ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:47:10

قەرىزدىن ۋاز كەچسە شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 21:54  

سودا قىلغان دۇككان ئاچقان كىشىلەرگە ئايان ، خىرىدار بىلەن سودىگەرنى قەرىز باغلاپ تۇرىدۇ ، ئەمما دۇككان تاقىغان، شۇ سودا ئىشلىرىدىن قول ئۈزگەندە قالدۇق قەرىزلەرنى يىغماق ، ئايىغىنى ئۈزمەك باش قاتۇرىدىغان ئىش ،  بۇ ئىش بەك ۋاقىت ئالىدۇ ، چۈنكى ھەربىر قەرىزدارنى ئىزدەپ پۇل سۈيلەش ، بەزىلەرنىڭ تىنىۋىلىشى ، بىر قىسمىنى بىرىپ قالغىنىنى كەينىگە سۈرىشى دىگەن ئىشلار ھەم ۋاقىت ئالىدۇ ھەم چارچىتىدۇ ، ئەمما يىغماي  دىسە شەرىئەتتە قەرىزنى سۈيلەپ تۇرۇش كىرەكلىكى بۇيرۇلغان ، سۈيلەپ يىغمىساق بۇ قەرىز شۇ كىشىلەرنىڭ ئىسىدىن كۆتىرىلىپ كىتىپ قايتۇرماي قەرىزنى  بوينىغا ئارتىپ ئۇ دۇنياغا كىتىپ قالسا ، ئۇ دۇنيادا ھىساب ئىلىنغاندا قەرىز سەۋەبلىك ئۇلارغا گۇناھ ئارتىلىدۇ ……
        مەسىلە : بىزنىڭ ئائىلىدىكىلەر ئاچقان ئىككى دۇككاننىڭ بىرىنىڭ يىگىرمە يىل ئاۋالقى ، يەنە بىرىنىڭ 7 يىل ئاۋالقى قەرىز ھىساباتلىرى بار ، ھەربىر دۇككان تاقالغاندا قەرىزنى سۈيلەپ يىغقان ، ئەمما تولۇق يىغالمىغان ،سەۋەبى  بەزىلەر بىلەن ئۇچىرشالمىغان ، بەزىلەر تىنىۋالغان ، بەزىلەر بىرقىسمىنى بىرىپ قالغىنىنى كىيىن تولۇقلايدىغان بولغان ، بەزىلەرنىڭ كۈنى قىيىنچىلىقتا بولغانلىقى ئۈچۈن بىرەلمىگەن ھەم بىز سۈيلىمىگەن  . قەرىز ھىسابات خاتىرىسى يۈتكەن قىسمىمۇ بار .

يىڭى دۇككان ئاچقاندىن كىيىن  قەرىز يىغىشقا ۋاقىت چىقىرالمىدۇق . ھازىرقى ھال كۈنىمىز ياخشى ، قەرىزلەرنى يىغمىساقمۇ ئىقتىساتتا قىينالمايمىز ھەم قەرىزلەرنى يىغىشقا كەتكەن ۋاقىت ۋە چىقىم قەرىز ئومۇمى سوممىسىغا بويلىمايدۇ ، ئەينى ۋاقىتتا دەپتەرگە يىزىلغان يۈز يۈەننى ئىلىش ئۈچۈن ھازىر ئىككى يۈز  تاپقىلى بولغان ۋاقىتنى ئاجرىتىپ قەرىز يىغساق   ئۆزى بىر تەڭگە توقۇمى ئون تەڭگە دىگەندەك ئىش بولىدۇ . ھەم قىيىنچىلىقى بارلاردىن قەرىز يىغىشقا كۆڭۈل ئۇنىمايدۇ .
  شۇڭا قەرىزدىن ۋاز كەچسەك ، چىن كوڭلىمىزدىن رازى بولۇپ قەرىزنى خالاس قىلۋەتسەك :
     1. بىزگە قەرىزنى سۈيلىمىگەنلىك گۇناھى ئارتىلامدۇ ؟
    2.  قەرىزدارغا قەرىزنى قايتۇرمىغانلىق  گۇناھى ئارتىلامدۇ ؟
   3. قىيىنچىلىقى بار پىقىر مىسكىنلەر قەرىز قايتۇرالمىسا قانداق بولىدۇ ؟
  4.   قەرىز ھىساۋات خاتىرىسىنى يۈتتۇرۇپ قويغانلىق سەۋەبىدىن قەرىزنى سۈيلىيەلمىسەك ، ئۇلارنىڭ ئىسىدىن كۆتىرىلىپ قايتۇرمىسا    بۇنداق قەرىزگە قانداق ھۆكۈم قىلىنىدۇ ؟
   5. قەرىزنى  خاتىرىلەنگەن بويىچە ئەينەن قايتۇرىشى كىرەك شۇنداققۇ ، ئەمما  يىگىرمە يىل  ئاۋال خاتىرىلەنگەن  ئون يۈەنگە ئەينى ۋاقىتتا بىر كىلو گوش كەلگەن بولسا ھازىر    ئاران 150 گىرام گۆش كىلىدۇ ،  قەرىزدا يىگىرمە يىل ئاۋالقى خاتىرىدىكى ئون يۈەننى قايتۇرسا بۇ قەرىزنى تولۇق قايتۇرغانلىق بولامدۇ ؟  مەن مۇۋاپىق ئۆسۈم بولىش كىرەك دەپ قارايمەن ، چۈنكى مانا مۇشۈنداق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش سەۋەبلىك  بىر تەرەپ زىيان تارتىدۇ ، ئەسلى مىقداردىن كۆپ بولسا جازانە دەيدىكەن ، ئەمسە مۇنداق تۆۋەن بوپ قالسا بۇنى نىمە دەيمىز ؟……
     6.  قەرىز مۇئامىلىسىدىكى پۇلغا  ئۆشرە زاكات قانداق ئايرىلىدۇ ؟ مەسىلەن :A يۈز مىڭ يۈەننى B غا بىريىللىق ئۆسۈمسىز قەرىز بەردى ، ئۇنداقتا بۇ يۈزمىڭ يۈەننىڭ  زاكىتىنى A  ئايرىمدۇ ياكى B مۇ ؟   
     7. ئەگەر  رازى بولۇپ قەرىزدىن ۋاز كىچىش توغرا بولسا  ، رازى بولغانلىقىمىزنى قەرىزدارلارغا  ئۇقتۇرىشىمىز كىرەكمۇ ؟
8.  قەرىزنى بىر تەرەپ قىلىدىغان شەرىئەتكە ئۇيغۇن باشقا ئۇسۇللار بارمۇ ؟
          مۇشۇنداق قەرىز ئىشلىرى توغرىسىدا شەرىئەتتىكى توغرا يولنى كۆرسەتكەن بولساڭلار

