attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:53:09

توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار ئۇچۇن ئەپچىل چارە تەبىرلەر

ئىنتىرنىڭ يەنە بىر ياخشى تەرىپى بولسا توردىن مال سىتىۋېلىش ۋە مال سىتىش بولدى،كۆپلىگەن تورداشلارغا بۇ يات ئەمەس شۇنداقلا بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا نۇرغۇنلىغان قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى .ئەتراپىدىن تاپقىلى بولمايدىغان ياكى زىيادە قىممەت نەرسىلەرنى توردا سېتىۋىلىش ئارقىلىق ئازراق پۇل تىجەپ قالغىنى بولىدۇ،ئەمما بەزىبىر نوقتىلاردا كەتكۇزۇپ قويۇلسا زىيان تارتىشمۇ كىلىپ چىقىدۇ.
تۆۋەندە مەن توردىن مال سېتۋىلىشتىكى ئەپچىل چارە ۋە ئۇسۇللارنى ئۆزەمنىڭ تەجرىبەمگە ئاساسەن سۆزلەپ ئۆتىمەن.
1.تاۋباۋدىكى ئەزالىق نۇمۇرى ئارقىلىق تىيەنماۋ ۋە ئالىبابالاردا مال سېتۋالغىنى بولىدۇ.
لىكىن 3خىل بىخەتەرلىك مەخپى نۇمۇرى كىتىدىغانلىقى ئۇچۇن ئايرىم ئايرىم بىريەرگە خاتىرلىۋالغان ياخشى،چۇنكى ئۇزۇن ۋاقىت كىرەلمەسلىك ياكى مەخپى نۇمۇرلارنى ئالماشتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۇچۇن.(دىققەت باشقىلار بىلىپ قالمايدىغان مەخپىي يەردە ساقلاڭ)
2.مال ئالماقچى بولسىڭىز ئىلىشتىن بۇرۇن شۇ ئالماقچى بولغان مالنىڭ ئاستىدىكى 找同款دىگەن خەتنى بىسىپ ئاشۇ تۇردىكى بارلىق ماللارنىڭ باھاسىنى كۆرۇپ سىتۋالسىز،ئۇنداق بولغاندا ئازراق پۇل تىجەپ قالغىنى بولىدۇ.







ئۆزىمىنىڭ تاللىغان باھاسىدىكى مالنى ئالماقچى بولغاندا چوقۇم باشقىلارنىڭ بەرگەن باھاسىنى بىر قۇر كۆرۇپ چىقىشىمىز كىرەك ،بۇنداق بولغاندا مال رەسىمدىكىدەك ياكى ياخشى چىقماي مال قايتۇرۋىتىشتەك ئاۋارچىلىقلار ئاز بولىدۇ.
ئالدىغان مال بىكتىلگەندىن كىيىن چوقۇم ئالىۋاڭۋاڭ ئارقىلىق مال ساتقۇچى بىلەن ئالاقىلشىمىز چۇنكى مالدىن كاشىلا چىقىپ مال ساتقۇچى ئىگە بولمىغان شارائىتتا ئەرىز سۇنۇلسائالىۋاڭۋاڭدىكى سۆزلەشكەن خاتىرە پاكىت بولىدۇ،كىيۇ كىيۇ ۋە باشقىلار ئىناۋەتسىز.
ئەڭ مۇھىمى مالنىڭ بار يوقلىقىنى بىلىش (بەزى مال يوق دۇككانلار نەچچە كۇن مال سالماي كاشىلا قىلىدۇ)ئاندىن قايسى تىز پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتىدىغانلىقىنى سورايمىز.مەسلەن emsدۆلەت پوچتىسى سۇرىتى ئىنتايىن ئاستا 10كۇندىن20كۇنگىچە يىتىپ كىلىدۇ.باشقا تىز پوچتىلار ئاسالىقى 3كۇندىن تارتىپ 7كۇنگىچە قولىغا تىگىپ بولىدۇ.قالغان مەسىلىلەرنى ئەھۋالغا قاراپ سورىساق بولىدۇ.مالنى سېتىۋالىدىغان ۋاقىتتا مالنىڭ باھاسى يۇقۇرى ياكى قارشى تەرەپ 保险险 قاتمىغان ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم تۇۋەندىكى رەسىمدىكىدەكتاللايمىز.بۇنداق بولغاندا سىز تاپشۇرغان پۇل تولۇق قايتىپ كىلىدۇ،بولمىسا قارشى تەرەپ مال سالغان ھەققى ئۇچۇن پۇل تۇتۇپ قالىدۇ.




