ehsanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:33:36

مۇشۇ بالىلار تەربىيەسى توغرىلىق پىكىرلىشىپ باقساق؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ehsanjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 09:35  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىزدىنىش ئەھلى!
مىنىڭ ئىككى ئۇغۇل ، بىر قىزىم بار.مەن بالىغا بەك ئامراق،ئامراق بۇلۇپمۇ زىيادە ئامراق.ئامراقلىقىم ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزىدە چوڭ ئوغلۇمنى نەگە بارسام،ئەگەشتۈرۈپ بارىمەن....بەزىدە ئانىسى دەم ئالغان چاغلاردا ئۆيدە قاپقۇيۇپ بارسام،دوستلىرىم چاقچاق قىلىپ،ئاداش،بالاڭلىنى ئۆيدە قاپقۇيۇپ،سىلەر بىز بىلەن خاتىرجەم يۈرەلەمسىلەر،دەيدۇ.توغرا ،بالا-ئاتا-ئانىنىڭ بارلىقى،ھاياتى،روھى،يەنە كىلىپ ھەممە نىمىسى،بالىلىرىم ئۆيدە يوق چاغلاردا،ئايالىم ئىككىمىز ئۇڭايلا گەپ تالىشىپ قالىمىز،بالىلىرىمىز بولسىچۇ؟ئۆي ئىچى بەكلا ئىللىق،گەرچە تۇرمۇشىمىز ئۇنچە ھەشەم بولمىسىمۇ........
بولدىلا،ھەرقايسىڭلارنىڭ ۋاقتىنى زايە قىلماي،ما كۈرۈنۈشتىن بالىسى بار ئاتا-ئانىلار نۇرغۇن ئىشلارنى ھىس بولدى بولغاي......سۆزلەپ يۈرمىسەممۇ بۇلار!
ئەمدىكى مەقسەت:شۇلار جان-جىگەرلىرىمىزنى،روھىمىزنى قانداق تەربىيەلەش.....مەن ئۈزەم بىر كىتاپ خالتىسى.بالىلىرىم دۇنياغا كۆز ئېچىشتىن بۇرۇنلا پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئائىت كىتابلارنى يىغىپ بولغانمەن.گىرمانلار دەيدۇلەر؛بالىلارنى ئەركىن قۇيۇۋېتىش،ئۇچىنى ياندۇرماسلىق ،دەرسكە زورلىماسلىق ۋە بالىلىقىدا ئۇيۇنغا قاندۇرۇش ۋە ھاكازالار........ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئۆزىگە يارىشا ئۆزگىچە ئۇسۇللىرى بار ئىكەن....ئۇنداقتا ، بىزنىڭچۇ؟بىز بالىلىرىمىز ئاتا - ئانىنىڭ مىھرىگە قانماستا،يەسلىگە بىرىپ،يۇغان سومكىدىن بىرنى ئاسقۇزۇپ،ئۈگىنىشكە مەجبۇرلايدىكەنمىز،شۇ تەرىقىدە ،ئۇزۇن ئۆتمەي بالىلىرىمىز يا ئۇيۇندا يوق،يا دەرستە يوق بۇلۇپ چىقىدىكەن.بالىلىرىمىز ئۇيۇنغا بىرىلىپ كەتسە،ئۇيۇن قېپى دەپ ئازار بىرىدىكەنمىز....بالىلىرىمىز شۇ 3-4 ياشتىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە ياخشى ئۇقۇ دىن باشقا گەپنى بىلمەيدىكەن،يا ياخشى ئۇقۇيالمايدىكەن،ياخشى ئۇقۇغانلار بار ئەلۋەتتە ،بىراق ئۇلار مانچىنىڭ ئىچىدىن بىرسى خالاس.
شۇڭا،مەن ئىزدىنىشتىكى تورداشلارنى دىيارىمىزدىكى سەرخىللاردىن ھىسابلايمەن،بەلكىم ھەر كاللىدا،ھەر خىيال دىگەندەك،بۇ توغرىسىدا بىزلەرنىڭ بالىلىرىمىزغا ماس كەلگۈدەك ياخشى ئۇسۇللارنىڭ بۇلۇشى ئىنىق.كەڭ قەدىردانلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ياخشى پىكىرلىرىنى ئايىماسلىقىنى سۇرايمەن.....
  پىكىرلىرىم سەل قالايمىقان بۇپقالدى،

qelem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 13:41:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qelem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 13:42  

مەنمۇ كىچىككىنە گەپ قىستۇرۇپ ئۆتەي. ھەرقانداق بىرنەرسىنى يېڭى ئۆگەنگىنىمىزدە شەكىل بىلەن بىللە ئۆگىنىدىكەنمىز، ئەمما ئىشلىتىدىغان چاغدا بىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىمىز بىزگە ماس كەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز. مېنىڭچە بۇ خىل ئەھۋال ھەممەيلەندە بوپ باققان. خۇددى شۇنىڭدەك ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، مىللەتلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى ئوخشىمىغان شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. شەكىل مەزمۇننى تۇتۇپ تۇرغۇچى، ئەمما مەقسەت ئەمەس. مەقسەت مەزمۇندا.
ئۇنداق بولسا بۇ مەزمۇنغا قانداق ئېرىشىمىز دېگەندە، تەۋسىيەم :ھەرخىل شەكىلدىكى مەزمۇنلار كۆپ ئۇچراشساق ۋە سېلىشتۇرۇپ ئۆگەنسەك ئاشۇ شەكىللەردە ئىپادىلىنىۋاتقان ماھىيەتتىكى ئورتاقلىقلارنى يەنى مەزمۇننى بايقىيالايمىز ھەم ئۆزلەشتۈرەلەيمىز دەپ ئويلايمەن. قىسقىسى، ئىمكانىمىزنىڭ يېتىشىچە ھەرخىل ئىلغار تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى بىلەن تونۇشساق، ئۆگەنسەك بىزدىمۇ ئۇيغۇرچە ئىلغار بالا تەربىيىلەش ئۇسۇللىرى شەكىللىنىدۇ.