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 03:48:53

قەرىز قايتۇرمىغانلىقنىڭ گۇناھى ئۇلارغا بولماي قەرزنى سۈيلىمىگەنلىك گۇناھى سىزگە بولسا بۇ ھەقىقەتەن ئوبدان ئىشكەن.
سىزدىن  قەرىز ئالسا بولغۇدەك جۇمۇ....

Uyghur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 05:28:37

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
باشقىلارنىڭ ئۈستىدىكى قەرزىڭىز -سىزنىڭ ھەققىڭىز ! بۇنى قانداق قىلىش ھوقۇقى شەرىئەتتە سىزگە ئوچۇق تاپشۇرۇلغان.  بۇنىڭدىن كېچىۋەتسىڭىزمۇ ، قەرزداردىن كەسكىن قايتۇرۇشنى (ئەلۋەتتە ئەھدىلەشكەن ۋاقت مۆھلىتى توشقانداق) تەلەپ قىلسىڭىزمۇ ياكى ئۇنىڭغا ھەدىيە ئېھسان قىلىۋەتىسڭىزمۇ ،ياكى قەرز قايتۇرۇش مۆھلىتى مۇددەتلىك ياكى مۇددەتىسز ئۇزارتىپ بەرسىڭىزمۇبولىدۇ. بۇنىڭدا سىزگە ھېچبىر گۇناھ بولمايدۇ. بەلكى قەرز قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق كىشىلەر ئۈستىدىكى ھەققىڭىزدىن كېچىۋىتەلىسڭىز ئاللاھ سىزنى مۇكاپاتلايدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك قەرز قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بارلارنىڭ قەرزنى قەستەن كەينىگە سۆرىشى ياكى قايتۇرماسلىقى ئەسلى قەرز ئىگىسىگە زۇلۇم قىلغانلىق بولىدۇ.
ئەسكەرتىش زۆرۈركى ئومۇمەن قەرز ئىگىسى قانداق قىلىش ھەققىدە تولۇق ھوقۇقلۇق. ئەگەر بىرى ئاجىز ، قەرز قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىسا - شەرىئەت قەرز ئىگىسىنى ئۇنىڭغا ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشكە بۇيرۇيدۇ . ئەمما كېچىۋىتىش كېچىۋەتمەسلىك يەنىلا قەرز ئىگىسىگە تەئەللۇق ھوقۇقتۇر.
ئەلۋەتتە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ۋە كېچىۋىتىش ئارقىلىق قەرز ئىگىسىگە كاتتا مەنپەئەت -ئەجر ساۋابقا ئېرىشەلەيدۇ. كېچىۋەتمەسلىك بىلەن گۇناھكار بولۇپ قالمايدۇ.ئۆزىدە مۇئەييەن ئىقتىساد تۇرۇپ ،ئامالسىز قالغان قەرزدارنى سۈيلەپ ئامالسىزلىقتا قىيناشنى شەرىئەت ئەيبلەيدۇ.
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ:
رەسۇلۇللاھ ئىككى كىشىنىڭ ئىشىك ئالدىدا يۇقىرى ئاۋازدا دەتالاش قىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرى يەنە بىرىدىن قەرز قايتۇرۇش مۇددىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتاتتى. يەنە بىرى ،ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن ،دېدى.
رەسۇلۇللاھ بۇ سۆزنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇ يېنىغا ئالدىغا چىقىپ ،«ساۋاب ئىشلارنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغۇچى قېنى؟» دېدى.
ھېلىقى كىشى : ئى رەسۇلۇللاھ ،مانا مەن ، ئۇ شۇ ئامالدىن قايسىنى قىلىشنى خالىسا شۇنى قىلسۇن!...دېدى.
-ئىمام بۇخارى ،ئىمام مۇسلىم توپلىغان.

ئۇندىن باشقا ساھابىلەرنىڭ رەسۇلۇللاھتىن قەرزدارنى قەرزىنى كۆتۈرىۋىتىشنىڭ پەزىلىتى ھەققىدە ئاڭلىغان زامات باشقا قېرىنداشلىرىدىن قەرزنى كۆتۈرىۋەتكەنلىك ھەققىدە كەلگەن سەھىھ ھەدىسلەمۇ نۇرغۇن.
ئومۇمەن باشقىلارنىڭ قەرزى شۇ كىشىنىڭ ھەققى بولۇپ ، ھەتتا شۇ كىشى ئۆتىۋەتمىگۈچە بۇنىڭغا ئاللاھمۇ ئارلاشمايدۇ.
شەرىئەتتە «ھەق ئۈچ خىل بولىدۇ، بىرى ئاللاھنىڭ بەندە ئۈستىدىكى ھەققى بولۇپ ، بۇنى ئاللاھ خالىسا كەچۈرىدۇ خالىسا جازالايدۇ. يەنە بىرى بەندىنىڭ ئاللاھ ئۈستىدىكى ھەققى بولۇپ ،ئاللاھ ۋەدىسىدە ئەڭ تۇرغۇچى ئادىل زاتتۇر . ئۈچىنجى بىرى بەندىنىڭ بەندە ئۈستىدىكى ھەققىدۇركى بۇنى شۇ بەندە ئۆتىۋەتمىگۈچە ئاللاھ ھەرگىز ئۆتىۋەتمەيدۇ» دەپ قارىلىدۇ.
شۇڭا قەرز ئالغۇچى قەرزى ھەققدە قەرز ئىگىسى بىلەن ئاشكارا سۆزلىشىشى ،ئىمكانىيتى بولمىسا قەرزىنى كەچۈرىۋىتش ھەققىدە قەرز ئىگىسىدىن ئىلتىماس قىلىشى كېرەك.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 06:55:02