2.مال قولىمىزغا تەككەندىن كېيىن مالنىڭ سۇپىتىگە، ۋاقتىغا، رەسىمدىكىدەك ياكى ئەمەسلىكىگە قارايمىز ،كىيىم كىچە ۋە باشقا بويۇملار بولسۇن ماركىسىنى ئالدىراپ سۆكىۋىتىشكە بۇزۇپ مەينەت قىلۋىتشكە بولمايدۇ ،بولمىسا قارشى تەرەپ قايتۇرۇشقا قوشۇلمايدۇ.ئادەتتە قىممەت تىلفۇن داڭلىق ماركىلىك كىيىم كىچەك ۋە بويۇملاردا يالغان ياكى راس ماللىقىنى ئىسپاتلايدىغان نۇمۇر بولىدۇ، ئۇنى تىلفۇندا 2لىك كودنى سېكىنىرلاش ئارقىلىق ياكى شۇ مالنىڭ ئورگان توربىتىگە كىرىپ جەزمەنلەشتۇرۇش ئارقىلىق ئىسپاتلىغىنى بولىدۇ.
ئەگەر مال كۆڭلىمىزدىكىدەك بولغان بولسا 确定收货نى بىسۋىتىمىز،كۆپىنچە سېتىۋىلىنغان ماللارنىڭ 7كۇندىن تارتىپ 15كۇنگىچە قايتۇرۇش مۆھلىتى بار .
ياخشىى باھالىسىڭىزنەق پۇل قايتۇرىمىز دىگەن ئەسكەرتىش بار بولسا ، باھالىغان ئادرىسنى ۋە پۇل گۆھىرى نۇمرىمىزنى ئۇلارغا ئەۋەتسەك ساتقۇچى دىگەن پۇلنى سىزگە ئۇرۇپ بىرىدۇ.
ئەگەر ماللار كۆڭۇلدىكىدەك بولماي ياكى ياختۇرمىغان، ساختىلىق بار بولسا退款نى بىسىپ مالنى قايتۇرىمىز چوقۇم ئەۋەتكەن سوۋغاتلىرىنىمۇ قوشۇپ سالىسىز. قارشى تەرەپ قوشۇلۇشنى بىسىپ بولغاندىن كىيىن مالنى ئۆزىمىزگە يىقىن ئەتراپتىكى تىز پوچتىغا سېلىۋىتىپ تالوندىكى تىزىم نۇمۇرى 单号نى قايتۇردىغان يەرگە تولدۇرۇپ جەزىمەشتۇرىمىز.
سۇرۇك ۋاقتى 10كۇن قارشى تەرەپ مالنى تاپشۇرۇپ ئىلىپ بىسۋەتمىسىمۇ 10كۇندىن كىيىن ئۆزلىكىدىن پۇلىڭىز پۇل گۆھىرىگە قايتىپ كىلىدۇ.
3.ئالىبابادىكى مال سېتىۋىلىش قائىدىسى ئوخشاش ،بىراق مال ئالىدىغان ۋاقىتتا ئوبروت ھەققىنى قارشى تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ جەزمەنلەشتۇرۇڭ.ئەگەر سىزنىڭ مال ئوبروت ھەققىنى مال تاپشۇرۇپ ئالغاندا تۆلىشىڭىزنى ئىيىتسا قانچە پۇل تۆلىشىڭىزنى سورىۋىلىڭ چۇنكى بەزى ماللارنىڭ ئوبروت ھەققى سىز ئالغان ماللاردىن قىممەت بولۇپ كىتىپ قالىدۇ.ئەگەر مالنى ساتقۇچى ئۆزى تۆلەپ مال سېلىشنى ئىيىتسا لىكىن مال تاپشۇرۇپ ئالىدىغان ۋاقىتتا ئوبروت شىركىتى سىزدىن يەنە ھەق تەلەپ قىلسا سىز مال ساتقۇچىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋالنى ئىيتىڭ .ئۇ سىزگە قانچە پۇل تۆلىسىڭىز مەن ئۇرۇپ بىرەي دەپ جەزمەنلەشتۇرگەندە ئاندىن پۇلنى تۆلەپ مالنى ئىلىپ كىتىڭ قوشۇلمىسا مالنى قايتۇرۋىتىدىغانلىقىڭىزنى ئىيتىڭ.
4.قارشى تەرەپ مالنى سالمىغان ياكى مال يوق سەۋەبىدىن مال سىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا پۇلىڭىز سىزگە تولۇق يىتىپ كىلىدۇ، لىكىن سىز چوقۇم قايتۇرغان ۋاقىتتا 运费دىگەن ئورۇنغا سىزنىڭ ئوبروت ئۇچۇن تۆلىگەن پۇلىڭىزنى يىزىپ قويۇڭ بولمىسا مال ھەققى قايتىپ كىلىپ كىرا ھەققى قارشى تەرەپتە قالىدۇ.




