batur72 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 08:44:14

قەيسەر مىجىت : ئۈندىدار خاتىرىلىرىمدىن ئۈزۈندىلەر

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   batur72 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 08:45  

(1)

‏ھەقىقى پۈتۈنلۈك....

‏(فوتوگراپ ئىنىمىز جۇماخۇنغا بىغىشلايمەن)

‏********************

‏شۇنداق ئادەملەر بار،
‏ئاغزى سۆزلەيدۇ،
‏قەلبىدە سۆزلىيەلمەيدۇ.
‏ئىككى قۇلىغى ساق،
‏ھاياتنىڭ گۈدۈكىنى ئاڭلىيالمايدۇ.
‏جۇماخۇن،
‏‏قەدىمى يۇرت -بارچۇقتا تۇغۇلغان ئىنىم،
‏سۆز قىلالمىغاندەك تۇرغىنىڭ بىلەن،
‏ئىگىلمەس روھىڭدا سۆز قىلىپ كەلدىڭ.
‏ئاڭلىيالمىغىنىڭ بىلەن،
‏يۈرەك تىۋىشلىرىڭنى ئاڭلىتىپ كەلدىڭ.
‏چۈنكى سەن ھاياتنىڭ پىچىرلىشىنى،
‏سەزگۈر قەلبىڭدە ئىنىق ئاڭلىدىڭ.
‏قارامتۇل توق يىشىل جىلىتكە كىيىپ،
‏بوينىڭغا ئاپارات بار سومكىنى ئىسىپ،
ۋايىغا يەتكۈزۈپ سۆيگەن كەسپىڭنى،
‏يىقىملىق كۈلكەڭدە تارتىپ دوستلارنى،
‏«ۋاي بىزنىڭ جۇماخۇن» بولۇپ ئاتالدىڭ.‏
‏سۆيۈملۈك خانىمىڭ مىھرىگۈل بىلەن،
‏ياشلىق ھاياتىڭغا يىڭى تۈس بەردىڭ.
‏كىسەللىك مۈشكۈلات تۇغقان بولسىمۇ،
‏ئۈمىتۋار روھ بىلەن ئۇلارنى يەڭدىڭ.
‏جۇماخۇن،
‏سەن ئۈلگە ساق تۇرۇپ كەمتۈك بولغانغا،
‏ھاياتتىن بىزار بوپ ۋايسايدىغانغا،
‏ۋە ياكى ھەممىنى تەقدىردىن كۆرۈپ،
‏باشقىنى ئۆچ كۆرۈپ قاۋايدىغانغا.
‏نەشىنى ئۆلگۈدەك تارتىپ مەس بولۇپ،
‏ئۆزىنى ساق -باتۇر سانايدىغانغا.
‏جۇماخۇن،
‏ھەقىقى ئىنسانلىق سىنىڭدە پەۋەس،
‏قولۇڭدا ئاپارات، يۈزۈڭدە كۈلكە،
‏قەلبىڭدە مۇھەببەت، دوستلارغا چىنلىق،
‏‏تۇرمۇشنى، ھاياتنى سۆيۈپ ياشايسەن.
‏ھەقىقى پۈتۈنلۈك بار سەندە شۇنداق،
‏ئەل دۇئا ئوقۇيدۇ:«روناق تاپقايسەن!»

(2)

ياشلىقتىكى روھى غالبىيەتچىلىك...
‏************
‏چۈشلىرىڭدە، خىياللىرىڭدا،
‏ئۇچۇپ يۈرسەم گويا شۇڭقار بوپ.
‏ئىيتقىنا چىدايسەن قانداق؟،
‏ئاسمىنىڭدىن مۆلدۈر ياغدۇرۇپ!

(3)