قالغىنى تورداشلار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ باقساق ...

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:23:53

   مېنىڭچە پەرزەنت تەربىيىلەش قانداقتۇر تاماق رىسالىسىگە قاراپ تۇرۇپ تاماق ئەتكەنگە ھەرگىز ئوخشىمايدۇ . بىر بالىنىڭ خوي - پەيلىگە يەنە بىر بالىنىڭ ، ھەتتا بىر ئائىلىدىكى نەچچە پەرزەنتنىڭ مىجەز -خۇلقىمۇ پەرقلىق بولىدۇ . بالامنىڭ چوڭى 18 ياشقا كىردى . ئىككى پەرزەنتنى تەربىيىلەش جەريانىدا ھېس قىلغىنىم ، ھازىرقى شارائىتتا ئالدى بىلەن  ئەڭ مۇھىم  ئىش ئاتا - ئانا بولغۈچىنىڭ  پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدەك ھەقىقەتنى ھېس قىلىشى ھەممىدىن مۇھىم . ئۇنىڭدىن كېيىنكى مۇھىم ئىش ، بالىلار بىلەن بىللە بولىدىغانغا  يېتەرلىك ۋاقىت ئاجرىتىش . مۇشۇ ئىككى مەسىلە لايىقىدا ھەل قىلىنىش ئالدىنقى شەتى ئاستىدا ، ئاندىن باشقىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلشتىكى تەجرىبىلىرىنى ئەھۋالغا ئاساسەن مۇۋاپىق قوبۇل قىلساق بولىدۇ .  

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:34:17

---
بىز بالىلىرىمىز ئاتا - ئانىنىڭ مىھرىگە قانماستا ...
---
مۇش گەپنىڭ ئۆزىدە مەسىلە بار، بالىغا قانداق كۆيۈنۈشنى ئەمەس قانداق تەربىيلەشنى ئويلاش كېرەك،ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بىر-بىرسىنى كۈتۈش مۇناسىۋىتى ئەمەس، بالىنىڭ ھەم باشقا ئىجتىمائى مەسئۇلىيتى بولىدۇ، شۇنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىقتىدار لازىم.


---
ھەرقانداق بىرنەرسىنى يېڭى ئۆگەنگىنىمىزدە شەكىل بىلەن بىللە ئۆگىنىدىكەنمىز، ئەمما ئىشلىتىدىغان چاغدا بىزنىڭ ئۆگەنگەنلىرىمىز بىزگە ماس كەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلىپ قالىدىكەنمىز.
---
تەربىيلىنىش بىر ئۆمۈرلۈك ئىش. مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى، خىزمەت ئورۇنلىرىدا يىتەكلىگۈچى ۋە ئۆزلىگىدىن ئۆگۈنۈش كەم بولسا بولمايدۇ، ئۈستىدىكىدەك مەسىلە كېلىپ چىقىشنىڭ سەۋەبى ئوقۇتقۇچى رولنى ياخىشى ئورۇنلىغان، يىتەكلىگۈچى ۋە ئۆزلىگىدىن ئۆگىنىش كەم بولغان. بولۇپمۇ يىتەكلىگۈچى، يەنى ئەنئەنىۋى ئاتالغۇلاردىكى ئۇستاز،ئۇنىڭ رولى نىشاننى  ۋە نىشانغا بارىدىغان توغرا يولنى كۆرسىتىپ بېرىش. ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنى تاپالايمىز، ئەمما ئۇستازلارنى تاپماق تەس، رىقابەت قاتتىق، بەزى ئۇستازلار تاكى پىنسىيەگە چىقىپ كەتمىىگۈچە ھېچنىمە ئۆگەتكىسى كەلمەيدۇ.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:09:04

