Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:01:34

ماددىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش

ماددىنىڭ ماھىيىتى نېمە؟
     ئىنسان ئەقلى تەپەككۈر ئىقتىدارىغا ئىگە ئەڭ گۈزەل مەخلۇق سۈپىتىدە دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ ،بەش سەزگۈسىگە تەسىر قىلىۋاتقان نەرسىلىلەرنى تونۇشقا،چۈشىنىشكە ،پايدىلىنىشقاۋە ئۆزگەرتىشكە ئىنتىلىدۇ.  ئىنسان پانى دۇنيادا دەسلەپ يولۇققان نەرسە ماددىدۇر.  شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ماددىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشى ناھايىتى بۇرۇن باشلانغان دىيىشكە بولىدۇ ،ماددىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش ،ئەڭ دەسلەپكى فىزىكا پەلسەپىسىنى شەكىللەندۈرگەن .
    ھەقىقەت مۇتلەق بولىدۇ ئۆزگەرمەيدۇ.لېكىن ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەتكە بولغان تونۇشى نىسبى بولىدۇ. شۇڭا ئىنسانلار ھەقىقەتكە ئۆزلۈكسىز يېقىنلىشىدۇ ،لېكىن تاپقىنى ھەقىقەتنىڭ ھەممىسى ئەمەس .پەقەت ھەقىقەتنىڭ مەلۇم ئىپادىسى خالاس.بۇخۇددى« يەتتە ئەمانىڭ پىلنى سىلىشى»  دىگەن مەسەلگە ئوخشايدۇ . بۇ مەسەلدە سۆزلەنگەن يەتتە ئەما پىلنى كۆرگىلى بېرىپ ،پىلنى يەتتە خىل تەسۋىرلەيدۇ.بىرى پىلنى تۈۋرۈككە ئوخشاتسا ،يەنە بىرى ئۇنى تامغا ئوخشىتىدۇ.بىرى ئۇنى يىلانغا ئوخشاتسا،يەنە بىرى  پالاسنىڭ بىر پارچىسىغا ئوخشىتىدۇ. بۇمەسەلدىكى پىلنى ھەقىقەت دىسەك ،ئەمالارنىڭ بىلگىنى شۇ ھەقىقەتنىڭ مەلۇم قىسمى خالاس.ئەمما ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ئەمەس.بۇنىڭدىن كۆرىۋالىمىزكى مەۋجۈدىيەتنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ھەقىقەت بولۇپ ،ئۇ مۇتلەق بولىدۇ.مۇشۇ ھەقىقەتكە بولغان تونۇش مۇتلەق ئۆلچەم بولمىغان ئەھۋالدا ،تەجرىبىلەرگە ئاساسلىنىپ باھا بېرىلىدىغان بولغاچقا ،بۇ باھالار نىسپى بولىدۇ.، بۇ باھا تەپەككۈرۋە تەجرىبىنىڭ چوڭقۇر-تېيىزلىقىغا ئاساسەن ئوخشاش بولمايدۇ. مەشھۇر ئالىم نىيۇتۇن شۇنداق ئېيتقان ئىكەن «ھەقىقەت بىر دېڭىزغا ئوخشىسا ،مەن شۇ دېڭىز يېنىدا ئويناۋاتقان كىچىك بالىغا ئوخشايمەن ،مەن پەقەت ئۇيەردىن چىرايلىق قۇلۇلە قاپلىرىنى تېپىۋالدىم خالاس. »
شۇڭا بۇ نىسبى باھالارنى مۇتلەق ئۆلچەم قىلىۋىلىش ،بىزنى خاتالاشتۇرىدۇ،ئىنسانىيەتنى« پەن خۇراپاتلىقى» پاتقىقىغا پاتۇرۇپ قويىدۇ. «پەن خۇراپاتلىقى »دىگەن نىمە؟  ئۇ  ئېلىم –پەننى ھەقىقەتنى تونۇشتىكى بىر نىسبى ۋاستە ئەمەس، بەلكى مۇتلەق ئۆلچەم دەپ قاراشتۇر. ئېلىم-پەن ھەقىقەتنى قازغۇچى ۋاستە،ئەمما ھەقىقەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. ئەمەلىيەت شۇكى،ئېلىم-پەندىكى بۆسۈش خارەكتىرلىك ئىلگىرىلەش ئىلگىرىكى نوپۇزلۇق قاراشلارنىڭ خاتالىقىنى ئېچىپ تاشلاپ،ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولغان قاراشنى دەسسىتىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلمەكتە. ئىنساننىڭ مەۋجۈدىيەتكە بولغان تەبىرى مۇتلەق  توغرا بولمايدۇ.لېكىن پەيلاسۇپلار مەلۇم تەپەككۈر چوڭقۇرلىقىدا تۇرۇپ ، ئۆزى ھازىرلىغان تەجرىبىلەردىن يەكۈنلىگەن ماددا توغرىسىدىكى ھۆكۈملەر،مەلۇم  دائىرىدە نىسبى توغرىلىققا ئىگە بولىدۇ.  ئۇ ئۆز دەۋرىدە مۇئەييەن رول ئويناپ كەلگەن بولىدۇ،شۇڭا بۇرۇنقى مەشھۇر قاراشلار كىيىنكىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان تەغدەردىمۇ، ئۇنىڭ پەن –تېخنىكىغا قوشقان ھەسسسىنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئېلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى  ئىنسانىيەتنىڭ  ئۆزلۈكسىزخاتالىشىش ۋە ئۇنى ئۆزلۈكسىز تۈزىتىش جەرياىىدۇر.
  ئىنساننىڭ ئۇلۇغلىقى،ئۇنىڭ  ئىزدىنىش ۋە ئىزدىنىپ يەتكەن ھەقىقەتكە كەمتەرلىك بىلەن تىز پۈكۈشىدە  ئىپادىلىنىدۇ.  ئىنسان بەختى شۇ ھەقىقەت ئېگىسىگە بولغان مۇھەببەت دىمەكتۇر . مەنمۇ  بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەختكە ئىنتىلىمەن. شۇ بەختكە بولغان ئېنتىلىش ،بىلىمىمنىڭ ئىنتايىن كەمچىل بولۇشىغا قارىماي، مېنى ماددا ھەققىدە ئۆز قۇۋۋىتىمنىڭ يېتىشىچە پىكىر قىلىپ بېقىشقا ئۈندەپ كەلدى. ئەگەر خاتا بولسا توغرىغا بىرلىكتە يېتىشنى تىلەيمەن .
ماددا دىگەن نىمە ؟ بۇنىڭغا ئوخشىمىغان جاۋاپلار بولۇپ،بەزىلەر «ماددا ـــ ماسسا ھەم ھەجىمگە ئىگە نەرسە» دەپ قارىدى.يەنە بەزىلەر «ماسسىسى نۆل بولمىغان جىسىم» دەپ تەبىر بەردى. ئەمىسە ماسسا دىگەن نىمە ؟ئوتتۇرا مەكتەپ فىزىكا كىتابلىرىدا «ماسسا دىگەن جىسىم ئۆز ئىچىگە ئالغان ماددا مىقدارى» دەپ جاۋاپ بېرىدۇ.يۇقارقى جاۋاپلاردىن بىرخىل مۇجىمەللىكنى بايقايمىزكى،بۇنىڭدا ئىككى نامەلۇم ئۇقۇم ئارقىلىق بىر-بىرىگە تەبىر بېرىلگەن .بۇ خۇددى« سەمەت كىم؟ئەمەتنىڭ ئاغىنىسى.ئەمىسە ئەمەت كىم؟ سەمەتنىڭ ئاغىنىسى» دىگەندەكلا گەپ.
ماددىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن ماددىنى تۈزگۈچى ئەڭ ئاساسى زەررىچە نىمە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ .قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى دېمۇكرىت ماددىلارنىڭ قايتا بۆلۈنمەيدىغان ئىنتايىن كىچىك زەررىچىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ،بۇ خىل زەررىچىنى «ئاتوم»دەپ ئاتىغان ئېدى.تاكى 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگىلىيىلىك جون دالتۇن  «ئاتوم» ئۇقۇمىنى  ئىلمى نەزىرىيە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقاردى.شۇندىن كىيىن ئاتوم توغرىسىدىكى تەتقىقاتلاردا زور بۆسۈشلەر بولدى. 20-ئەسىردە ئېلىكترونلۇق مىكروسكۇپنىڭ بارلىققا كېلىشى، تەتقىقاتلارنى تېخىمۇ كۆپ دەلىللەر بىلەن تەمىنلىدى.ھازىر بىز ئاتومنىڭ ئاتۇم يادرۇسى ۋە يادرۇ سىرتىدىكى ئېلىكترونلاردىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى،ئاتوم يادرۇسىنىڭ يەنە پروتۇن ۋە نىيترۇندىن تەركىپ تاپىدىغانلىقىنى بىلىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە بىر پروتۇننىڭ مۇسبەت زەرەت مىقدارى ئۆزىنىڭ ماسسسسىنىڭ 1836دەن  1 گە تەڭ كېلىدىغان ئېلىكترۇننىڭ زەرەت مىقدارىنىڭ مۇتلەق قىممىتىگە  تەڭ بولىدۇ .بۇنىڭدىن كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى ،پروتۇندا مۇسبەت زەررىدىن باشقا نەرسىمۇ بار ،پروتۇن قايتا بۆلۈنمەيدىغان ئەڭ كىچىك زەررە ئەمەس. نېيترۇن پرۇتۇندىن ئىنتايىن ئاز دەرىجىدە ئېغىر .چۈنكى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا  مۇسبەت زەررىدىن بۆلەك ۋە تەڭ مىقداردىكى مەنپى زەررە بولۇپ نېيترال ھالەتتە ئىپادىلىنىدۇ .. دىمەك نېيترۇنمۇ ئەڭ كىچىك زەررە ئەمەس.يېقىنقى تەتقىقاتلار تېخىمۇ كىچىك زەررىچىلەرنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلماقتا.ھازىر ئاساسى زەررىچە دەپ قارىلىۋاتقان زەررىچىلەردىن خادرون(hadron)،لېپتۇن(lepton)،دولقۇن ئۇزاتقۇچى ماددا (    propagator)،قاتارلىق ئۈچ چوڭ تۈر بار.بۇنىڭ ئىچىدە خادرون كۈچلۈك ئۆز ئارا تەسىرگە قاننىشىدىغان زەررە بولۇپ ،ئۇ كۋاكلاردىن تۈزىلىدۇ،ھازىرچە كۋاكلارنى چوققا كۋاك،يۇقىرى كۋاك،تۆۋەن كۋاك،غەلىتە كۋاك ،چارم كۋاك دەپ ئالتە تۈرگە ئايرىدى.لېپتۇن –ئاجىز ئۆزئارا تەسىر ۋە ئېلىكترو ماگنىت تەسىرىگە قاتنىشىدىغان زەررىلەرنىڭ ئومۇمى نامى بولۇپ،ئېلىكترۇن،ئېلىكترۇ نېيترىنۇ،μزەررە ،μنېيترىنۇ،τ زەررە،τتېيترىنۇ  قاتارلىق 6خىلغا ئايرىلىدۇ.ئالىملار زەررە سوقۇشتۇرۇش تەجرىبىسى جەريانىدا بىر خىل يېلىمسىمان زەررىچىنى ۋاستىلىك بايقىغان بولۇپ،بۇنى يەتكۈزگۈچى زەررە   (propagator ) دەپ ئاتىدى.ئەڭ يېڭى تەجرىبىلەر  بۇزەررىچىلەرنىڭمۇ يەككە زەررە بولماستىن ،تېخىمۇ كىچىك زەررىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ھازىرچە ئەڭ كىچىك ئاساسى زەررىچە بايقالمىغان بولسىمۇ،ئىنسانىيەتنىڭ ماددىغا بولغان تونۇشى ھەقىقى ئاساسى زەررىگە قاراپ يېقىنلىشىۋاتىدۇ.
  ماددىنى تونۇشتا ماددىنى تۈزگۈچى ئاساسى زەررىچە ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن باشقا يەنە  زەررە ئارىسىدىكى بوشلۇق ۋە كۈچ تەسىر مۇناسىۋىتى  ئۈستىدە ئىزدىنىشمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. مەسىلەن، مۇلىكۇلىلار ۋاندىر-ۋالىس كۈچى ئارقىلىق مۇئەييەن بوشلۇقتا قانۇنىيەتلىك تارقىلىدۇ،مۇلىكۇلىنى تۈزگۈچى ئاتۇملار ئارىسىدىمۇ مۇئەييەن ئارىلىق يەنى بوشلۇق بولىدۇ.ئاتۇم سىرتىدىكى ئېلىكترۇن بىلەن ئاتۇم يادرۇسى ئارىسىدىمۇ بوشلۇق بولىدۇ،بۇ ئارىلىق ئاتۇم يادرۇسى دىئامىتىرىنىڭ تەخمىنەن 105ھەسسسى بولۇپ،ئەگەر ئاتۇمنى 10قەۋەتلىك بىنا دىسەك ئۇنىڭ يادرۇسى تەخمىنەن بىر قاقچىلىك چوڭلۇقتا بولىدۇ.
  
