ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:33:48

لوقمان دوختۇرخانىسىدا 3 كۈنلۈك بولغان بۇۋاقنىڭ كۆكرەك بوشلۇقىغا

دوختۇرخانىمىزدا 3 كۈنلۈك بولغان بۇۋاقنىڭ كۆكرەك بوشلۇقىغا تۇلۇپ قالغان ھاۋا چىقىرىۋېتىلدى.
بۇ خىل كىسەللىك بۇۋاقلاردا ئاز ئۇچرايدىغان،قوزغىلىشى تېز،خەتەرلىك نىسپىتى يۇقىرى بولغان كىسەللىك بۇلۇپ،كىلىنكا سەۋەبىدىن،كىسەللىك سەۋەبىدىن،ئۆزلىكىدىن ياكى ئالاھىدە سەۋەبتىن پەيدا بولىدۇ.بۇۋاقلاردا نەپەس نۇرمال بولماسلىق،چۈچۈپ كىتىش،بىر تەرەپ ياكى ئىككى تەرەپ كۆكرەك قەپىزى چوقچىيىپ چىقىش،يۈرەك رېتىمى تىزلىشىپ كىتىش،قان بېسىمى ئاۋۋال ئۆزلەپ،ئاندىن چۈشۈپ كىتىش،بېسىم سەۋەبىدىن يۈرەك ئورنى ئۆزگىرىپ كىتىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۈرۈلىدۇ.بۇۋاق تۇغۇلۇپ،دەسلەپ يىغلىغاندا،نۇرمال يىتىلەلمەي قالغان ئۆپكە دىۋارى،ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى،ھاۋا بېسىم سەۋەبىدىن،پۈۋەكچە دىۋارى ئېتىلىپ كۆكرەككە ھاۋا چىقىپ كىتىدۇ.
كىسەللىكنى بايقىغاندا،دەرھال تىزدىن داۋالاشقا تەدبىر قوللىنىپ،كۆكرەك بوشلۇقىدىكى ھاۋانى بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاش كىرەك.ئۇنداق بولمىغاندا،بۇۋاق تىنىگە قان ، ئوكسىگىن يىتىشمەسلىك سەۋەبىدىن يۈرەك،نەپەس يوللىرى زەئىپلىشىپ،بۇۋاق مىڭىسىگە،شۇنداقلا ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كىلىدۇ……



تېخىمۇ كۆپرەك ئۇچۇرلارغا ئىگە بۇلاي دىسىڭىز،لوقمان تورىغا مەرھەممەت!
  www.lokman.cn

boran0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 18:19:57

ھەر ھالدا «كېسەلگە ئامال قىلىپ ئادەمنى قۇتقۇزۇش»تەك دوختۇرلۇق مەسئۇلىيىتىنى موۋەپپەقىيەتلىك ئادا قىپتۇ.
شۇ دوختۇرخانىدىكى بارلىق دوختۇر- سېستىرالارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ- دىيانەت، كەسپىگە يەنىمۇ تەرەققىيات تىلەيمىز

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 18:52:51

بەزى كىنولاردىكى ئادەمنىڭ كۆكرىكىگە شىپىرىسنى چىڭ ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ تۇرۇپ قالغان ھاۋانى چىقىرىۋېتىدىغان ئىش شۇمۇ نېمە،  ماشىنا ۋەقەسىگە يولۇققانلاردا كۆپ ئۇچرايتتى

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:45:39

ماۋزۇ باشقا مەزمۇن باشقا.

buyukturn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:41:05

ھەب بىلىۋالدۇق .

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 07:28:37

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:03:49

dolqun يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 20:45 static/image/common/back.gif
ماۋزۇ باشقا مەزمۇن باشقا.

شۇ كىسەللىك ئەھۋالىنى بىلىۋالسۇن دەپ بەزى مەزمۇنلارنى قۇشۇمچە قىلىپ يوللاپ قويدۇم......نۇقۇل ئېلان تۈسىنى ئېلىپ قالمىسۇن،دىيارىمىزدىمۇ مۇشۇنداق يىڭى تۈرلەرنىڭ بارلىقىنى بىلىۋالسۇن دەپ ئويلاپ يوللاپ قويدۇم بۇرادەر

ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 08:08:55

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 07:28 static/image/common/back.gif
ياخشى ئۇچۇركەن .
لوقمان دوختۇرخانىسىدا بالىلار بۆلىمى ...

دوختۇرخانىمىز گەرچە بىر ناھىيەگە جايلاشقان بولسىمۇ بىراق،دوختۇرخانىمىزدا 10 نەچچە كىلىنكىلىق بۈلۈم،10 نەچچە قۇشۇمچە تەكشۈرۈش بۈلۈملىرى ۋە مەمۇرىيەت،مالىيە،ئارقا سەپ،ئۇچۇر بۈلۈملىرىدىن ئىبارەت بۈلۈملەر تەسىس قىلغان بۇلۇپ،دوختۇرخانىمىزغا،يېقىن قوشنا ناھىيەلەردىن،سىرت،گۇما ،قاغىلىق،پوسكام،قەشقەرتەرەپلەردىن،ئاقسۇ تەرەپلەردىن ،كورلا تەرەپلەردىن كىلىپ داۋالىنىپ،كىسىلىگە (بىرىنجىدىن ئاللاھ،قالغىنىغا بىزنىڭ  دوختۇر-سىستىرالىرىمىزنىڭ كۆڭۈل قۇيۇپ داۋالاپ،پەرۋىش قىلىشى)شىپالىق تېپىپ كىتىدىغانلار كۆپ.............

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:06:49

ئالدى بىلەن بوۋاقنىڭ ئۇتۇقلۇق قۇتقۇزۋېلىنغىنىغا مۇبارەك بولسۇن ! تېخنىكاڭلار ئۆسۈپ بېرىۋېتىپتۇ، بالىلار، بولۇپمۇ بوۋاقلارنىڭ كېسىلىنى داۋالاش تەس،مەسئۇليەتچانلىقى كۈچلۈك بولىدۇ، داۋاملىق ئالغا باسقايسىلەر.

سۈرەتنى كۆرۈپلا كاللامغا كەلگەن بىر نەچچە نوقتىلارنى دەپ ئۆتسەم:
1. سۈرەتتىكىسى ICU مۇ ياكى ئادەتتىكى ياتاقمۇ ؟ھىچ بولمىغاندا ئايرىم كۆزىتىلىدىغان ئۆيدەك تۇرىدۇ،شۇنداق بولسا  ئادەملەر بەك كۆپ كىرىۋاپتۇ، خالات كەيگەن بىلەن ئايىغىنى يەڭگۈشلىمەپتۇ،بەزىلىرى ماسكا تاقىماپتۇ،تازىلىق بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
2. بىر كېسەلگە بىر سىستېرا مەسئۇل بولىشى كېرەك ئىدى، بولۇپمۇ بوۋاققا، قارىسام دوختۇر ئالماشمىغان بىلەن سىستېرا ئالمىشىپتۇ.
3. ياندا قويۇقلۇق تۇرغان تارازا نىمە ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدۇ ؟ ئەگەر بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىگەن بولسا مۇۋاپىق بولماپتۇ، بۇ تارازىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن،مەخسۇس بوۋاقلارنىڭ ئېغىرلىقنى ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدىغان تارازا بار، شۇنى ئىشلەتسەڭلار مۇۋاپىق.
بەت: [1]
: لوقمان دوختۇرخانىسىدا 3 كۈنلۈك بولغان بۇۋاقنىڭ كۆكرەك بوشلۇقىغا