مەن بۇ مۇنبەردە مۇنداقمۇ ئىسىل تىمىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇلىشىنى ئويلىمىغان ئىكەنمەن .بۈگۈن بۇ ماقالىنى كۈرۈپ ئىنتايىن خوش بولدۇم. بىر دادا بولغىچىنىڭ گەرچە ئۆزى نۇرغۇن كىتاپ ئوقۇغانلىقى ، ئىلغار مىللەتلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇللىرىنى ئۈگەنگەنلىگىنى يىزىپتۇ ، دىمىسىمۇ بىرقىسىم ئىلغاردەپ كىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ پەرزەنت تەربىيەلەش ئۇسۇلى بىزگە ماس كەلمەسلىگى مۈمكىن . بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەپلەر ، يەنى مىللى ئاڭ ، ئەنئەنە ، مەدىنىيەت، دىن ، شارائىت ،مائارىپ تۈزۈلمىسى ، ئىختىسات ....قاتارلىق نۇرغۇن تاشقى ۋە ئىچكى ئامىللارنىڭ تەسىرىگە بىۋاستە ياكى ۋاستىلىق ئۇچراش ئارقىلىق شۇ كىتاپلاردا ئىيتقاندەك بولماسلىقى مۈمكىن. ئەندى سىز مەزكۈر يازمىڭىزدا بەختلىك ئائىلىڭئىزنى ،ساغلام پەرزەنتلىرىڭىزنى يىزىپسىز. دۇرۇس پەرزەنت ئاللانىڭ بىزگە بەرگەن نىممىتى، ئىنئامى. بىزنىڭ ئۇلارنى پەرۋىشقىلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار . پەرزەنت خۇددى ئۆينىڭ دەرىزىسىگە ئوخشايدۇ . دەرىزە بولغان ئۆي پاكىز ئازادە ، يورۇق بولىدۇ . يەنە كونىلار بالا بار ئۆي بازا ، بالا يوق ئۆي مازار دىگەن ئىكەن. مانا بۇلاردىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى پەرزەنتىمىز بىزنىڭ قۇياشىمىز، بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز.
    ئەمدى سىز دۇچار بولغان مەسىلىلەرگە ياش ئاتا ئانىلارنىڭ ھەممىسى دۇچ كىلىۋاتىدۇ .ھەممە ئاتا ئانا بولغۇچى ئاللانىڭ بۇ ئامانىتىنى ساغلام ،ئەدەپلىك  ،بىلىملىك قىلىپ تەربىيەلەش يولىدا ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللارنى قوللىنىۋاتىدۇ. نۇرغۇن شىرىن چۈشلەرنى كۆرىۋاتىدۇ، ئۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان غايىلىرىنى باللىرىدىن كۈتىۋاتىدۇ.
مەنمۇ بىر ئانا شۇنداقلا كۆپ يىللىق ئوقۇ ئقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان مالىم بولۇش سۈپۈتىم بىلەن ئازراق سۆزلەپ قويغۇم كەلدى،پەرزەنتلەرگە كۆپرەك ھەمرا بولسىڭىز، بولۇپمۇ تىلىچىقىشتىن تارتىپ 9 ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئائىلە تەربىيەسىنىڭ ئالتۇن ۋاختى،  قىرىنداشلارنىڭ مۇۋاپىق پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
  1 .  پەرزەنتلەرگە ئوخشاش مۇامىلە قىلساق . مەيلى قىز بالا بولسۇن ئوغۇل بالا بولسۇن. كىچىك بولسۇن چوڭ بولسۇن .
  2. ئەر ئايال ئىناق ئۆتسە، بىر بىرىنى ھۆرمەت قىلسا . ئىناق ئائىلىدە ئۆسۈپ چوڭ بولغان پەرزەنتلەر مىھرىۋانلىققا تويۇنغان بولىدۇ. مىھرىۋانلىققا ، تويۇنغان ئادەملا باشقىلارغا مىھرىۋانلىق بىرەلەيدۇ. بۇ بىزنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى گۈزەل ئەخلاق.
3 . ئىختىسات ئاشكارا بولسا. بىر ئايلىق كىرىم چىقىم ئىنىق بولسا. مۇۋاپىق بولسا ھەربىر پەرزەنتلەرىمىزگە  ئاتاپ بانكىغا قەرەللىك مائارىپ ئۈچۈن پۇل قويساق.
   4.ئاناتىلىنى مۈكەممەل چىقارساق . تىلى راۋان چىققان باللانىڭ چوڭ مىڭىسى ئىچىلىدۇ .كىيىن قانداق تىل ئۈگەنسۇن، قانداق شەكىلدە بىلىم ئالسۇن يەنىلا ئانا تىلى بىلەن تەبەككۈر قىلىدۇ.
5 . ئائىلە ئەزالىرى دىمۇكراتىك بولسا . دادا بولغۇچى مەن دادا، سىرتنىڭ ئادىمى دەپ ئۆزىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسەتسە، ئانا بولغۇچى مەن سىنى تۇغۇپ چوڭ قىلغان دىسە ،پەقەت بۇ ئۆيدە سوتلانغۇچى بالا بولۇپ قالىدۇ، بالىمۇ بىرھىسسىياتلىق  ئادەم ،ئۇنىڭمۇ خىيالى بار . پەقەت كىچىك ، ئاجىز ، مۇنداقچە قىلغاندا مۇستەقىل ئىختىسادى كىرىمى بولمىغانلىقى ئۈچۈن بىزگە بويسۇنىدۇ،(بولۇپمۇ ھازىرقى زاماندىكى باللا )
6 . ئائىلىدە ئەنئەنە تەربىيەسىنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى. بىز نىمە قىلىپ بەرسەك باللامۇ شۇنى دورايدۇ. ئاتا ئانا بىرىنچى تەربىيەچى . ئۆزىمىزنىڭ كىملىگىمىزنى ، دىنى ئىتىقادىمىزنى ، ئەجدادىمىزنى ھىكايە شەكلىدە سۆزلەپ مىڭىسىگە سىڭدۈرىۋىتەيلى. ئۇ بالا كىيىن چوڭ بولۇپ نەگە بارسۇن كىملىگىنى مەڭگۈ ئىسىدىن چىقارمايدۇ.  
7 . ئادەت تەربىيەسىنى كىچىگىدىنيىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىڭ. ئىشلارنى كىچىكتىن چوڭئىغىچە  مۇۋاپىق ئۇسۇلدا قىلدۇۇڭ .كىيىمىنى ئۆزى كەيسۇن ،تامىقىنى ئۆزى يىسۇن. ئەتىگەندە ئۆزى شۇ بىرۋاقىتتا ئورنىدىن تۇرۇشقا ئادەتلەنسۇن. خاتالىق كۈرۈلسە ھەرگىز قاتتىق ئاۋاز بىلەن تەنقىت قىلماڭ .يىتەكچىلىك قىلىڭ. قايتا قىلىشقا ياردەم بىرىڭ ،ئىلھامنى ئاساس قىلىڭ. بالا بىركۈندە چوڭ بولمايدۇ.تاماقنى چوقۇم بىر ئۈسەلدە يىيىشكە كاپالەتلىك قىلىش، تاماقتىن كىيىن دۇاقىلىشنى ئۇنتۇماسلىق، مانا بۇ بىزدىكى مىننەتدارلىق ئىدىيىسى.شۇكرى قانائاتچانلىقنقڭ بەلگىسى.
     يۇقۇردا سۆزلىگەنلىرىم ئاساسەن مەكتەپ يىشىغا توشمىغان ۋاقىتتىكى باللاغا قارىتىلغان . باللا مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنكى دەسلەپكى باللانىڭ قىزغىنلىقىنى سوۋۇتۇپ قويماڭ.مەكتەپكە كىرگەندىن كىيىنلا باللانىڭ يۈكى ئىغىرلايدۇ. مەكتەپتە كۆڭلى سۇ ئىچمىگەن بالىڭىزنى ئۆيدىمۇ قوشۇپ تەنقىتلەپ كەتمەڭ. ئەتىگىنى چىرايلىق ئاپىرىپ قۇيۇڭ .كەچتە ئىللىق چىراي كۈتىۋىلىڭ. تاپشۇرۇق ئىشلىشىگە ياردەم قىلىڭ. ھەرگىز بالىڭڭىزنىڭ ئالدىدا ئوقۇتقۇچىنى ،ياكى دەرسلىكنى سۆكمەڭ. بالا شۇ مالىمدا، شۇ مائارىپ ئەندىزىسىدە بىر ئۆمۈر ئوقۇيدۇئ كۆنىۋالغىچە مۇھىم دەپ قارىغاننى ئۆزى ئىشلىسۇن، ئىمكان بار ئۈرۈمچى ۋاختى 9دىن بۇرۇن ئىشلىتىپ ياتقۇزۇڭ.سىز تىلۋۇزۇر كۆرۈپ بالىڭىزغا تاپشۇرۇق ئىشلە دىسىڭىز ئويناپ ئۈگىنىپ قالغان بالىنىڭ كاللىسىغا ھىچنىمە كىرمەيدۇ. شۇڭا بىللە ئولتۇرۇڭ. تەكشۈرۈپ تۈزىتىشىگە ياردەم قىلىڭ.ھەرگىز چىچىلماڭ.سەۋرىچان بولۇڭ .سىزمۇ شۇنچىلىك ۋاقىتتا ھىچنىمە بىلمەيتىڭىز.ھەتتا تىلۋۇزۇرنىڭ ، تىلىفوننىڭ نىمە ئىكەنلىگىنىمۇ بىلمەيتىڭىز . بالىڭىز بىلىدۇ. بىزدىن ئۇستا بەزى ئىختىدارلىرىنى ئىشلىتىشكە . بەزى تەكرار يازىدىغان نەرسىلەرنى بالىنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ ئۆزىڭىز يىزىڭ. لىكىن چاندۇرماڭ. مەكتەپتە باللانىڭ ئالدىدا سەتلىشىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئۆزىمىز ئالىمىز .بالا ئاستا ئاستا چوڭ بولغانسىرى ئۇزۇنراق ئولتڭرۇشقا كۆنىدۇ، 3- سىنىپتىن كىيىن مەكتەپنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ مەيلىگە قۇيۇپ بىرىپ تەلەپنى كۈچەيتسىڭىز بولىدۇ.
     شەنبە يەكشەنبە ، ھىيت ئايەملەردە، تەتىلدە باللار بىلەن ساياھەت قىلىڭ يىزىلارغا ئاپىرىڭ . تاغلارغا ئەپچىقىڭ. كەڭ تەبىئەت بىلەن يۈزلەشسۇن. شۇ چاغدا شەخسىيەتچى ، ئاچكۆز بولۇپ قالمايدۇ. باشقا دوسلىرى بىلەن ھەمكارلىشالايدىغان بولىدۇ.
     بالىڭىزنىڭ دۇنياسىنى چۈشىنىڭ، ياشاۋاتقان زامانىنى چۈشىنىڭ .ئۈگىنىڭ . ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيىسىنى تاڭماڭ. ساغلام ،ئەخلاقلىق ، ئىمانلىق ئادەم بولسىلا كىيىنچە ھەممىنى ئۈگىنىۋالىدۇ. نورمال ئادەم بولسىلا بولدى.باشقىلارنىڭ باللىرى بىلەن بەسلەشتۈرمەڭ ، بۇنداق بالا كىيىن بەك بىچارە بولۇپ قالىدۇ.