مۇلىكۇلىنىڭ بوشلۇقتىكى تىزىلىش ئىسخىمىسى:


  
ئاتۇم تۈزىلىش ئىسخىمىسى
  
ئاساسى زەررىچە مودىلى
ئاتۇم يادرۇسى ئىچىدىكى پروتۇن ،نېيترۇنلار ئارىسىدا مۇئەييەن بوشلۇق بولىدۇ ۋە باشقا ئۇنىڭدىن كىچىك زەررىلەرئارىسىدىمۇ بوشلۇق بار . ئەگەر بىز مۇشۇ بوشلۇقلارنى قوشۇپ كەلسەك ،ماددىنى تۈزگۈچى بوشلۇقلار يىغىندىسى چەكسىز چوڭلۇققا ئېنتىلىدۇ.
              ∞+  ≧ lim  ∑  بوشلۇق
بۇيەردىكى ئاتالمىش بۆلۈنمەيدىغان مۇتلەق  ماددا  نۆلگە ئېنتىلىدۇ.
0        ≦ lim  ∑ ھەقىقى ماددا
يېقىندا مۇھاكىمە تەخەللۇسلۇق بىر قېرىندىشىمىز، ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى زىچلىقتىكى ماددىنىڭ ھەجىمىنى ھىساپلاپ چىققانلىقىنى بايان قىلىپ،ئەگەر شۇنداق زىچلىققا يەتكىلى بولسا ،بىر كۇپ مېتر بوشلۇققا تەخمىنەن72 يەرشارىنى پاتۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىكەن.مېنىڭ قارىشىمچە، بىز بوشلۇق بولمىغان قايتا بۆلۈنمەيدىغان ھەقىقى ماددىنى  بار دەپ پەرەز قىلساق بەلكىم شۇنداق پەرەز قىلىشقا بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە قايتا بۆلۈنمەيدىغان مۇتلەق ئۇيۇل زەررىچە مەۋجۈت ئەمەس. مەسىلەن ،
مۇلىكۇلانى ئارىسىدىكى بوشلۇق بىلەن قوشۇپ مۇئەييەن ھەجىمدە ئىپالىتىۋاتقان نەرسە نىمە؟ -كۈچ.
ئاتۇمنى مىسال ئالساق، نىسبى ھالدا بىر قاقچىلىك نەرسىنى ئون قەۋەتلىك مۇستەھكەم بىنا قىلىپ نامايەن قىلىۋاتقان زادى نىمە ؟ -كۈچ.
نىيترۇن ۋە پروتۇننى يىغىپ ئاتۇم يادرۇسىنى شەكىللەندۈرىۋاتقان نىمە؟ -كۈچ.
كۋاك قانداق شەكىللەنگەن ؟-ئۇمۇ كىچىك زەررىنىڭ بوشلۇقتا قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قىلىشىدىن شەكىللەنگەن.
بۇ قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت نەدىن كەلگەن؟ -كۈچتىن كەلگەن.
  
