dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 23:19:47

ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۆگەتمىگەن ئەشۇ ئىشلار

ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۆگەتمىگەن ئىشلار

ئەملىي  جەن كلارك ( ئەنگىلىيە)

داداش تەرجىمىسى



ئۆزىنى قانداق پەردازلاش

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئاپامنىڭ يۈزىگە بىر نەرسە سۈركىگىنىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم . ئۇ ئەتىگەنلىرى بىرمۇنچە ۋاقىتنى سەرپ قىلىپ گىرىم قىلىش، چىچىنى تۈزەش، تىرنىقنى بوياش دېگەندەك ئىشلارنى ھەرگىزمۇ قىلمايتى.
ئۇ ئەزەلدىن مېنىڭ چىچىمنى رەتلىك ئۆرۈپ قويمايتى، كۆينىكىمنى پاكىزە كېيىشنى جىكىمەيتى، بىرەر يىغىلىشقا ئېلىپ بارسىمۇ پەردازلاپ قويمايتى ياكى پارقىرايدىغان مەلىكە توپلىيىمۇ ئېلىپ بەرمەيتى. بەلكى دەل ئۇلارنىڭ ئەكسىچە، ئۇ ماڭا كالتە شىم ۋە مايكا كىيدۈرۈپ قوياتتى، مىنى ھەرقىتىم سىرتتا دوستلىرىم بىلەن قىيغىتىپ، شوخلۇق قىلىپ ئويناپ يۈرگەن يىرىمدىن تاپاتتى، ئۇ ماڭا ئۇزۇن قونچۇلۇق يامغۇرلۇق ئۆتۈك كېيدۈرۈپ قويۇپ، سۇ يىغىلىپ قالغان ئورەكلەرگە سەكرەپ، لاي سۇلارنى چاچرىتىپ ئوينىشىمنى كۆرەتتى. مەن دائىم دېگۈدەك لاي ئويناپ كېيملىرىم مەينەت بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇ ئازراقمۇ پەرۋا قىلىپ قويمايتى.

ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ، بىر قىز بالا ئۈچۈن چىرايلىق بولۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىمدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، چىرايلىق بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەر بارئىكەن، ئالايلى، چىن دوستلۇق، ئەقىل، يۇمۇرستىكىلىق ۋە خۇشاللىق قاتارلىقلار...
شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا سۈرمەمنىڭ رەڭگى توغرا بولمىسا، ئايغىمنىڭ بىلەن سومكام ماس كەلمىسە، تىرناقلىرىم پەردازسىز بولسا ئۆزۈم ئازىراقمۇ بىئارامچىلىق ھېس قىلمايمەن، بۇنى مەندىن كۆرمەڭ، بۇنى ئەشۇ ئاپامدىن كۆرۈڭ.


ھەر ۋاقىت فىگورىسىغا دىققەت قىلىش

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا ئاپام ئەزەلدىن تاماقتىن پەرىز تۇتمايتى، ئەزەلدىن كالورىيە مىقدارى ياكى ئورۇقلاش دېگەن ئىبارىلەرنى ئۇنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلىمايتۇق.  ئۇ ئەزەلدىن « قارىماققا سەل سەمىرىپ قاپتىمەن» دەپ ئاھ ئۇرمايتى ياكى يەنە ئازتولا زىلۋالىشش ئويىدىمۇ بولمايتى. شۇڭا، مەن ئەزەلدىن زىلۋا بولۇش ئۇنچە مۇھىم ئىش دەپ قاراپ باقمىدىم.
ئۇ ئەزەلدىن بىزنى ياغسىزلاندۇرۇلغان سۈت ياكى تۆۋەن ياغلىق قېتىق ئىچىشتىن چەكلەيتى، ھەتتا بەزىدە ئاتايىن بىزگە پىچىنە ۋە شاكىلات يېگۈزەتتى. ئۇ ئەزەلدىن بىزگە تاتلىقنى كۆپ ئستىمال قىلسا سەمىرىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ باقمىغان، ئەمما تاتلىقنى كۆپ ئېستىمال قىلىشنىڭ ساغلام ئادەت ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتەتتى.
مەن ئورۇقلۇقنىڭ مۇھىملىقىنى بىلمەيمەن، ئەمما ساغلاملىقنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ياخشى بىلىمەن.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ناۋادا مەن تەن شەكلىمنى تۇراقلىقىنى ساقلاش ئۈچۈن تاتلىق يېمەكلىنى رەت قىلىشنى خالىمىسام ياكى بالامنىڭ تەن ئېغىرلىقىنى خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل كۆرسەم، بۇنى مەندىن كۆرمەڭلار، بۇنى ئەشۇ ئاپامدىن كۆرۇڭلار.



