ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 09:18:59

يىقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمى قانداق بىكىتىلگەن؟


  مۇشۇ ئىنىرگىيە ماشنىلېرى ساھەسىدە سىتېرلېڭ ماتورىنىڭ ئىش ئۈنىمى%25، دېزىل ماتورنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىش ئۈنىمى %45، چوڭ تىپتىكى پار ماشنىسىنىڭ ئىش ئۈنىمى %90، رىئاكتىۋ ماتورنىڭ ئىش ئۈنىمى %90  دىگەندەك ئۇچۇرلارنى تاپقىلى بۇلىدۇ. ئىنىقكى بۇ ئۆلچەم %100كە يىتىشى مومكىن بولمايدۇ دەپ قارىلىدۇ. ئەمما رىئاكتىۋ ماتور بىلەن پار ماشنىسىنى(تەبئى گاز يىقىلغۇ قىلىپ توك تارقىتىشتا ئەمىلى قوللىنىلغان) بىرلەشتۈرۈپ قۇراشتۇرۇپ چىقساقلا بۇ يەردە ئۈنۈم%180 كە يىتىپ بۇلىدۇ. يەنە مەن تەييارلاۋاتقان تۈرۈمنىمۇ بىرلەشتۈرسەم بىراقلا %210كە يىتىپ بۇلىدۇ...

بىزنىڭ مۇقىم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلاردا دېزىل ماتورى ياكى بېنزىن ماتورى بىلەن توك چىقىرىدىغان ئۈسكىنىلەرنى ئىشلەتمەسلىكىمىز تەننەرخى ھەم سەرپىياتنىڭ زىيادە كۆپلىكىدىن، يەنە چاقارغان توكنىڭ تەننەرخىمۇ يۇقىرى، بۇ تىمىدا بۇنى مۇنازىرە قىلماقچى ئەمەسمەن.
    ئۈچ خىل ماشنىنى بىرلەشتۈرۈپ يىقىلغۇدىن قاتلاممۇ-قاتلام پايدىلىنىش تەرەققى قىلغان ئەللەردە ئاللىبۇرۇن قوللىنىلىۋاتقان بۇلىشى مومكىن. دىمەك يەر شارىمىزدا نىفىت يىقىلغۇسىدا مىڭىۋاتقان ماشنىلارنىڭ ئىش ئۈنىمى ھەسسىلەپ چۈشۈپ كەتتى دىگەن گەپ، ھەتتا يىقىلغۇ چىقىرىدىغان ئۇمومى ئىنىرگىيەنىڭ %10 تىگىمۇ يەتمەيدۇ.
  مىنىڭ ھازىرقى تۈرۈم پەقەت بىر باشلىنىش. مىنىڭ تەخمىنى ھىسابىمدا مۇۋاپىق شارائىتلار ھەل بولغان ھالەتتە يىقىلغۇنىڭ ئەمىلى پايدىلىنىش ئۈنىمىلا ھازىرقى ئۆلچەم بۇيىچە ھىساپلىغاندا %2000كە يىتىپ كىتىدىكەن.
  شۇڭا مەن ئويلاپ قالدىم، يىقىلغۇنىڭ ھەقىقى ئىش ئۈنىمى زادى قانچىلىك بۇلار؟!...

muhakima يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:27:35

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، ئابلىمىت ئەپەندى ، تىمىڭىزنى كۇرۇپ چىققاندىن كىيىن تۇۋەندىكىچە ئىنكاس قالدۇرۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم ، ياردىمى بۇلۇشىنى ئۇمۇت قىلىمەن.
كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئىش قىلغۇچى ئۇسكۇنىلەرنىڭ ئىش ئۇنۇمى دىگىنىمىز سەرىپ قىلىنغان بىر خىل ئىنىرگىيىنى يەنە بىر خىل ئىنىرگىئىيىگە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىدىن ئىبارەت  ، نەزەرىيە جەھەتتىن ھەرقانداق ئۇسكۇنە ھەرقانداق بىر خىل ئىنىرگىيىنى ھەرقانداق يەنە بىر خىل ئىنىرگىيىگە مۇتلەق يۇز پىرسەنت ئايلاندۇرۇپ بىرەلمەيدۇ ، سىز نەزەردە تۇتقان بىر خىل ئىنىرگىيىنى بىر نەچچە خىل ئىنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇش قۇرۇلمىسىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ، سەۋەبى ئىنىرگىيە ماشىنىلىرى ئايلىنىش جەرىيانىدا بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنىرگىيىنى سەرىپ قىلىشى قاتارلىقلار .
يېقىلغۇنىڭ ئىش ئۇنۇمى ئادەتتە يېقىلغۇنىڭ ئېسسىقلىق مىقتارى ئۇمۇمى قىممىتى يەنى ئۇمۇمى ئىسسىقلىق  ئىنىرگىيە مىقتارىنىڭ ماشىنا ئارقىلىق يەنە بىرخىل مەسلەن ئىلىكتىر ، مىخانىك .....ئىنىرگىيە قاتارلىق ئىنىرگىيىگە ئايلاندۇرۇش نىسبىتىنى كورسىتىدۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 16:07:19

