ezimet7102 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:50:04

غەرب پۇتىننى يەكلىدى

غەرب پۇتىننى يەكلىدى
(ئەسلى ماۋزۇسى: غەرب G20 يېغىنىدا پۇتىننى يەكلەپ ئاچچىقىنى چىقاردى، روسىيەنى تەسلىم قىلىشقا بىرلىكتە بېسىم قىلدى)

"غەربنىڭ روسىيەگە بۇنداق ھۇجۇمى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىمۇ بولمىغان"، موسكىۋا ئەكىس سادا رادىئوسى 16- كۈنى "پۇتىن G20دىن جىددى ئايرىلدى" ناملىق ماقالىسىدە، ئوبامانىڭ نۇتقىدا روسىيەنى تەنقىد قىلغانلىقىنى ئېيتتى: "بىز ئېبولا غا ۋە روسىيەنىڭ ئوكرائىنا تاجاۋۇزىغا قارشى كۆرەشكە رەھبەرلىك قىلىۋاتىمىز". ئوبامانىڭ روسىيە تەھدىدى بىلەن ئېبولانى تەڭ ئورۇنغا قويۇشىغا قارىتا، روسىيە دوماسى خەلقىئارا كومېتىتىنىڭ رەئىسى Pushkov: "ئوبامانىڭ سۆزىدىن ھېچقانداق ئۈمۈدنى كۆرگىلى بولمايدۇ، شۇڭا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن قوزغاشقا ئىمكانىيەت يوق"، دىدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دىدى: " ئوباما نۇتقىدا، روسىيە بىلەن ئېبولانى يەنە بىر قېتىم تەڭ تىلغا ئالدى، IS ئۇنىڭ ئۈچۈن كىچىك تەھدىد. " بۇنداق ھۇجۇم سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىمۇ بولمىغان".

G20 ئۇچرۇشىشى ئىقتىسادى ھەمكارلىق يېغىنى تۇرسا، غەرب نىمە ئۈچۈن ئوكرائىنا مەسىلىسىدە خوجايىن بولىۋالىدۇ؟ جۇڭگو خەلق ئونۋېرىستىتى خەلقىئارا مۇناسىۋەتلەر ئېنىستىتۇتىنىڭ مۇئاۋېن باشلىقى جىن سەنروڭ 16- كۈنى "دۇنيا ۋاقتى" غا ئېيتىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك يېغىن خەۋپسىزلىك كۆلەڭگىسىدە چاقىرىلغان. غەربنىڭ ئوكرائىنا مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى ئوڭۇشلۇق بولمىغاچقا، مۇشۇ يېغىندىن پايدىلىنىپ، پۇتىننى يەكلەپ، ئاچچىقىنى چىقارغان.

غەربنىڭ G20 ئۇچرۇشىشىدا پۇتىنغا بېسىم ئىشلىتىشى، روسىيەنى سىياسىدا تەسلىم قىلىش ئۈچۈن! روسىيە ئالاقە خەۋەر تورى ئوبزورىدا مۇنداق دىگەن: " ئوكرائىنا ۋاقىئەسىدىن كېيىن، غەرب بىلەن روسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىگە ئوخشاپ قالدى. ئوباما روسىيەنى دۇنياۋى ئاساسى تەھدىد، دەپ ئەيىپلىدى. بۇ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنى ئەيپلىگەنگە ئوخشايدۇ". روسىيە مالىيە ئونۋېرىستىتى سىياسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سەلىم (Salim) نىڭ بىلدۈرىشىچە، غەرب ئەزەلدىن روسىيەنى بارابەر ھەمرا، دەپ قارىمىغان.

"يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېچىش كېرەكمۇ؟" ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە خەۋەرلەر تورى پۇتىننىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن ئايرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندا، مۇشۇنداق سۇئال قويغان. ئاۋىسترالىيە "ئالاقە پوچتىسى" شەنبەلىك سانىدا،  چوڭ كارتون رەسىم باش ئورۇنغا قويۇلغان: بىر روس ئېيىقى بىر كىنگورو بوكىسچىغا يۈزلەنگەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇسى- "مۇزدەك سوغۇق ئۇرۇش"