قانداق قىلىپ بىر ياخشى ئائىلە ئايالى بولۇش

مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدا، ئاپام ئەزەلدىن بىزگە پىرەنىك ياكى تورت پىشۇرۇپ بېرىپ باققان ئەمەس. ئۇ ئەزەلدىن بىزگە ئىشتانغا دەزمال سېلىپ قىر چىقىرىشنى ئۆگىتىپ باقمىغان، دوخۇپكىنى قانداق تازىلاشنى، قانداق ياسىنىشنى ئېيتىپ بەرمىگەن. بىراق ئۇ سائەت-سائەتلەپ ۋاقىت سەرىپ قىلىپ، مەن بىلەن پاراڭلىشاتتى، بالىلار ناخشىلىرىنى ئۆگىتەتتى، ھېكايە ئېيتىپ بىرەتتى.
مەن دەل ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىرگە ئۆزى سۆيگەن خىزمەتتىن ۋاز كەچمەسلىكىنى ئۆگەنگەن. مېنىڭ گۆدەكلىك چاغلىرىمدا يېنىمدا مەخسۇس تۇرغىنىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئاساسەن خىزمەت بىلەن ئالدىراش ئۆتتى. ئۇ بىر مۇۋەپپەقىيەت قازانغان مۇخبىرغا ئايلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە ئائىلىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى.
مېنىڭ دادام ۋە ئاپام ئىككىسى بىرلىكتە تاماق تەييارلايتى، بىرلىكتە تازىلىق ئىشلىرىنى قىلاتتى، بىرلىكتە بىزنى بېقىپ -تەربىيىلەيتى، مەن كىچىك چىغىمىدىلا بۇلارنىڭ پەقەت ئايال كىشىنىڭلا ئىشى ئەمەسلىكىنى بىلدىم. ھەرقانداق ئادەم پەقەت بەش مېنۇت ۋاقىت سەرپ قىلسىلا بۇ ئائىلە ئىشلىرىنى قىلىۋىتەتتى.
مەن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئەزەلدىن يېڭى پۇشۇرۇلغان پىچىنىنىڭ ھىدىنى ھىدلاپ باقمىغان، ئەمما ئۆيگە كىرگىنىمدە قۇچاقلاش ئۈچۈن كىرىلگەن چوڭ بىر غۇلاچ ۋە كۈلۈمسىرەش تەييار ئىدى.
شۇڭا، ناۋادا سىز مېنىڭ ئۆيۈمدە چاي ئىچىشكە داخىل بولۇپ قالسىڭىز، مەن سىزنىڭ ئالدىڭىزغا دۇكاندىن سېتىۋالغان تەييار تورتنى قويۇپ مېھمان قىلىمەن، بىراق بىز يەنىلا كۆڭۈللۈك پاراڭلىشالايمىز، ماڭا ھەيران بولماڭ، بۇلارنى ئەشۇ ئاپامدىن كۆرۈڭ.

مېنىڭ ئاپام ئەزەلدىن « ئانىلار تورى» دىن بالا بېقىش ھەققىدە ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ باقمىغان ياكى گوگۇلدىن « قىز بالىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك» دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپ باققانمۇ ئەمەس ۋە ياكى قانداقتۇر بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يانفۇن ئەپلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە ئايالى بولۇپ قىلىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ باقمىغان  ۋە يەنە  بىرخىزمەتچى ئانا بولۇپ قىلشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاستە سىزىمىغا ئەمەل قىلاتتى، ئۆزى بالىلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلاتتى.

ھازىر، مەن ھەرگىزمۇ بىر مودىغا لايىق ئانا ھېسابلانمايمەن، ۋەياكى بىر قالتىس ئاشپەز ئانىمۇ ئەمەس، بىراق مەن ساغلام، مۇستەقىل، شاد-خورام بىر ئانا. مېنىڭ بۈگۈنكى «مەن» بولۇپ يېتىلىشىم ، ئەشۇ ئاپامنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى  نېمىلەرنى قىلمىغانلىقىدىن كەلگەن. ھالبۇكى مەنمۇ قىزىمغا شۇنداق قىلشىنى خالايمەن.

