heqteyur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 11:19:07

C# .net مۇھىتىدا WebService نى چاقىرىپ ئىشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار:
بىز ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىزدا C# .net مۇھىتىدا WebService نى قۇرۇش ئۇسۇلى توغرىسىدا سۆزلىگەن ئىدۇق.
بۈگۈنكى يازمىمىزدا بولسا شۇ قۇرغان WebService نى ئەمەلىي يۇمشاق دېتال ئېچىش مۇھىتىدا ئىشلىتىشنى سۆزلەپ ئۆتمەكچى.
مىسال ئۈچۈن بىر قانچە WebService ئېغىزى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان تور بېكەت http://www.webxml.com.cn دىكى ئېغىزلاردىن مىسال قىلىپ سۆزلەيمىز.
1، مىسال ئۈچۈن يۇقۇرىدىكى تور بېكەت تەمىنلىگەن ئىنگلىزچە خەنزۇچە لۇغەت ئىقتىدار ئېغىزىدىن پايدىلىنىمز،ئاۋۋال مۇنۇ بەتنى ئېچىپ كۆرۈپ باقايلى.

http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182504393203477951436.png
يۇقۇرىدىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندىكىدەك 3 قەدەمنى باسساق مۇنۇ بەت ئېچىلىدۇ.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182509903904195210438.png
يۇقۇرۇدىكى رەسىمدە EnglishChinese.asmx ناملىق  WebService نىڭ قانداق ئېغىزلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىكى ۋە چاقىرىش پارامېتېر تەلىپى يەنە قايتۇرۇپ بېرىدىغان سانلىق مەمۇمات تىپى قاتارلىق ئۇچۇرلار يېزىلغان.بىز شۇنىڭ ئىچىدىن Translator دېگەن فۇنكىسىيەنى سىناق قىلىپ باقايلى. ئەمىسە شۇنى بېسىڭ.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182522554461208416550.png
رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك پارامېتېر ئۈچۈن تەرجىمە قىلدۇرماقچى بولغان سۆزنى String تىلىق قىلىپ قىممەت بېرىمىز، نەتىجىسى بىزگە DataSet تىپى ھالەتتە قايتىدۇ.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182535804822377589629.png
رەسىمدە تەرجىمىنىڭ نەتىنجىسى ئۈچ دانە DataTable نى DataSet نىڭ ئىچىگە ئېلىپ قايتۇرۇپ بەرگەن، ئەمدى بىز بۇ ئېرىشكەن DataSet نى ئادەتتە پروگراممىدا قانداق بىر تەرەپ قىلىپ ئىشلەتكەن بولساق شۇ بويىچە ئىشلىتىپ كەتسەك بولىدۇ.

خۇش، ئەمدى بىز ئەمەلىي تۈردە قانداق ئىشلىتىشنى كۆرۈپ باقايلى، يەنى بىز  WebService نى مەيلى قارا ئېكران پروگراممىسى(شۇنداق ئاتاپ تۇراي ھە، يەنى Console Application نى دېمەكچى)، ياكى ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى ۋە ياكى ASP.NET تور پروگراممىسى بولسۇن ھەممىسىدە ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىشلەتسەك بولىدۇ. بۇ يەردە مىسال ئۈچۈن بىر ئۈستەل يۈزى پروگراممىسى قۇرۇلۇشى قۇرايلى.كۆزنەككە ئاددىي قىلىپ بىر دانە كۇنۇپكا، بىر دانە تېكىست ساندۇقى قويايلى. ئاندىن ماۋۇ رەسمدىكىدەك مەشغۇلات قىلايكى:
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182568061498343076621.png
يۇقۇرىدىكى رەسىمدىكىدەك 添加Web引用 دېگەن تۈرنى تاللىساق مۇنداق كۆزنەك چىقىدۇ.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182577116354379939427.png

يۇقۇرىدىكى URL دېگەن ئادرېسى ئورنىغا بىز ئىشلەتمەكچى بولغان ئېغىز ئادرېسىنى يازىمىز، يەنى بۇ مىسالدا بۇنى يازىمىز.
http://fy.webxml.com.cn/webservices/EnglishChinese.asmx

ئۇنى يېزىپ يېنىدىكى كۇنۇپكىنى باسساق مۇنداق نەتىجە چىقىدۇ.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182588436106143711669.png
بۇ دەل بىز يازمىنىڭ بېشىكى قىسىمدا كۆرگەن بەت شۇ، بۇ بەتنىڭ ئېچىلغانلىقى ئېغىز ئادرېسىنىڭ توغرا ھەم ئېغىزلارنىڭ چاقىرىلىشقا تەييار بولغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. Web引用名 دېگەننى ئاددىي بولسۇن ئۈچۈن مۇنداق ئۆزگەرتىپ جەزملەشنى باسىمىز.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182600201014829723227.png
يەنى 添加引用 كۇنۇپكىسىنى بېسىپ جەزملەيمىز. شۇنىڭ بىلەن WebService بىلەن بولغان ئۇلىنىش ئېغىزىنى تەڭشەپ بولغان بولدۇق، ئەمدى پروگراممىمىزدا ئىشلىتىپ كەتسەك بولىدۇ. يەنى بىز ئاباي كۆزنەككە تاشلىغان كۇنۇپكىنىڭ چىكىلىش ھادىسىسىگە مۇنۇ كودلارنى يېزىپ ئىجرا قىلىپ باقايلى.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182610830377259374319.png
ئېغىزلارنى ئىشلىتىشن بۇرۇن يۇقۇرىدىكى رەسىمدىكىدەك ئېغىز ئوبيېكىتىدىن بىرنى قۇرىۋالىمىز، يەنى MyWebService دېگەن نام بوشلۇقى ئاستىدىكى EnglishChinese دېگەن كلاستىن بىر دانە ئوبيېكىت قۇرىۋالىمىز، ئوبيېكىتتىن بىرنى قۇرىۋالغاندىن كېيىن شۇنىڭ ئىچىدىكى خالىغان فۇنكىسىيەنى ئىشلەتسەك بولىدۇ. تۆۋەندىكى رەسىمگە قاراڭ.

http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182626131661154545283.png
يۇقۇردىكى رەسىمدىكىدەك كودنى يېزىپ ئىجرا قىلسا مۇنداق نەتىجە چىقىدۇ.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182631097238463737140.png
ئەمدى تۆۋەندىكى كودنى يېزىپ ئىجرا قىلىپ باقايلى.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182634385227414556221.png
يۇقۇرىدىكى كودنى ئىجرا قىلساق تۆۋەندىكى نەتىجىگە ئېرىشىمىز.
http://www.koklen.net/ueditor/net/upload/image/20141117/6355182638466717529782771.png
شۇنداق قىلىپ WebService نى چاقىرىپ ئىشلىتىش جەريانلىرى تامام بولدى، ئۆزىڭلار سىناپ باقساڭلا بولىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ خالىغانچە پايدىلانسىڭىز بولىدۇ. كۆكلەن بلوگى http://www.koklen.net

بەت: [1]
: C# .net مۇھىتىدا WebService نى چاقىرىپ ئىشلىتىش