كۋاك مودىلى
قايتا بۆلۈنمەيدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە بارمۇ؟ بار ،لېكىن ئۇ ئۇيۇل يەككە ئەمەس ،ئۇ پەقەت مۇسبەت مەنپى ئىككى خىل كۈچنىڭ قانۇنىيەتلىك ئايلانما تەسىردىن ھاسىل بولغان بىر ھادىسە خالاس. ئەگەر ئۇنى پارچىلىساق بۇيەردىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ،ماددا يوقاپ كېتىدۇ . دىمەك ماددا  ماھىيەتتە كۈچنىڭ، يەنى قۇدرەتنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر. بۇخۇددى بىر يىپقا تاشنى چىگىپ قاتتىق ئايلاندۇرساق ،ئۇ بىزگە چەمبەر بولۇپ كۆرۈنگەنگە ئوخشايدۇ.ئېلىكترۇنمۇ ئاتۇم سىرتىدا ئىنتايىن يۇقىرى تېزلىكتە ئايلىنىدۇ، ئېلىكترۇننى ئاتۇم سىرتىدا دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى تېزلىكتە ئايلاندۇرىۋاتقان بۇ زور كۈچ ئاتۇمنى ئەسلىدىن نەچچە يۇزمىڭ ھەسسە چوڭ ئۇيۇل شارچە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.دىمەك يەكۈن شۇكى  ماددا ـــ ماھىيەتتە كۈچنىڭ يەنى قۇدرەتنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىپادىلىنىشىدۇر. ھەقىقى مەۋجۈدىيەت كۈچ يەنى قۇدرەتتۇر.كۈچ ئالاھىدە تەسىر ئارقىلىق ماددىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ماددىنى كۈچ مەيدانغا كەلتۈردى ،ئەمىسە بۇكۈچ نەدىن كەلدى؟  ئەلۋەتتە بۇ كۈچ سەۋەبسىز ياكى ئەزەلدىن بولۇپ قالمايدۇ. ئۇ كۈچ ئۆزىدىن بۆلەك زات تەرىپىدىن  كەلگەن بولىدۇ.دىمەك ئالەم ئەسلى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن .يەنى يارىتىلغان.
ماددىنىڭ ھەرىكىتىگە كەلسەك ،ھەرىكەت- ماددىنىڭ مەۋجۈت بولۇش شەكلىدۇر.شۇڭا ماددا ھەرىكەت ئارقىلىقلا مەۋجۈت بولىدۇ، مۇتلەق ھەرىكەتسىز ماددا مەۋجۈت ئەمەس. مۇتلەق تىنچ نەرسە بار دىيىلسە ،ئۇ يوقلۇقتۇر.ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇدات ھەرىكىتى تىنچلىققا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ،ئۇ  ئەسلى تىنچلىقتىن باشلانغان،يەنى يوقلۇقتىن باشلانغان بولىدۇ. دىمەك ئالەم يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن. ئالەمنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىنىڭ سەۋەبى  بولىدۇ. ئۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن زاتتۇر.
  ماددا ھەرىكىتى قانۇنىيەتلىك بولىدۇ ،بۇھەرىكەتلەر بىر چوڭ ئاساسى نىزامغا بوي سۇنىدۇ . مەسىلەن ،ئاي يەرشارىنى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىدۇ،يەرمۇ ئاي بىلەن بىرلىكتە قۇياشنى قانۇنىيەتلىك ئايلىنىدۇ ،قۇياشمۇ ئۇز سېستىمىسدىكى پلانتلار ۋە ھەمرالار،كومىتىلارنى ئېلىپ ساما يولى سېستىمىسىنىڭ مەركىزىنى چۆرىدەپ قانۇنىيەتلىك ئايلىنىدۇ. ساما يولى سېستىمىسىمۇ قانۇنىيەتلىك ھالدا مەلۇم مەركەزنى چۆرىدەپ ئايلانماقتا... دىمەك ئالەمدكى بارلىق جىسىملار بىر پۈتۈن نىزامغا بويسۇنىدۇ.مانا بۇ ئالەمنىڭ پۈتۈنلۈكى،يەنى مۇكەممەللىكىدۇر. بۇ ئاساسى نىزام ئالەمنىڭ مۇكەممەللىكىنى ساقلايدۇ. بۇ ئاساسى نىزام ماددا ئەمەس ، بۇنىزامنى ماددا پەيدا قىلغانمۇ ئەمەس ،بۇنىزام ئاڭلىق ھالدا ئورۇنلاشتۇرغۇچىغا مۇھتاجدۇر .مانا بۇ ئۇرۇنلاشتۇرغۇچى ،تەرتىپلىگۈچى  زات مەۋجۈتتۇر.نىزامنىڭ بىر پۈتۈنلۈككە ئېگە بولۇشى ،ئۇنى تۈزگۈچىنىڭ بىرلىكىنى، يىگانىلىقىنى  ئىسپاتلايدۇ.
  ماددىلار چەكلىكتۇر.چەكلىك دىمەك بېشى ۋە ئاخىرى بار دىمەكتۇر. چەكسىز بىلەن ساناقسىز پەرقلىق بولۇپ ،بىر خالتا ئۇندا ساناقسىز زەررە بولىدۇ،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىر خالتا ئۇن چەكسىز بولۇپ قالمايدۇ،ئۇنىڭ چېكى بار.
بارلىق ماددىلار چەكلىك چىگراغا ئىگە بولۇپ،ھەجىم جەھەتتىن ،ماسسا جەھەتتىن،كۈچ تەسىرى جەھەتتىن،بارلىققا كېلىش –يوقۇلۇش جەھەتتىن ۋە باشقا جەھەتلەردىن چەكلىكلىككەئىگە.مەسىلەن،يەرشارى،قۇياش،پلانتلار،ھەمرالار،تۇرغۇن يۇلتۇزلار،ئالەم ئارا ماددىلار ھەممسى چەكلىك ماددى تۈزۈلۈشكە ئىگە بولۇپ،چەكلىكتۇر.پۈتكۈل كائىناتمۇ چەكلىكتۇر ،چۈنكى ئۇ شۇ چەكلىك نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇ چەكلىك نەرسىلەرنىڭ يىغىندىسى مەيلى ئۇ قانچىلىك چوڭ بولسۇن .ئۇنىڭ ھامان چېكى بولىدۇ. پۈتكۈل ئالەم چەكلىك بولغان ئىكەن ئۇنىڭ باشلىنىشى ۋە ئاخىرلىشىشى بولىدۇ.مەلۇم نۇقتىدا باشلىنىپ مەلۇم نۇقتىدا ئاياقلىشىدۇ. دىمەك بۇ چەكلىكلىك ئۆز نۆۋىتىدە چەكسىز بولغان بىر ۋۇجۇتنىڭ كونترۇللىقىدا بولىدۇ.بۇ چەكسىز ۋۇجۇت بىردىن بىر بولىدۇ.ئەگەر بۇ ۋۇجۇت يىگانە بولمىسا ،پۈتكۈل مەۋجۈداتنىڭ ماددى ئاساسى بىر بولمىغان،ھەرىكىتى بىر پۈتۈن نىزامغا چۈشمىگەن بولاتتى.تەرتىپ بۇزۇلۇپ ئالەم مەۋجۈت بولالمايدۇ.  
ئالەمنى كونترول قىلىپ تۇرغۇچى ۋۇجۇت چەكلىك ھەم ئەمەس.چۈنكى چەكلىك نەرسىلەر ھىچنىمىگە تايانماي يىگانە مەۋجۈت بولۇپ تۇرالمايدۇ.ھەرقانداق ماددا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن،ئۇ يەنە بىر ماددىغا بېقىنىدۇ،بېقىندۇرغۇچى ماددا ئۆز نۆۋىتىدە يەنە بىر ماددىغا بېقىنىدۇ.بۇخىل بېقىنىش زەنجىرسىمان ھالەتتە ئۆز ئارا بېقىنىدىغان بىر پۈتۈن ئالەمنى شەكىللەندۈرىدۇ. لېكىن بۇخىل بېقىنىشنى ،بېقىنىش تەرتىپىنى شۇ ماددىلار ياكى پۈتكۈل ئالەم ئۆزى تۈزەلمەيدۇ. ئۇ ئۆز نۆۋىتىدە ماددىدىن سىرت بىر ۋۇجۇتنىڭ تەرتىپلىشىگە مۇھتاجدۇر. دىمەك مۇھتاجلىق چەكلىك نەرسىدىكى خۇسۇسىيەتتۇر. ئەگەر ئۇنى بارلىققا كەلتۈرگۈچى شۇ ۋۇجۇت چەكلىك بولۇپ قالسا،ئۇمۇ باشقا نەرسىگە مۇھتاج بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا بۇ يىگانە ۋۇجۇت ھىچنىمىگە مۇھتاج بولماسلىق  ئۈچۈن چەكسىز (يەنى باشلىنىشى يوق ئاخىرلىشىشى يوق) بولۇش كېرەك.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:04:51

