waskitbol يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 14:39:00

شىنجاڭ كىراۋفوردنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ماھىر ئالماشتۇرىدىكەن

  
  ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى  ئۈرۈمچى ۋاقتى 11-ئاينىڭ 16-كۈنى خەۋىرى؛  شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسىنىڭ بۇ پەسىلدە توختاملاشقان چەتئەللىك ئەزاسى جوردان كىراۋفوردنىڭ كۆزىنىڭ سەزگۈرلىگى ئېشىپ كەتكەنلىگى تۈپەيلىدىن، نۆۋەتتە شاڭخەيگە بىرىپ داۋالىنىۋاتىدۇ.  تاراتقۇلارنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  جوردان كىراۋفوردنىڭ ياخشى داۋالىنىشى ئۈچۈن، شىنجاڭ تەڭرىتاغ كوماندىسى ئامرىكالىق ئارقا مەيدان مۇداپىيەچىStefanBonneau بىلەن ۋاختىچە توختاملاشقان. ئۇ ئالدىنقى پەسىلدە كانادا بىرلەشمىسىدە ئەڭ ياخشى ئارقا بىك شەرىپىگە ئىرىشكەن.
جوردان كىراۋفورد بۇ پەسىلدە ھەر مەيداندا ئوتتۇرچە 29.4 نۇمۇر ئىلىپ، بىرلەشمىنىڭ نۇمۇر ئىلىش رىتىدە 9-ئورۇندا تۇرغان. تەڭرىتاغ كوماندىسى بىلەن لىياۋنىڭ كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە 49 نۇمۇر ئالغان.  « ئاسىيا ۋاسكىتبول تورى » نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جوردان كىراۋفوردنىڭ بوش ئورنىنى تۇلۇقلاش ئۈچۇن، شىنجاڭ كوماندىسى ئۇنىڭ بىلەن ۋاقىتلىق توختالاشقان.
   
بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن StefanBonneau نىڭ بوي ئىگىزلىگى 1.77 مىتىر، بەدەن ئىغىرلىقى 75 كىلوگىرام. ئالدىنقى پەسىلدە  كانادا بىرلەشمىسىدە توپ ئۇيناپ، ئوتتۇرچە 22.5 نۇمۇر، 5.1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ، 4.3 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن ھەمدە ئوتتۇرچە 1.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان.

ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php




ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 16:25:49

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ilter تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 16:29  

ئوتتۇرچە 22.5 نۇمۇر، 5.1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ، 4.3 قىتىم ياردەمچى پاس بەرگەن ھەمدە ئوتتۇرچە 1.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان.
      نۇمۇر قىتىم سانلىرى پارچە سانلاركەنغۇ ، بۇلارنى قاندا ھىسابلايدۇ ، پۈتۈن كۇماندىنىڭكىنى  ئەزا سانىغا  بۆلۈپ ئوتتۇرىچە سانىنى چىقىرامدۇ

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 16:42:00

ilter يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 16:25 static/image/common/back.gif
ئوتتۇرچە 22.5 نۇمۇر، 5.1 قىتىم گاردىن قايتقان توپ، 4.3 قىتى ...

ئون مەيدان مۇسابىقىدە جەمئىي 225نۇمۇر ئالغان بولسا،ئوتتۇرىچە بىر مەيدان مۇسابىقىدە 22.5نۇمۇر ئالغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماھىرنىڭ ئۇمومىي چۈشۈرگەن توپ نۇمۇرى، ئۇمومىي ئالغان گاردىن قايتقان توپى قاتارلىقلارنى مەيدانغا چۈشكەن سانىغا بۆلۈپ چىقىرىدۇ.
بەت: [1]
: شىنجاڭ كىراۋفوردنىڭ ئورنىغا ۋاقىتلىق ماھىر ئالماشتۇرىدىكەن