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   GoodLuck تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 11:30  

ئەگەر قەرزدارنىڭ قولى قىسقا بولسا، ئۇنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈڭلار، ئەگەر (خەيرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى بىلسەڭلار، قىيىنچىلىقتا قالغان قەرزداردىن ئالىدىغان قەرزنى ئۇنىڭغا) سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتكىنىڭلار سىلەر ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر
[سۈرە بەقەرە، 28-ئايەت]

زاكات پەقەت پېقىرلارغا، مىسكىنلەرگە، زاكات خادىملىرىغا، دىللىرىنى ئىسلامغا مايىل قىلىش كۆزدە تۇتۇلغانلارغا، قۇللارنى ئازاد قىلىشقا، قەرزدارلارغا، ﷲ نىڭ يولىغا، ئىبن سەبىللەرگە بېرىلىدۇ، بۇ ﷲ نىڭ بەلگىلىمىسىدۇر، ﷲ (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئەتنى) ئوبدان بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.
[سۈرە تەۋبە، 60-ئايەت]

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 07:33:19

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۇقۇرىدا قېرىنداشلىرىمىز ياخشى جاۋاپ بېرىپتۇ، مەنمۇ ئىمتىھان بېرىپ باقاي ھە! پەتىۋا ئەمەس جۇمۇ بۇ.
    سۈيلەشنى كېچىكتۈرۈشتە قەرىزدارنىڭ ئەھۋالىغا قارىلىدۇ.
   يوقسۇلدىكىگە ساۋاپ، پاسسىقتىكىگە گۇناھ بار. چۈنكى يوقسۇلنىڭ ھالى ياخشىلانغۇچە كۈتۈپ تۇرۇشنى ۋە ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇيرىدى. ناۋادا ھەققىڭىزدىن ۋاز كەچسىڭىز ئۇ سىز ئۈچۈن ئۇ دۇنيادنلا پايدىسى يېتىلا قالماي، مۇشۇ دۇنيادىمۇ پايدىسى يېتىدىغان سەدىقە بولىدۇ.
ناۋادا قەرىزدار سىزنىڭ ھەققىڭىز ئارىلاشقان مۈلكىگە تايىنىپ يامان ئىشلارنى قىلسا سىز رازى بولسىڭىز سىز ئۇنىڭ ياردەمچىسى. بېرىپ سۈيلەشكە چىقىمنى كۆتەرمىسە ياكى پىتنە بولۇشتىن قورقسىڭىز ۋاقتىنچە سۈكۈت قىلىڭ.  ھەقدار ياكى قەرىزدار ئۇنتۇپ قالسا ئۇنتۇغۇچىغا ھىچ گەپ يوق، قاشى تەرەپ ئەسلىتىشى كېرەك بولىدۇ. قەستەن بەرمىگۈچى ئوغرىدۇر.
    قەرىزداردىكى پۇلنى ۋاقتىدا ئېلىشقا كۆزىڭىز يەتسە زاكىتىنى ۋاقتىدا بېرىسىز. كۆز يەتمىسە قولىڭىزغا تەككەندە بېرىسىز (قەرىزپۇل قايتىپ كەلمىگەن ۋاقىتنىڭ زاكىتى ھىساپلانمايدۇ دىگەن ئۆلىمالارمۇ بار، لېكىن دەلىلى ئاجىز). زاكاتنىڭ قەرىزدارغا يۈكلىنىشى (ئىككى تەرەپ رازى بولسىمۇ) جازانە. دىيىشمىگەن ياكى مەجبۇر بولۇپ قالمىغان ئەھۋالدا  قەرىزدار ئۆزى ئارتۇق قايتۇرسا بۇ ھەدىيە بولىدۇ، ئالسىڭىز دۇرۇس.
    ئون يىل ئىلگىرى ئالغان قەرىزنى قايتۇرۇشتا سىز نىمىنى قانچىلىك مىقدار ۋە قانداق سۈپەتتە بەرگەن بولسىڭىز شۇنى شۇ مىقدار، شۇ سۈپەتتە ياكى شۇ مالنىڭ ھازىرقى ئوتتۇرىچە بازار نەرقىنى قايتۇرۇپ ئېلىشىڭىز كېرەك. قەغەز پۇل قاتارلىقلار مەۋھۇم قىممەت بولغاچقا بازار نەرقىنى ھىساپلاش دۇرۇس ئەمەس.
   قەرىزدارنى ئېغىر بېسىمدا ياشىمىسۇن دىسىڭىز قەرىزدىن كەچكەنلىگىڭىزنى ئۇقتۇرۇپ قويۇشىڭىز كېرەك. ئىمكانىيەت بولمىسا ياكى قورقسىڭىز سۈكۈت قىلىڭ.
    سوئال بەك  كۆپ بولغاچقا ئىمتىھاننى ھىكمەتلىك  ئۇسلۇپتا بېرەلمىدىم، دەلىللەرنىمۇ كەلتۈرمىدىم.  ئۆلچەملىك جاۋاپنى ئۇستازلار بەرگەي، خاتا سۆزلەپ قويغان بولسام ئاللاھنىڭ كەچۈرۈشىنى تىلەيمەن!

