bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 15:49:26

تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان چۈچۈمەل تەدبىرلەر

تۈۋەندىكى بىر نەچچە چارىلەرنى بىلىۋالسىڭىز تۇرمۇشىڭىزغا ئانچە-مۇنچە قۇلايلىق ۋە شادلىق ئېلىپ كەلگۈسى . ئەلۋەتتە ، ئاۋارىچىلىق ئېلىپ كىلىشىمۇ مۇمكىن . چۈنكى بەزى ئاماللار چىشىڭىزنى قامىتىپ قويغۇدەك «چۈچۈمەل » .

1، مۇئەللىمگە ئېلخەت ئارقىلىق تاپشۇرىدىغان تاپشۇرۇقنى ( مەسىلەن ، ماقالە ) تېخى ئىشلەپ بۇلالمىغان بولسىڭىز ، رەسىم .mp3 قاتارلىق باشقا ھۆججەتنىڭ نامىنى 作业.docx دەپ ئۆزگەرتىپ مۇئەللىمگە ئەۋەتىپ بېرىڭ . ئاندىن دەرھال تاپشۇرۇقنى تولۇقلاڭ . بىرەر-ئىككى كۈندىن كېيىن مۇئەللىم ئېلخېتىڭىزگە :«سىزنىڭ تاپشۇرۇقىڭىز ئېچىلمىدى ، قايتا يوللاپ بىرىڭ » دەپ ئۇچۇر يوللايدۇ . ئەگەر تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ بولغان بولسىڭىز ئەۋەتىپ بېرىڭ . تولۇقلاپ بولالمىغان بولسىڭىز :« كومپىيۇتېرىمغا ۋىرۇس يۇقۇپ قاپتۇكەن ، تازىلاپ ، سېستىمىنى قايتا قاچىلىسام كومپىيۇتېرىمنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسە يوقاپ كېتىپتۇ ، تاپشۇرۇقنى تولۇقلاۋاتىمەن ، ئەتە كەچكىچە ئەۋەتىپ بىرەي » دەپ ئۇچۇر يوللاپ قۇيۇپ ، تاپشۇرۇقنى داۋاملىق تولۇقلاڭ .

ساختىپەزلىك ، يالغانچىلىق قىلىپ سوزىغان شۇ نەچچە كۈندىمۇ تاپشۇرۇقنى تولۇقلاپ بولالمىغان بولسىڭىز ، بۇندىن كېيىن تورغا ئازراق چىقىپ ، دەرسنى كۆڭۈل قۇيۇپراق ئاڭلاڭ .

2، ئەتىسى سرتقا چىقىدىغاندا ئېلىۋالىدىغان نەرسىنى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، ئەتە كىيىدىغان كەشىڭىزنىڭ ئىچىگە سېلىپ قۇيۇڭ . بۇ چارە ئاچقۇچنى ئۆيگە تاشلاپ قويۇپ ئىشىكنى قۇلۇپلاپ چىقىپ كېتىدىغان ، ئىمتىھان كۈنى ئىمتىھانغا قاتنىشىش كارتىسىنى ئۇنتۇپ قالىدىغان ئىسى كۈچلۈكلەرگە ماس كېلىدۇ .

3، ئەگەر قىلماقچى بولغان بىرەر ئىشنى (ئورۇقلاش ، چېنىقىش ، چەتئەل تىلى ئۈگىنىش …. ) داۋاملاشتۇرالماسلىقىڭىزدىن ئەنسىرىسىڭىز ، ئۇچرىغانلىكى تونۇشىڭىزغا : «بىر ئاي ئىچىدە مانچە توننا ئورۇقلايمەن » ، «ئىككى ئايدىن كېيىنلا پالانى تىلنىڭ پوكۇنى دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ كېتىمەن » دەپ تازا پو ئېتىڭ ، ئۇچرىغانلىكى تونۇشىڭىزغا پو ئېتىڭ .