مەنبە:ئۆزۇم
(ھەممە قائىدە ۋە ئۇسۇللارنى تولۇق يازمىدىم .باشقا تۇرىدىكى چۇشىنەلمىگەن مەسلىلەر بولسا ئىنكاس ئارقىلىق سورىسا بولىدۇ.)

umut33 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:22:44

ياخشىكەن

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:47:42

مەنمۇ بىلوگىمدىكى مۇناسىۋەتلىك يازما بىلەن تولۇقلاپ قوياي :


تاۋباۋدىن مال سېتىۋىلىشتىكىئون تەجرىبە

بىرىنچى تەجرىبە: ھالقىلىق سۆز 关键字دىن پايدىلىنىش

ئەگەر بىر مالغا كۆزىڭىز چۈشكەن بولسا، شۇ مالغا مۇناسىۋەتلىك ھالقىلىق سۆزلەرنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ، تاۋباۋ توربېكىتىنىڭ ئىزدەش ماتۇرى ئارقىلىق ئىزدەپ كۆرۈڭ. سىز جەزمەن نۇرغۇنلىغان ئوپمۇ-ئوخشاش ماللارنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز. ھىم، شۇنىڭدىن كېيىن سىز«باھاپەرقى بويىچە تېزىش» ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، يۇقىرى باھادىن تۆۋەن باھاغا ياكى تۆۋەن باھادىن يۇقىرى باھاغا قارىتا تېزدۇرۇپ كۆرۈڭ، شۇ ئارقىلىق باھاسى ئەڭ مۇۋاپىقىنى تاپالايسىز.

ئىككىنچى تەجرىبە: مال مەنبەسى ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن

كېيىم-كىچەك سېتىۋالغاندا شۇنى بايقايسىزكى، نۇرغۇن دۇكانلارئىشلەتكەن رەسىم، مودىل قاتارلىقلار ئوپمۇ-ئوخشاش، شۇڭا بەزىدە تورداشلارئۇدۇللا: تاج دەرىجىلىك دۇكاندىكىسى ئالماس دەرىجلىكنىڭكىدىن ياخشى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلايدۇ. خاتالاشتىڭىز، ئەمەلىيەتتە ھەممىسى ئوخشاش، رەسىم، مودىل قاتارۋە ئۇلارغامۇناسىۋەتلىك ماللار بىر شېركەت تەرىپىدىن تەمىنلىنىدۇ. ھازىر تاۋباۋدىكى نۇرغۇن ساتقۇچىلار ئاساسەن بىۋاستە زاۋۇدتىن ياكى ۋاكالەتەن توپ تارقىتىش شېركەتلىردىن مال سالىدۇ، مال مەنبەسى بولغان زاۋۇدلار بولسا سۈرەتكە ئېلىش، مودىل، ئوبرازۋاكالەتچىسى ئىزدەش قاتارلىقلارنى ئۈستىگە ئالىدۇ. تاۋباۋدىكى ساتقۇچى دۇكاندار بولسا پەقەت ۋاكالەتەن ساتقۇچى خالاس. شۇڭا بايامقىدەك ئۇچۇرلىرى ئوخشاش بولىدۇ. لېكىن تاۋباۋدىكى باھاسى بەزىدە نەچچەيۈز يۈەن پەرىقلىنىپ كېتىدۇ.