بۇ تېمىغا قىستۇرىدىغان مۇھىم رەسىملەر بار ئىدى ، ئەپسۇس رەسىم ئەۋەتىدىغان كۆزنەكنى تاپالمىدىم . ياردەم قىلغان بولساڭلار.

gayur1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 23:05:18

Ehsan21 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 20:04:51 static/image/common/back.gif
بۇ تېمىغا قىستۇرىدىغان مۇھىم رەسىملەر بار ئىدى ، ئەپسۇ

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 03:02:04

ماقالىڭىزدىكى لوگىكىلىق خاتالىقلارنى ساناپ تۈگۈتۈش مومكىن ئەمەس.شۇنۇڭ ئۈچۈن بىرنەچچە لوگىكىلىق ۋە مىتود جەھەتتىكى  خاتالىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بىرىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.
1.مىتود جەھەتتە بۇ ماقالە تەڭرىدىن ئىبارەت كۆلەڭگىنىڭ ئاستىدا قالغان.ماقالىڭىزدىكى نىشان تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش.شۇنۇڭ ئۈچۈن پەلسەپە،فىزىكا،ئەدەبىيات ۋە مەنتىقتىكى پۈتۈن بىلىمىڭىزنى ئىشقا سىلىپ ھەممىسىنى ئارلاشتۇرۇش بەدىلىگە ماقالىنى ئوتتۇرغا تۆكۈپسىز.
بىلىمنىڭ مەقسىتى تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئەمەس ھەقىقەتنى ئوتتۇرغا چىقىرىش بولىشى كىرەك.سىز كاللىڭىزدا تەڭرىدىن ئىبارەت بىر مەبۇتنى يارىتىپ بۇ مەبۇدنى مەۋجۇتلۇققا ئىگە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىڭىزنى ئىشقا سىلىپ ماقالە يىزىپسىز.شۇنۇڭ ئۈچۈن ماقالىڭىز ئىلمىي مىتودقا خىلاپ.چىققان نەتىجىمۇ سىزنىڭ سۇبىكتىپ ھىسياتىڭىزنىڭ تەسىرىدىن چىقالمايدۇ.
ئىزاھات:
بىرى بىر پەيلاسۇپنىڭ تەڭرى ھەققىدىكى تەھلىلىنى ئاڭلاپ سوئال سوراپتۇ:
-ئەپەندىم سىز ئاتىسىتمۇ؟
-مەن تەڭرىنى يوق دىمىدىم.بەلكى تەڭرى بولماسلىقى كىرەك دىمەكچى.

پەيلاسۇپ نىمىشقا تەڭرى بولماسلىقى كىرەك دەيدۇ؟
بىزنىڭ سىستىمىللىرىمىز، تەتقىقات مىتودلىرىمىز تەڭرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا قالماسلىقىمىز كىرەك.بىز ھەمىشە ھەقىقەتكە يىتىش ئۈچۈن (بەلكى تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلىقىغا يىتىش ئۈچۈن) سۇبىكتىپ تەسەۋۋۇرىمىزدىكى تەڭرىنى يولىمىزغا توسالغۇ قىلىپ قويىمىز.تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تەسەۋۋۇرىمىزدىكى تەڭرىنى كاللىمىزدىن چىقىرىپ تاشلىشىمىز كىرەك.
كىشىلەر تەڭرىنىڭ مەۋجۇتلىقى ھەققىدە تەپەككۈر يۈرگۈزگەندە كۆپۈنچى ھاللاردا ئوبىكتىپ دىن ۋە تەسەۋۋۇردىكى ئىلاھنىڭ سۇبىكتىپ شەكلىنى ئالدىنقى پىلانغا ئەكىلىۋالىدۇ ۋە ھەممىسى  ئۆز كاللىسىدىكى تەڭرىنى ئىسپاتلاپ چىقىدۇ.
پەلسەپە ياكى پوزىتىپ پەنلەر بولسۇن تەتقىقاتىدىن بىر خۇلاسىگە كىلىشى ئۈچۈن تەتقىقات مىتوتىدا تەڭرى ياكى شۇنۇڭغا ئوخشاش مىتافىزىك تىرمىنلار چىقىرىپ تاشلىنىشى كىرەك.
شۇنۇڭ ئۈچۈن ماقالىڭىزدە مىتود جەھەتتە ئىغىر خاتالىق بار.

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 03:10:52

3.ماقالىڭىزدە لوگىكىلىق خاتالىق مەۋجۇت.
1).. مۇتلەق تىنچ نەرسە بار دىيىلسە ،ئۇ يوقلۇقتۇر.ئالەمدىكى بارلىق مەۋجۇدات ھەرىكىتى تىنچلىققا نىسبەتەن ئېيتىلغان بولۇپ،ئۇ  ئەسلى تىنچلىقتىن باشلانغان،يەنى يوقلۇقتىن باشلانغان بولىدۇ. دىمەك ئالەم يوقلۇقتىن بارلىققا كەلگەن. ئالەمنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشىنىڭ سەۋەبى  بولىدۇ. ئۇ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن زاتتۇر.

مۇتلەق تىنىچ نەرسە بار بولسا ئۇ يوقلۇقتۇر.(ئەگەر مۇتلەق تىنىچ نەرسە يوق بولسا؟؟؟)
بۇ يەردە مۇتلەق تىنىچ نەرسىنىڭ يوق بولۇش ئىھتىماللىقى ھەققىدە سىزدىن سوئال سوراپ گەپنى ئۇزاتماي،سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىز بويىچە مۇتلەق تىنىچ نەرسە بار ئۇ ھەم يوقلۇق بولسا ھەركەت شۇ يوقلۇققا نىسبەتەن ھەركەت ئۇقىمىغا ئىگە بولغان بولىدۇ.

بۇ خىل ئىھتىماللىقتا ماددا بىلەن يوقلۇقنىڭ مۇناسىۋىتى (كەلتۇرۇپ چىقىرىش) مۇناسىۋىتى بولغان تەغدىردە ماددا يوقلۇقتىن كەلگەن بولىدۇ.
سىز ماددا يوقلۇقتىن سەۋەپسىز كەلمەيدۇ،ماددىنىڭ يوقلۇقتىن پەيدا بولىشى ئۈچۈن ئۇ يەردە بىر كۈچ توغرىسى بىر  تەڭرى بار دەپ قارىدىڭىز.
ئەمدى مەن ماددانىڭ پەيدا بولىشىدا بىر كۈچ بار چۈنكى ئۇ يوقلۇقتىن كەلگەن دىگەن تەپەككۈر مىۋىڭىزنىڭ لوگىكىسىزلىقىنى ئىسپايلاپ بىرەي.
تەڭرى نەدىن كەلگەن؟دىگەن سوئالغا قانداق جاۋال بىرىدىغەنلىقىڭىز ئىنتايىن ئوچۇق.تەڭرى ئەزەلدىن بار دەپ جاۋاپ بىرىسىز.
بۇ جاۋابىڭىز بىلەن  تەڭرىنىڭ كىلىپ چىقىشىدا يوقلۇقتىن ئىبارەت مەۋھۇملۇق يوق بولغان بولىدۇ.
ماددىنىمۇ ئاشۇ لوگىكىڭىزغا سىلىپ بىقىڭ!!
ماددىنىڭ پەيدا بولىشى يوقلۇقنىڭ  مەۋجۇت بولىشىغا ئىھتىياجلىق ئەمەس.بۇ خۇددى تەڭرىنىڭ بولىشى ئۈچۈن يوقلۇقنىڭ بولىشى كىرەك بولمىغاندەك ئىش.

