[خەتلىك فىلىم] 12 يىل قۇللۇق
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kowruk_cn تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 14:48فىلىم نامى: 12 يىل قۇللۇق
ئېنگىلىزچە نامى: Years a Slave 12
ئىشلەنگەن ۋاقتى: 2013-يىلى
دۆلىتى: ئامېرىكا
تۈرى: ۋەقەلىك / كارتون فىلىم
تىلى: ئېنگىلىزچە
يېزىقى: ئۇيغۇرچە / ئېنگىلىزچە
IMDB نومۇر: 8.2
رازمىرى: 1280x720
چوڭلىقى: 2.4GB
فىلىم ئۇزۇنلىقى: 02:14:10
رېژىسسور: Steve McQueen
باش روللاردا: Chiwetel Ejiofor, Michael Kenneth Williams, Michael Fassbender, Brad Pitt
فىلىم ھەققىدە:
سولومان نوزاپ ئەسلىدە بىر ئازاد ئادەم بولۇپ، ئىسكىرىپكا چېلىپ جان باقاتتى، ھەمدە بىر ئايالى ۋە ئىككى بالىسىمۇ بار ئىدى. بىر كۈنى ئىككى ئاق تەنلىك ئادەم ئۇنى ئىزدەپ كېلىدۇ، ئۇلار ئۇنى سېرك ئۆمىكىدە ماھارەت كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىش باھانىسى بىلەن ۋاشىنگتونغا ئاپىرىدۇ. سولومان ئەتىسى پۇت-قولىدا كويزا-كىشەن سېلىنغان ھالەتتە ئويغىنىدۇ. ئۇ دەسلەپتە فود ئىسىملىك بىر خوجايىنغا سېتىلىپ قۇل قىلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە سېتىلىپ، ئېكىنزارلىقتا كۈن-كۈنلەپ پاختا تېرىدۇ، ھەمدە نۇرغۇن نېگىر قۇللارنىڭ تراگېدىيىسىنى كۆرىدۇ. ئارىدىن 12 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇ ئىزچىل ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈمىدىدىن ۋاز كېچىپ باقمىغان ئىدى، تاكى ئۇ بەس ئىسىملىك بىر ياغاچچىنى ئۇچراتقۇچە...
بۇ فىلىم 86-نۆۋەتلىك ئوسكاردا «ئەڭ نادىر فىلىم»، «ئەڭ نادىر يانداش ئايال رولچى»، «ئەڭ نادىر سىنارىيە» قاتالىق مۇكاپاتلارغا، 2014-يىلى 71-نۆۋەتلىك ئالتۇن شار مۇكاپاتىدا «ئەڭ نادىر فىلىم» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭدىن باشقا كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا 220 تۈردە مۇكاپاتقا ئېرىشىپ، 221 تۈردە نامى ئاتالغان.
كەسمە رەسىملەر:
http://www.kowruk.cn/post_image/12yearsaslave/01.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/12yearsaslave/02.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/12yearsaslave/03.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/12yearsaslave/04.jpg
http://www.kowruk.cn/post_image/12yearsaslave/05.jpg
بۇ بەتكە كىرىپ، چۈشۈرىمەن دېگەن كونۇپكىنى بېسىپ، شۈنلېيدىن چۈشۈرۈۋېلىڭ. چۈشمەي قاراپلا تۇردىيا؟ كارتون فىلىم دەپ تۇرىدۇ ئاۋۇ ژانىرىدا. كارتونمۇ ئا رىلاشمكەن.
يەنە بىرسىگە ئاۋۇ خەتلەر قارا ئىكرانغا چۈشمەپتىمۇ نېمە؟
كارتون دەپ يىزىپسىز لىكىن كەسمە يۇزىدە ھەقىقى كىنودەك قىلىدۇ قالغىنىنى كورگەندە بىلىمىزغۇ قانداق فىلىملىكىنى . Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 15:48 static/image/common/back.gif
چۈشمەي قاراپلا تۇردىيا؟
فىلىم نورمال چۈشىۋاتىدۇ، مەن ھازىر قايتا چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم. ئۇچۇرلارنى ئالدىنقى تېمىدىن كۆچۈرۈپ ئېكىلىپ تەھرىرلىگەن، ئۇنى ئۆچۈرۈۋېتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن.