ئۈچىنچى تەجرىبە.ھەقىقى ماركىلىق تەنھەرىكەت ئايىقى ساتقۇچىلار بەك ئاز

ھەقىقى ماركىدىكى تەنھەرىكەت ئاياقلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرىدا بەكلا قىممەت بولغاچقا نۇرغۇن دوستلار ھازىر تاۋباۋدىن سېتۋىلىشقا يۈزلەندى. لېكىن تاۋباۋدا سېتىلىدىغان ھەقىقى ماركىدىكى تەنھەرىكەت ئاياقلىرى ئىنتايىن ئاز، كۆپىنچىسى فۇجىيەن قاتارلىق جايلاردا ئىشلىنىۋاتقان تەقلىدىي ماللار. يەنە بىر ئىشقا دېققەت قىلىڭ، ھەقىقى ماركىلىق تەنھەرىكەت ئاياقلىرىدا يىرىم رازمىر بولىدۇ، لېكىن تەقلىدىي ئاياقلاردا ئۇنداق رازمىر پەرقى بولمايدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاياقغا دائىر سۈپەت ئانالىزلىرى، ساختا-ھەقىقى ئاياقلارنىڭ سىلۇشتۇرما رەسىملىرى تەمىنلەنگەن بولغاچقا كۆزىمىز تېخىمۇ غەلەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇيەردە پەقەت ئىنچىكە كۈزىتىش ۋە ئۆتكۈر زىھنىمىزگە تايانمىساق بولمايدۇ.

تۆتىنچى تەجرىبە. تاۋباۋدىكى بەزى كېيىملەرنى قەتئى ئالالمايسىز

بۇگەپنى ئۇ كېيىملەرنىڭ قىممەتلىكىدىن ئېيتمىدۇق، بەلكى باشقىچە مەزمۇنى بار. سىز كېيىم-كېچەك ژورناللىرىنىڭ مۇقاۋىسىدا كۆرگەن بەزى ئالى سۈپەتلىك، مودا كېيىملەرنى تاۋباۋدا بايقاپ قالىسىزدە، باھاسىنىڭ مۆلچەرىڭىزدىكىدىن بەكلا ئەرزان ئىكەنلىكنى بايقاپ گۈلقەقەلىرىڭىز ئېچىلىپ كېتىدۇ. ھى ھى… بولدى، قىلىڭ! بۇكېيىملەرنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئوخشىتىپ تەييارلانغان، تەقلىدىيسى خالاس.
تاۋباۋدا بۇنداق كېيىملەر كۆپ، باھاسى نەچچە ئون يۈەن، نەچچە يۈزيۈەن بولۇپ، ئەمەلىيەتتە سەللا سەگەك بولساق گۇمانىمىزنى قوزغايدۇ. كېيىم -كېچەك زاۋۇدلىرىمۇ ئەلۋەتتە ژورنال كۆرەلەيدۇ-دە، ئۇلار مەلۇم خىل داڭلىق ماركىدىكى، ياكى ئالى سۈپەتتىكى كېيىمنىڭ سۈرىتىگە ئاساسەن كېرەكلىك ماتېرىياللارنى تەسەۋۋۇرى بويىچە تەييارلاپ، شۇنىڭغا ئوخشاش قىلىپ ئىشلەپ چىقىدۇ. شۇڭا بەزى كېيىملەرژورنالدا كۆرگىنىڭىزگە ئوخشاش، ئەمما تېكىلىشى دېگەندەك ھالقىلاردا زور پەرق بار، سىز تاۋباۋدا كۆرگەندە زىلۋا قىزچاقلار كېيىۋالغان بولسا، قولىڭىزغا تېگىدىغىنى ھامىلدار ئايالنىڭ كېيىمى بولۇپ چىقىدۇ.