   

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 17:20:19

Gulam615 خانىمنىڭ ئەمەلىي پىكىرلىرىگە ھەشقاللا. :)

otanqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 18:52:49

گۈلەن

0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:16:09

ئۆتەمدۇ ئاتىنىڭ بالىغا گېپى
بال يېمە دەپ تۇرۇپ يېسە گەر ئۆزى ……

بالا تەربىيلەشتە ئاۋال ئۆزىڭىز ئۈلگە بۇلۇڭ ,ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆگىنىڭ ,ئۇنى كۆپرەك ئىلھاملاندۇرۇڭ 。 ئەگەردە ئىتقادىمىزغا ,مىللىي ئۆرۈپ -ئادەت ئەخلاقىمىزغا يات قىلمىشلار بايقالغاندا بىرىنچى قىتىم شۇ ئىشنىڭ نېمىشقا يامان  بولدىغانلىقىنى ,نېمىشقا قىلسا بولمايدىغانلىقىنى تەپسىلىي زىرىكمەي - تىرىكمەي چۈشەندۈرۈڭ 。 ئوخشاش خاتالىق ئىككىنچى قېتىم تەكرارالانسا ئىككىلەنمەي ئىنىچكە چىۋىق بىلەن تازا ئۇرۇڭ 。 ئوخشاشلا بالىنى بەك ئەركە قىلۋېتىش گەپ ئاڭلىماس قىلىپ قويىدۇ، گەپ ئاڭلىتىمەن دەپ بەكرەك كۈچەپ كەتسىڭىز سىزگە يېنىپمۇ قۇيشى مۇمكىن 。 ھازىرقى ئاتا - ئانىلار دەل مۇشۇنداق ، كۈچەتنى ئېگىپ تۈزلەپ ھارام شاخلىرىنى پۇتاپ ئۆستۈرگىلى بولدىغان چاغدا تۈزلەپ چوڭ قىلىش كېرەك ,ئەگكىلى بولمايدىغان چاغدا ئېگىپ تۈزلەيمىز دېسەك سۇندۇرۋالىمىز。 ئىشقىلىپ بەكمۇ ئەركە بۇلۇپمۇ قالمىسۇن ، ھەم كۈندە تاياق توقماققا بېسىۋەرمەڭ 。 ئوتتۇرھال بولغىنى ئەۋزەل 。 ئەمما ياخشى ئىشلاردا كۆپرەك ئۆزىڭىز ئۈلگە بۇلۇڭ。