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 11:35:12

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
ئۇستازلار يۇقۇردىكى مەسىللەرگە جاۋاب بېرىپتۇ..ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن.
قەرز توغۇرلۇق گەپ بۇلۇپ قاپتۇ، شۇڭا مەنمۇ بىزەچە گېپىم بار ئىدى قىستۇرۇپ قوياي، ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىلەر.

ھازىر جەمىيىتىمىزدە قەرز ئالدىغان ئىشلار بەك كۆپىيىپ كەتتى، بەزى كىشلەر ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىدىن سىرتقى نەرسىلەر ئۈچۈنمۇ قەرز ئالىدىغان ئىشلارمۇ خېلى كۆپ بۇلۇپ قالدى. مەسلەن: ( قەرز ئېلىپ ئىلغار تېلفونلارنى سېتىۋېلىش، قەرز ئېلىپ ساياھەتكە چىقىش،  ئېھتىياجى بولمىسىمۇ قەرز ئېلىپ ماشىنا سېتىۋېلىش..ۋاھاكازالار،دېگەندەك ئابرويپەرەسلىك قىلىش ئۈچۈن قەرز مۇئامىللىرىنى قىلىۋاتقانلار ) نى خېلى كۆپ ئۇچراتتىم.
شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەممىمىز مۇشۇ نۇقتىغا دېققەت قىلىۋالساق...
چۈنكى پەيغەمبىرىمىزمۇ ئۆز ھاياتىدا قەرزدارلىقتىن بەك كۆپ پاناھ تىلىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نامىزىدا مۇنداق دەيتتى: ئى ئاللاھ  مەن گۇناھ ۋە قەرزگە بۇغۇلۇپ قىلىش توغۇرسىدا سەندىن پاناھ تىلەيمەن.
ئۇنىڭغا: ئى رەسۇلۇللاھ  سەن قەرزگە بۇغۇلۇپ قىلىشتىن بەك كۆپ پاناھ تىلەيدىكەنسەن ؟، دېيىلگەندە، ئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن: ئادەم قەرزگە بۇغۇلۇپ قالغاندا سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدىغان ۋەدە قىلسا ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

بۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرمىز قەرزدارلىقنىڭ ئەخلاققا بولغان خەۋىپ خەتىرىنى كۆرسەتكەن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۈلۈكنىڭ قەازنى ئادا قىلماي ياكى قەرزنى ئادا قىلغىدەك پۇل-مال قۇيۇپ كەتمىگەن ئادەم بولسا ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۇقۇمايتى.
بۇنىڭ بىلەن كىشلەرنى بۇنداق قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرغان.

مانا بۇ يوليۇرۇققا ئاساسەن مۇسۇلمان كىشى قاتتىق ھاجىتى بولمىسا قەرز ئالماسلىقى ، قەرز ئېلىشقا مۇھتاج بولغاندا چۇقۇم قايتۇرۇش نىيتى بىلەن ئېلىشى كېرەك.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەدىستە: كىمكى ئادا قىلىش نىيتى بىلەن قەرىز ئالسا، ئاللاھتائالا ئۇنىڭدىن ئادا قىلىۋېتىدۇ،  كىمىكى قايتۇرۇپ بەرمەسلىك نىيتىدە قەرز ئالسا ، ئاللاھ ئۇنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.

ئاللاھ ھەممىمىزنى قەرزدارلىقتىن ۋە يوقسۇللۇقتىن ساقلىسۇن.


ئەسكەرتىش؛ ئەگەر خەتلىرىمدە خاتالىق بولسا تۈزۈتۈپ بېرىشىڭلارنى سەمىمى سورايمەن.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 12:40:43

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۈلۈكنىڭ قەرىزنى ئادا قىلماي ياكى قەرزنى ئادا قىلغىدەك پۇل-مال قۇيۇپ كەتمىگەن ئادەم بولسا ئۇنىڭ جىنازا نامىزىنى ئۇقۇمايتى.
…………
  بۇ  ئىشەنچىلىك ھەدىسمۇ ؟
  مىيىت نامىزىدا ئىمام مەرھۇمنىڭ قەرزىنى ئۇنىڭ ۋارىسلىرىنىڭ قايتۇردىغانلىقىنى ئىيتىدىغۇ ، مەرھۇم پۇل قالدۇرغان ياكى قالدۇرمىغان بولسۇن ئاتا ئاناسىنىڭ قەرزىنى بالىسىنىڭ قالدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار .

      ئەگەر مەرھۇم قايتۇرمىغان قەرىزنى ئەۋلادلىرى قايتۇرسا   بۇ مەرھۇمنىڭ قايتۇرغىنىغا ھىساب بولامدۇ ؟

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 12:59:20

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 12:40:43 static/image/common/back.gif
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۈلۈكنىڭ قەرىزنى ئادا قى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بۇ سەھىھ ھەدىس. مىيىتنىڭ قەرزلىرىنى ۋارىسلىرى ۋەيا ھەرقانداق كىشى ئادا قىلىۋەتسە بولۇۋېرىدۇ. ۋارىسلىرى بولمىسا، خالىس قايتۇرغىچىمۇ چىقمىسا شۇ يۇرتنىڭ چوڭى قايتۇرىدۇ. شۇڭا ئىمامئاخۇنۇم قەرىزنىڭ سۈرۈشتىسىنى قىلىپ، ھەقدارنىڭ ھەققى قايتۇرۇلغان ياكى قايتۇرۇشقا ۋەدە بېرىلگەندىن كېيىن مېيتنىڭ نامىزىنى چۈشۈرىدۇ.

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:11:57

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 12:40 static/image/common/back.gif
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەنە ئۈلۈكنىڭ قەرىزنى ئادا قى ...

سەھى ھەدىس، بۇخارى رىۋايەت قىلغان.