2).  ماددىلار چەكلىكتۇر.چەكلىك دىمەك بېشى ۋە ئاخىرى بار دىمەكتۇر. چەكسىز بىلەن ساناقسىز پەرقلىق بولۇپ ،بىر خالتا ئۇندا ساناقسىز زەررە بولىدۇ،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بىر خالتا ئۇن چەكسىز بولۇپ قالمايدۇ،ئۇنىڭ چېكى بار. 

ماددا چەكلىكتۇر دىگەن قارىشىڭىز ئىسپاتلانغان قاراش ئەمەس.ماددا چەكلىكتۇر دىگەن پەرىزىڭىزگە بىر خالتا ئۇننى مىسالغا ئىلىشىڭىز لوگىكاسىزلىق.
بىر خالتا ئىچىدە مەلۇم ساندا ماددىنىڭ بارلىقى ماددىنىڭ چەكلىك ياكى چەكسىزلىكىگە ھۆكۈم قىلالمايدۇ.سىز ئاۋۋال بىر خالتا ئۇن دىگەن كەلىمىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق ماددىغا دائىرە بەلگىلىۋالدىڭىز ۋە بەلگىلىگەن دائىرىڭىز ئىچىدە ماددىنىڭ سانىغا ھۆكۈم قىلدىڭىز.
بۇنى سان چەكسىز دىگەن ھۆكۈملۈككە تەدبىقلىساق بولىدۇ.ساننىڭ چەكسىز بولىشىدىكى سەۋەپ ماددىنىڭ چەكسىز بولغانلىقىدا ۋە سوبىكتىپ چۈشەنچىمىزنىڭ ماددا بىلەن سان ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە ھۆكۈم قىلغانلىقىدا.
كائىناتنىڭ كونكىرىت دائىرىسى يوق بولغانلىقى ئۈچۈن ماددىنىڭمۇ كونكىرىت دائىرىسى يوق.ماددىنىڭ كونكىرىت دائىرىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ماددا چەكسىز.ماددىنىڭ چەكسىز بولغانلىقى سۇبىكتىپ تەپەككۈرىمىزگە ئەكىس ئەتكەن.شۇنۇڭ ئۈچۈن سان چەكسىزدۇر....
ئەگەر دۇنياندا ئۈچ تاللا نەرسە بولغان بولسا ئىدى سان چەكلىك(123)ماددىمۇ چەكلىك بولغان بولاتتى.
سىزنىڭ بىر خالتا ئۇن مىسالىڭىز خۇددى بىرلەر خانىسى بىلەن يۈزلەر خانىسىنى تۇتىۋىلىپ ساننىڭ چەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەنگە ئوخشايدۇ.

خۇلاسە:ماددا چەكلىك دىگەن قارشىڭىز پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.كۆرسەتكەن مىسالىڭىز  مەنتىقىسىز.

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 07:24:24

AAA يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:04:39

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 07:24 static/image/common/back.gif
ئەگەر ئۇ پەيلاسوپنىڭ دىگەنلىرى راست بولسا ئۇ چاغدا مۇ ...

تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىتراپ قىلىدىغانلار نۇرغۇن .
لىكىن تەڭرىنىڭ يوق بۇلىشىنى ئارزۇ قىلمايدىغانلار بەك ئاز.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 09:17:05

مۇلىكۇلانىڭ بوشلۇقتىكى تىزىلىش سىخىمىسى:


ئاتومنىڭ بوشلۇق سىخىمىسى:
ئاتوم چوڭلۇقى ئاتوم يادرۇسىنىڭ تەخمىنەن10نىڭ 5- دىرىجىسى يەنى يۈزمىڭ ھەسسىسىگە تەڭ.


ئاساسى زەررىچە مودىلى:

يۇقۇردىكى رەسىملەردىكى زەررىدىن بۆلەك ،بوشلۇقنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىغا ئېتىبارىڭىزنى قارىتىپ ئويلاپ بېقىڭ.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 12:30:54

دۇنيادىكى بارلىق ماددىلار چەكلىكتۇر .ئەمىسە سانلارنىڭ چېكى بارمۇ ؟ ئاۋۋال شۇنى دەپ قويۇش كېرەككى سانلار ماددىمۇ؟ سان ماددا ئەمەس، ئۇ بىر ئىنسان تەپەككۈرىدىكى ئۇقۇم خالاس. ئەمىسە  ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ چېكى بارمۇ ؟ ئۇقۇملارنىڭچۇ ؟
ئىنسان تەپەككۈرى بەش خىل سەزگۈ ئەزاسى ھېس قىلىۋاتقان چەكلىك بولغان ماددى نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدە يەكۈن چىقارغانلىقتىن،ئىنسان تەپەككۈرىمۇ مۇئەييەن چىگرىنىڭ سىرتىدىكىنى يەكۈنلەشكە ئاجىز .شۇ ڭا ئۇمۇ چەكلىك بولىدۇ.شۇنداق ئىكەن ئىنسان تەپەككۈرىدكى ئۇقۇمغا تەۋە بولغان سانلارمۇ ،قارىماققا سانىساق تۈگىمەي چەكسىز كېتىۋاتقاندەك كۆرۈنسىمۇ ،ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۇقۇم ئۆزى چىقالمايدىغان چىگرىغا ئىگە،يەنى چەكلىك بولىدۇ.مەسىلەن  ،تەبىئى سانلار N  ،شۇ 1دىن باشلانغان بارلىقى مۇسبەت پۈتۈن سانلاردۇر،لېكىن بۇ  ئۇقۇم نۆل ۋە بارلىق مەنپى سانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.دىمەك ئۇنىڭدىنمۇ چوڭ بىر دائىرە بار ئۇ بولسىمۇ، پۈتۈن سانلارZدۇر .ئەمدى پۈتۈن سانلار كەسىر سانلارنى ئۆزئىچىگە ئالمايدۇ،ئەگەر بۇ ئىككى  دائىرىنى قوشۇۋەتسەك تېخىمۇ چوڭ بىر دائىرە
ھاسىل بولىدۇ ،يەنى راتسىئونال سانلارQدۇر. ئەمدى بۇ دائىرىگە دەۋرى بولمىغان چەكسىز كەسىر سانلار يەنى ئېراتسىئونال سانلارERنى قوشۇپ بەرسەك ،تېخىمۇ چوڭ بىر توپلامغا ئېرىشىمىز ئۇ بولسىمۇ ھەقىقى سانلارRدۇر.ھەقىقى سانلارغا ئۇ نىڭغا تەۋە بولمىغان مەۋھۈم سانلار توپلىمى iقوشۇلسا، ھازىر غىچە بىلەلىگەن ئەڭ چوڭ سانلار توپلىمى كومپىلىكىس سانلار توپلىمى Cغا ئېرىشىمىز .