بەشىنچى تەجرىبە. ئەرەنچە كېيىملەرنىڭ تەقلىدىيسى بەك كۆپ

ئەرەنچە كېيىم سېتىۋالماقچى بولغان بۇرادەرلەر دىققەت، نۆۋەتتە تاۋباۋدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىۋاتقان چوڭ كېىم-كېچەك دۇكانلىرىنىڭ 95% تى تەقلىدىي كېيىمگە تايىنىدۇ. باھاسىغا قاراڭ، ئادەتتە ھەممىسىلا دېگۈدەك پۇكەي باھاسىدىن بىراقلا ئىككىگە سۇندۇرۇلغان دېگەندەك بولىدۇ. لېكىن، پۇكەي باھاسى بىلەن توردۇكىنىدىكى باھا پەرقى كۆزىڭىزنى توسىۋالمىسۇن. يۈزنەچچە يۈەنگە JACK JONES,G-STAR دېگەندەك داڭلىق ماركىلىق كېيىملەرنى سېتىۋىلىش؟! نەدىمۇ شۇنداق ياخشى ئىش بولسۇن؟! سەگەك بولۇڭ.


ئالتىنچى تەجرىبە. گېرىم بۇيۇملىرىدا يەڭگىلتەكلىك قىلىشقا بولمايدۇ

نۆۋەتتە نۇرغۇن خانىم -قىزلار توردىن گىرىم بۇيۇملىرى، ھۆسىن گۈزەلەشتۈرۈش بۇيۇملىرى سېتىۋالىدىغان بولۇپ كەتتى. تەكشۈرۈش دوكىلاتلىرىدىن قارىغاندا بۇ تۈردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ پەقەت20% لائەسلى ماركىدىكى مەھسۇلات ئىكەن. كاپالەتلىك مەھسۇلات، ئېستىمال كاپالىتىغا ئىگە دۇكاندار، ئاۋال مالىنى سىناپ پۇل تاپشۇرۇش ..قاتارلىقلار خانىم-قىزلارنىڭ راست-يالغاننى پەرق ئېتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ.
مۇنداق ئويلاپ بېقىڭ، بىرتۈرلۈك بۇيۇم مەخسۇس سېتىش ئورنىدا 500 يۈەن، تاۋباۋدا بولسا 200 يۈەن . ئۇنداقتا بۇ ماركائۆز بازىرىنى ئۆزى قالايمىغان قىلىۋاتامدۇ؟ بۇخىل مەھسۇلاتنىڭ مەخسۇس سېتىش ھوقۇقىنى ئالغان مەخسۇس سېتىش ۋاكالەتچىلىرى قانداق قىلىدۇ؟

يەتتىنچى تەجرىبە. ھاراق-تاماكىغا كەلگەندە، تاۋباۋ نەق ساختا ماللار بازىسى

نۆۋەتتە تاۋباۋ ھاراق -تاماكا مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشنى توختىتىشنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا بىرقىىسم كىشلەر شۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ.
مەسىلەن ؛ تاۋباۋدا بىر پوتۇلكا چىۋاس ھارىقى ئاران 50 نەچچە يۈەن، ئەمما سېتىش ئورنىدا نەچچە بىلەمسىز؟ئۆزىڭىز توردىن ئىزدەپ بېلىۋىلىڭ.