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:14:07

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   86 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-18 09:32  

يۇقۇرىدا تورداشلار جاۋاپ بېرىپتۇ، مەنمۇ سۇئالنىڭ رېتىمى بويتىچە جاۋاپ بېرىپ باقاي.
     1. بىزگە قەرىزنى سۈيلىمىگەنلىك گۇناھى ئارتىلامدۇ ؟
جاۋاپ: مالنى نىسىگە ئالغان چاغدا پۇلنى قاچان ئەكىلىپ بېرىشكە دىيىشىپ قويغان بولسىڭىز شۇ مۆھلەت ئىچىدە پۇلنى ئەكىلپ بېرىشى كېرەك. دىيىشىپ قويغان ۋاقىت توشقاندا پۇلىنى بېرىشكە ئامالسىز قالغان بولسا، سىزنى شۇ چاغدا ئىزدەپ مۆھلەتنى كەينىگە سۈرۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلىش كېرەك. سىزدىن نىسىگە مال ئالغانكەن ئۇنى قايتۇرۇشنى ھەر ۋاقىت ئېسىدە تۇتۇپ، دىيىشىپ قويغان مۆھلەتتىن ئىلگىرى قايتۇرۇشى بۇ سىزنىڭ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىڭىز. ئۇلار مۇشۇنى ئادا قىلمىسا سىزنىڭ ھەققىڭىزگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھىساپلىنىدۇ. ئۇ نامرات بۇلامدۇ، باي بۇلامدۇ ئوخشاش. ئەمما مۆھلەت تۇشقان چاغدىمۇ پۇلنى ئېلىپ كەلمىگەن بولسا، سىز ئۇنىڭ سىزدىن نىسىگە ئالغان مالنىڭ پۇلىنى قايتۇمىغانلىقىنى ھەم مۆھلەتتىن ئاشۇرغانلىقىنى ، نىسىگە ئالغانلىقىنى ئۇنتىدىمۇ يوق؟ ئۇنىڭدىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. ئۇ نامرات بولۇپ پۇلىڭىزنى بېرەلمىگۈدەك ئەھۋال بولسا، ئۇنىڭغا سەدىقە قىلىۋېتىشنى ئېيتسڭىز ياكى قايتۇرىمەن دەپ قالسا، مۆھلەت بېكىتىپ قۇيۇپ شۇ كەمگىچە قايتۇرالمىسا سەدىقە ھىساپ بولۇپ كەتسۇن دەپ ئېيتىپ قويسىڭىز بولىدۇ. بۇرۇن دىيىشىپ قويغان مۆھلەت تۇشقاندا سىزگە كېلىپ پۇلىنى قايتۇرۇشقا ئامالى يوق بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرسە، شۇ چاغدا ئۇنىڭغا سەدىقە ھىساپلىنىپ كېتىشىنى، پۇلنى قايتۇرۇپ ئالماسلىقنى دەپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر پۇلى بار باي كىشى بولۇپ مالنىڭ پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسا ئۇنى سۈيلىسڭىز بولىدۇ،
مالنى نىسىگە ئالغان كىشىلەر پۇلنى قايتۇرمىسا سىز پەقەت سەمىگە سېلىپ قويىسىز، سۈيلمىگەنلىكنىڭ گۇناسى دەپ بىر گۇنا سىزگە ئارتىلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ سىزنىڭ ھەققىڭىزنى قايتۇرمىغانلىقىنىڭ گۇناسى ئۇلارغا بولىدۇ.

    2.  قەرىزدارغا قەرىزنى قايتۇرمىغانلىق  گۇناھى ئارتىلامدۇ ؟
جاۋاپ: پۇلنى ئېلىپ قايتۇرۇشنى ئۇنتىسا، قەرىز بەرگۈچىگە ئەمەس، قەرىز ئالغۇچىغا گۇنا بولىدۇ. بىرەر ئىش بىلەن مەشغۇل بولۇپ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۇنتۇپ قېلىپ كېچىكتۈرگىنى گۇناھ بولمىغان بىلەن، خەقتىن  قەرز ئېلىپ ئۇنى قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قېلىشى،  دوزاققا چۈشۈپ كېتىشنىڭ يامانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ئىش. شۇڭا، ئۆيىگە بارىغىان يولىنى ئۇنتۇپ قالسىمۇ، خەقتىن نىسىگە ئالغان مالنىڭ پۇلىنى قايتۇرۇشنى ئۇنتىماسلىق لازىم.

   3. قىيىنچىلىقى بار پىقىر مىسكىنلەر قەرىز قايتۇرالمىسا قانداق بولىدۇ ؟
جاۋاپ: دىيىشىپ قويغان ۋاقتىدا قايتۇرلامىسا، سىزنى ئىزدەپ كېلىپ ئەھۋالنى دىيىشى كېرەك. ئۆزىنى سىزدىن ئەپ قېچىپ تۇتۇق بەرمەي يۈرسە گۇناسى شۇلارغا بولىدۇ. چۈنكى، پۇلىڭىزنى قايتۇرۇشى، پۇلىڭىزنى قايتۇرلامىسا مۆھلەت توشقان كۈنىدىن ئاشۇرۋەتمەي سىزنى ئىزدەپ كېلىپ مۆھلەتنى كەينىگە سۈرۈپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى سىزنىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى ھەققىڭىزدۇر.  قىيىنچىلىق تارتىپ كېتىپ پۇلىڭىزنى قايتۇرالمىغۇدەك بولسا سىز ئۇلارغا سەدىقە ھىساپلىۋەتسىڭىز بولىدۇ. ئەمما ئۇلار سىزنى ۋاقىتدا ئىزدەپ كەلمىگەن بولسا، ئۆزرە ئېيتمىغانلىقىنىڭ گۇناسى ئۇلارغا بولىدۇ.

