attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 19:29:35

زېھنى تەلەپ قىلدىغان يىڭى فىلىملەر(تەۋسىيە)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   attir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 19:35  

بەزى فىلىملەر ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدۇ ھەم ئادەمنى فىلىم ئىچىگە ئەكىرىپ كىتىدۇ. ،مەن ن مۇشۇ تۇردىكى فىلىملارنى ۋە يىڭى فىلىملارنى   تەۋسىيە قىلماقچى.
1.لۇسىي 超体

ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيتى قانچىلىق قانچىلىق كۇچ ۋە ئىقدىدار بار؟ئەگەر 100%بولۇپ قالسا چۇ؟
بۇ فىلىمدە  ئايال باش رولچىنى ئۆلدى دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشتىڭىز.تورداشلار كۆرۇپ باققاندىن كىيىن ھىس قىلايدۇ.
2.يىڭى دۇنيا 新世界

كورىيە فىلىمى يىڭى دۇنيا ھازىرغىچە داڭ سۇرگەن 卑劣的街头نىڭ كۆرۇش رىكوتىنى  بىسىپ چۇشتى مەنچە ئوغۇللارنىڭ كۆرىشىگە ئەرزىيدۇ ،
ۋەقەلىكى جىىددىي ھەركەتلىك جەميەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئىچىپ بىرىلگەن فىلىم دەپ قارايمەن.
3.杰莎贝尔

بۇ يىلقى ۋەھىمىلىك فىلىملەرنىڭ نوچىسى دەپ قارايمەن ،فىلىم ۋەقەلىكى ئادەمنى گاڭگىرىتىپ قويىدىكەن،ئاخىرىمۇ ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەتىجىدە ئاخىرلىشىدىكەن.
4.星际穿越 پىلانىتلار ئارا ھالقىپ ئۆتۇش.

ئەگەر يۇقرىدىكى فىلىملارنىڭ سۇزۇك نۇسقىسىنى  كۆرمەكچى بولسىڭىز بولكا تورىغا كىرىپ كۆرۇڭ.
http://www.mianbao.com
بۇ تىمىغا مۇشۇ تۇردىكى  كونا فىلىملەرنى قاتمىدىم ،شۇڭا ئاز بوپ قالدى قالغىنى ئىنكاس ئارقىلىق تولۇقلاي.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:06:34

http://v.youku.com/v_show/id_XNzQxMjcyNjg4.html
2014يىلى ئىشلەنگەن كورىيە تارىخى ئۇرۇش فىلىمى مىڭلىيەن دېڭىز ئۇرىشى،
لۇسىي بىلەن يىڭى دۇنيا فىلىمىدىكى باش رولچى رول ئالغان ،مىنىڭچە تخىنىكىسى ئامرىكىدىن قىلىشماپتۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:19:59

星际穿越 نىڭ سۈزۈك نۇسخىسى چىقمىدىغۇ. IDMB قىممىتى بەك يوقىرىكەن. «شاۋشانىكتىن قېچىش» قا يېقىنلىشىپ قاپتۇ.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:25:13

星际穿越 نى توردا كۆرگىلى بولامدا؟ تۈنۈگۈن نەچچە ئىزلەپ تاپالمىغانتىم. توردا كۆرگىلى بولسا، خېلى ۋاقىتلارغىچە رەھمەت ئېيتىپ ئۆتىمەندە سىزگە.:lol

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:27:22

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 20:19 static/image/common/back.gif
星际穿越 نىڭ سۈزۈك نۇسخىسى چىقمىدىغۇ. IDMB قىممىتى بەك يوقىر ...