سەككىزىنچى تەجرىبە. يانفۇن سېتىۋىلىشتا ئالاھىدە دېققەت قىلغۇلۇق

يانفۇن تاۋباۋدىكى ئەڭ ئاساسلىق مەھسۇلاتلارنى بىرى، تاغتۇرا يانفۇنلارنى دېمەيلا تۇرايلى، ئەشۇ داڭلىق ماركىلىقلارمۇ ئاساسەن سۇ مىلى بولۇپ كەتتى!
سۇمىلى يانغۇنلىرىنى قانۇنلۇق سېتىلىۋاتقان يانفۇنلاردىن بەكلا ناچار دېگىلىمۇ بولمايدۇ، ئەمما سېتىۋالغاندىن كېيىن جەزمەن جاپاسى كۆپ بولىدۇ. خىلى كۆپ ساندىكى قانۇنسىز ساتقۇچىلار قايتايېڭىلانغان يانفۇن سېتىپ بېرىدۇ. دوستلار يانفۇننى قولغا ئالغاندىن كېيىن، ئالدىراپ جەزىملەشتۈرمەسلىكى لازىم، ئالدى بىلەن يانفۇننىڭ مېتال ئېغىزلىرىغا دېققەت قىلىڭ، سۇۋالغان ئىزنالار بارمۇ-يوق؟ باربولسا دېمەك قايتا يېڭىلانغان مال. ئۇنىڭدىن كېيىن مەھسۇلات چاتما نومۇرىنى تەكشۈرۈڭ. ئۇنىڭدىن باشقا سۇمىلى يانفۇنلىرىنىڭ زەرەتلىگۈچى، باتارىيىسى، تېڭشىغۇچى دېگەندەك سەپلىمىلىرىدە كاشىلا كۆپ بولىدۇ، شۇڭا بۇ سەپلىمىلەرنىمۇ ئىنچىكە تەكشۈرۈڭ.

توققۇزىنچى تەجرىبە. بىر بىلەرمەن خىرىدار بولۇڭ

تاۋباۋدىن مال سېتىۋالغاندا ئاز تولا تەجرىبە ئۆگېنىپ، بىلەرمەن بولۇۋىلىڭ. ھېچ بولمىغاندا مال ساتقۇچى بىلەن سۆزلىشىپ، ئەگەر تاۋار دېگەن يېرىڭىزدىن چىقمىسا ناچار باھالايدىغانلىڭىزنى ئېيتىپ قويۇڭ. تاۋباۋ دۇكاندارلىرى ناچار باھادىن بەك قورقىدۇ. ساختا مال ساتىدىغانلارنىڭ يۈرىكى ھەرھالدا پوك-پوك بولىدۇ، شۇڭا ھاڭۋاقتىلىقنى تاشلاپ، سەل بىلەرمەن بولۇڭ. شۇنداق قىلىسڭىز ئۇلار بەزىدە قورقۇپ كېتىپ مال قالمىدى دەپلا قۇتۇلۇشىمۇ مۇمكىن ھى ھى…

ئونىنچى تەجرىبە. تاج ، ئالماس، ياخشى باھا

بەزى دوستلار ئۆزىچە دۇكاندارنىڭ تاج، ئالماسلىرىغا قاراپ شۇ دۇكاننىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسىنى بېكىتىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ بەكمۇ چوڭ ئەھمىيىتى يوق، بەزىلەر تۈرلۈك چارىلەر بىلەن بۇخىل دەرىجىسىنى ئاشۇرىۋالالايدۇ. سىز ئەڭ ياخشىسى خىرىدارلارنىڭ باھاسى ۋە قالدۇرغان سۆزلىرىگە دېققەت قىلىڭ بۇنىڭ ھەرھالدا رولى بولىدۇ.
بەزىدە نەچچە تاجلىق بولۇپ كەتكەن دۇكانلارغا كىرسەك، دۇكاندار بەكمۇ سەمىمىيدەك تۇيغۇ بېرىدۇ، ئەمما تۆۋەنگە چۈشۈپ خىرىدارلارنىڭ باھا سۆزلىرىنى ئوقۇپ چىقسىڭىز چۆچۈپ كېتىسىز.