فرانسىيە خەلقىئارا رادىئوسىنىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دىيىلدى: سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئېغىر دەۋرىدىكىدەك، ئىككى تەرەپنىڭ سۆزلىرى گۇمان ۋە ئەيىپلەش بىلەن تولدى. لىكىن، كۆپ قىسىم تەھلىلچىلەر يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇنىڭدا بىر قانچە موھىم ئامىل بار. ئالدى بىلەن ناتۇ بىلەن ۋارشاۋا شەرتنامىسىدەك ئىككى ھەربى ئىتتىپاق مەۋجۈد ئەمەس؛ ئىككىنچىدىن، ئىدىئولوگىيىلىك قارشىلىق مەۋجۈد ئەمەس. بۇ يەردىكى زىددىيەت- تەسىر كۈچ تالاش- تارتىشى خالاس. مەزكۇر ئوبزوردا شۇنداق خۇلاسە قىلىندى: غەربنىڭ تەساددىپىلىق ھېس قىلغىنى، بېرلىن تېمى ئۆرۈلگەندىن كېيىن، غەرب بىلەن روسىيەنىڭ مۇناسىۋىتى مۆتىدىل كەيپىياتتا بولىشى كېرەك ئىدى. ئەمما، غەرب، روسلارنىڭ مىللەتچىلىكىنى تۆۋەن مۆلچەرلىدى. نۆۋەتتە روسىيەگە "بۈتۈك روسىيە چۈشى"گە ئىگە كىشى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە "سىلىق" بولىشى كېرەك بولغان مۇناسىۋەت، ئەكسىچە، قارشىلىشىشقا ئۆزگەردى. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ياۋروپا ئاستا- ئاستا يېمىرىلدى. "سوغۇق- مۆتىدىل" رامكا يېڭىدىن قۇرۇلدى. ئۇشبۇ رامكىدا ھەمكارلىق ئاللا بۇرۇن ئالدىنقى شەرت بولماي قالدى.
http://mil.sohu.com/20141117/n406098775.shtml

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:09:59

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

پۇتۇنجان ساھىپخانغا ئۆزرە قويۇپلا جىددى ئىشىم چىقىپ قالدى دەپ سورۇن تۈگىمەستىنلا قىچىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەسكەندە :lol

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:16:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 15:19  

بۇ مۈشۈككۆز شۇنداق دەپ ئاۋىينىڭ بارىدا قېچىۋالمىسا كېيىن بۇنىڭدىن ئۆتە گەپلەرنى ئاڭلاپ قېلىشىنى پەملىگەن گەپ:lol

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:25:36

:lol

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:26:42

غەرپ يەكلىگەن بولسا ،قوينىغا ئالىدىغاندىن ھېلى بىرسى پەيدا بولىدۇ مۇشەگە

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:27:13

بىر روس ئېيىقى بىر كىنگورو بوكىسچىغا يۈزلەنگەن. ئۈستىدىكى ماۋزۇسى- "مۇزدەك سوغۇق ئۇرۇش"

بۇلار بىرەر قەپەس تۇتۇشىپ قويمىدىيا ؟ :lol

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:34:48

دۇنيا بويىچە ئالدىنقا قاتاردىكى دۆلەت رەھبىرنى مۇنداق تىزىپ قويسا، كىمنىڭ تۇرغۇسى كېلىدۇ.

qoghun يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:44:01

Bu temimu Chek liner Miki, rubli temisidek

yuwax0999 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:46:26

غەرىپ ئوكرائىنا مەسلىسىدە رۇسىيەنى قانچىلىك يەكلىيەلەر ئىقتىسادى جازاسى ئۇنۇم بەرمەي رۇسىيە داۋاملىق ئوكرائىنا زىمننى يۇتۇۋىلىشى ئۇچۇن ھەركەت قىلسا  غەرىپ قانداق قىلار ؟تىخى ياۋرۇپا ئىتتپاقىغا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك تەشكىلاتى ئەزاسى بولمىغان ئوكرائىنا ئۇچۇن رۇسىيەگە جەڭ ئىلان قىلارمۇ ؟ھەي تاڭ ،ئەڭ ئاخىرىدا ئوكرائىنا زىممىنىڭ پۇتۇنلىگىنى ساقلاش ئۇچۇن بولىدىغان ئۇرۇش ئوكرائىنا ھۆكۇمىتى ۋە ھەربىيلىرىنىڭ ئىشى بولوپ قىلىشى مومكىن؟

BlackHand يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:17:59

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   BlackHand تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 16:21  

چەت مەملىكەتلەردە ياتلار تەرىپىدىن يەكلەنسەڭ ھىچقىسى يوق. ئ‍ەمما ئ‍ۆز ۋەتىنىڭدە ياتلار تەرىپىدىن يەكلەنسەڭ دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ئ‍ىغىر كۈن يوق! نىمىلا دىگەن بىلەن سىنىڭ باغرى كەڭ، مىھرى ئ‍ىسسىق ئ‍ۆيۈڭ بار. بارغىن پۇتىن ئ‍وغلۇم ئ‍ىللىق ئ‍ائ‍ىلەڭ ساڭا كەڭ قۇچاق ئ‍ىچىپ تۇرىدۇ.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:20:35

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 15:09 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

پۇتۇنجان ساھىپخانغا ئۆزرە قويۇپل ...