خەنزۇچە « ياشلارئۈچۈن پايدىلىنىش» 2014-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنىدىكى سانىدىن تەرجىمە قىلىندى

jan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 00:38:05

تەھرىرلەپ قويدۇم

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 00:46  

ئۇ تىلدىن ئەدەبى نەرسە تەرجىمە قىلسا، بەزىدە ئانچە راۋان چىقماي قالىدۇ. ئارتۇق- تۆشۈك نەرسىلىرىنى تاسقىۋېتىپ، مەزمۇنىنى يىغىپ، ئەدەبى تەسۋىرلەر بىلەن بىر ئاز بەدازلىسا ياخشى بىر ئەسەر چىقاتتىكەن. دېمەكچى بولغۇنۇم، بۇ يازمىدا خۇددى 11 ھېكمەت، 7 خىسلەت-دېگەندەك تېمىلاردا قاتار تىزىلىپ كېلىدىغان، بىر خىلدىكى سۆز تەكرارلىنىشى بەكلا كۆزگە چېلىقىدىكەن. ماۋۇ تۆۋەندىكى سۆزنى مەن 11 يەردە ئۇچراتتىم. يازمىنىڭ ھەجمى كىچىك بولغاچقا كۆرمەي ئۆتۈپ كەتكىلى بولمىدى.
..« ئاپام ئەزەلدىن.... »، ... « .... ئۇ ئەزەلدىن.... »
ئەدىبلىرىمىز، تەرجىمانلىرىمىز! ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىپ، سىرتقى كۆرۈنۈشىنى ئەستىن چىقىرىۋەتمەيلى. ئۆينىڭ ئىچىنىلا بېزەپ، سىرتىنى قۇشقاچ چاڭگىسىدەك تاشلىۋەتمەيمىزغۇ .  :D

birmoo يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 00:40:47

توۋا 、دەپ تۇرۇپ ئېشەك تە ماي تارتىدىغانلار جېق دە ھاھا ھە دەپ قويغۇلۇق

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 07:18:06

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 07:59:40

تەرجىمە بەكلا جاپالىق بىر ئىشكەن. تولا قۇسۇر ئىزلىمەي ئوقۇيلى.{:92:}
خالىس ئەمگەكتىن رازى بولمايسىلەر زادى.
ئەمما جان ئىسىملىك توردىشىمىز دىگەن ئوخشاش سۆزلەرنىڭ زىيادە تەكرارلىنىشىغا دىققەت قىلىش كېرەككەن.
مەن ھەر بىر جۈملىنىڭ ئىدى دىگەن سۆز بىلەن تاماملىنىشىغا بەك ئۆچ، كۆرسەملا بىئارام بولىمەن.

wuyyu يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:09:42

مېنىڭچە بىر ئانا ھەرگىز بۇ ماقالىدىكى ئانىدەك قىلماسلىقى كېرەك. (شەخسىي كۆز قارىشىم)

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:25:13

jan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 00:38 static/image/common/back.gif
ئۇ تىلدىن ئەدەبى نەرسە تەرجىمە قىلسا، بەزىدە ئانچە را ...

تەشەككۈر. :lol  مەن بۇ يازمىنىڭ ئەسلى يېزىلىش ئۇسلۇبىغا بەكلا سادىق بولۇپ كەتكەندەك قىلىمەن  راست.  تەرجىمە قىلىش كەسپىم ئەمەس، خەنچە ئۆگىنىشتىكى بىرخىل ئادىتىم . ئادەتتە خىزمەتتىن سىرت ۋاقىتلاردا  خەنچە يازمىلارنى ئوقۇپ تەرجىمە قىلىپ قويىمەن شۇ جەرياندا يولۇققان ناتونۇش سۆزلەرنى لۇغەت ئاقتۇرۇپ ئۆگېنىۋالىمەن، ئاندىن ۋەقەلىكىنى خەنچە سۆزلەپ باقىمەن ۋاھاكازا...
شۇنداق قىلىپ مۇشۇ بىر -ئىككى يىلدىن بىرى خەنچە سەۋىيەم خىلى ئىشىپ قالدى.

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:36:01

wuyyu يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 09:09 static/image/common/back.gif
مېنىڭچە بىر ئانا ھەرگىز بۇ ماقالىدىكى ئانىدەك قىلماسل ...