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 19:45:55

  مانا ئىزدىنىش !   
   مېنىڭمۇ 3 ئايلىق بولغان ئوغلۇم بار ، ئوغلۇم دۇنياغا كۆز ئاچقاندىن كېيىن ئۆزۈمنى ئۆزەمدىن قايتا ئىزدەشكە باشلىدىم ، ھازىر مېنىڭ ھاياتىمغا ئەڭ چوڭ ئەھمىيەت ئاتا قىلالايدىغىنى پەقەت بالامنى ياخشى تەربىيلەشكەن ،  ئايالىم ئۆيدە بىكار مەن ئىشلەيمەن ، سۈيۈملۈك ئايالىم قىرقىدىن چىقپلا بالامغا كىتاپ ئوقۇپ بېرىشنى باشلىغان تا ھازىرغىچە قويماي ھەر كۈنى كىتاپ ئوقۇپ بېردۇ (ۋەزىپىسى بار)، كىتاپ ئوقۇپ بەرسە ئىشەنسەڭلار ئاشۇ بوۋاقتىمۇ بىر خىل ئاجايىپ ئىنكاس پەيدا بولدىكەن ، بىر كۈنلۈك ھېرىپ چارچاش بالىڭىزنىڭ يىغىسىنى ئاڭلاپ ئايالىڭىزنىڭ چارچىغان كۆزلىرىگە كۈلكە ئاتا قىلىش بىلەن تۈگەيدىكەن ،.....

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:44:08

مىنىڭ 23 يىللىق بالا بولۇش سەزگۈرەشتىمدىن ھىس قىلغىنىم : ئاتا~ئانا   بالىلىرى بىلەن سىرداش ئۆتىشى كىرەككەن ، دائىم مۇڭدىشىپ تۇرسا  مىھرى چۇڭقۇرلىشىدىكەن
     ئاتا ئانام بىلەن بىز پەرزەنىتلەر ئارىسىدا مۇشۇ ئىش كەم بولغانلىقى ئۈچۈن بەزىدە بەك غىرىپسىنىپ قالىمەن ،  بۇنى ئۇلاردىن كۆرىشكىمۇ بولمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار بەك قىينچىلىق زاماندا چوڭ بولغان ، بىزنىمۇ جاپادا چوڭ قىلغان ، ئۇلارنىڭ تارتقان جاپاسىدىن ئەلۋەتتە بىزگە بولغان مىھرىنى ھىس قىپ يەتتىم ……
     مەن كىچىك ۋاقىتتا ئۇلار گەپلىرىمگە زادى ئىرەن قىلمايىتتى ،  بەلكىم نۇرغۇن ئاتا ئانالارمۇ شۇنداقتۇ ، بالا مەيلى كىچىك بولسۇن ياكى چوڭ بولسۇن ئۇلارنىڭ گەپ سۆزلىرىگە  ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلمىسا  بالىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچ سۇسلاپ كىتىدۇ
   بالىدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنىچنى يىتىلدۈرىدىغىنى ئاتا ئانا ، مەن خىلى چوڭ بولغىچىمۇ دادام مىنى نۇرغۇن ئىشنى  قىلالمايسە دەپ قىلدۈرمايىتتى ، قىلدۈرسىمۇ  ياخشى قىلالىشىمغا ئىشەنمەيتى ……
  مەن چوڭ بولدۇم ، داداممۇ ياشىنىپ قالدى ، بۇرۇنقىدىن كۆپ يىقىنلاشتۇق ، ھەرقىتىم بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يىگەندە ياكى تىلىۋۇزۇر كۆرگەندە بولسۇن مەن دادامنىڭ قىزىقىشى بويىچە گەپ قىلىمەن ، خەۋەرلەرنى ، ۋەقە ھادىسىلەرنى دادامنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىدە سۆزلەپ بىرىمەن ، دادام چوڭ بولغانلىقىمنى ، كۆپ نەرسىنى بىلىدىغانلىقىمنى ھىس قىلغان بولسا كىرەك مەندىن سۇئال سۇرايدىغان ، سۇئاللىرىمغا ، قاراشلىرىمغا ئەستايىدىل قارايدىغان بولدى ، ئەمما بۇ پاراڭلار يۈزەكى ئىشلار توغرىسىدا  بولغانلىقى ئۈچۈن  مەن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك پاراڭلارنىڭ ئاز بولغانلىقى ، قەلىبنىڭ چۈشىنىشمەسلىكى سەۋەبلىك غىرىبلىق تىخى بىسىقمىدى ،  ئانام باشقا نۇرغۇن ئانىلارغا ئوخشىمايدۇ ، ئانام بىلەن دادام ئوتتىرىسىدا ھىچ ئىش مەخپى تۇتۇلمايدۇ ، باشقىلار داداسىغا دىيەلمىگەن گەپنى ئانىسىغا دەيدىكەن ، ئەمما مىنىڭ ئانام بىلەن دىيىشىدىغان بۇنداق گەپلىرىممۇ بەك ئاز ،  باشقىلار دادىسىدىن پۇل سوراشقا  خىجىل بولسا ئانىسىغا دەپ پۇل ئالدۇرىدىكەن ، ئەمما ئانام ئۇنداق قىلمايدۇ ، دادامدىن بىۋاستە سورىشىمنى ئىيتىدۇ ، دادامغا ئوخشاشلا  پۇلنى نىمە ئىشلىتىدىغانلىقىمنى ، قالايمىقان خەجلىمەسلىكىمنى تاپىلايدۇ ، ئانام دادامغا بەك سادىق ، ھەرگىزمۇ بەزى ئانىلاردەك دادىسىنى ئالداپ بالىسىنڭ  خەجلىشىگە پۇل ئىپ بىردىغان ئىشنى قىلمايدۇ ……كەلگۈسىدىكى ئايالىمنىڭمۇ ئانامغا ئوخشاش ئىرىگە سادىق ئايال بولىشىنى تىلەيتىم .  
   
