ئوغۇزنامە داستانى ۋە بەدەن گۈزەللىكى
ئوغۇزنامە داستانى ۋە بەدەن گۈزەللىكىئالىمجان يۈسۈپ
"ئوغۇزنامە" داستانى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر بەدىئى ئەدەبىياتىغا ئاساس سالغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ئۆلگىسى سۈپىتىدە ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ.
"ئوغۇزنامە" نەسرىي ئۇسۇلدا يېزىلغان بولۇپ، قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ تارىخى، دىنىي ئېتىقادى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، ئۆرىپ ئادەتلىرى، قائىدە يۇسۇنلىرى، ئىنتۇگىراڧىيسىنى ھەمدە ئەدەبىيات تارىخى، تىل- يېزىقى، ئىستىتىك قارىشى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتا قىممەتلىك ماتېرىيال ھېسابلىنىدۇ. قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان بۇ داستان، مەزمۇنىنىڭ موللىقى، ئۆزىگە خاس تىل ئالاھىدىلىكى ۋە بەدىئىلىكى بىلەن بۇرۇنلا "تۈركشۇناسلىق" ساھەسىدە ئالاھىدە قېزىقىش قوزغىغان شۇنداقلا تەتقىقات ئوبىكتى بولغان.
"ئوغۇزنامە" جامائەتكە ئاشكارىلىنىپ تەتقىق قىلىنغان بىر ئەسىر مابەينىدە، مەملىكەت ئىچى- سېرتىدىكى تەتقىقاتچىلار نۇرغۇن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. ئۆز قاراشلىرىنى بەس- بەستە ئوتتۇرىغا قويۇشتى. بۇ ماقالىلاردا داستاننىڭ يېزىلغان ۋاقتى، شەكلى، مەزمۇنى، تىلى، بەدىئى ئالاھىدىلىكى قاتارلىق ئارتۇقچىلىقى نامايەن قىلىندى.
"ئوغۇزنامە" تەتقىقاتى داۋام قىلىدۇ، ئەلۋەتتە. مەنمۇ يازما يادىكارلىق تەتقىقاتىدا ھەۋەسكار بولۇش سۈپىتىمدە، داستان تەتقىقاتىدا تىلغا ئېلىنمىغان بىر مەسىلە- "بەدەن گۈزەللىكى" ھەققىدىكى چۈشەنچەمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى توغرا تاپتىم:
ئالدى بىلەن "بەدەن گۈزەللىكى" ھەركىتىنى قىسقىچە چۈشەندۈرىمەن. "بەدەن گۈزەللىكى"- يېقىنقى يۈز يىل مابەينىدە ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن "تەن گۈزەللىكى" ھەركىتى بولۇپ، 19- ئەسىردە ئۆتكەن گېرمانىيەلىك "شەنداۋ" بۇ ھەركەتنىڭ ئىجادچىسىدۇر، ئۇ 1898- يىلى "شەنداۋ ژورنىلى" نى نەشىر قىلىپ، ئۆزىنىڭ "دۇنيا بەدەن گۈزەللىكى" مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. 1901- يىلى 14- سېنتەبىر لوندوندىكى "خانزادىلەر تىياتېرخانىسى"دا، دۇنيادا تۇنجى قېتىم "بەدەن گۈزەللىكى" مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرغان. 1946- يىلى "خەلقىئارا بەدەن گۈزەللىكى جەمىيىتى" قۇرۇلۇپ، ئولىمپىك مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزىلگەن. جۇڭگو 1985- يىلى بۇ جەمىيەتكە رەسمىي ئەزا بولغان. 1986- يىلى شېنجېندا تۇنجى قېتىم "مەملىكەتلىك بەدەن گۈزەللىكى مۇسابىقىسى" ئۆتكۈزىلگەن.
ئومۇمەن، بۇ ھەركەت تىز سۈرئەتتە دۇنيانى قاپلاپ، گۈزەللىك ۋە ساغلاملىققا ئوبراز بولغان. ھەر قايسى ئەللەردىن، بولۇپمۇ، ئا ق ش، پولشا، ئاۋىستېرىيە، ڧىنلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن Lihane، De Mey، Arlod، Dorian قاتارلىق دەرىجىدىن تاشقىرى "بەدەن گۈزەللىكى چولپانلىرى" يېتىشكەن. بۇ چولپانلارغا نەزەر سالساق، مۈرىسى كەڭ، كۆكسى يوغان، بىلى ئىنچىكە، قورساق، بىلەك، پاقالچاق، يوتا مۇسكۇللىرى ئۆتە تەرەققى قىلغان بولۇپ، تومپۇيۇپ چىققان مۇسكۇللار كىشىكگە غەيرەت، شىجائەت ۋە كۈچ- قۇۋۋەتنى ئەسلىتىدۇ شۇنداقلا گۈزەللىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
"ئوغۇزنامە" داستانى مەزمۇن جەھەتتىن ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئاساسلىقى ئوغۇزخاننىڭ دۇنياغا كىلىشى، خاقان بولىشى، ھەربىي يۈرۈشلەر ئارقىلىق تۈركىي قەبىلىلەرنى بوي سۇندۇرىشى قاتارلىق ۋەقەلىكلەردىن ئىبارەت.