ۋۇييۇ

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:44:21

تەرجىمە قىلغان قىرىندىشىمغا رەخمەت .قارىماققا بۇ ماقالە ‹‹ئانىسىدىن ھىچقانداق تەربىيە ئالمىغان بىر قىزنىڭ››تىلى بىلەن ،ئاددى تىللار بىلەن يىزىلغان ماقالە بولسىمۇ لىكىن تەربىيە ئەھمىيىتى ناھايىتى چوڭقۇر ئىكەن .
    بولۇپمۇ ماڭا تەسىر قىلغىنى ، كاشكى ئانىسى بۇ قىزغا گۈزەللىك تەربىيەسى ئىلىپ بارمىغان بولسىمۇ ‹‹ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ، بىر قىز بالا ئۈچۈن چىرايلىق بولۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىمدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، چىرايلىق بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەر بارئىكەن، ئالايلى، چىن دوستلۇق، ئەقىل، يۇمۇرستىكىلىق ۋە خۇشاللىق قاتارلىقلار.....›› مۇشۇقۇرلار بولدى .بەلكى ئوقۇرمەنلەر مۇشۇ قۇرلارغا دىققەت قىلمىغاندەك تۇرىدۇ.
      ئۇنداقتا بىز ھازىرقى دەۋردىكى ئانىلارغا دىققەت قىلىپ باقايلى . ھازىرقى ئانىلار قىزلىرىغا نىمىنى   ئۈگىتىۋاتىدۇ؟ ھازىرقى ئانىلار ئەتىگەن تۇرغاندىن تارتىپ بالاانىڭ ئەتىگەنلىك ناشتىنى تەييارلاپبىرەمدۇ ياكى ئەينەكنىڭ ئالدىدىن نىرى كىتەلمەمدۇ؟ توي تۆكۈن ئولتۇراشلارغا بارغاندا قانچە قۇر كىيىم ئالماشتۇرىدۇ؟ئىشكاپىدا شۇنچە كۆپ كىيىم تۇرسىمۇ يەنىلا كىيىمى ماسكەلمىگەندەك ، چىنىپ قىلىۋاتقاندەك ھارماي كوتۇلدايدۇ...مۇشۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان قىز قانداق چوڭ بولىدۇ؟بۇ ھىكايىدىكى باش پىرسۇناش نىڭ ‹‹ئۇ ئەزەلدىن ماڭا ، بىر قىز بالا ئۈچۈن چىرايلىق بولۇشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىش ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ باقمىغان ئىدى. مەن ئۆسۈپ يېتىلىش مەنزىلىمدە شۇنى ھېس قىلدىمكى، چىرايلىق بولۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ مۇھىم بولغان نەرسىلەر بارئىكەن، ئالايلى، چىن دوستلۇق، ئەقىل، يۇمۇرستىكىلىق ۋە خۇشاللىق قاتارلىقلار....››مۇشۇنداق ھىس قىلغان ھاسىلاتى بارمىدۇ؟
      

     

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:51:07

‹‹مەن مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە ئەزەلدىن يېڭى پۇشۇرۇلغان پىچىنىنىڭ ھىدىنى ھىدلاپ باقمىغان، ئەمما ئۆيگە كىرگىنىمدە قۇچاقلاش ئۈچۈن كىرىلگەن چوڭ بىر غۇلاچ ۋە كۈلۈمسىرەش تەييار ئىدى.››مۇشۇ قۇرلاردىن نىمىگە ئىرىشىمىز ؟ ئۇنداق بولسا كۆپ قىسىم ئانىلار باللىرى ئۆيگە كىرسە ئۆيدە كىم ئالدىغا چىقىپ قارشى ئالىدۇ؟
   ئەگەر ئانىسى بولسا ‹‹ھە كەلدىڭمۇ ،مەكتەپتە نىمە قىلدىڭ، تاپشۇرۇق ياز..... .دىگەندەك ھىرىپ ئىچىپ كەلگەن بالىنىڭ ھالىغا يەتمەيدۇ . دىمەك بۇ قىز يەنىلا بەختلىك ئىكەن.