تۈرى: ۋەقەلىك Kulke يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 16:03 static/image/common/back.gif
كارتون فىلىم دەپ تۇرىدۇ ئاۋۇ ژانىرىدا. كارتونمۇ ئا رىل ...
بىز يېقىندىن بۇيان تەرجىمە قىلىۋاتقان فىلىملەردىكى خەت چوڭلىقى، رەڭ، ئارلىق دېگەنلەرنى بىردەك بولسۇن دەپ بارلىق خەتلەرگە ئوخشاش Style ئىشلىتىۋاتقان، ۋېرتىكال ئېگىزلىكى 20 ئېدى، شۇڭا قارا يەرگە چۈشمەپتۇ. مۇشۇنداق ئوسكار مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ياخشى كىنولارنى كۆپرەك تەرجىمە قىلسىڭىز يەنە ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئوتتۇرا شەرق ، شەرقى جەنۇبى ئاسىيا ، لاتىن ئامرىكىسى ، ئافرىقا ئەللىرىنىڭ تۇرمۇشىنى چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن شۇلارنىڭ ياخشى كىنولىرىنىمۇ تەرجىمە قىلسىڭىز kowruk_cn يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 16:17 static/image/common/back.gif
بىز يېقىندىن بۇيان تەرجىمە قىلىۋاتقان فىلىملەردىكى خ ...
16:9 لىك فىلىملەردە بولسا خەتلەر ئاشۇ قارا يەرگە كەلسە سۈپەتلىك چىقاتتى.
ھە بوپتۇ، ئۇمۇ سىلەرنىڭ ئويلىغىنىڭلار. شۇنلېيدا چۈشىرىمەن دىسەم 任务出错دەپ چىقىۋېلىپ چۈشمەيۋاتىدۇ. چۇشۇرىۋاتىمەن ، ‹يىلتىز› دىگەن كىنونى كىچىك ۋاقتىمدا كۆرۇپ بەك تەسىر قىلغان ، بۇ كىنودىنمۇ ھۇزۇر ئالسام ئەجەپ ئەمەس، تېما ئىگسىگە رەھمەت. مىنىڭكىدىمۇ 任务出错دەپ چىقىۋېلىپ چۈشمەيۋاتىدۇ.
«قۇللۇقتىكى 12 يىل» دېگەن بولساڭلار بەكرەك چۈشەركەن ئىسمى.
ئۆتكەنكى يىل ئوسكار مۇكاپاتىدىمۇ قۇللۇق تۇزۇم تەسۋىرلەنگەن ياردەم دىگەن فىلىم مۇكاپاتقا ئىرىشكەن. قۇللۇق تۈزۈم ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن كىنولار تولا ئىشلىنىدىغان بوپ قالدىيا مۇشۇ كۈنلەردە . بۇ بەك ياخشى كىنو .جاپا چەكتىڭلار رەھمەت. بەك ئېسىل كىنو، خەنچە خەتلىكىنى كۆرگەنتىم. شۈنلېيدا چۈشمىدى. IDM دا ئاستا چۈشىۋاتىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا horazjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-16 19:28
نمىشقا تەرجىمە فىلىملە كوپۇنچە ھالەتتە خەتلىك تەرجىمە قىلىندۇ ؟ نىمىشقا ئاۋازلىق تەرجىمە قىلىنمايدۇ؟ ئاۋازلىق تەرجىمىدىن، خەتلىك تەرجىمە فىلىم ئىشلەش قولايلىقما ...مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئەگەر ئاۋازلىق تەرجىمە فىلم بولسا ياشانغانلامۇ، كورۇش قۇۋىتى توۋەنلەرمۇ قىينالماي كورەلەيدۇ . كومپىيوتورغا چاپلىشىپ خەت ئوقۇيمەن دەيدىغان ئاۋارچىلىقمۇ يوق ... sarwan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-16 17:44 static/image/common/back.gif
«قۇللۇقتىكى 12 يىل» دېگەن بولساڭلار بەكرەك چۈشەركەن ئى ...
توغرىسى شۇتى « 12 يىل قۇللۇق » دىگەن تەرجىمە شۇنداق ياخشى چۈشۈپتۇ . كىنونىڭ ئەسلى ئىسمىدىن قارىغاندىمۇ مۇشۇنداق ئېلىنغىنى توغرا ...