داستاننىڭ 1- قىسمىنىڭ بېشىدا "ئايخاقان"نىڭ كۆزى يورۇپ، ئوغۇزخان دۇنياغا كىلىدۇ، 40 كۈندىن كېيىن- "بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ كۆكسىدىن ئوغۇز سۈتىنى ئېمىپ، ئۇنىڭدىن ئارتۇق سۈت ئەممىدى. خام گۆش، ئاش- تاماق ۋە شاراپ تەلەب قىلدى. تىلى چىقىشقا باشلىدى. 40 كۈندىن كېيىن چوڭ بولدى، ماڭدى، ئايىغى ئۆكۈز ئايىغىدەك، بېلى بۆرىنىڭ بېلىدەك، يەلكىسى بۇلغۇن يەلكىسىدەك، كۆكسى ئېيىق كۆكسىدەك، بەدەننىڭ ھەممە يېرى تۈكلىك ئىدى" دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بۇ تەبىئى ھالدا زامانىمىزدىكى "بەدەن گۈزەللىكى" چولپانلىرىنى ئەسلىتىدۇ.
ھەممىگە مەلۇم، ئەدەبىيات رىئال تۇرمۇشنىڭ كىشى مېڭىسىدىكى ئىنكاسىنىڭ مەھسۇلى. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئاپتۇرنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتى، مەقسەد- مۇددىئاسى، دۇنيا قارىشى، گۈزەللىك تۇيغۇسى ئوبراز ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. "ئوغۇزنامە" داستانى يىل تەرتىبى بويىچە يېزىلغان تارىخنامە ئەمەس، بەلكى ۋايىغا يەتكەن، مۇكەممەل ئىپىك ئەسەردۇر. ئەسەرنىڭ ۋاقتى، ئاپتۇرى ھەققىدە مەلۇمات يوق. لېكىن، داستاننىڭ تىل ئالاھىدىلىكىگە قاراپ، 13- ئەسىرلەردە ئېدىقۇت خانلىقى دەۋرىدە قەدىمېي ئۇيغۇر يېزىقىدا يېزىلغان دەپ ھۆكۈم قىلىش مۈمكىن. بۇ داستاننىڭ 5-6 ئەسىر ئىلگىرىكى تۈركلەردىن چىققان بىر نامسىز "قەلەمكەش"نىڭ زور ئەجىرى بىلەن پۇتكەنلىكى ئېنىق.
"ئوغۇزخان" نىڭ ئوبرازى ۋە تاشقى قىياپىتى ھەرگىزمۇ تەساددىپى يارىتىلغان ئەمەس، بولۇپمۇ، ئوغۇزخاننىڭ بەدەن تۈزۈلىشىدىكى "گۈزەللىك تۇيغۇسى" ئاپتورنىڭ شۇ دەۋردىكى گۈزەللىك قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى، 13- ئەسىردىكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ، بولۇپمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ گۈزەللىك قارىشىغا- "بەدەن گۈزەللىكى" قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ بەدەن سۈپىتى، بەدەن گۈزەللىكى ئېڭى قاتارلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىپادە قىلىدۇ. ۋۇجۇدىدا گۈزەللىك تۇيغۇسى يوق كىشىلەر گۈزەللىكنى كۆرەلمەيدۇ، ھېس قىلالمايدۇ. كۆز ئالدىمىزدا ئوغۇزخاننىڭ كۈچ- قۇۋۋەتكە تولغان بەدىنى، ئۇنىڭ خانلارغا خاس ھەيۋىتى نامايەن بولىدۇ.
19- ئەسىر ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن "بەدەن گۈزەللىكى" ھەركىتى بۇندىن 5-6 ئەسىر مۇقەددەم خەلقىمىز ئېڭىدا ئەكىس ئەتكەن ۋە شەكىللەنگەن. بەدەن مۇسكۇللىرى كۆپكەن، بەقۇۋۋەت كىشىلەرنى گۈزەللىكنىڭ ۋە باتۇرلىقنىڭ سېمۋولى قىلغان. ئوغۇزخان دەل شۇلارنىڭ تىپى. بۇ خىل ئوبراز ۋە تىپ ئىلگىرى بىزدە يارىتىلغان، ھازىر غەربتە تەرەققى قىلدى. تىز سۈرئەتتە دۇنيانى قاپلىدى...
ئەجدادلىرىمىز ئىنتلگەن بۇ خىل گۈزەللىك زامانىمىز ئۇيغۇرلارىدا تېخى رەسمىي باشلانمىدى. كىشىگە كۈچ- قۇۋۋەت ۋە گۈزەللىكنى نامايەن قىلىدىغان بۇ خىل ھەركەت ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبتا ئۆز ئورنىنى تاپقۇسى!
