يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ(مەلىكە مۇھەممەت ھىلال)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-17 17:08يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ
مەلىكە مۇھەممەت ھىلال
يىگىت دەيسەن نە ھالىڭغا يىگىتتەك بولمىقىڭ يوقمۇ،
ھاياتىڭنى قىلىپ پايخان يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ.
نى كۈنلەر كەلمىگەي باشقا ئامانەت قايتمىغان جانغا،
ئەجىر-مېھنەتلىرىڭدىن گۈل ئېلىڭگە سۇنمىقىڭ يوقمۇ.
نېچۈن ئەسلىڭنى ئۇنتۇيسەن،ئاداققى كۈز كەبى مۇزسەن،
ھارارەت تەپتىدىن قايتا يېنىشلاپ كۆيمىكىڭ يوقمۇ.
قۇياش،يۇلتۇز قاراڭغۇڭنى يورۇتماققا قەرزدارمۇ،
ئىرادەڭنى قىلىپ تۇلپار،جاپاغا كۆنمىكىڭ يوقمۇ.
بىراۋلار كەزسە ئالەمنى چۈشۈمنى بۇزمىسۇن دەمسەن،
قىلىپ بوستان باھارىڭنى ئۆزۈڭنى سۆيمىكىڭ يوقمۇ.
يىقىلساڭ تۇرمىقىڭ يوقمۇ،بېلىڭدا بەلۋىغىڭ يوقمۇ،
تىرىكتاپ بولمىغىن ھەيھات نومۇستىن ئۆلمىكىڭ يوقمۇ.
ياش ھەۋەسكار سىڭلىمىزنىڭ تارتىنىپ ئاران ئېلان قىلغان تېمىسىكەن ، ئىجابى پىكىرلەر بولسا بەرسەك ، بەك قورقۇتىۋەتمەيلى :lol باش كومىسسارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي بولمايدۇ:lol
شېئىر ياخشى يېزىلىپتۇ ئابدۇخالىق ئۇيغۇردەكلا يېزىپسىز،بەك جىددىيلىشىپ قالدىڭىزمۇ ئۇقمۇدۇم تىما ئىسمى غەلىتە تۇرىدۇ:lol يانداشتۇرۇپ قوياي
باردۇر
ئابدۇخالىق ئۇيغۇر
جاھالەت سەمەرسىدىن بىزگە بىر كۈن كۆپ جاپا باردۇر،
ئېيتىڭىزچۇ،بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.
زاماننىڭ ھالىدىن ۋاقىپ بۇلۇپ تۇرماقنىڭ ئورنىغا،
بىرىنى شاڭيۇ سايلاپ ئارقىدىن دەۋايىمىز باردۇر.
ئىلىمنىڭ ئىجتىھاتىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،
ئوقۇرمىز-ئوقۇتۇرمىز دەپ سېغىز چايناشىمىز باردۇر.
تەناسۇر ئورنىغا بىزلەردە بىر ئادەت،
يىڭى باشنى كۆتۈرگەننى ئۇرۇپ يىغقانىمىز باردۇر.
يەنە يۇرت پايدىسىغا جەمئىي بولماقلىق بەسى مۈشكۈل،
ئەگەر بىر يەردە توي بولسا،بېرىپ ياتقانىمىز باردۇر.
ئومۇمنىڭ پايدىسىغا يۈز يىلدا ھەم ئەسلا چۈشەنمەيمىز،
زىيان قىلماق ئۈچۈن بولسا ئەجەپ چاققانىمىز باردۇر.
بىرسى بىر ياخشىلىق قىلسا،ئۇنىڭ يادىنى قىلماق يوق،
ئېپى كەلسە بېرىپ ئەۋرەتلىرىن ئاچقانىمىز باردۇر.
ئەگەر مىللەت ئۈچۈن بىر پۇل چىقىش كەلسە تاپالماسمىز،
چىقىمى يوق ناۋا پۇلغا تولا ئىخلاسىمىز باردۇر.
ئىخۋان ھەم بۇرادەرلىك نىشانى قالمىدى بىزدە،
مەگەر دوست بولساقمۇ ئەسلى، بۆلەك مۇددىئايىمىز باردۇر.
خاتائەن دوستىمىزدا بىر ئەيىب زاھىر بۇلۇپ قالسا،
يۇشۇرماي بىرگە ئوننى تېپىپ قاتقانىمىز باردۇر.
بابالار شۆھرىتىنى،غەيرىتىنى ھېچ سېغىنماسمىز،
قىلىپ غەپلەت جاھالەتتە يۇمۇپ كۆز،پو ئاتقانىمىز باردۇر.
كېرەكسىز مۇستەھەپ ئىشلار ئۈچۈن جاننى پىدا قىلماق،
ۋە لېكىن ھەجگە باج ئالسا،توزۇپ قاچقانىمىز باردۇر.
ئۇيۇن-چاخچاق تۈپەيلىدىن ئۆز-ئارا بىئەت بولساق،
ياراشتۇرۇپ قويۇش نەدە،ئارىغا ئوت ياققانىمىز باردۇر.
خۇشامەت بابىدا بىزدىن بۆلەك ئۇستىسى ھەم يوقتۇر،
قۇۋلۇقۇ شۇملۇق بىلەن رەڭمۇ-رەڭ يالغانىمىز باردۇر.
ئىت ئۇرغاننى تۇنۇر دەپ بار ئىدى بىر تەمسىلى،
لويى، ئامبال ۋە دارىن دەپ سېمىز باققانىمىز باردۇر.