سۈزۈك بولمىسىمۇ مەيىلى ئىدى. IMDB نومۇرى خاتا كۆرىۋالمىغانلا بولسام 9.3 نومۇر، بۇنداق يۇقىرى نۇمۇرلۇق كېنونى جەزمەن بىر كۆرمەي بولمايدۇ. سۈزۈك نۇسخىسىغا بەلكىم يەنە 20 كۈن ساقلايمىزغۇ دەيمەن.
ئۈرۈمچىگە قايتقان بولسامغۇ كېنوخانىدىلا كۆرەتتىم.

yadlan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:32:23

星际穿越 قانداق ۋەقىلىك بايان قىلىنغان ؟ 星空秘籍نىڭ داۋامى ئەمەستۇ ؟

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:39:46

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 20:25 static/image/common/back.gif
星际穿越 نى توردا كۆرگىلى بولامدا؟ تۈنۈگۈن نەچچە ئىزلەپ تا ...

مەن نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا تاپقان بەيدۇ دىسكىسىنى لىكىن بىردەمدە يۇيۋىتىپتۇ .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:01:48

yadlan يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 20:32 static/image/common/back.gif
星际穿越 قانداق ۋەقىلىك بايان قىلىنغان ؟ 星空秘籍نىڭ داۋامى ئە ...

ئەمەس، يېڭى چىققان كېنو ئىكەن.
ئادەتتە تولىراق ۋاڭيى تورىدا خەۋەر ئىنكاس ئوقۇيمەن. ئۈلۈشكۈن قارىسام خەۋەرلەر باش بېتىگە (كېنو مەزمۇنىغا ئاساسەن قارا ئۆڭكۈردىن ئۆتۈش ئىسىم قويساق قانداق بولاركىن؟) 星际穿越 توغرۇلۇق بىر خەۋەر چىقىرىپ قويۇپتىكەن، شۇنى ئوقۇپ مەزمۇنىدىن ئازراق خەۋەردار بولدۇم.
قىسقىچە مەزمۇنى: يەر شارىدا كېلىمات ئۆزگىرىپ، ھەممە يەرنى قۇم بوران قاپلاپ، ياشاشقا ئىمكانىيەت قالمىغانلىقتىن، ئامېرىكا ھەر خىل ساھەلەردىكى مۇنەۋۋەر ئادەملەرنى يىراق ئالەم سەپىرىگە ئەۋەرتىدۇ. (ئامېرىكا ئىنسانلارنىڭ ئۈمىدى!:lol ۋاڭيى تورىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاس مۇشۇغۇ دەيمەن). بۇلار سەپەر جەريانىدا قارا ئۆڭكۈر تەرپىدىن سۈمۈرۈلۈپ كېتىپ، نەتىجىدە قارا ئۆڭكۈرنىڭ يەنە بىر تەرىپىگە ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىگە ماس كېلىدىغان بىر پىلانتنى بايقايدۇ.

ۋاڭيدىكى ئۇ خەۋەر ئاساسلىقى بۇ كېنودىكى ئەڭ چوڭ سەككىز خاتالىقنى تەنقىت قىلىش يۈزىسىدىن يېزىلغان خەۋەر ئىكەن.
قارا ئۆڭكۈردىن ئۆتۈپ كېتىش، بايقىغان يېڭى پىلانتنىڭ ئەتىراپىدا قوياشقا ئوخشاش تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ يوق ئىكەنلىكى، ئۇلار ئىشلەتكەن ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ راكىتا سەپلىمىسىنىڭ يىراق مۇساپىلىك ئالەم سەپىرىگە ماس كەلمەيدىغانلىقى، يەنە باشقا بىزگە مەلۈم بولغان فىزىكىلىق قانۇنىيەتلەرگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ساۋات خاراكترلىق خاتالىقلار دىگەندەك.

كېنو ئېلانىنى مۇشۇنداق بەرسىمۇ بولىدىكەن، ئۇ خەۋەرنى كۆرۈپلا ئىچىمگە ئوت چۈشتى زادى بىر كۆرەي دەپ:lol

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:02:43

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 20:27 static/image/common/back.gif
سۈزۈك بولمىسىمۇ مەيىلى ئىدى. IMDB نومۇرى خاتا كۆرىۋالمى ...