ئەدەپكە چىقىپ كىرەي دەپلا غىپپىدە تىكىۋەتمەپتۇمۇ، سورۇندىن؟:lol

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 18:08:26

ئوكرائىنا ئىشىنىڭ دەسلىۋىدە غەرپ : روسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ داۋاتاتتى ،مانا ھازىر روسىيە ئېغىر ئىقتىسادى بەدەل تۆلەۋاتىدۇ.
ئەمدى ئوباما روسىيەنى پۈتۈن دۇنيا خەۋپسىرەيدىغان ۋىروس بىلەن تەڭ قويۇپتۇ. دېمەك پۇتۇنجاننىڭ بۇندىن كېيىنكى كۈنلىرى ئانچە ياخشى ئۆتمەيدىغان چىراي ،ئوكرائىنانى يۈتىۋىلىشقا يۈرىكى نېمىش قىلسۇن. غەرپنىڭ تېخىمۇ چوڭ مەقسىتى بولسا كېرەك. ئەمما كېين نېمە ئىش بولىدۇ بۇنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ھەممىسى ئىنسانچە پەرەز خالاس

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 18:19:36

پۇتىن بەكلا ئىچ مىجەز ئادەمكەن .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 18:29:39

pis-pas يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 15:34 static/image/common/back.gif
دۇنيا بويىچە ئالدىنقا قاتاردىكى دۆلەت رەھبىرنى مۇنداق ...

رەسىمدىكىلەرنى بىر ئىزاھلاپ قۇيۇڭە ، تۇنۇشۇۋالايلى ، مەنغۇ شى رەئىس بىلەن پۇتىننى تۇنۇدۇم ، بىرسى گىرمانىيە ئايال زوڭتۇڭى ئوخشايدۇ ، رومال ئارتىۋالغان سەئۇدى پادىشاھى شۇمۇ ، ئەڭ ئوتتۇرىدا تۇرغان كىمۇ ؟

arslan428 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:19:02

بارابەر ئەمەس، باراۋەر.  :funk:
غەرب رۇسسىيەنى تېخى يەڭمىدى، رۇسسىيەنىڭ ئىقتىسادىي بەدەل تۆلەۋاتقىنى ئېنىق ھەم تۆلەيدۇ. بىراق مەسىلە شۇكى قىرىم قايتىپ كىلەمدۇ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىچۇ؟ مۇشۇ زىمىنلار ئەسلىگە قايتماي تۇرۇپ يەڭدى دىيىش بەك بالدۇر.
ئەگەر غەرب بىرەر يىلدىن كىيىنلا بۇلارنى ئۇنتۇپ قېلىپ رۇسسىيە يەنە نورمال ئىقتىسادىي تەرتىپكە قايتىپ كەلسە، بۇ نەق پۇتىننىڭ چوتى توغرا سوققان بۇلىدۇ.

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:41:24

تازقار بىلەن ئېيىقنىڭ تاپ تالىششدىن چوشقا پايدا كۆرىۋاتدۇ

parakende يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:23:38

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 18:19 static/image/common/back.gif
پۇتىن بەكلا ئىچ مىجەز ئادەمكەن .

ك گ پ نىڭ جاسۇسى ئەمەسمۇ بۇ شۇڭا شۇنداق بۇلىشى مۇمكىن

ftp يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 22:06:18

پوتىن بىلەن غەرىبنىڭ ئويۇنى مۈشۈك بىلەن چاشقاننىڭ ئويۇنىدەك ئاخىرى چىقماس ئويان بولىدىغان چىراي

bugday يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 00:07:13

ئىقتىسادتىن بەدەل تۆلىتىپ ئاۋامغا جاپا سالغىچە، دۆلەت باشلىقلىرى بىر مەيدان ئەركىن مۇشىتلىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپلام  ئىشنى ھەل قىلسا بولمامدىغاندۇ. كىم چىمپىيون بولسا باشقىللىرى شۇنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، چاپىنىنى كۆتۈرۈپ، چاي- پاي دەملەپ، ئادېش خاپا بولماڭلا ئالدىڭلىدا پو ئېتىپ ساپتىمەن، ئەمدى دىققەت قىلاي دەپلا يىغىننى تۈگەتسە، ئىش چىمپىيۇننىڭ دېگىنىدەك يەنە بىر يىغىن ئېچىلىپ چىمپىيۇن چىققىچە داۋاملاشسا ................

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 02:24:42

dolqun يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 20:58 static/image/common/back.gif
ك گ پ نى تازا چۈشەنمەيتتىم، بۇلتۇر توردا زۇلمەتلىك تۇپ ...

زۇلمەتلىك تۇپراق مۇنبەردە ھازىرمۇ بارمىدۇ؟ ساقلاپ قويغۇدەك ئەسەر ئۇ.
بەت: [1] 2
: غەرب پۇتىننى يەكلىدى