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:54:30

ئۇندا بىز ئانىلار ‹‹مېنىڭ ئاپام ئەزەلدىن « ئانىلار تورى» دىن بالا بېقىش ھەققىدە ماتېرىيال ئاقتۇرۇپ باقمىغان ياكى گوگۇلدىن « قىز بالىنى قانداق تەربىيىلەش كېرەك» دېگەندەك مەسىلىلەرگە جاۋاب ئىزدەپ باققانمۇ ئەمەس ۋە ياكى قانداقتۇر بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك يانفۇن ئەپلىرىنىمۇ ئىشلىتىپ باققانمۇ ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ ئائىلە ئايالى بولۇپ قىلىشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ باقمىغان  ۋە يەنە  بىرخىزمەتچى ئانا بولۇپ قىلشىدىنمۇ ئەندىشە قىلىپ باقمىغان. ئۇ ئۆزىنىڭ بىۋاستە سىزىمىغا ئەمەل قىلاتتى، ئۆزى بالىلارغا پايدىلىق دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلاتتى.››مۇشۇنداق ماتىرياللارنى تىپىپ كۆرۈپ قىزلىرىمىزنى تەربىيەلەشكە پايدىلاندۇكمۇ؟

Gulam615 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:57:12

مانا بۇ شۇ بىز نەزىرىمىزگە ئىلمىغان ، لاياقەتسىز ئانىنىڭ مەھسۇلاتى .‹‹ھازىر، مەن ھەرگىزمۇ بىر مودىغا لايىق ئانا ھېسابلانمايمەن، ۋەياكى بىر قالتىس ئاشپەز ئانىمۇ ئەمەس، بىراق مەن ساغلام، مۇستەقىل، شاد-خورام بىر ئانا. مېنىڭ بۈگۈنكى «مەن» بولۇپ يېتىلىشىم ، ئەشۇ ئاپامنىڭ نېمىلەرنى قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى  نېمىلەرنى قىلمىغانلىقىدىن كەلگەن. ھالبۇكى مەنمۇ قىزىمغا شۇنداق قىلشىنى خالايمەن››
  ئەمدى بىز قانداق قىزلارنى تەربىيەلىدۇك؟

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:25:07

مىنىڭچە قىزلارنى 3جەھەتتىن تەربىلەش بەك سۇس قارىلىۋاتىدۇ.
1- ئېتىقادى تەربىيىسى:
ئېتىقادسىز ئايال ھەقنى تۇنۇمايدۇ، ئېتىقادسىز ئايال بارسا بولمايدىغان يەرگە بارىدۇ،قىلسا بولمايدىغان ئىشنى قىلىدۇ، ئېتىقادسىز ئايالدا ھايا بولمايدۇ، ئېتىقادسىز ئايال ئامانەتكە خىيانەت قىلىدۇ، ئېتىقادسىز ئايال ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى پۇلغا ساتىدۇ....ۋاھاكازالار......

2- مەجبۇرىيەت-مەسئۇلىيەت تەربىيىسى:
يەنى ئايالنىڭ ئائىلىدىكى كېلىنلىك مەجبۇرىيىتى، ئەرنىڭ ئالدىدىكى ئاياللىق مەجبۇرىيىتى، بالىغا نىسبەتەن ئانىلىق مەجبۇرىيەت-مەسئۇلىيەتلىرى...ۋەھازالار...

3- كىتاب ئۇقۇش تەربىيىسى:
بىلىم ئېلىش ئەر ۋە ئايالغا پەرىزدۇر، بىزدە قىزبالىنى كۆپ ئۇقۇتۇپ نىمە قىلىدۇ دەيدىغان بىر خاتا قاراش بار، لېكىن چۇقۇم قىزلارنىڭمۇ بىلىم ئېلىشى زۆرۆر.
قىز-ئاياللارنىڭ كىتاب ئۇقۇماسلىقىدا 2 سەۋەپ  بار، 1-كىتاب ئۇقۇشنىڭ قىممىتىنى ۋە كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىسىنى بىلمەيدۇ،2-كىتاب ئۇقۇيدىغان ۋاقىت ۋە شەرت-شارائىت يار بەرمەسلىكتىن ئىبارەت.
شۇڭا بۇ جەھەتتە قىز-ئاياللارغا كىتاب ئۇقۇشنىڭ پايدىسىنى سۆزلەپ ئۇلارنى قىززىقتۇرۇش كېرەك ۋە كىتاب ئۇقۇشقا شارائىت يارىتىپ بېرىشىمىز كېرەك..
بۇنىڭ پايدىسى بەك كۆپ، ھەممىنى بۇ يەردە سۆزلەپ بولغىلى بولمايدۇ...

شۇڭا ھەممەيلەن مۇشۇ ئىشقا ئەھمىيەت بەرسەك دەيمەن.

ئەسكەرتىش؛ خەتلىرىمدە خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ بېرىشىڭلارنى سەمىمى سورايمەن.
بەت: [1]
: ئاپام ماڭا ئەزەلدىن ئۆگەتمىگەن ئەشۇ ئىشلار