار قىلىپتۇ. يەنە بىرەيلەن ئۇنىڭغا:«بىر نىگىر قۇل مۇشۇنداق قىلىشقا ئەرزىمدۇ؟» دىگەن ئىكەن، كاپىتان ئۇنىڭغا «زۇۋانىڭنى يۇم»دەپ ۋاقىراپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بالا چۈكۈپ كىتەي دەپ قالغاندا، ئۇلار يىتىپ كىلىپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. بالا ھۇشىغا كەلگەندىن كېيىن، تىزلىنىپ تۇرۇپ كاپىتاننىڭ شەپقىتىگە تەشەككۈر ئېيتىپتۇ. كاپىتان بالىنى يۈلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭدىن:«بالام، سەن نىمە سەۋەپتىن شۇنچىلىك ئۇزاققىچە بەرداشلىق بىرەلىدىڭ؟»دەپ سۇراپتۇ. بالا جاۋابەن:«سىزنىڭ چوقۇم كىلىپ مېنى قۇتقۇزىۋالدىغانلىقىڭىزغا شەكسىز ئىشىنەتتىم» دەپتۇ.
-سەن مېنىڭ چوقۇم كىلىدىغانلىقىمنى قانداق بىلەتتىڭ؟
-مەن سىزنىڭ شۇنداق ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى بىلەتتىم.
بۇلارنى ئاڭلاپ، چاچلىرى ئۇچتەك ئاقارغان كاپىتان بالىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تورۇپ، كۆز يېشى قىلغان ھالدا:«بالام، مەن سېنى ئەمەس، بەلكى سەن مېنى قۇتقۇزىۋالدىڭ! مەن ئەينى ۋاقىتتا ئارىسالدى بولغانلىقىمدىن نومۇس ھېس قىلىۋاتىمەن»دەپتۇ.
شۇنداق، باشقىلارنىڭ ئىشىنىشىگە سازاۋەر بولۇشمۇ بىر خىل بەخىتتۇر. باشقىلار ئۈمۈتسىزلىككە چۆمگەن ئاشۇ دەملەردە سىزنى ئۆزىنى قوتۇلدۇرۋالىدۇ دەپ ئىشەنسە، بومۇ بىر خىل بەخىتتۇر، ئەلۋەتتە!

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ «ئېغىزچە ئالاقە ۋە ئوقۇشلۇق» ناملىق كىتاپتىن تەرجىمە قىلىندى.
      (مەزكۇر تەرجىمە شىنجاڭ مائارىپ گىزىتىنىڭ 11-نۇيابىردىكى سانىغا بېسىلغان)

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:55:00

ياخشى ھېكايىكەن...ھارمىغايسىز.

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:55:02

ياخشى ھېكايىكەن...ھارمىغايسىز.
بەت: [1]
: ئىشىنىشكە سازاۋەر بولۇشمۇ بىر خىل بەخىت