    دادام بىلەن مۇناسىۋىتىمگە قاراپ دادام كىچىك ۋاقتىمدە مىنى ئەركىلىتەر بولغىيمىدى دەپ ئويلاپ قالىمەن ، دادامنىڭ سۈرىدىنمىكىن  ئارىسىمىزدا بىر تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئارىلىق باردەك……

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 20:46:26

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 21:34:07

Gulam615 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 17:09:04 static/image/common/back.gif
مەن بۇ مۇنبەردە مۇنداقمۇ ئىسىل تىمىنىڭ ئوتتۇرغا قۇيۇل
بۇ مۇنبەردە بۇنىڭدەك ۋە بۇنىڭدىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلار بۇرۇندىن ئۈزۈلۈپ قالغىنى يوق. كونىرىغانسىرى تېخىمۇ ئامراق بولۇپ قالىسىز:P
      ئۇزۇن يىللىق مائارىپچى ھەم ئوغلىڭىزنى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا يولغان سالغان بىر مەسئۇلىيەتچان ئانا بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن قالدۇرغان ئىنكاسىڭىز تولىمۇ ئەمەلىي ھەم مەنپەئەتلىك بوپتۇ. ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ تەرەپلەرنى چوقۇم تولۇقلايدۇ دەپ تامادا ئوتتاردىمغۇ...

safiya816 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:39:29

مىنىڭ قىزىممۇ ھازىر 15 ئايلىق بولۇپ قالدى، بالامغا ھامىلدار بولغاندىن باشلاپ پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدىكى كىتاب- ماتىرىياللارنى كۆرۈشكە باشلىغانتىم،  پەرزەنت تەربىيىسى توغرىسىدا ھەرخىل كۆز قاراشلار باركەن، مەنچە ھەممىنى قارا-قويۇقلا بالىغا تەدبىقلاشقا بولمايدۇ، چۈنكى ھەممە بالىنىڭ مىجەز- خارەكتىرى، قىزىقىشى ئوخشىمايدۇ، بالىغا ماس كەلگىنى ھەقىقى ياخشىسى. مەنمۇ قىزىمنى تەربىيلەشتىكى ئۈنۈمى بىرقەدەر ياخشى بولدى دەپ قارىغان ئۇسۇللارنى سۆزلەپ ئۆتەي:
1، كىتاب ئوقۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈش. تۇغۇلغاندىن باشلاپلا كۈندە ئىككى ھىكايە ئوقۇپ بىرىشكە باشلىغان، 8، 9 ئايلىق بولغاندىن باشلاپ رەسىملىك كىتابلارنى ئېلىپ ئوقۇپ بەردۇق، ھازىر كىتابلىرىنى قىزىمنىڭ قولى يەتكۈدەك يەرگە تىزىپ قويىمىز، كۈندە ئوقۇپ بەر دەپ ئۆزى تاللاپ ئەكىلىدۇ.
2، ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارنى ئۆزىگە قىلغۇزۇش. بالىلارنى قىلالايدۇ دەپ قارىغان ئىشلارغا بۇيرۇپ، ياخشى قىلسا ئازراق ماختاپ ئىلھاملاندۇرۇپ قويساق، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدىكەن. قىزىم ھازىر ئەخلەتلەرنى ئەخلەت چىلىكىگە تاشلاش، كىتابلىرىنى ئۆز جايىغا رەتلىك تىزىش ، نان يىيىش قاتارلىق ئىشلارنى ئۆزى قىلىدۇ، دادىسى ئىشقا مېڭىش ئالدىدا بۇيرىمىساقمۇ دادىسىنىڭ پايپاق، چاپانلىرىنى تېپىپ ئەكىلىپ بىرىدۇ.
3، ھەرخىل ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەر بىلەن كۆپرەك ئۇچراشتۇرۇش. بۇنداق بولغاندا ھايۋان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئىسمىنى تىزلا بىلىۋېلىپلا قالماستىن، ھايۋاناتلاردىن قورقمايدىغان بولىدىكەن. قىزىمغىمۇ كەپتەر، توخۇ، بېلىق بېقىپ بەردۇق، كۈندە بىللە دان بىرىمىز.
ھازىرچە مۇشۇنچىلىك يېزىپ تۇراي، ئۈستىدىكى ئىنكاسلاردىن خېلى نەپكە ئېرىشتىم، تورداشلارنىڭ يەنە ياخشى پىكىرلىرى بولسا ئورتاقلىشارمىز.  

