waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:39:48

تەڭرىتاغ كوماندىسى جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنى يەڭدى

   ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛  ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ،  2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يەتتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول  كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا،  ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر تەنھەركەتچىمىز مەۋلان-مەردانلار توپ ئوينىۋاتقان جىياڭسۇ توڭشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى.  شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى جوردان كىراۋفورد  كۆز ئاغرىقى سەۋەبىدىن يەنىلا مەيدانغا چىقمىدى،   ئاندىرى بىراچ  19 نومۇر، 20 قېتىم گاردىن قايتقان توپ، 5 قېتىم ياردەمچى پاس، 4 قىتىم توپ تارتىۋىلىشتەك ياخشى ئىپادىسى بىلەن ئاخىرى 96-84 نەتىجە بىلەن رەقىبى  جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبىنى قولغا كەلتۈردى.
   بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن  تۆت  ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى  ئاندىرى بىراچ  19 نومۇر، 20 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 5 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى ھەمدە 4 قىتىم توپ تارتىۋالدى ؛  شىرئەلىجان 24 نومۇر،  6 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ قىرانبېك ماقان 16 نومۇر، 8 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ ليۇۋېي 16 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى، 6 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 9 نومۇر، 2 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
  جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىدىن مەۋلان تۇرسۇن 4 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى؛ مەردان  تۇرسۇن 5 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 19-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىياڭسۇ كوماندىسى  بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:48:14

رەسىمدىن قارىغاندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ئازراق سۈركىلىش يۈز بەردىمۇ قانداق؟

waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:57:11

مۇسابىقىدە سۈركۇلۇش بولدى . ئىككىنچى چارەك مۇسابىقە باشلىنىپ بەش مىنۇت بولغاندا تۇڭشى كوماندىسىنىڭ چەتئەللىك ئەزاسى ھۇجۇمغا ئۆتۇش جەريانىدا ئۇنى مۇداپىيە قىلىۋاتقان شىرئەلىجان قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش ھەركىتى ئىشلىدى. قارشى تەرەپ چەتئەللىك ئەزاسى نارازى بۇلۇپ شىرئەلىجاننى ئىتتىرۋەتتى. بىراچ قائىدە چۈشەندۇرمەكچى بولغاندا قارشى تەرەپ چەتئەللىك ئەزاسى يەنىلا بىراچ بىلەن سۇركىلىشكە ئۇرۇندى.  مەۋلان ئوتتۇرغا چۇشۇپ ئىككەيلەننى ئايرىۋەتتى.  ئاقىۋەت شىرئەلىجانغا تىخنىكىلىق قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش جازاسى بىرىلدى.
بەت: [1]
: تەڭرىتاغ كوماندىسى جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسىنى يەڭدى