  4.   قەرىز ھىساۋات خاتىرىسىنى يۈتتۇرۇپ قويغانلىق سەۋەبىدىن قەرىزنى سۈيلىيەلمىسەك ، ئۇلارنىڭ ئىسىدىن كۆتىرىلىپ قايتۇرمىسا    بۇنداق قەرىزگە قانداق ھۆكۈم قىلىنىدۇ ؟
جاۋاپ: قىيامەتتىكى ھىسابىنى ئۇلار بېرىدۇ. قەرىز  ئالغان ھېچقانداق بىر كىشىنىڭ قەرىزنى سۈيلىتىش ھەققى يوق!

   5. قەرىزنى  خاتىرىلەنگەن بويىچە ئەينەن قايتۇرىشى كىرەك شۇنداققۇ ، ئەمما  يىگىرمە يىل  ئاۋال خاتىرىلەنگەن  ئون يۈەنگە ئەينى ۋاقىتتا بىر كىلو گوش كەلگەن بولسا ھازىر    ئاران 150 گىرام گۆش كىلىدۇ ،  قەرىزدا يىگىرمە يىل ئاۋالقى خاتىرىدىكى ئون يۈەننى قايتۇرسا بۇ قەرىزنى تولۇق قايتۇرغانلىق بولامدۇ ؟  مەن مۇۋاپىق ئۆسۈم بولىش كىرەك دەپ قارايمەن ، چۈنكى مانا مۇشۈنداق پۇلنىڭ قىممىتى چۈشۈش سەۋەبلىك  بىر تەرەپ زىيان تارتىدۇ ، ئەسلى مىقداردىن كۆپ بولسا جازانە دەيدىكەن ، ئەمسە مۇنداق تۆۋەن بوپ قالسا بۇنى نىمە دەيمىز ؟……

جاۋاپ: سىزدىن ئەينى ۋاقىتىدا مال ئالغان بولسا، ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكەندىن كېيىن قايتۇرماقچى بولسا شۇ خىل مالنىڭ ھازىرقى بازا باھاسى بويىچە پۇل قايتۇرۇشى كېرەك. چۈنكى سىز مالنى رەقەمگە ئەمەس، ماھىيەتتە بايلىققا تېگىشكەن بولىسىز. قەغەز پۇل قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەمگەك كۈچىگە ۋەكىللىك قىلغان بىلەن ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. چۈنكى پۇل باسىدىغانلار پۇلنى كۆپ بېسىپ تارقىتىپ ئۇنى پاخال قىلىۋەتكەن. شۇڭا، ھازىرقى بازار باھاسى بويىچە قايتۇرسۇن. ئەگەر ئەينى ۋاقىتتا سىزدىن نەق پۇل ئالغان بولسا، شۇ چاغدىكى ئالتۇننىڭ باھاسىغا سۇندۇرۇپ، ھازىرمۇ شۇنچىلىك ئالتۇن كېلىدىغان پۇلنى قايتۇرسا بولىدۇ. چۈنكى قەغەز پۇل ماھىيەتتە  چەككە ئوخشايدۇ.

     6.  قەرىز مۇئامىلىسىدىكى پۇلغا  ئۆشرە زاكات قانداق ئايرىلىدۇ ؟ مەسىلەن :A يۈز مىڭ يۈەننى B غا بىريىللىق ئۆسۈمسىز قەرىز بەردى ، ئۇنداقتا بۇ يۈزمىڭ يۈەننىڭ  زاكىتىنى A  ئايرىمدۇ ياكى B مۇ ؟  
جاۋاپ: قەرىزنى دىيىشىپ قويغان ۋاقىتدا قايتۇرۇشقا ئىمكان بولسا، قەرىزنى قايتۇرۇپ ئالمىغان بولسىمۇ قەرىزنىڭ ئىگىسى زاكات بېرىدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا پۇل پەقەت ئۇنىڭغا ئامانەت قۇيۇپ قويغاندەكلا ئورۇندا مۇئامىلە قىلىنىدۇ. ئەگەر پۇلنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ ئالالمايدىغان بولسا، پۇلنى قاچان قايتۇرۇپ ئالسا شۇ چاغدا بىر يىللىق زاكاتنى   بېرىدۇ.  

     7. ئەگەر  رازى بولۇپ قەرىزدىن ۋاز كىچىش توغرا بولسا  ، رازى بولغانلىقىمىزنى قەرىزدارلارغا  ئۇقتۇرىشىمىز كىرەكمۇ ؟
جاۋاپ: ئۇقتۇرۇپ قۇيۇشقا مۇمكىن بولسا ئۇقتۇرۇپ قۇيۇڭ.
ئەمما باي كىشى بولسا، ئۇنى سۈيلەپ ئېلىڭ. پۇلنىڭ سوممىسى كۆپ بولسا بېسىم ئىشلىتىپ ئېلىشقا تىرىشىڭ.

بۇندىن كېيىن مالنى نىسىگە ساتسىڭىز چوقۇم پۇلنى قايتۇرۇش ۋاقتىنى دىيىشىپ قۇيغىنىڭىز ياخشى. تېلىفۇن نومۇرىنى قالدۇرۇپ قويسۇن. ۋاقىتنى بەك ئۇزاق ئېيتىپ قويماڭ. ئۇزاق بولسا شۇ يىل ئىچىدە قايتۇرىدىغان بولغىنى مۇۋاپىق . قاچان پۇل تاپقاندا بەرسىڭىز بولىدۇ دىسىڭىز ئۇ پۇل تاپاقندىمۇ تاپمىغاندەك ھېس قىلىپ پۇلىڭىزنى كەينىگە سۈرىشى مۇمكىن.  ھەممە ئادەمنى قەزىرزدار قىلىپ ئاندىن گۇناكار قىلىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس. سىز بەك يول قۇيىۋەتسىڭىز ياخشى ئەمەس، ھەققىڭىزنى ئېلىشقا سەل قارىغىنىڭىزمۇ ياخشى ئەمەس. نامرات بولسىمۇ شۇ چاغدا گەپنى ئوچۇق دەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئەمىلىي ئەھۋالى زادى سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە مۇھتاج بولسا، شۇنىڭغا سەدىقە ھىسابىدا بەرسىڭىز ، مۇھتاجغا ياردەم قىلغانلىقىكىزدىن ساۋاپقا ئېرىشىسىز.  بايلىقىڭىزنى پاسىقلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز ياخشى ئەمەس، ئىمكانىڭىز بولسا، شۇ بايلاردىكى ھەققىڭىزنى ئېلىپ نامرات مۇھتاجلارغا بېرىڭ.