‏‏‏خانتېرەك
‏********
‏پامىر تاغلىرىنىڭ ئىتىگىدە،
‏ئاسمانغا ئەڭ يىقىن يەردە.
‏خانتېرەك دەپ بىر يۇرت بار،
‏كىندىك قىنىم تۆكۈلگەن شۇ يەرگە.
‏تاغلىرى ھەيۋەتلىك، ئاسمىنى كەڭ،
‏ئىقىپ كىلىدۇ چوققىدىن سۇلار.
‏دۇنيانىڭ پاكلىغى ئۇ يەردە،
‏پەرۋاز ئەيلەيدۇ شۇڭقارلار.
‏ياپچانغا تۇتاشقان يوللىرى بار،
‏ئاقتۇغا يول ئالاتتى پىيادە،
‏ئىگىز بويلۇق غوجا مامۇتكام.
‏غەيرەت دىگەن بالىنىڭ دادىسى،
‏توم قاشلىق ئاۋۇت داۋۇتكام.
‏ئىشان دەپ ماگىزىنچى بار ئىدى،
‏دۇكىنىغا يوغۇن تۆمۈر قۇلۇپ سالاتتى.
‏ئىسىمدە بىر ئىغىز ئۆيىمىزدە،
‏قۇيماق قۇيماقچى بولغىنى ئانامنىڭ.
‏ياغنىڭ بۇسىدا باش قىيىپ،
‏بوسۇغۇدا بىر مەھەل ئولتۇرغىنىم
‏كۆك خالات بار ئىدى ئۇچامدا،
‏ئىسىمدە يەنە ئۇنىڭغا قۇسقۇنۇم.
‏شۇ چاغدا كۆزۈمگە چۈشكىنى،
سازايى قىلىنىپ ماڭغانلار.
بىشىدا بەك ئۇزۇن قالپاق بار،
‏ۋە يەنە پۈكۈلگەن قامەتلەر.
‏كەينىدە توۋلايدۇ ۋاقىراپ،
‏ئادىمى سۈرئەتلىك ھايۋانلار.
مەن بەلكىم بۇلاردىن يىرگەندىم،
‏بولمىسا خالاتقا قۇسامدىم؟
‏بەختىمنى ئىزدىگەن ياش دادام،
‏مۇشۇنداق بىر تىلەك قىپتىكەن:
‏«بۇ بالام، چوڭ بالام بىر كۈنى،
‏شۇڭقار بوپ يىراققا ئۇچسىكەن»
‏خانتېرەك،
‏مەن سەندە «ئىڭڭەلەپ» كۆز ئاچتىم.
‏مىھرىم بار قوينۇڭغا ئاتقۇم بار،
‏قىپ قالغان بوۋاقلىق ھىدىمنى،
‏پۇراشچۈن توپاڭدا ياتقۇم بار.
‏سۆيۈملۈك يۇرتلارنىڭ ئىچىدە،
‏باش قىلىپ ئالدىغا قاتقۇم بار  ...

(4)
‏دانىيال ئاكا...
‏***********
‏‏      ئۇيغۇرلاردا كىچىكلەر ئۆزىدىن چوڭ ئەرلەرنى ئاكا دەپ چاقىرىشىدۇ.
‏   ئاتۇشنىڭ لەڭگەردە چوڭ بولغان زەينۇللا ئۈرۈمچىدە ئېنگلىزچە ئۈگۈنۈپ يۈرگەن دەسلەپكى كۈنلەردە بىر ياشقا چوڭ ئامىرىكىلىققا ئۇچراپ قاپتۇغۇ.
‏  بۇ ئامىرىكىلىق ئېنگلىز تىلىدا ئەمدىلاتىن تىلى چىقىشقا باشلىغان زەينۇللاغا ئۆزىنى تونۇشتۇرۇپتۇ.
‏-I am Daniel (مەن دانىيال بولىمەن)
‏-ماي نەيىم ئىز زەينۇللا دەپتۇ ئۇ، ۋە بۇ ئامىرىكىلىقنى قانداق ئاتاشنى بىلەلمەي تىڭىرقاپتۇ، چۈنكى بۇ ئامىرىكىلىق ئۇنىڭ  ئاكىسىدىنمۇ ياشقا چوڭكەندە.
‏-بۇنداق ئادەملەرنى قانداق ئاتايدىغان بولغىيتى؟ ئىسمى دانىيال ئىكەن، بىر تەرىپى ئۇيغۇر بولىشى مۈمكىن، قوشنىمىزنىڭ دانىيار دەپ بالىسى بارغۇ.  ئۇدۇللا ئىسمىنى ئاتىسام، ئۇيغۇرچە بىلىپ قالسا ھۆرمەتسىزلىك بولمىسۇن، ئەڭ ياخشىسى ئۇيغۇرچە ھۆرمەت قىلىپ ئاتاۋىرەي، دەپ ئويلاپتۇ ئۇ ۋە سۆز باشلاپتۇ.
‏-خەلو دانىيال ئاكا....


‏‏.(5)

‏‏ئا.جالالىدىننىڭ "ئاق چېچىم" ناملىق شىئېرىغا تەقمىس...

‏***********
‏ئاقارغۇدەك چىچىم قالمىدى،
‏خىلى بۈدۈر چاڭگا باش ئىدىم.
‏بەلكى مىڭ قىز كۆيگەن بولغىيتى،
‏ئەمدى بىرگە «ھەشقاللا» دىدىم.
‏قارا تۇرۇپ شالاڭلىدى چاچ،
‏ئەمما ھامان ئاق تۇردى قەلبىم!:)


   ئەسكەرتىش : ئەسەر ئاپتورنىڭ رۇخسىتى بىلەن مەزكۇر مۇنبەرگە يوللاندى .
بەت: [1]
: قەيسەر مىجىت : ئۈندىدار خاتىرىلىرىمدىن ئۈزۈندىلەر