ئەمسە ماۋۇ كىنوخانىدىن ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغىنى ئىكەن.
Interstellar 2014 HDCAM XviD-AC3-STINKBOMB
BT ئۇرۇقى: http://torcache.net/torrent/97DD27A27D4FD1BAB71ACA3461C978E98999D845.torrent?title=interstellar.2014.hdcam.xvid.ac3.stinkbomb

بۇنداق چاپاق نەرسىنى كۆرسە كۆزگە جاپا.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:03:37

سۇئال: IDMB قىممىتى دېگەن نېمە؟

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:11:56

تېمىدىكى باشقا كېنولاردىن لوسىي 超体 نى نەچچە كۈن ئالدىدا توردىن چۈشۈرۈپ قويغان ئىدىم، بېسىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە تازا ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ. ئۆتكۈزۈپ بىر قانچە بۆلەك كۆردۈم. IMDB نومۇرى ئانچە يۇقۇرى ئەمەس، ئاران 6 دىن ھالقىپتۇ. ئەڭ ئاخىرىنى كۆرۈپ بۇ يىل ئىشلەنگەن 超限骇客 دىگەن كېنوغا ئازراق ئوخشاپ قالىدىغاندەك ھېس قىلدىم.

باش پىرسوناژنىڭ تولۇق ئۆزگىرىشىگىچە بولغان بۆلەكنى ئازراق قىسقارتقان بولسا، ۋەقەلىك يەنىمۇ مۇرەككەپرەك بولغان بولسا تېخىمۇ يۇقۇرى باھاغا ئىرىشەتتىمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم.
بۇ كېنوغا ئائىت باھالارنى كۆرگەن ئىدىم، قانداقلا بولمىسۇن بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ.

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:15:36

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 21:11 static/image/common/back.gif
تېمىدىكى باشقا كېنولاردىن لوسىي 超体 نى نەچچە كۈن ئالدىد ...

يوھان دىپنىڭ سىز دىگەن فىلىمىنى مەنمۇ كۆرگەن لىكىن تازا چۇشىنەلمەي قالدىم . ئوتتۇر قىسمىنى  ،
ئۇ فىلىم دىپنىڭ بۇ يىلقى مەغلۇپ بولغان فىلىمى دەيدۇ راسمىدۇ؟
مەن قارىساممۇ بىلەت سانى ۋە دەرىجىسى بەك تۆۋەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:18:53

azizim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 21:03 static/image/common/back.gif
سۇئال: IDMB قىممىتى دېگەن نېمە؟

IMDB قىممىتى توغرۇلۇق توردىن نىشانلىق ئىزلەپ باقماپتىمەن. بىلىشىمچە كېنو ئۇيۇشمىسىمۇ( مۇشۇنداقراق بىر ئۇيۇشما بارغۇ دەيمەن ئەمەرئاكىنىڭ LA شەھىرىدە) ئەيتاۋۇر بىر نوپۇزلۇق ئورۇن توردا ئۇيۇشتۇرغان كېنولارغا باھا بېرىپ بېلەت تاشلايدىغان بىر ئىشتەك قىلغان. خاتا بولسا، توردىن ئىزلەپ تاپقانلار تۈزۈتۈپ قويۇڭلار.

abdukerim11 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:46:31

http://www.terjimefilim.com/bbs/thread-9226-1-1.html

attir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:53:33

كىنوخانا ئوغرى نۇسقىسى ئاشۇ فىلىمنىڭ سۇپىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن ،سۇزۇك نۇسقۇسى چىققاندىمۇ كۆرگىسى كەلمەيدىكەن ئادەمنىڭ ،شۇڭا قەتتىيلا كۆرمەيمەن ،.
ئۇنداق فىلىم كۆرۇش خۇددىي خەخ چايناپ تۇكرىۋەتكەن ناننى ئىلىپ يىگەندەك ئىشكەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:01:06

attir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 21:15 static/image/common/back.gif
يوھان دىپنىڭ سىز دىگەن فىلىمىنى مەنمۇ كۆرگەن لىكىن تا ...