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:49:11

بۇ يازما ياخشى بوپتۇ مۇشۇ باھانىدە سورىۋالاي ،مۇشۇنداق نەرسىنى نەدىن سېتىۋالغىلى بولىدۇ ،ئاقسۇنىڭ نەرىدىن تاپالايمەن،مۇشۇنداق نەرسە ساتىدىغان ئورۇنلارنى ئۇچراتقانلار بولساڭلار بىر ياردەم قىلساڭلار.بەك ئىزدەپ كەتتىم.


pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:04:52

xaqanjan يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 16:49 static/image/common/back.gif
بۇ يازما ياخشى بوپتۇ مۇشۇ باھانىدە سورىۋالاي ،مۇشۇندا ...

بۇ نەرسە بەك كىرا يەپ كىتەرمىكىن، ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭدا سېتىش نوقتىسى بولسا شۇ يەردىن ئالسىڭىز بولغۇدەك .
http://detail.1688.com/offer/40011401813.html

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:09:49

pis-pas يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 17:04 static/image/common/back.gif
بۇ نەرسە بەك كىرا يەپ كىتەرمىكىن، ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭد ...

شۇنداق تاۋباۋدا بىركەن بۇ، بىراق كىرايەپ كېتىدىكەن.شۇڭا ئاقسۇدا بارمىكىن دەپئىزدىدىم تاپالمىدىم،ئەمما مۇنداق قارىسام ئاقسۇدا مۇشۇنى ئىشلىتىۋاتقان خەنزۇلار باركەن،ئۇلاردىن نەدىن تاپقىلى بولىدىغانلىقنى سورىسام دەپ بەرمىدى. (يازدا مىۋە چىۋە توپ تارقىتىش بازىرىدا جىق كۆرگەن ،ھازىر يوقكەن )كۆپنىڭ ئەقلى كۆپچە،كۆرگەن بىلگىنىمۇ كۆپ بولغاچقا مۇشۇ باھانىدە ئىزدىنىشتىكىلەردىن ياردەم سورىشىم.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:13:48

ئەتىرنىڭ يوللىغان تىمىسى ھەقىقەتەن پايدىلىق ئىكەن.

رەھمەت ئەتىر قىز.

izdan0998 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:18:14

xaqanjan يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 16:49 static/image/common/back.gif
بۇ يازما ياخشى بوپتۇ مۇشۇ باھانىدە سورىۋالاي ،مۇشۇندا ...

بۇنەرسە بىنالارنىڭ سرتىغا ئىسسىقلىق ساقلاشئۈچۈنچاپلىنىدىغان ‹‹پو›› غا ئوخشاشكەن،سىز ئاقسۇدىكى قۇرلۇش ماتىرياللىرى زاۋۇتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ بېقىڭ .شۇلار ياسايدۇ ،بەك قىممەتمۇ ئەمەس

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:19:47

مەن سىستىمىلىق قىلىپ سۆزلىمەي زاغرا تىل بويىچە چۇشەندۇردۇم ،يىزىقتىن ئانچە خەۋىرىم بولمىغاچقا ئانچە سۆز ئىبارىلەر قاملاشمدى ھەقىچان.

begmurad يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:31:38

خېلى ياخشى چۈشەندۈرۈلگەندەك قلىدۇ، ئەتىرگۈل خاپا بولمىسا مەن كىچككىنە بايقاشنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن. Ubuntu mate ئۇبۇنتۇنىڭ بىر خىل ئۆزگەرتىلگەن ئورگان تەرەپ قوللايدىغان نۇسخسسى بۇلۇپ سەپلىمى ئىنتايىن تۈۋەن يەنى ئورگان تەرەپ 512 ئىچكى ساقلىغۇچ دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ. چۈشۈرۈش ئادىرىسى http://www.omgubuntu.co.uk/2014/11/ubuntu-mate-14-04-download-released

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:42:25

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:49:26

2525255 يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 19:42 static/image/common/back.gif
قانداق ئالىمىز ئەمسە؟ ئالمايلى دىسەك كۆنەپ قاپتۇق. لېك ...

توردىن ئالغانمۇ؟
مالنىڭ ساختا ياكى جىڭلىقىنى جەزمەنلەشتۇرگەنمۇ.