ھە ، پو ئېتىپ بولدىڭىزمۇ ؟ ئەمدى ھەممەيلەننىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچرىماي دېسىڭىز قىلماقچى بولغان ئىشىڭىزنى قىلىڭ . بۇ ئۈزىنى مەجبۇرلاشنىڭ بىر چارىسى .

4، ئەگەر ياتاقدىشىڭىز مەلۇم ناخشىغا مەستانە بولۇپ ، ئەتىگەندىن كەچكىچە شۇ ناخشىنى قۇيۇپ ئىچىڭىزنى پۇشۇرىۋەتسە ، شۇ ناخشىنى يانفۇنىڭىزنىڭ ئەتىگەنلىك قوڭغۇرىقىغا بەلگىلەپ قويۇڭ . ئۈچ كۈندىن كېيىن پۈتۈن ياتاقتىكىلەرنىڭ بۇ ناخشىغا ئۆچ بولۇپ كەتمىگىنى بىر كۆرەي .

5، يېرىم كېچىدە ئويغىنىپ ، چىراغنى يورۇتۇپ ھاجەتخانىغا چىقىپ ، چىراغنى ئۆچۈرۈپ كارۋاتقا بارغىچە كۆزىمىز يۇپيورۇقتىن ئالماشقان قاپقاراڭغۇلۇققا كۆنەلمەي ،قاراڭغۇدا ئۇنىڭ-بۇنىڭغا ئۈسۈپ سالىدىغان ، ئۇنىڭ-بۇنىڭغا تىپىپ سالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ ( بەك ئاغرىيدۇ ھە ؟ ) . بۇنىڭغا مۇنداق ئامال بار : چىراغنى يېقىشتىن ئاۋال بىر كۈزىڭىزنى قىسىۋېلىڭ ، ئىشلار تۈگەپ چىراغنى ئۆچۈرگەندە ئاندىن ئېچىڭ . ئاندىن شۇ كۈزىڭىزدە قاراپ كارۋىتىڭىزنى تېپىۋېلىڭ .

رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، دېڭىز قاراقچىلىرى يورۇق پالوبىدىن بۆلمىگە كىرگەندە كۆزلىرى قاراڭغۇلۇققا كۆنۈپ بولغۇچە جېنىدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن بىر كۈزىنى تېڭىۋېلىپ يەكچەشمىدەك يۈرۈيمىش .

6، ھېق تۇتۇپ قالسا سۇ ئىچىپ ياكى بىر نەرسە يەپ توختاتقىلى بولىدۇ . لېكىن يىگۈلۈك-ئىچكۈلۈكلەر بولمىسا ياكى يەپ-ئىچىشكە بىئەپ سورۇندا بولۇپ قالساقچۇ ؟ ئېغىز-بۇرنىمىزدا چۇڭقۇر نەپەس ئېلىپ ، تىنماي بىر نەچچە ھېقنى ئۆتكۈزىۋەتسەك توختايدۇ ياكى ئاجىزلايدۇ . توختىمىسا يەنە بىر قېتىم شۇنداق قىلساق بولىدۇ .

7، ئالقىنىڭىز ياكى غېرىچىڭىزنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى ئۆلچىۋېلىڭ . گەز يوق چاغدا ئەسقاتىدۇ .

8، خوتۇندىن يۇشۇرۇن پۇل يىغقاندا بايقىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرىسىڭىز ، پۇلنىڭ قېتىغا «ئۇماق ئايالىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن » ، « تويمىزنىڭ مانچە يىللىقى ئۈچۈن » ئۈچۈن دەپ يېزىلغان قەغەزنى قىستۇرۇپ قويۇڭ . بانكىدا قويغان بولسىڭىز كارتىغا يېزىپ قويسىڭىز بولىدۇ .