ئۇ كېنو يۇقۇرى باھاغا ئېرىشەلمەي قالدى، بېلەت كىرىمى كۆزلىگەن نىشانغا يېتەلمىسە، ئەلۋەتتە مەغلۇپ بولغان ھېساپلىنىدۇ.:lol

تۆۋەندىكى بىئولوگىيە بىلەن چېتىشلىق  مەزمۇنلار ئېسىمدە قالغىنى بويىچە يېزىلدى، خاتا ئەستە تۇتۇۋالغان بولسام ياكى 20 يىل ئالدىدىكى ماقالە بولغاچقا ھازىرقى بىئولوگىيە تەتقىقات نەتىجىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان يەرلىرى بولسا، مۇنبىرىمىزدىكى بىلگەجانغا مۇراجىئەت قىلىڭلار.

تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلاردا، ئۇيغۇرچە بىلىم - كۈچ ژورنىلىدا، نېۋرون كومپىيوتىر كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىش دىگەن بىر ماقالە ئوقۇغان ئىدىم. خىزمەت پىرىنسىپى ھازىرقى بىز ئىشلىتىۋاتقان كۆمپىيوتىرنىڭ خىزمەت پىرىنسىپىغا مۇتلەق ئوخشىمايدۇ.
ئادەم مېڭىسى ۋە نېرۋا توقۇلمىلىرىغا تەقلىد قىلىنغان. كۆپچىلىككە مەلۇملۇقكى، ئادەم مېڭىسى مىليارد بىرلىك قىلىنغان نېرۋا ھۆجەيرىلىرىدىن تۈزۈلگەن. مۇشۇ ھۆجەيرىلەرنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
نېۋرون كومپىيوتىرنى زاغرا تىلدا چۈشەندۈرسەك ھازىرقى مىليونلىغان كومپىيوتىرنىڭ بىرلەشمىسى دەپ قاراشقىمۇ بولىدۇ. ھەر بىر ئەقىلى بۆلەك ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل خىزمەت قىلالايدۇ ھەم ھەمكارلىشىپ مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ، ئادەمگە ئوخشاش لوگىكىلىق تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.

ئەمدى كېنوغا قايتىپ كېلەيلى، 超限骇客 بۇ كېنودا تەسۋېرلىدىغىنى يۇقۇرىدا تىلغا ئالغان نېۋرون كومپىيوتىرغا بەك ئوخشاپ قالىدىكەن. لىكىن قوللانغان ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە. ئەقلى ئىقتىدار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان  باش پىرسوناژ (يوھان رول ئالغان) ساقايماس كېسەللىككە گىرپتار بولۇپ، 6 ئايلا ئۆمۈرى قالىدۇ. ئۇنىڭ ئايالى ئېرىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى، شۇ سەۋەپلىك ئېرىنىڭ بارلىق مېڭە پائالىيەتلىرىنى خاتىرلەپ، ئەقلى ئىقتىدارلىق كومپىيوتىرغا كىرگۈزىدۇ. باش پىرسوناژ ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن، ئۇنىڭ تەپەككۈرى كومپىيوتىردا تىرىلىدۇ( مۇشۇنداق دەپ ئىپادىلەپ تۇراي، سۆزلىگەنسىرى مۇرەككەپ بىلىنىپ كېتىۋاتىدۇ ماڭىمۇ.:lol ) ئۇنىڭ ئايالى كومپىيوتىردىكى بۇ يېڭى يارالمىشنىڭ ئىرى ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشىنەتتى، لىكىن ئامېرىكا ئەقلى ئىقتىدار تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىغان باشقا ئالىملار ۋە فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرى بۇ يېڭى مەخلۇق(قانداق ئاتىسام بولاركىن، مەخلۇق دەيلى دىسەك ئۇنىڭ تۇتقىلى بولىدىغان جىسمى يوق، كومپىيوتىردىكى مەۋھۇم تەپەككۈر) نىڭ ئىنسانلارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىش ئېھتىماللىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ كومپىيوتىرنى خىزمەتتىن توختاتماقچى بولىدۇ. شۇ سەۋەپلىك ئۇنىڭ ئايالى بۇ يېڭى كومپىيوتىر ئېرىنىڭ ياردىمىدە پايچەك سودىسى قىلىپ نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ ھەمدە ئادەم ئاز بىر قۇملۇق بازاردىن يەر سېتىۋېلىپ، ئۇنى شۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ يېڭى كومپىيوتىر مەخلۇق(ھاياتلىق) قىسقىغىنا ۋاقىتتا، ئىنسانلار تېخى ھەل قىلمىغان پەن تېخنىكا مەسىلىلىرىنى، ساقايماس كېسەللىك دەپ قارىلىۋاتقان كېسەللىكلەرنىڭ داۋاسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. لىكىن ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئايالى بارغانسىرى بۇ كومپىيوتىرنىڭ ئۆزنىڭ ئەسلىدىكى ئېرى شۇ ياكى ئەمەسلىكىدىن گۇمان قىلىدۇ. فىدراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە ئەقلى ئىقتىدار تەققاتى بىلەن شۇغۇنلانغۇچى ئالىملار بىرلىشىپ، بۇ مەخلۇققا تاقابىل تۇرىدىغان ۋېروس ياساپ چىقىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ يارىدىمىدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا، بۇ يېڭى مەخلۇقنى ئۆلتۈرىدۇ.

