كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىقبولسىمۇ گەر خەۋىپ خەتىرى ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق .
كەتمەك بولسام كىتەي سەن بىلەن ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق .
ياخشىلىققا يار ئىكەن ئۇيغۇر ،
ياخشىلىققا زار ئىكەن ئۇيغۇر .
بولساڭمۇ گەر يولۇڭ بەكمۇ تار ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق .
پەرىشتىلەر قەلەمگە ئالار ،
ئەل جامائەت بىرەر دۇئالار .
يۈرەكلىرىم سېنى دەپ يانار،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق.
بوينۇمدىكى تۇمارسەن ئۆزۈڭ ،
ئۇيغۇرۇمغا خۇمارسەن ئۆزۈڭ .
يورۇپ تۇرسۇن سېنىڭ بۇ كۆزۈڭ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق.
تامالاردىن يىراق ياخشىلىق ،
مال دۇنياغا بۆكمەس ياخشىلىق .
قورۇقساممۇ تاللايمەن سېنى ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق.
كېرەك ئەمەس ماڭا سەپسەتە ،
كېرەك ئەمەس ماڭا پەلسەپە ،
سەنلا بولساڭ دىلىمدا نەقىش ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق.
ئاللاھ رىزا بولۇر سەن بىلەن ،
قەلىب نۇرغا چۆمەر سەن بىلەن .
ھەمراھىم بول بىر ئۆمۈر ماڭا ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق. ئاللاھ رىزا بولۇر سەن بىلەن ،
قەلىب نۇرغا چۆمەر سەن بىلەن .
ھەمراھىم بول بىر ئۆمۈر ماڭا ،
كىچەلمەيمەن سەندىن ياخشىلىق. :handshake ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئاللاھ ھەممىمىزنى ياخشى تىلەكلەرگە؛_ سەپسەتە ۋە پەلسەپە بىلەن بۇلغانمىغان، قەلبىمىزدە نۇر ۋە ئازادىلىكنىڭ بەرپا بولۇشىغا، رازىلىغىغا يېتىشىمىزگە سەۋەپ بولىدىغان، ئىچ-تېشىمىزدىن دىيانەتنى بالقىتىپ تۇرىدىغان ئىماندىن ئىبارەت ياخشىلىق خىسلىتىگە يەتكۈزسۇن (امىن)! ئابدۇللا ئەپەندىم دەمىز ھازىر:lol :P
بەت:
[1]