"قەشقەر" 2003. 5- سان (قىسمەن ئۆزگەرتىلدى) بىزدە «سەنئەت»نىڭ مۇشۇ تۈرى كەم قالغان... تەن گۈزەللىكى" ھەركىتى بولۇپ، 19- ئەسىردە ئۆتكەن گېرمانىيەلىك "شەنداۋ" بۇ ھەركەتنىڭ ئىجادچىسىدۇر،
شانداۋ دەپ قويۇڭ :lol
Eugen Sandow دىگەن ئادەمدۇ .
يۇگىن ساندوۋ دەپ ئۇقامىز :lol
http://en.wikipedia.org/wiki/Eugen_Sandow#mediaviewer/File:The_Sandow_Trocadero_Vaudevilles,_Sandow_lifting_the_human_dumbell,_1894.jpg
http://en.wikipedia.org/wiki/Eugen_Sandow pis-pas يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 14:35 static/image/common/back.gif
شانداۋ دەپ قويۇڭ
Eugen Sandow دىگەن ئادەمدۇ .
يۇگىن ساند ...
كۆرسەتمىڭىزگە تەشەككۈر! كۆزلىرى دېڭىزدەك كۆك ئىدى ،دىگەن يەرلىرىدىنمۇ شۇۋاقىىتكى تۈركلەرنىڭ گۈزەللىك قارىشى ۋە ئېرقى قۇرۇلمىسىنى مۇلۇم دەرىجىدە پەرەز قىلغىلى بۇلۇشى مۇمكىن . 19- ئەسىر ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن "بەدەن گۈزەللىكى" ھەركىتى بۇندىن 5-6 ئەسىر مۇقەددەم خەلقىمىز ئېڭىدا ئەكىس ئەتكەن ۋە شەكىللەنگەن. بەدەن مۇسكۇللىرى كۆپكەن، بەقۇۋۋەت كىشىلەرنى گۈزەللىكنىڭ ۋە باتۇرلىقنىڭ سېمۋولى قىلغان. ئوغۇزخان دەل شۇلارنىڭ تىپى. بۇ خىل ئوبراز ۋە تىپ ئىلگىرى بىزدە يارىتىلغان، ھازىر غەربتە تەرەققى قىلدى. تىز سۈرئەتتە دۇنيانى قاپلىدى...
ئۇغۇزغان داستانى بۇندىن 5-6 ئەسىر مۇقەددەمكى داستان ئەمەستۇ. ئېدىقۇت خانلىقى ۋاقتىدىكى داستان دەپ ئوقۇغان شۇنداقتا 1000 يىل بۇرۇنقى بولمامدۇ. ششش kuyaxoghli@
ئۇغۇزنامە داستانىنىڭ 5 -ئەسىرلەر ئەتراپىدا يىزىلغىنى راست ،لىكىن بىزگە يىتىپ كەلگىنى 11-ئەسىردە تۇرپاندا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسى رەھسىم ۋەھشى سىزىلغان رەسىمكەن.
ھېراكلىسنىڭ ئورىستوسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن دوزاخقا چۈشۈپ خادىسنىڭ دوزاخ ئىشىكىگە قارايدىغانغا قويغان ئۈچ باشلىق ئىتىنى تۇتۇپ چىققان كۆرۈنۈشىكەن. kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 19:57 static/image/common/back.gif
رەھسىم ۋەھشى سىزىلغان رەسىمكەن.
ھېراكلىسنىڭ ئورىستوس ...
يۇنان ئەپسانلىرغا مەندەكلا قىزقىدىغان بىر زاتنى ئاخىرى تاپتىم:handshake Uquhuchi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 19:53 static/image/common/back.gif
kuyaxoghli@
ئۇغۇزنامە داستانىنىڭ 5 -ئەسىرلەر ئەتراپىدا يىزى ...
مەنمۇ شۇنى دىمەكچى. ماۋۇ ماقالىدا بۇندىن 5-6 ئەسىر مۇقەددەم دەپتۇ. 5-6 ئەسىر مۇقەددەم دىگەن 1400-1500 يىللار ئەتراپىنى كۆرسەتمەمدۇ. APSUN يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 10:09 static/image/common/back.gif
يۇنان ئەپسانلىرغا مەندەكلا قىزقىدىغان بىر زاتنى ئاخى ...
:lol سىزمۇ قىزىقامسىزما؟ تۇلۇق ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپ بولۇپ يۇنان ئەپسانىلېرى ۋە رىۋايەتلېرى دىگەن كىتاپنى ئازدىگەندىمۇ 20-30 قىتىملا ئوقۇغاندىمەن. بەك ئېسىل كىتاپ. نۇرغۇن دوستلېرىم ئارىيەت ئېلىپ بىرسىمۇ تۇلۇق ئوقۇپ بولالمىغان ئىدى. kuyaxoghli يوللىغان ۋاقتى 2014-12-25 16:45 static/image/common/back.gif
سىزمۇ قىزىقامسىزما؟ تۇلۇق ئوتتۇرا، ئالى مەكتەپ بو ...
ئەلۋەتتە قىزقىمەن،فىلىم قىلىپ ئشلىگەنلىرنىمۇ ئىز قوغلاپ كۆرمەن
بەت:
[1]