بۇ كېنونى دەسلىپىدە توردىن چۈشەرسەم خەنچە خېتى يوق، ئامال يوق ئېنگىلىزچە كۆرىۋەردىم، ئۇ چاغدا پەقەت 30،40 پىرسەنىت چۈشۈنۈپتىكەنمەن. كىيىن خەنچە خەتلىك نۇسخىسى چىقتى. تولۇق چۈشۈنۈپ يەنە بىر كۆردۈم. ماڭا يارىدى. كېنودىكى ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەرمۇ خېلىلا يامان ئەمەس ئىشلىنىپتۇ. كومپىيوتىرغا زىيادە تايىنىۋېلىش مەسىلىسى، سۇنئى ئەقلى ئىقتىدارغا بولغان گۇمان ۋە ئەنئەنىۋى ئۆلمەس تېما مۇھەببەت بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئادەمگە ئۆزگىچە زوق بېغىشلىيالايدىكەن.

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:02:26

alip يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 21:02 static/image/common/back.gif
ئەمسە ماۋۇ كىنوخانىدىن ئوغۇرلۇقچە سۈرەتكە ئېلىۋالغى ...

چۈشەرگىلى بولمىدى. كۆزۈمگە زىيان قىلسىمۇ مەيلى دەپ كۆرەي دىگەنتىم.:(

kowruk_cn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:11:21

ArislanMemet يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 22:02 static/image/common/back.gif
چۈشەرگىلى بولمىدى. كۆزۈمگە زىيان قىلسىمۇ مەيلى دەپ كۆ ...

http://www.bttiantang.com دا بار

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:27:45

kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 22:11 static/image/common/back.gif
http://www.bttiantang.com دا بار

بىت ئۇرۇقى بار ئىكەن تاپتىم، ۋاي-ۋاي نىمانداق تولا ئىلاندۇ ئۇ. قەتئى چۈشۈرەلمىدىم. شۇنلىي ئاپتوماتىك ئىشلەيدىغان بولۇپ تەڭشىلىپ قاپتىكەن، يا تور كۆرگۈدىن ئايرىم چۈشۈرەلمىدىم ئۇرۇقىنى. ئۇرۇقى بولسا ئايرىم يوللاپ بېرىڭلارچۇ.

ArpatKurban يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:46:38

رەھمەت سىزگە.....
بەت: [1] 2 3 4
: زېھنى تەلەپ قىلدىغان يىڭى فىلىملەر(تەۋسىيە)