---
چوڭ تىپتىكى پار ماشنىسىنىڭ ئىش ئۈنىمى %90
---
ماۋۇ گەپنى ئاڭلاپ دەسلەپ ھەيران قاپتىكەنمەن، كۆزدە تۇتقىنىڭىز ئەنئەنىۋى سېلىندىرلىق پار ماشىنىسى ئەمەس ھازىر ئىشلىتىلىۋاتقان 燃气轮机 بولسا كىرەك.
مۇقىم ئىشلىتىدىغان ئورۇنلارغا ئىچىدىن يانىدىغان دىۋگاتىل ئىشلەتمەسلىكىدىكى سەۋەپ بۇنداق دىۋگاتىلنىڭ ھەجىمىنى چوڭايتىش تەس، چوڭايتقاندىن كىيىن ئەكسىچە ئىش ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ.ئىش ئۈنۈمىنىڭ تۆۋەن بولىشى يەنە بىر سەۋەپ.
بىرنەچچە خىل ماشىنا ئىشلىتىلگەن تەقدىردىمۇ يېقىلغۇنىڭ ئىسسىقلىق مىقدارى ۋە ئەڭ ئاخىردا ئىشلىگەن ئىشنىڭ مىقدارى سېلىشتۈرلۇپ ئاندىن ئىش ئۈنۈمى ( ئىنىرگىيە ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى) بىكىتىلىشى كېرەك، شۇنداق بولغاندا 100 پىرسەنتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 17:23:22

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 18:49  

yollugh يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 16:07 static/image/common/back.gif
---
چوڭ تىپتىكى پار ماشنىسىنىڭ ئىش ئۈنىمى %90
---


دەۋاتقىنىم ھازىرقى ئۆلچەم مەسلىسى. ئەسلى شۇ %100تىن ئاشماسلىقى كېرەكتى...
%2000 كە يەتكۈزۈشتە(ئىلغار ئاۋىئاماتكىنىڭ ماي سەرپىياتى 5000 ھەسسە تۈۋەنلىدى دىگەن گەپ، بۇنىڭدا ئاۋىئاماتكا ھازىرقى ماي سەرپىياتىدا ئايرۇپىلاندەك ئۇچالىشى مومكىن) ماڭا پۈتۈن دۇنيادىكى پۇلنى تۇتقۇزۇپ قويسىمۇ بۇنى ھەل قىلىش ماڭا نىسبەتەن مومكىن بولمايدۇ. مەن پەقەت شارائىت بولغاندا ھازىرقى يۈرگۈزىلىۋەتقان ئۆلچەم بۇيىچە %210 تىن ئاشۇرالايمەن.ھەر لىتىردىن چقىرىدىغان ئىنىرگىيە 5 ھەسسىدىن ئارتۇق بۇلالايدۇ.
بۇرۇن ئىنكاسلېرىمدا 2001-يىلى ياپونىيەدە بىر لىتىر دېزىل مىيىدا 100 كىلومىتىرغا بارىدىغان ماشنىنىڭ گىپىنى قىلغان ئىدىم. بەلكىم كۆپ بولسا مەنمۇ شۇنچىلىك قىلالايمەن.

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 20:42:06

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sahabe تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-16 21:30  

   ئىسسىقلىق ئىش ئۈنۈمى %100 بولغان دىۋىگاتىلنى تا ھازىرغىچە ياساش مۈمكىن بولمىغان، چۈنكى دىۋگاتىلنىڭ مىخانىك قۇرۇلمىلىرىدىكى سۈركىلىش قارشىلىق كۈچى ۋە دىۋگاتىل تېنىنىڭ قىززىشى سەۋەبىدىنمۇ مۇئەييەن ئېنىرگىيە خورايدۇ، شۇنداقلا چىقىرىندى گازلارمۇ مۇئەييەن ئېنىرگىيەنى ئېلىپ چىقىپ كېتىدۇ . تېخىمۇ ئىنچىكە خوراشنى نەزەرگە ئالساق، دىۋگاتىل ئومومىي گەۋدىسى ئۆزىنىڭ ئىسسىقلىقىنى رادىئاتسىيە شەكلىدە ئەتراپقا تارقىتىدۇ، يەنە يېقىلغۇ كۆيگەن (ياكى پارتىلىغان) چاغدا ئاكوستىك (ئاۋاز) ئېنىرگىيەمۇ تارقىلىپ چىقىپ كېتىدۇ.  دىمەك يۇقۇرقىدەك ساقلىنىش مۈمكىن بولمايدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن، يېقىلغۇنىڭ  يېنىپ ھاسىل قىلغان ئېنىرگىيىسى مىخانىك ئىنىرگىيەگە %100  ئايلىنىشى مۈمكىن بولمايدۇ.  ئۇنداقتا سىز قانداق قىلىپ ئېنىرگىيە ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمى %180بولغان دىۋگاتىلنى ياسىيالايسىز؟ بۇ دەل مەڭگۈلۈك دىۋىگاتىل ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرغا ئوخشاشراق بىر تەسەۋۋۇر بوپ قالدىمۇ قانداق؟ بۇ ئىشقا سەرپ قىلغان زېھنىڭىز ۋە ئىقتىسادىڭىز بىھۇدە بوپ قالارمۇ دەپ ئەندىشە قىپ قالدىم،  قىزغىنلىقىڭىزغا پەقەت سۇ سەپكۈم يوقتى، ئەمما دىمەي تۇرالمىدىم. كۆپ ئىزدەنگەيسىز، سىزدىكى بۇ خىل تىرىشىش روھى قەدىرلىشىمىزگە ۋە ئۈگۈنۈشىمىزگە ئەرزىيدۇ.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:36:38