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:03:46

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 10:13  

   بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتى ۋە ئىنسانىي پەزىيلىتىنى تەڭ يېتىلدۈرۈش جەھەتتە ماڭا «كارل ۋىتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى» دىگەن كىتاب بەك يارىدى(ئابدىرېھىم دۆلەت تەرجىمە قىلغان نۇسخىسىنى كۆرگەنتىم). خارۋارد تالانتلىقلىرى ئارىسىدىكى يېشى كىچىك،ئەمما سەۋىيىسى ئالاھىدە يۇقىرى بولغان بەزى دوكتولارنىڭ دەل مۇشۇ كىتابتىكى مېتود بىلەن تەربىيىلەنگەن بالىلار ئىكەنلىكىنى بىلىدىغانلارغا  بۇ كىتاب ناتونۇشمۇ ئەمەس. بۇ كىتاب بىر تەقۋادار خىرىستىيان باستېر تەرىپىدىن يېزىلغىنى بىلەن، ئۇنىڭ تالانتلىق بالا تەربىيلەش مېتودىنى ئۈگۈنۈپ ئۈلگە قىلىشىمىزدىن چەكلەيدىغان ھىچبىر چەكلىمە يوق. بىز پەقەت ئۇنىڭ بەزى جايلىرىنى ئۆز ئېتىقادىمىز بويىچە جانلىق تەدبىقلىساقلا بولىدۇ(يەنى ئىنجىل ئورنىغا قۇرئان، ئىيسا ئەلەيھىسسالام ھەققىدىكى قىسسەلەر ئورنىغا تېخىمۇ سەھىھ بولغان پەيغەمبىرىمىز ھەققىدىكى ۋەقەلەرنى ئوقۇپ بەرسەك بولىدۇ.) بۇلار مېنىڭ شەخسىي قارىشىم بولۇپ، مۇنبەردىكى ئۇستازلار قانداق قارايدىكىن.

xXx يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:18:50

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئىزدىنىش ئەھلى!
مىنىڭ ئىككى ئۇغۇل ، بىر قىزىم بار.مەن بالىغا بەك ئامراق،ئامراق بۇلۇپمۇ زىيادە ئامراق.ئامراقلىقىم ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بەزىدە چوڭ ئوغلۇمنى نەگە بارسام،ئەگەشتۈرۈپ بارىمەن..

www.iskender.cn/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=380#lastpost

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:31:01

salambay يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 21:34 static/image/common/back.gif
بۇ مۇنبەردە بۇنىڭدەك ۋە بۇنىڭدىمۇ ئەھمىيەتلىك تېمىلا ...

رەخمەتسىزگە. ھەقىقەتەن توغرا ئىيتىسىز ،بۇ مۇنبەردە نۇرغۇن ياخشى مەزمۇندىكى نادىر تىمىلار بار . لىكىن بالامنى قانداق تەربىيەلەيمەن دىگەنگە ئۇخشاش ئۆز پەرزەنتىگە مەسئۇل بولۇش ،كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئالدىن ئويلايدىغان ئاتا ئانىنىڭ يۈرەك سۆزىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن تەسىرلەندىم. پەرزەنت ئاتا ئانا بولغۇچىنىڭ يۈرەك پارى. بالىنىڭ پۇتىغا كىرگەن تىكەن ئاتا ئانىنىڭ يۈرىكىگە سانچىلغاندەك ئاغرىيدۇ. لىكىن شۇ ئاللانىڭ ئامانىتىنى قانداق ساغلام ، ئادەم قىلىپ تەربىيەلەش ھەربىر ئاتا ئانا بولغۇچىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى. مەن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بالا تەربىيسى ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا بەك قىزىقىمەن. تەپسىلى كۈرىمەن. ئاندىن مەن بالامنى قانداق تەربىيەلىدىم؟ مەن بالامغا نىمە قىلىپ بەردىم ؟دىگەندەك سۇاللارنى ئويلايمەن .ئويلىغانسىرى ئىسىت ھازىرقى ئەقلىم بولغان بولسا مۇنداق قىلغان بولاركەنمەن دەپ ئۆكۈنىمەن. چۈنكى بىز بالا تۇغۇپ بالا تەربىيەلەيدىغان يەنە بالىمىزغا ئەڭ ئىھتىياجلىق ۋاقىتتا ياشلىق ، خىزمەت ،ئۇخىل بۇخىل ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىگىدە ياخشى قارىيالمىغانلىقىمدىن ئۆكىنىمەن. نۇرغۇن بالا تەربىيەلەشكە تىگىشلىك ماتىرياللارنىڭ كەملىگىدىن ئۆكىنىمەن. شۇ ۋاقىتتىكى بالامنى ئەتراپلىق چۈشەنمىگەنلىگىمدىن ئۆكىنىمەن.  
  