دىمەك سانلار ئۇقۇم جەھەتتىن چەكلىكلىككە ئىگە ،ئىنسانلارنىڭ ماددى دۇنياغا بولغان تونۇشى چوڭقۇرلىغانسىرى،بۇ سانلار ئۇقۇمىنى ئۆزلۈكسىز كېڭەيتىپ بارىدۇ.شۇڭا ئۇ چەكلىك دەيمىز.
دىمەك چەكسىزلىك پەقەت بىردىن -بىر بولىدۇ،ئۇنىڭ باشلىنىشى ،ئاخىرلىشىشى بولمايدۇ. چەكسىزلىك ئەگەرئىككى بولسا ئۇھالدا بىرى يەنە بىرىدىن كىچىك بولۇپ قالىدۇ-دە، دىمەك كىچىكى ئۆلچىگىلى بولىدىغان ،يەنى چەكلىك بولۇپ قالىدۇ-دە،يەنە پەقەت بىرلا چەكسىزلىك بولغان بولىدۇ. بىزنىڭ تەپەككۈردە يول قويۇۋاتقان ئەڭ چوڭ خاتايىمىز شۇكى، بىز چەكلىك ماددى دۇنيادىن ئىگە بولغان پەقەت ماددىنىڭ قىسمەن ماھىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان نىسبى تەپەككۈر ئەندىزىمىزنى ئۆلچەم قىلىپ، مۇتلەق بولغان چەكسىزلىكنى ئۆلچەشتۇر. ئۇ چەكسىز ۋۇجۇت ئىنسانلارنىڭ ئاجىز تەپەككۈرىدە ھاسىل قىلىۋالغان ئۆلچەملەرگە بوي سۇنمايدۇ.ئالەم قانۇنىيىتىنى ئۇ بەرپا قىلغان،ئۇ ئۆزى بەرپا قىلغان قانۇنىيەتلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. ئەگەر قەلبىڭىزنى كىبىرلىكتىن يىراق تۇتۇپ ،سەمىمى ئەستايىدىللىق بىلەن ئويلىسىڭىز ھەقىقەتكە يېقىنلىشىسىز...
ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ئىنسان ياراتقۇچىنى ئېنكار قىلىپ تەرەققىيات ،بەخىتكە ئېرىشكەن ئەمەس، ئەگەر ھەقىقى ئېلىم ياراتقۇچىنى ئېنكار قىلىپ تۇرۇپ ئىزدىنىشنى  تەلەپ قىلغان بولسا ، ئېتىقادلىق كىشىلەردىن ئالىملار چىقمىغان بولاتتى. ئىنسان بۈيۈك ئالەم  مىزانىنى تونۇپ يېتىپ،  ئۇنىڭغا بوي سۇنغاندىلا خاتىرجەملىك تاپالايدۇ. بۇرۇنقى قەۋملەرنىڭ بۈيۈك مەدىنىيەتلەرنى بەرپا قىلىپ كىيىن ھالاك بولۇشى،پەقەت ئۇلارنىڭ بۈيۈك مىزاندىن يۈز ئۆرىگەنلىكىدىن بولغان. مۇقەددەس كىتابلاردا بۇنىڭغا نەقىللەر كۆپ .
ئەمەلىيەتتىمۇھاۋانىڭ بۇلغىنىپ كېتىشى،سۇنىڭ بۇلغىنىشى،كېلىماتنىڭ ئىسسىپ كېتىشى، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشى، يامان كېسەللەرنىڭ يامراپ كېتىشى، ئىنسانلارنىڭ قىرغىنچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشى،ئاچارچىلىق ،ساختىپەزلىكنىڭ يامراپ كېتىشى،بەچچىۋازلىق،.. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېتىقادسىزلىق ، بۈيۈك مىزانغا خىلاپ ئىش قىلىشتىن كېلىۋاتمامدۇ؟

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:31:07

بۇ ئىنكاسىمنىڭ نىمىگە يۇۋىتىلگەنلىكىنى چۈشىنەلمىدىم؟؟
(قايتا يوللاپ قويدۇم)
2.ماقالىڭىزدە پەلسەپە جەھەتتە بىلىم يىتەرلىك ئەمەس.
ماقالىڭىزدە  ماددىنىڭ ماھىيىتى نىمە دىگەن سوئالغا  جاۋاب بەرمەپسىز.ماددىنىڭ ماھىيىتى يەنى ماددىنىڭ  پەيدا بولۇش خارەكتىرى ۋە ئۇسۇلىنى بەلگىلەيدىغان ئامىلنى تىمىدا ماۋزۇ قىلىپ بەلگىلەپسىز بىراق ماددىنىڭ فىزىكىلىق قانۇنىيەتلىرىنى سۆزلەپسىز.
مەۋجۇتلۇقنىڭ مەنبەسى نىمە دەيدىغان كىلاسسىك سوئالىمىزغا قايتىپ كەلسەك قەدىمكى يۇنان پەيلاسۇپلىرىدىن تالەس(Thales)سۇ دىگەن بولسا ئانىكسىماندورۇس (Anaximandros)ئىنىق ئەمەس،چەكسىز نەرسە(apeiron) دىگەن ئاناكسىمەنىس (anaksimenes)غا كۆرە بولسا ھاۋا دۇنيانىڭ مەنبەسى ئىدى.
مەۋجۇدىيەتنىڭ مەنبەسىنى ماددىغا باغلىغان بولۇش سۈپىتى بىلەن ماتىريالىسىت چۈشەنچىگە ئىگە بۇ پەيلاسۇپلار دۇنيانىڭ مەنبەسىنى بىر مەنبەدىن دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بىرمەنبەچىلىك (monizim) ئىقىمىغا مەنسۇپتۇر.
يۇقارقى پەيلاسۇپلار ماتىريالىزىملىق نۇقتىنەزەردە دۇنيانىڭ مەنبەسىنى ماددا دەپ قارىغان بىراق بۇ ماددىنى سۇ ھاۋا قاتارلىق كونكىرىت ماددىغا يۈكلەپ قويغان.
ئەمپەدوكلەس(empedokles)نىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى پارچە بولغان زەررىلەردۇر.دىگەن قارىشىنىڭ ئانىكساگوروس( Anaxagoras)تەرەققى قىلىشى ۋە دىمۇكرىتوس(Democitos)تا ئاتوم چۈشەنچىسىگە كىلىشى دۇنيانىڭ مەنبەسى بولغان ماددىنى تىخىمۇ ئابىستىراكىت بىر چۈشەنچىگە كۆتۈرگەن.يىڭى ئەسىر پەيلاسۇپلىرى ۋە تەبىئىي پەن ئالىملىرىنىڭ تەتقىقاتلىرى نەتىجىسىدە بولسا ماددا ئۇقىمى بۈگۈنكى ھالغا يەنى ئىدىيال ماددىدىن تامامەن ئايرىلغان ماددا ھالىغا كەلگەن.
پەلسەپەدە تەرەققى قىلغان  ماددا چۈشەنچىسىنىڭ ماتىرياللىشىشى ئۇنۇڭ ئىدىيالىزىم بىلەن ئايرىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
بەزى قەدىمكى يۇنان پەيلاسۇپلىرىنىڭ ئىدىيال ۋە مىتافىزىك تىرمىنلارنى ماددىلەشتۈرگەنلىكىگە ئائىت پەلسەپە ماتىرياللىرىمۇ بار. مەسىلەن رۇھ كونكىرت ماددىغا ئىگە.
يىغۇشتۇرۇپ ئەكەلسەك ئاپتۇر ئومۇمىي جەھەتتىن ئىلىپ ئىتقاندا ئىدىيالىزىم تەسىرىدىن تولۇق ئايرىلغان فىزىكىلىق ماددا ئۇقىمىنى تەڭرىدىن ئىبارەت مىتافىزىك تىمىنى ئىسپاتلاشقا قوللانغان.
ماتىريالىزىم ئارقىلىق مىتافىزىكىنى ئىسپاتلىغىنى بولمايدۇ.چۈنكى مىتافىزىكا يەنى (فىزىكىلىق قانۇنىيەتنىڭ سىرتىدىكى ھادىسىلەر)ئىنسانلارنىڭ ماتىريالىستلىق تەپەككۇرى ۋە بىلىمى بىلەن تەتقىت قىلنغان ئەمەس.


umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:36:05


گىپىمنى چۈشۈنۇپ،راتىسىئونال تەنقىد يازدىغانلار بولسا سۆيۈنگەن بولاتتىم.
بولدى قىلدىم.بىلىمىم سىلەرگە يەتمۇگىدەك،تاغدىن گەپ قىلسام باغدىن چۈشىدىغان تىخنىكاڭلارغا كۈچ ئىلىشالمايمەن.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 14:54:25

ماقالىڭىزدىكى لوگىكىلىق خاتالىقلارنى ساناپ تۈگۈتۈش مومكىن ئەمەس.شۇنۇڭ ئۈچۈن بىرنەچچە لوگىكىلىق ۋە مىتود جەھەتتىكى  خاتالىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بىرىش بىلەن كۇپايىلىنىمەن.