aragon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 09:46:19

ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئەكىلە 10 كوي بىرىپ تۇرە، 5 كوي بىرىپ تۇرە دەپ قەرىز ئىلىشلا بەك كۆپ ئىدى.
  بۇ قەرزلەرنى ئالغاندا ئەلۋەتتە قايتۇرۇشنى ئويلىمايتتۇق،  بەرگۈچىمۇ سۈيلىمەيتتى، ئالغۇچىمۇ قايتۇرمايتتۇق.   بەلكىم بۇنداق ئاز سوممىلىق‹‹ قەرز››لەرنى سۈيلەشتىن خىجىل بولاتتۇقكەنمىز.      ھازىرغىچە قانچىلىك ئادەمدىن قانچىلىك قەرز ئالغىنىم، ھەم قانچىلىك ئادەمگە قانچىلىك قەرزبەرگىنىم ئىسىمدە يوق ،   بۇنداق ئەھۋالدا قانداق قىلىشىم كىرەك؟  


يەنە، مۇشۇ ئالتۇن ھىساپلاپ قايتۇرۇشقا تازا ئەقلىم يەتمىدى،   قەغەز پۇلنىڭ باھاسى تۇراقلىق بولمىغاندەك ،ئالتۇننىڭمۇ باھاسى تۇراقلىق بولمىسا،  گىرامى 360 كوي ۋاقتىدا 3600كوي قەرز ئالغان ئادەمدىن ،پۇلنى قايتۇر دىسە،
ھازىر ئالتۇننىڭ گىرامى 300كوي بولسا،  قەرز ئالغۇچى 3000 كوي قايتۇرسا قەرز ئادا بولامدۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 10:34:15

@aragon
مۇنداق بىر ھەدس ئېسىمدا، مەزمۇنىنى يەتكۈزەي.
بىر كۈنى رەسۇلۇللاھ مەسچىتتە ئولتۇرۇپ، ئاخشام سەدىقە قىلغان قايسىڭلار؟ دەپ سورىدى. ھىچكىم جاۋاب بەرمىگىنىدىن كېيىن، پالانى سىزنىڭ ئاخشام قىلغان سەدىقىڭىز قوبۇل بولدى دېدى. ئۇ كىشى: ئاخشام سەدىقە قىلمىغانلىقىنى ئېيتقىنىدىن كېيىن، سىز ئاخشام ناماز ئوقىدىڭىز ئاندىن:«ئى ئاللاھ، مېنىڭ كىشىلەردىكى ھەققىمدىن ئۆتتۈم، ماڭا بەرگەن ئەزىيەتلەرگە رازى بولدۇم، ئۇلارنى ئەپۇ قىلغىن...»(دۇئانىڭ مەزمۇنى مۇشۇنداقراق) دەپ دۇئا قىلدىڭىز. ئاللاھ بۇ سەدىقىڭىزنى قوبۇل قىلدى دېدى.

دېمەكچى بولغىنى، كىشىلەرگە بېرىدىغان ھەققىڭىزنى قايتۇرۇشقا شارائىت يارتىپ بېرىلىشىنى، ياكى ھەق ئېگىلىرىنىڭ رازى بو كېتىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىڭ، ئاللاھ خالىسا شۇ كىشىنىڭ زارىلىقىنى كۆڭلىگە سالدۇ ياكى ھەقنى قايتۇرۇشقا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ.  

86 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 11:46:08

aragon يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 09:46 static/image/common/back.gif
ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا ئۇنىڭ بۇنىڭدىن ئەكىلە 10 كوي بىر ...

ۋاقىت بەك ئۇزاقلاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا قانچىلىق نەق پۇل ئالساق شۇنچىلىك نەق پۇل قاتۇرۇساقلا بولىدۇ. ۋاقىت بەك ئۇزىراپ كەتكەندە نەق پۇلنىڭ قىممىتى ئۆزگىرىپ قەرىز بەرگۈچىگە ئۆز قىممىتىدە قايتۇرۇشقا بولمىغاچقا  ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ بەرسەك بولىدۇ. باشقا نەرسىلەرنى ئارىيەتكە ئالغان بولساق، ۋاقىت ئۇزاقلاپ كەتكەن بولسا، ئۆز خىلىنى بەرسەكلا بولىدۇ. ھەرقانداق نەرسىنى ئۆتنىگە ئېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرمىسا، ئۆتنە بەرگۈچىنىڭ ھەققىنى قايتۇرمىغانلىقى بولىدۇ. ئۆتنە بەرگۈچى قاتۇرۇشنى سۈيلىسىمۇ قايتۇمىسا ، ئۆتنە بەرگۈچىگە زۇلۇم قىلغانلىقى بولىدۇ.
پۇل بولسۇن ياكى باشقا نەرسە بولسۇن، ئۆتنە ئالغانكەن چوقۇم قىسقا مۇددەتتە قايتۇرۇشقا تىرىشىشى كېرەك.
ۋاقىت ئۇزاقلاپ كەتكەندىكىنلا، ئۆتنە بەرگۈچىنىڭ پىلانىغا دەخلى قىلىدىغان، ھەققىنى ئۆز پېتى قايتۇرلاماي قالىدىغان ئەھۋال بولىشى مۇمكىن.
خەقنىڭ تىجارەت قىلىدىغان پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرمىسىڭىز ئۇنىڭ تىجارىتىگە دەخلى قىلغان بولىسىز. ئۇنى ئاز دەپ يەنە (ۋاقىت سەل ئۇزارسا )شۇ پۇلنىڭ ئۆز قىممىتىى قايتۇرۇشتا قېيىن بولىدۇ.