ئىلىم-پەنگە يۈرۈش قىلغان ئۇچار كۆكتە-ئۈزەر سۇدا،
مېنىشكە قوتۇر ئېشەك يوق، پىيادە قالغانىمىز باردۇر.
گۈركىرەپ كەلسە ئاپتۇموبىل،نېمە ئەي،خۇدايىم دەپ،
ئەقلىنى ئىشلىتەلمەي ھاڭ-تاڭ قېتىپ قالغانىمىز باردۇر.
ھۈنەر بىلەن سانائەتتە «يېتىشتۇق»،ئەمدى ئىش پۈتتى،
ئۇماچ ئىچمەككە خۇمداندا غېدىر قويغانىمىز باردۇر.
مىسلى جەننەت تاغۇ-دەريانى بېزەشكە يوق كىشى،
ياستۇقنى قىرلاپ قويۇپ بىغەم ياتقانىمىز باردۇر.
مۇنەججىم ھەم ئىنژىنىر، ئالىملارنىڭ ئورنىغا،
تونۇ سەللە،نەپسى بالا موللىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.
قىزىل كۆزلۈك، كۆرەلمەسلىك ۋە يا ئۆزى قىلالماسلىق،
قىلاي دەپ بەل باغلىغانلارغا تۈرلۈك-تۈمەن بۆھتانىمىز باردۇر.
ئەل-يۇرتىنىڭ دەردىگە قىلچىمۇ دەرمان بولمىدۇق بىزلەر،
كېلۇر بىر كۈن ئاشۇ چاغدا ئورنىغا كەلمەس پۇشمانىمىز باردۇر.
ئابدۇخالىق بەس، يېتەر ئاۋارە بولما، قاخشىما،
شۇ چاغ كەلگەندە بىزلەردە ئازابقا تەييار ۋىجدانىمىز باردۇر. تېخىمۇ تىرىشىڭ {:112:} بارىكاللا،ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن:lol تاگوردەكلا يىزىپسىز مىللىي قېرىندىشىم ، بولسا يەنە يوللاپ تۇرارسىز ئىسىمىڭىزنى شېر ماۋزۇسى قىلىۋاپسىز ھە ئوكام!:lol ياخشى يېزىپسىز. باش سۈرىتىڭىز پەيزىكەن. ئەلۋەتتە شېئىرىڭىزمۇ ياخشىكەن.
باش سۈرىتىڭىزدىكى رەسىمدە ئاۋۇ پىرسوناچ ئېسىلىپ ئۆلىۋالماقچىمۇ ياكى ئۇ بىر مۇردىنىڭ مېڭىۋاتقان ھالتىمۇ؟
سىڭلىمىز جىددىيلىشىپ كېتىپ شېئىرىنىڭ مۇنبەر كۆرۈنمە ماۋزۇسى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىسىم-فامىلە ۋە تەخەللۇسىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ! jewlan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 14:17 static/image/common/back.gif
ياش ھەۋەسكار سىڭلىمىزنىڭ تارتىنىپ ئاران ئېلان قىلغان ...
ھا ھا ھا
يېڭى كەپتۇ دەپ بوزەك قىلماڭلار ھە kilimat يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:12 static/image/common/back.gif
تېخىمۇ تىرىشىڭ
رەھمەت،پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىز... iltersh يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:22 static/image/common/back.gif
بارىكاللا،ياخشى يېزىپسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن
قانداق چۈشىنەي؟
ياخشىسى تۈپتۈز چۈشىنەي ھە،رەھمەت. ruslan007 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:23 static/image/common/back.gif
تاگوردەكلا يىزىپسىز مىللىي قېرىندىشىم ، بولسا يەنە يو ...
تەشەككۈر.لىكىن بىر سۆزنى خاتا ئىشلىتىپ قويۇپسىز قېرىندىشىم. بىز قاچاندىن بېرى مىللىي بولۇپ قالدۇق؟ شۇ مىللىي سۆزىنى بەك كۆپ يەردە خاتا ئىشلىتىۋاتىمىز... yuwax0999 يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:47 static/image/common/back.gif
ئىسىمىڭىزنى شېر ماۋزۇسى قىلىۋاپسىز ھە ئوكام!
شۇنداق بوپ قالغان چېغى ئەينا... tadubeg يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 15:57 static/image/common/back.gif
ياخشى يېزىپسىز.
رەھمەت. yurak-sadasi يوللىغان ۋاقتى 2014-11-17 16:14 static/image/common/back.gif
باش سۈرىتىڭىز پەيزىكەن. ئەلۋەتتە شېئىرىڭىزمۇ ياخشىكەن ...
كۆزىڭىزگە مېڭىۋاتقاندەك كۆرىنىۋاتامدا؟ تەسەۋۋۇر دېگەن سىزدىكەنغۇ،ھا ھا ھا
جىمجىت يالغۇز ئۆلۈۋىلىش سەنئىتى دەپ چۈشىنىمەن 、ئىشقىلىپ. :lolبىر بولسا بۇلارنى ئاغزىڭىزنى بۇزۇپلا تىللاڭ، بولمىسا ھەرگىز ئارتۇق گەپ قىلماي، ئىنكاسىنى ئوقۇپ قويسىڭىزلار بولدى. چىرايلىق ئىنكاس يازغانكىن تىللىماس:lol