مەن بىر ئىنسان خاتالىقتىن خالى بولالمايمەن،لېكىن ماقالەمنى تۈزەك ئوقۇماي تۇرۇپلا، نەچچە ئابزاس كېلىدىغان ماقالەمدە ساناپ تۈگەتكۈسىز خاتالىقلارنى تېپىپ چىققانلىقىڭىزغا ھەيرانمەن. بۇ مەنتىقىغە ئۇيغۇنمۇ؟
مېنىڭچە سىزمۇ ماتىرىيالىزىم ئىسكەنجىلىرىدىن قۇتۇلغان ھالدا ساپ دىل بىلەن ئويلىنىپ بېقىڭ، ئەسەرنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ . مەن ئەسەردە ماددىنىڭ ماھىيىتى __قايتا بۆلۈنمەيدىغان ئەڭ كىچىك زەررىچە بارمۇ؟ بار ،لېكىن ئۇ ئۇيۇل يەككە ئەمەس ،ئۇ پەقەت مۇسبەت مەنپى ئىككى خىل كۈچنىڭ قانۇنىيەتلىك ئايلانما تەسىردىن ھاسىل بولغان بىر ھادىسە خالاس. ئەگەر ئۇنى پارچىلىساق بۇيەردىكى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلۇپ ،ماددا يوقاپ كېتىدۇ . دىمەك ماددا  ماھىيەتتە كۈچنىڭ، يەنى قۇدرەتنىڭ قانۇنىيەتلىك ئىپادىلىنىشىدىن ئىبارەتتۇر.
دەپ يەكۈنلىدىم . پەقەت ئۇ يەكۈننى قېنىق قارا بوياپ قويمىغانلا يېرىم بار شۇ. دۇنيادا ماتىرىيالىزىم دۇنيانى تەسۋىرلەشتىكى بىر خىل ئۇسۇل ،بۇ ھەممىسى شۇ ،ماتىرىيالىزىملا ھەقىقەت دىگەنلىكنى بىلدۈرمەيدۇ. كاللىڭىزدا بۇ نۇقتائېنىق بولسۇن. بولسا باشقا پەلسەپىلەر بىلەنمۇ تونۇشۇپ قويۇڭ . ئۆز ئالدىڭىزغا مۇستەقىل تەپەككۈر قىلىپ بېقىڭ .

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:15:41

ئۆزىڭىزنىڭ نىمە يىزىۋاتقىنىنى چۈشىنەلمەپسىز ئەپەندىم.
ماتىريالىستىك ماددا ئۇقىمىنى يورىتىۋاتامسىز ياكى ئىدىيال ماددا ئۇقىمىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۇرۋاتامسىز؟؟
ماقالىڭىزدە فىزىكىلىق ماددا ئۇقىمى بىلەن پەلسەپەۋىي ماددا ئۇقىمىنى ئارلاشتۇرۇپ ئوماچ قىلىۋىتىپسىز.
ماتىريالىستىك تەپەككۈردە ماددىنى ئىپادىلەپ بۇ ئارقىلىق تەڭرىنى ئىسپاتلىماقچى بولغان نىشانىڭىزغا ماددىنى پەلسەپەۋىي نۇقتىدىن ئىزاھلىشىڭىز لوگىكىغا ئۇيغۇنمۇ؟؟

كۈچ بىلەن قۇدرەتنىڭ ئىپادىلىنىشى دەيدىغان ماددىنىڭ ماھىيەت قارىشى قايسى ماتىريالىستىك چۈشەنچىنىڭ مەھسۇلى ئىكەن؟؟
مەن ماددا چەكسىز دىگەن گەپنى قىلمىدىم.سىزگە ئوخشاش كەسكىن ۋە باشباشتاقلىق بىلەن ھۆكۈم قىلىدىغان جۈرئەت مەندە يوق.مەن  ماددىنىڭ كونكىرىت دائىرىسى ئىنىقلىنىپ چىقىلمىغانلىقى ئۈچۈن ماددىنىڭ چەكلىك ياكى چەكسىزلىكى تىخى ئىسپاتلانمىغان دىدىم ۋە سان بىلەن ماددىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى مىسال قىلىپ مىسالىڭىزنىڭ مەنتىقسىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويدۇم.
شۇنچە ئىنكاس يازسام ئىنكاسىمنىڭ بىرىنىمۇ چۈشەنمەپسىز.
ئامان بولۇڭ.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:29:00

ماتىريالىستىك ماددا ئۇقىمىنى يورىتىۋاتامسىز ياكى ئىدىيال ماددا ئۇقىمىنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەندۇرۋاتامسىز؟؟
ماڭا قاراڭ سىز ماڭا  ئا ۋە ب دىن ئىبارەت ئىككىدىن بىرنى تاللاپ تەپەككۈر قىل دەپ ئوينىتالمايسىز. بۇ دۇنيادا يەنە س ۋە د ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ تەپەككۈر ئۇسۇلىمۇ بار.   بۇ خۇددى قىمارنىڭ قائىدىسىنى ئۆزى بىكىتىۋىلىپ ئاندىن باشقىلارنى بۇ ئويۇنغا سۆرەپ كىرىپ ،ئۇنى ئۇتتارتقۇزغانغا ئوخشايدۇ.  شۇ ڭا يەنە دەيدىغىنىم تەپەككۈرىڭىزنى باشقىلار سۆزلەپ بەرگەن ئەخلەتلەر بىلەن تولدۇرىۋالماڭ .ھاياتىڭىزنى قەدىرلەپ ،ئەلگە نەپ ئېلىپ كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىڭ .

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:32:29

سىز فىزىكىلىق ئۆزگىرىش ئۈستىدىكى ئىزدىنىشنىڭ ئاخىرىدا پەلسەپەۋى يەكۈنگە ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلسىڭىز،پەلسەپەۋى ماددا بىلەن فىزىكىلىق ماددىنى ئايرىۋەتمەڭ. بۇيەردىكى ماددىنڭ ماھىيىتى بىرلا،ئۇ پەلسەپەۋى ماددا ۋە فىزىكىلىق ماددا دەپ ئايرىلمايدۇ.

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:40:51

مەن ماددىنى «كۈچ يەنى قۇدرەتنىڭ ئالاھىدە كۆرۈنۈشى» دەپ يەكۈنلىدىم. بۇ ماتىرىيالىستىك يۈرىكىڭىزنى بەك ئۆرتىۋەتكەن بولسا ،ئۇنى سىزگە لايىق قىلىپ ئىپادىلەپ بەرسەممۇ بولىدۇ .مەسىلەن،«ماددا -- ئېنىرگىيەنىڭ بىرخىل ئالاھىدە قانۇنىيەتلىك ئىپادىلىنىش شەكلى.» گەرچە مەن مۇنداق ئىپادىلىسەممۇ، بۇ كۆچنىڭ ياراتقۇچىدىن كېلىدىغانلىقى بىر بېشىڭىزنى تاشقا ئۇرۇپ ئۆلىۋالسىڭىزمۇ ئۆزگەرمەيدىغان ھەقىقەت. خۇددى گالىلىنى ئەينى چاغدا دىنى كۈچلەر ئۇنى زىنداندىن ئازات قىلىش بەدىلىگە،يەرنىڭ مەركەز ئىكەنلىكىنى ئىقرار قىلدۇرۇپ ،تىلخەت يازدۇرغاندا دىگەن گېپىگە ئوخشاش. «سىلەرگە تۆۋىنامە يېزىپ بەرسەممۇ، يەرشارى يەنىلا قۇياشنى ئايلىنىۋاتىدۇ.»