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:35:43

ئادەم ئارمان بىلەن ياشايدىكەنمىز. ھازىر سىلەر ياشلار كۆرەيدىسەڭلا ماتىرياللار تولۇق، مەيلى كىتاپلاردا بولسۇن، مەيلى ھەرخىل سالونلاردا بولسۇن،ئۈگىنىمەن دەيدىكەن ماتىرياللار تولۇق ،يىتىشلىك.
  شۇ مىنىڭ پەقەت بالامغا قىلىپ بىرەلىگىنىم تىلىنى تولۇق چىقىرىپتىمەن. 16يىل خەنزۇچە مائارىپتا ئوقىدى، لىكىن ئۆيدە يەنىلا ئاناتىلى ئاساس. ئەنئەنىنى ،دىنى ئۆرپ ئادەتلەرنى، ئۆزلۈك تەربىيەسىنى ،جەمەتىمىزنى مەيلى دادا تەرەپ بولسۇن مەيلى ئانا تەرەپنىڭ بولسۇن ئۈگىنىپ، سوراپ يۈرۈپ بالامغا ۋاقىتتىن ۋاقىت چىقىرىپ سۆزلەپلا تۇردۇم. تەتىللەردە يۇرتقا بىرىپ بىزنىڭ يىلتىزىمىزنى تونۇشتۇردۇم ،يەۋاتقان نەرسىلەرنىڭ نەدىن كىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتىم.بۇلارنىمۇ ئاساسەن تولۇق ئوتتۇرغا چىقىشتىن بۇرۇن كۈندە دىگۈدەك سۆزلەپ كەلدىم. بالامغا ھىچقانداق ئىشنى بىسىم قىلماپتىمەن، مەسلىھەت بىلەن قىپتىمىز.
ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چەتكە چىققۇسى كەلدى ئۇنىڭغىمۇ مەيلى دىدىم لىكىن چىدىمىدىم. چىدىمىدىم دەپ تۇتىۋالمىدىم ،پەقەت ئىككى شەرت قويدۇم بىرسى ئىنگىلىستىلى ئىمتىھانىدىن ئۆتىسەن، يەنە بىرى چىنىقىسەن . بالاممۇ ماقۇل كۇردى، ئىمتىھانمۇ بەردى ،ھەم چىنىقىشنىمۇ كۈچەيتتى. ئاللانىڭ ئىلتىپاتى بىلەن ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ ئارزۇ قىلغان كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ ئوقۇۋاتىدۇ. مىڭىش ئالدىدا يەنە بىر تەكلىپنى بەردىم ئۇ بولسىمۇ بارلىق ئاتا ئانىلار باللىرى چوڭ بولغاندا دۇچ كىلىدىغان مەسىلە، ئۇ بولسىمۇ ئۆيلىنىش مەسىلىسى مەن بالامغا ئىيتتىم ‹‹ئوغلۇم سەن بىزدىن ئايرىلىپ ناھايىتى يىراق يەرگە، مەدىنىيىتىمۇ ،دىنىمۇ ئوخشىمايدىغان يەرگە بىلىم ئىشقىدا كىتىۋاتىسەن، مىنىڭ ساڭا دەيدىغىنىپ سالامەت بول ،ئىمانلىق ياشا، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتىن بۇرۇن ئەستايىدىل ئويلان،بىر ئىشلارنى ۋاختىدا پۈتتەر،ۋاقىتقا رۇايە قىل كىچىكمە. ئەڭ مۇھىمى مەسئۇلىيەتچان بول قىلغان ھەرقانداق ئىشىڭغا مەسئۇل بول،ئەڭ ئاخىرىدا تاپماقچى بولغان جۆرەڭ ئۆز مىللىتىمىزدىن بولسۇن،ئەگەر ئۇمۇ بولمىسا دىنىمىز ئۇخشاش بولسۇن ، ئەگر ئۇنداق بولمىسا مەن سىزدىن رازى ئەمەس . ئاللاغا تاپشۇردۇم››دەپ يولغا سالغان ئىدىم ،بەرگەن ئاق سۈتۈمنىڭ ھەققى ھۆرمىتى بىلەن بىر ئۇيغۇر قىزنى تىپىپتۇ، ئالامچە خوش بولۇپ تويىنى قىلىپ قويدۇق. ئاللاغا مىڭ مەرتىۋە شۈكرىلەرنى ئىيتىپ ئوغلۇمنىڭ ئائىلىسىگە بەخت تىلەپ ئولتۇرۇپتىمەن. رەخمەت سىلەرگە.


Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:47:08

Gulam615 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 10:35 static/image/common/back.gif
ئادەم ئارمان بىلەن ياشايدىكەنمىز. ھازىر سىلەر ياشلار  ...

ماشائاللا...كۆچەت تېكىپ ياخشى پەرۋىش قىلىپ نەتىجىدە شىرىن مېۋىگە كىرگەننى كۆرگەندىنمۇ ھوزۇرلۇق ئىش بولمىسا كېرەك. سىلى ئۈچۈن مەن ھاياجانلاندىم .
پەرزەنت تەربىيسىگە مۇناسىۋەتلىك 15-20 پارچىدەك كىتاب سىتىۋاپتىمەن، ھەتتا فىرانسوسلار باللىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ، يەھۇدىيلار باللىرىنى قانداق تەربىيلەيدۇ، خارۋارد تالانتلىقلىرى، كارىل ۋېتىرنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى دېگەندەك كىتابلارغىچە ئىلىپ ئوقۇپ باقتىم. لىكىن بىزگە نەق چۈشۈدىغان بالا تەربىيلەش ‹‹دەستۇر›› لىرى يوق ئىكەن دەپ قارىدىم. ئەمەلىيەتتىمۇ ئەنئەنە، پىسخىك، ياشام ئالاھىدىلىكلىرىمىز، تارىخى، جۇغراپىيلىك ماكان ئۆزگىچىلىكىمىز دېگەنلەرنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ باللارنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش جەريانىدىكى ئۆسۈپ يىتىلىش باسقۇچلىرى، فىزئولوگىيلىك، پىسخىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ماس ھالدا ئۆزىمىزگە خاس ئەمەلىي تەربىيلەش ئۇسۇللىرىنى تىپىپ چىقىشىمىز كىرەك ئىكەن. مۇناسىۋەتلىك كىتاب-ماتىرياللارنى پەقەت پايدىلىنىش ماتىريالى سۈپىتىدە كۆرۈپ قويساق بولغۇدەك دەپ قالدىم.

Himmet يوللانغان ۋاقتى 2015-1-18 19:05:18

بالىغا نەسىھەت قىلغاندا ياكى تەنبىھ بەرگەندە، ئولتۇرۇپ بالا بىلەن ئىگىزلىكىمىزنى تەڭ قىلىپ ئاندىن نەسىھەت قىلساق، بالىغا بېسىم بولماي، ياخشى ئۈنۈم بىرىدىكەن.
بەت: [1]
: مۇشۇ بالىلار تەربىيەسى توغرىلىق پىكىرلىشىپ باقساق؟