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:17:04

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:26:29

2525255 يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 20:17 static/image/common/back.gif
ماۋۇ بالامنىڭ بويى 185، ئۆزى 14ياش، بويى ئىگىز بولغاچقا...

ئامال بار توردىن قىممەت بىرنەرسە سىتىۋالماڭ ،چۇنكى بىز توردىن بىرنەرسە ئالساق ئەملىيەتتىكىىدىن ئەرزان دەپ ئالىمىز ،ھازىر بۇ بەسەيلەرنىڭ دوراپ ياساش تىخنىكى ئىشىپ كەتتى ئاشۇ قىممەت ماركىلىك ئاياقلارنى ئوخشىتىپ ياساپ توردا ساتىدىغان شەخسىي زاۋۇتلار ئاز ئەمەس.تىلفۇن ۋە كىيىم كىچەك ماركىسى بەكلا ساختىلىشىپ كىتىپتۇ.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:45:14

attir يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 20:26:29 static/image/common/back.gif


ئامال بار توردىن قىممەت بىرنەرسە سىتىۋالماڭ ،چۇنكى ب
مەنپەئەتلىك تېما بوپتۇ، ئادەتتە مەنمۇ ئەتراپىمدىن تاپالمىغان ۋە ئىزدەپ تېپىشقا كۆزۈم يەتمىگەن نەرسىلەرنىلا توردىن ئىزدەيمەن. دېمىسىمۇ كۆپىنچە قىممەترەك ماللارغا كىرا پۇلىنى قوشساقلا ئەتراپىمىزدىنمۇ سېتىپ ئالالايدىكەنمىز، بۇ ھەم خاتىرجەم سودا بولىدىكەن.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:54:07

4.قارشى تەرەپ مالنى سالمىغان ياكى مال يوق سەۋەبىدىن مال سىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندا پۇلىڭىز سىزگە تولۇق يىتىپ كىلىدۇ، لىكىن سىز چوقۇم قايتۇرغان ۋاقىتتا 运费دىگەن ئورۇنغا سىزنىڭ ئوبروت ئۇچۇن تۆلىگەن پۇلىڭىزنى يىزىپ قويۇڭ بولمىسا مال ھەققى قايتىپ كىلىپ كىرا ھەققى قارشى تەرەپتە قالىدۇ.
سالمىغان مالغا كىرا تۆلەنمەس؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:57:52

dolqun يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 20:54 static/image/common/back.gif
سالمىغان مالغا كىرا تۆلەنمەس؟

سز مالنى ئالغان ۋاقىتتا كىرا نىڭمۇ ھىساۋاتىنى بىللە قىلىسىز ،مال ساتقۇچى ئادەتتە مالنى ئىلىپ 2كۇن ئىچىدە مال سالىدۇ،
تاۋباۋدا ئاساسلىقى كىراسى ھەقسىز ،لىكىن ئالىبابادا كىرانى ئۆز ئارا كىلىشىدۇ.

dolqun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:07:35

attir يوللىغان ۋاقتى2014-11-17 20:57 static/image/common/back.gif
سز مالنى ئالغان ۋاقىتتا كىرا نىڭمۇ ھىساۋاتىنى بىللە ق ...

ئەمدى چۈشىنىشلىك بولدى.

Turker يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:39:19

مەنغۇ 3500 يۇەنگە تېلېۋىزوردىن بىرنى ئالغان :o

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:58:42

كارتىنىڭ 2مەخپىي نۇمرى مال سىتۋىلىش ئۇچۇن كىتىدىغان 3مەخپىي نۇمۇر بولۇپ 5كەن.
مەن توردا كارتىغا سالىدىغان مەخپىي نۇمۇرنى ئۇنتۇپ قالدىم ،ئىشقىلىپ ئادەم يىزۋالمىسا چاتاق چىقىدىكەن.
بەت: [1] 2
: توردىن مال سېتىۋالغۇچىلار ئۇچۇن ئەپچىل چارە تەبىرلەر