خەقتىن 10 كوي بېرىپ تۇرە دەپ پۇل ئالغان بولسىڭىز ئۆتنە ئالغان بولسىز، ئۇ ئاز پۇل بولسىمۇ قايتۇرۇش لازىم. قايتۇرىدىغان چاغدا  ئېلىشنى رەت قىلغان بولسا سىزگە سەدىقە قىلىغان بولىدۇ. سىزمۇ باشقا يول بىلەن ئۇنىڭغا تېگىشلىك ياردەم قىلىپ بولسىمۇ قايتۇرۇش كويىدا بولسىڭىز بولىدۇ. قايتۇرۇش نىيىتىدە بولماي تۇرۇپ 10 كوي بېرە دەپ پۇل ئالغىنىڭىز ئۇنىڭدىن سەدىقە تىلىگىنىڭىز بولىدۇ.
تۇرمۇشمىزدا شۇنداق كىشىلەر بار، ئۇنىڭ قېيىن ئاەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇسىز، سىز ئۇنىڭغا سەدىقە بەرسىڭىز ئۇ ئالمايدۇ. باشقىلارنىڭ پۇلىدىن ئاجرىتىپ بەرگەن زاكىتىنى ئەكىلىپ بەرسىڭىز نومۇس قىلىپ ئالمايدۇ. ئەمما قەرىزگە بۇغۇلغان، تۆۋەن كاپالەتلىك پۇلنى ئېلىپ تۇرمۇش كۆچۈرىدۇ. ئاندىن داۋاملىق باشقىلاردىن شۇنداق پارچە پۇل بۇلامدۇ، ياكى بىر چۈشلۇق تاماق بۇلامدۇ ، نان بۇلامدۇ، مىۋە چىۋە بۇلامدۇ ، قايتۇرۇپ بېرىشنى ئېسىگە ئالمايدىغان ھالەتتتە سوراپ يەيدۇ.  داۋاملىق ياردەم سوراپلا تۇرىدۇ.
ئەشۇ سورىغان يەردەملەرنىڭ ئۇنىڭ  ئۈچۈن تىلىگەن سەدىقە ئىكەنلىكىنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ.  زاكات دىگەن شۇنى ئېلىش شەرتىگە چۈشكەن كىشىگە ھالال بولۇپ، ئۇنىڭ ھەققى ئىدى. ئۇنى نومۇس قىلىپ ئالمايدۇ-يۇ، دۋاملىق سەدىقە تىلەپ كۈنىنى ئۆتكۈزىدۇ.
كىشىلەردىن پۇل ئالغانكەنسىز، ئۇنىڭ شۇنچىلىك ھەققىنى ئالغان بولىسىز. بۇنى شۇ پېتى قايتۇرۇشقا بولمايدىغان ئەھۋالدا، ئېسڭىزدە تۇتۇپ، ئۇنىڭدىنمۇ كۆپرەك ياردەملەرنى شۇ كىشىگە قىلىشنى ئېسىڭىزدە تۇتسىڭىز بولىدۇ.  سوۋغاتمۇ قىممەتكە ئىگە بولۇپ، بىرى سىزگە سوۋغات بەرسە ، ئۇنىڭدىنمۇ ياخشىراق سوۋغات بېرىشكە تىرىشسىڭىز بولىدۇ.

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-18 12:35:27

ئۇستازلارنىڭ ئەستايىدىل جاۋاب بەرگىنىگە رەخمەت

aragon يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:04:22

86 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-18 11:46 static/image/common/back.gif
ۋاقىت بەك ئۇزاقلاپ كەتمىگەن ئەھۋالدا قانچىلىق نەق پۇ ...

ئەستايىدىل جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،  لىكىن سەدىقە سورىغان بولىسىز دىگىنىڭىز قۇلاققا ئەجەپمۇ سەت ئاڭلاندى دىسە،
بۇنى سەدىقە دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن،    شۇنداق قەرز ئىلىپ قايتۇرمىغىنىم بىلەن مەنمۇ شۇنداق قەرز بىرىپ قايتۇرۋالمايتتىم ھەم سۈيلىمەيتتىم،   ئۇ ۋاقىتلاردا خەقنىڭ ھەققى دىگەن نەرسىلەرنى ئويلىمايتىكەنمەن.       بۇنى ساۋاقداشلار ئارسىدىكى نورمال مۇناسىۋات
دەپلا چۈشىنەتتىم.  ئەلۋەتتە، سوممىسى يۇقىرى بولۇپ كەتسە بۇنى چوقۇم قايتۇراتتۇق....  
   كىيىنكىسىگىغۇ دىققەت قىلارمەن، لىكىن بۇندىن بۇرۇنقىسىنى، يەنى شۇنداق قەرز ئىلىپ ئۇنتۇپ كەتكەن قەرزلەرنى قانداق قىلىشىم كىرەك  ؟ دىگەن توغرىسىدا مەسلىھەت بىرىپ باقسىڭىز؟      
   ئۇ قەرز ئىگىلىرىمۇ ئۇنتۇپ كەتكىنى ئىنىق،  چۈنكى مەنمۇ بەرگەن ئۇنداق پارچە قەرزلىرىممۇ ئىسىمدە يوق،   لىكىن ھەقاچان
شۇ قەرزنى قايتۇرۇش تەلەپ قىلىنىغان كۈنگە كەلگەندە،  شۇ قەرزلەر ئىسىگە كەلتۈرۈشكەنلىرىدە ،  رازى بولاپ كەتكەن دىمەس ھەقاچان

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 21:20:57

بۇ دىگەن قەرىز ئەمەس ئادەمگەرچىلىك ، بىر بىرىمىزگە شۇنداق ئۆتەپ تۇرىدۇ
بەت: [1]
: قەرىزدىن ۋاز كەچسە شەرىئەتكە ئۇيغۇنمۇ ؟