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:45:32

  ياخشى مۇنازىرە بولىۋېتىپتۇ. ماقالىمۇ ياخشىكەن، ئۇمۇننىڭ ئىنكاسىمۇ ياخشىكەن، جاھان تېنچراق بولغان بولسا ئىلىم ئېچىقلىرىنى تولۇق ئېچىۋېتىپ، ھەرخىل گۈللەرنى پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرىدىغان ئېسىل تېما، ئېسىل مۇنازىرىنىڭ باش بۇرنىغا ئوت يېقىلىپتىكەن، مانا.
‏   شۇغىنىسى، ھازىرقى خەتەرلىك مۇھىتتا كىمنىڭمۇ پەلسەپە ئوينىغۇدەك پەيزى بولسۇن. پەن، پەلسەپە بىلەن دىننىڭ تالاش- تارتىشى ھازىرغىچە ھەل بولغان ئەمەس. شۇڭا بۇ ئۈچ ساھەنىڭ ھەممىسىنى بىر ۋۇجۇدتا ئېلىپ بارالايدىغان ئادەملەرمۇ نۇرغۇن. ھازىرقى زامان مەدەنىيەتلىك ئادەملىرىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچىمىمۇ مۇشۇ 3 ساھەنى بىر ۋۇجۇدتا ئۆزئارا تاقاشتۇرماي بىرلا ۋاقىتتا تەل قىلىش. بولمىسا جاھان ئايىقى چىقماس غەلۋە- غەۋغالارنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىدۇ.
‏   ياراتقۇچىنىڭ بار- يوقلىقىنى گىگانت پەيلاسوپ كانتمۇ ھەل قىلالماپىكەن. «ساپ ئەقىلغە تەنقىت»تە تەڭرىنى پۈتۈنلەي ئۆرۈپ بولۇپ، ئارقىدىنلا «ئەمىلىي ئەقىلغە تەنقىت» ئەسىرىدە تەڭرىنى قايتا تىكلەپ روھانىيلارنى خاتىرجەم قىلغان ئىكەن.
‏ گىگانت  ئالىملار، پەيلاسوپلار، بۈيۈك روھانىيلار بىر تۇتاش مىتود (ئەمىلىيەتتە ھەممە بىرلىككە كېلەلەيدىغان بۇنداق مىتود يوق) ھەل قىلالمىغان يادرولۇق مەسىلىلەر ھەققىدە ئۇ يىلدىن- بۇ يىلغا مۇنازىرە ئېلىپ بارماسلىق ياخشىمىكىن، دەپ ئويلايمەن. چۈنكى، بۇنداق ئويلىنىشنىڭ ئايىقى چىقمايدۇ، بۇنداق مۇنازىرىنىڭ پاسىلى يوق. نەتىجە چىقىدۇ دېسە پەقەت دۈشمەنلىكلا چىقىدۇ. ئەڭ ياخشىسى، رېياللىقتا دەرھال قوللانغىلى بولىدىغان ئەمىلىي ئىشلار، پەن-تېخنىكا ۋە ياخشى ئادەم بولۇش ھەققىدىكى كونكىرىتنى ئىشلارغا مۇھاكىمە قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئاۋۇنىڭدەك يادرولوق مەسىلىگە قارىتا تالاش- تارتىش ئېلىپ بارماي بىرلا ۋاقىتتا دىنغىمۇ ئىشىنىپ، ئىلىم-پەن بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ ھەر ئىككى جەھەتتىن پاكىز، ھالال ھازىرقى زامان ئادىمى بولۇشقا تىرىشساقمۇ بەك چوڭ ئىش. چۈنكى 3 ساھەنى پۇتلىشىدۇ، دېسەك راستلا پۇتلىشىدۇ، پۇتلاشمايدۇ، دېسەك پۇتلاشمايدۇ. بۇ نىيەتكە باغلىق ئىش.      
‏   
‏   

umun99 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 15:55:40

مىڭىڭىزنىڭ ماكسىمۇم فۇنكىسيىسى مۇشۇمۇ ياكى قەستەن مۇشۇنداق  ھالەتكە كىرىۋىلىپ بارامسىز؟؟
ئۆتۇنۇپ قالاي قەستەن قىلىۋاتىمەن دەڭ.
1.ماتىريالىستىك تەپەككۈردە تەڭرىنىڭ بارلىقىنى(مىتافىزىكا)نى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان مەن ئەمەس سىز.
ماتىريالىستىك تەپەككۈردە تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ سىزيۇ ماددىنى ئىدىيالىستىك ماددا ئۇقىمىدىن ئىزاھلاپسىز.
ئەمدى قوپۇم ماتىريالىستىك قەلىب مىنىڭ بولدى دەڭ.
2.يەر شارىنىڭ ئايلىنىشى ۋە ماددىنىڭ پەيدا بولۇشى ئارقىلىق تەڭرىنى ئىسپاتلىيالمايسىز ؟(5قەۋەتتىكى ئىنكاسىمنىڭ 1.سىگە قاراڭ)
ئۇف بولدىلا....

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:15:19

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Ehsan21 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 16:18  

1.ماتىريالىستىك تەپەككۈردە تەڭرىنىڭ بارلىقىنى(مىتافىزىكا)نى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنغان مەن ئەمەس سىز.
ماتىريالىستىك تەپەككۈردە تەڭرىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ سىزيۇ ماددىنى ئىدىيالىستىك ماددا ئۇقىمىدىن ئىزاھلاپسىز.
ئەمدى قوپۇم ماتىريالىستىك قەلىب مىنىڭ بولدى دەڭ.
مىنى يەنە ئۆزىڭىزنىڭ ئۆلچىمىگە دەسسەتمەڭ. سىزگە مۇنداق بىر مىسالنى دەي ،سىز كومپيۇتىرنىڭ قاتتىق دىتاللىرىنى قۇراشتۇرۇپ  قويۇپ،« بۇ كومپيۇتېرغا ھىچقانداق يۇمشاق دىتالنىڭ كېرىكى يوق ،ھەم ماڭا يۇمشاق دىتالنىڭ  كېرەكلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمەيسەن قانداق. »دىگەندەك بىمەنە گەپ قىلماڭ.قانۇنىيەتنى ماددا ھەرىكىتىدىن ۋاستىلىك بايقايمىز،ئۇنى ماددىنىڭ ھەرىكىتى ۋە ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىدىن تەپەككۈر قىلىپ يەكۈنلەيمىز. چۈنكى بىز ئادەم .ماددىلار ئۈستىدە تەپەككۈرقىلىش قابىلىيىتىمىز بار.ئۇنىڭ ئارقىسىدىكى ماھىيەتنى ۋاستىلىك يەكۈنلەيمىز .بۇ خىل تەپەككۈر ئۇسۇلى ئەلۋەتتە توغرا ئۇسۇل بولىدۇ،دەپ قارايمەن.سىز نىمىشقا ماتىرىيالىزىم بىلەن ئىدىيالىزىم دەپ ئايرىپ تۇرىۋالىسىز. يا  كىچىكىڭىزدە ئاكىڭىز «ھەربى -دۈشمەن»ئويۇنىنى ئۈگەتكەندە ،«ماۋۇ ماتىرىيالىزىم دىگەن ئارمىيە ياخشى»،«ماۋۇ ئىدىئالىزىم دىگەن دۈشمەن ئەسكى، تاش ئات!» دەپ قۇلىقىڭىزغا بەك قۇيىۋەتكەنمۇ يا .ئەمدى چوڭ بولۇڭ !

Ehsan21 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 16:22:14

پەن دىگەن بىر قورال ،بەزىلەر ئۇ ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئىسپاتلايدۇ. بەزىلەر ئۇ ئارقىلىق «تەدرىجى تەرەققىيات نەزىرىيىسىنى »ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدۇ. لېكىن پەننى مۇتلەق ئۆلچەم دەپ ئېلىۋالدىڭىزمۇ ،«پەن خۇراپاتلىقى» غا پاتىسىز. پەننىڭ ئۆلچىمىنى ئىنسانلار بېكىتىدۇ. ..
بەت: [1] 2 3 4 5
: ماددىنىڭ ماھىيىتى توغرىسىدىكى دەسلەپكى ئىزدىنىش