huxhui يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 08:47:54

بالىڭىزنى ئۆي ئىشلىرىغا سالدىڭىزمۇ ؟

ئەمگەكنى سۆيۈش بالىلاردا تۇغما بولىدۇ، ھۇرۇنلۇق ۋە كالانپايلىق كېيىن شەكىللىنىدۇ، ئەگەر بالام قابىلىيەتلىك، ياراملىق ئادەم بولسۇن دېسىڭىز، ئۆزىڭىزنىمۇ ئۆزگەرتىڭ، بالىڭىزغىمۇ ئەمگەك تەربىيەسى بېرىڭ.

ئەمگەك ئادەم بولۇشنىڭ ئاساسى. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بوستون رايونىدىكى 456 بالىنى 20 يىلغىچە ئىز قوغلاپ ئەھۋال ئىگىلەپ، ئۆي ئىشىغا ئامراق بالىلار بىلەن ئۆي ئىشى بىلەن خۇشى يوق بالىلارنى سېلىشتۇرغاندا، چوڭ بولغاندىن كېيىنكى ئىشسىزلىق نىسبىتى 1: 15، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى 1: 10 بولغان، ئوتتۇرىچە كىرىمى %20 ئەتراپىدا يۇقىرى بولغان، ئاجرىشىش نىسبىتى، پىسخىك كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتىمۇ بىر قەدەر تۆۋەن بولغان. مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ، بالىلارغا كىچىكىدىن باشلاپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرۇش، ئۇلارنىڭ جاپاغا چىدايدىغان، ئەمگەك مېۋىسىنى، ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر – مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئېسىل ئەخلاق – پەزىلەتلەرنى يېتىلدۈرۈشىگە پايدىلىق؛ ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن تەبىئىيلا ‹‹قولى ئىشقا بارمايدىغان›› بالىلاردىن ئىستىقباللىق بولىدۇ؛ دەپ قارىغان.

گەرچە كەلگۈسىدە كىشىلەر كۆپىنچە جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ئورنىغا ئەقلىي ئەمگەكنى دەسسىتىدىغان بولسىمۇ، بىراق ئەقلىي ئەمگەك پۈتۈنلەي جىسمانىي ئەمگەكنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ، ئەگەر بالىلارغا كىچىكىدىن ئەمگەك دەرسى ئۆتۈلمىسە، چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن ياخشى چىقالمايدىغان، جەمئىيەت ئۈچۈن پايدىلىق ئادەم بولالىشى ناتايىن. شۇڭا بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەمگەك ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشتىن باشلىنىدۇ.

ئەمگەك تەپەككۇرنى ئاچىدۇ، جۇڭگولۇق ئاتا – ئانىلار بالىسىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى ئېچىشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئەمما ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئاساسى تەپەككۇر ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى، تەپەككۇر ھەرىكىتى ئەمەلىي پائالىيەتتىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمايدۇ. ئەمگەك جەريانىدا بالا ھەمىشە يېڭى مەسىلىلەرنى ئۇچرىتىدۇ ھەم بايقايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ چوقۇم تەپەككۇر قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەسىلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.
بالا ئەمگەكتىكى قىيىنچىلىقنى يېڭىپ، ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنى كۆرگەندە ئۇنىڭدا غەلىبە تۇيغۇسى بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئېشىپ، ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. بۇ جەريانلار باشقا پائالىيەتلەردە ئەمەلگە ئاشمايدۇ. بىر ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى 3 – يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىغا دېرىزە ئەينىكى توغرىلىق بىر پارچە ماقالە يېزىپ كېلىش تاپشۇرۇقى بەرگەن، نەتىجىدە ئۈچ ئوقۇغۇچى قانداق قىلغاندا دېرىزە ئەينىكىنى پاكىز سۈرتكىلى بولىدىغانلىقى توغرىلىق ئىنتايىن چۈشىنىشلىك يازالىغان، ئەسلىدە شۇ ئوقۇغۇچىلار ئاتا – ئانىلىرىغا ياردەملىشىپ شۇ ئىشنى قىلغان ياكى كۆرگەن ئىكەن.

ئەمگەك ماھارەتنى يېتىلدۈرىدۇ، بالا كەلگۈسىدە قانداق خىزمەت قىلىشىدىن قەتئىينەزەر ھەممىسى قول سېلىپ ئىشلەش ماھارىتىنى تەلەپ قىلىدۇ، ئەگەر ئاتا – ئانا بالىغا كىچىكىدىن ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزلىرىگە قىلدۇرۇپ مەشىق قىلدۇرسا، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ، بالا قول سېلىپ ئىشلەشكە ماھىر بولۇپ، كەلگۈسىدە تۇرمۇش ۋە خىزمەت تەلىپىگە ماسلىشالايدۇ.

مائارىپشۇناس ئانتون سىمىنوۋىچ ماكارېنكو ئۇزاق مۇددەت تەتقىق قىلىپ ۋە كۆزىتىپ، ئائىلىدە توغرا بولغان ئەمگەك تەربىيەسى قوبۇل قىلغان بالا ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق ھالدا باشقا تەربىيە ۋە بىلىملەرنى قوبۇل قىلالايدۇ، دەپ يەكۈن چىقارغان. ئومۇمەن ئائىلىدە ئەمگەك تەربىيەسى ۋە مەشىقىنى قوبۇل قىلمىغان بالا گەرچە تىرىشىپ ئوقۇپ، ئەڭ ياخشى مائارىپ شارائىتىغا ئىگە بولسىمۇ، يەنىلا بەزى مەشىق ماھارەتلىرىنى ئەڭ ياخشى دەرىجىدە قوبۇل قىلالمايدۇ ھەم ھەر خىل مەغلۇبىيەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش بالىدا ئائىلىگە، ئاتا – ئانىغا قارىتا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرىدىغان ئۈنۈملۈك يول. بالىغا قۇربى يېتىدىغان ئۆي ئىشلىرىنى قىلدۇرغاندا، بالا ئاستا – ئاستا ئۆزىنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى، ئورنىنى ھېس قىلىدۇ، ئاتا – ئانىسى بۇيرىغان ئىشلارنى ۋاقتىدا، ياخشى ئورۇنداشقا تىرىشىدۇ، ئەگەر ئۆي ئىشلىرى ئارقىلىق چېنىقتۇرۇلمىسا بالىدا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز ياكى يوق بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە:لەگلەك تورى
بەت: [1]
: بالىڭىزنى ئۆي ئىشلىرىغا سالدىڭىزمۇ ؟