9، ئەگەر بىر ئىشقا ئەستايىدىل تۇتۇش قىلماقچى بولسىڭىز ،  يانفۇنىڭىزنى ئىتىۋىتىڭ . كومپىيۇتېردا قىلىدىغان ئىش بولسا كومپىيۇتېرنى تورغا ئۇلىماڭ . تور بار شارائىتتا قىلىدىغان ئىش بولسا كيۇكيۇ ، ئۇ-بۇ دىگەنلەرنى ئۆچۈرۋىتىڭ .

10، ئاپتوبۇستا يانچە تۇرغاندا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ئاسانراق .

..............

patih007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 17:34:19

رەھمەت . ھەم كۈلكىلىك ھەم ئىشلىتىشكە بولىدىغان تەدبىرلەركەن . بولۇپمۇ خوتۇنىدىن يۇشۇرۇن پۇل يىغىش  .:P

Emperor يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 18:06:09

ياخشى تەدبىرلىكەن، ئەسقاتىپ قالا ساقلاپ قوياي

dadash يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 18:06:43

ئېسىل  ئېسىل :lol

munir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 18:52:55

ھەقىقەتەن ياخشى تەدبىرلەركەن تۇرمۇشىمىزدىكى 36تەدبىر دىسەك بولغۇدەك:)

Yaruq يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 19:12:49

قالتىس، قالتىس...

terjiman يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 19:51:55

مەن «تاپشۇرۇقنى ئەتە يېغىمىز» دېگەن گەپنى ئاڭلىساملا، ۋاقىتنى ئەتىسى كەچ سائەت 12گىچە ھېسابلايمەن؛ «ئەتە كارتىغا پۇل ئۇرۇلىدۇ» دەپ قالسا، تاڭنىڭ ئېتىشىنى ساقلاپ بولالماي ئاشۇ...:lol

esyankar75 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 19:53:18

مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قالسا ياتاق كۆچۈپ چىكىتىشتىن باشقا ياخشىراق چارە بارمىدۇ ؟

turken يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:40:13

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:53 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قال ...

شۇلاردىن  بۇرۇن  ئۇخلاش  ياكى ئويغىتىپ  خورەك  تارىتماي  ئۇخلا  دىيىش

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:58:52

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:53 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قال ...

خورەك تارتىۋاتقان ۋاقىتتا ئاغزىغا موخوركا قويۇۋېتىڭ :lol  سىناقتىن ئۆتكەن.

azizim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:01:18

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:53 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قال ...

چىداپ يېتىش

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:13:18

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:53:18 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قال
ئۇلاردىن ئاشۇرۇپ خورەك تارتىش.

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:19:36

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:53:18 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قال
خورەكنىڭ ئەڭ ۋەھشى يەرلىرىنى ئۈنگە ئېلىۋىلىپ، ئويغىتىش مۇزىكىسى قىلىپ توغۇرلاش.
(ئىللىق ئەسكەرتمە:  ئەگەر بىردىن كۆپ بولسا، ئاپتورىنى ئەسكەرتىشنى ئۇنتۇماڭ، بولمىسا قانۇنىي جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز)

salambay يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:34:33

esyankar75 يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 19:53:18 static/image/common/back.gif
مۇشۇ ياتاقتىكىلەردىن نەچچىسى قاتتىق خورەكچى بولۇپ قال
خورەك ئاۋازىنى مەبىتىگە يوللاپ بېرىدىغانلىقىڭىزنى تەنتەنىلىك جاكارلاڭ...

UkuGin يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 21:48:23

راۋرۇس ھېي.....ئىسىل ماھارەتلەركەن ، ئۆگۈنۈپ  قويسا بولغۇدەك.......

bireylen يوللانغان ۋاقتى 2014-11-19 16:18:56

خورەكچىدە گۇناھ يوق ، ئاڭلىغۇچى قۇلىقىغا ماز تىقىۋالسۇن :lol
بەت: [1]
: تۇرمۇشتا ئەسقاتىدىغان چۈچۈمەل تەدبىرلەر