يېقىلغۇ ئىش ئۈنۈمى توغۇرلۇق مۇھاكىمە ئەپەندى دەپ بوپتۇ.
2000%ئىش ئۈنىمى دىگەن گەپ مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىدۇ:lol
ياپۇنىيەنىڭ بازارغا سالغان ماشىنلىرىدىن لىتىرىغا 33كىلومىتىر ماڭىدىغان يېنىك تىپتىكى ماشىنلىرى بار.يەنە بىر خىلى  ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى قوشومچە قىلىدىغان يىنىك تىپتىكى ماشىنىسى،بۇنىڭ بازارغا سېلىنغىنىمۇ يەنە لىتىرىغا 60كىلومىتىر ئەتراپىدا.قانچىلىك توك يەيدۇ،بۇنىڭ ئىش ئۈنىمىچۇ دىگەندەكلەرنى سۈرۈشتۈرسەك چىقمايدىغان يەردىمۇ ئەمەس.لىتىرىغا 100كىلومىتىر ماڭىدۇ دەپ قانداق ماشىننى كۆزدە تۇتتىڭىز بىلمىدىم.ئەمما چاقى بار ،ماتورى بار،يولدا ماڭىدىغان نەرسىلەرنى ماشىنا دەپ ئاتىساق ئىككى كىچىك باتارىيە بىلەن كىيوتودىن توكيوغا كەلگەن ماشىنىمۇ بار:lol

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:36:40

يېقىلغۇ ئىش ئۈنۈمى توغۇرلۇق مۇھاكىمە ئەپەندى دەپ بوپتۇ.
2000%ئىش ئۈنىمى دىگەن گەپ مەكتەپتە ئوقۇپ باقمىغان ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن چىقىدۇ:lol
ياپۇنىيەنىڭ بازارغا سالغان ماشىنلىرىدىن لىتىرىغا 33كىلومىتىر ماڭىدىغان يېنىك تىپتىكى ماشىنلىرى بار.يەنە بىر خىلى  ئىلىكتىر ئىنىرگىيەسىنى قوشومچە قىلىدىغان يىنىك تىپتىكى ماشىنىسى،بۇنىڭ بازارغا سېلىنغىنىمۇ يەنە لىتىرىغا 60كىلومىتىر ئەتراپىدا.قانچىلىك توك يەيدۇ،بۇنىڭ ئىش ئۈنىمىچۇ دىگەندەكلەرنى سۈرۈشتۈرسەك چىقمايدىغان يەردىمۇ ئەمەس.لىتىرىغا 100كىلومىتىر ماڭىدۇ دەپ قانداق ماشىننى كۆزدە تۇتتىڭىز بىلمىدىم.ئەمما چاقى بار ،ماتورى بار،يولدا ماڭىدىغان نەرسىلەرنى ماشىنا دەپ ئاتىساق ئىككى كىچىك باتارىيە بىلەن كىيوتودىن توكيوغا كەلگەن ماشىنىمۇ بار:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 23:48:25

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 22:36 static/image/common/back.gif
يېقىلغۇ ئىش ئۈنۈمى توغۇرلۇق مۇھاكىمە ئەپەندى دەپ بوپت ...

چۈشەنمەيدىغان ئىشقا ئارتۇق گەپ قىلىش ياخشى ئەمەس.  مەن كەسپى تىما يازدىم، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىن ھالقىپ بولغان بىر تىما...
سىز بولسىڭىز مەن مىسال ئالغان ماشنىنىمۇ بىلمەپسىز. مەن ئۈچ چاقى بارنى ماشنا ھىساپلىمايمەن.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 01:59:59

سېخىما رەسىمىڭىزنىڭ ئۇچۇق نۇسخىسى بار بولسا يوللاپ بېرىڭە:lol
ماتور ياكى مىخانىكا توغرىسىدا جىق بىرنىمە بىلمىسەممۇ ھازىر بىلىدىغانلىرىم ماتورنىڭ ئىش ئۈنىمىگە باھا بېرىشكە يىتىپ قالىدۇ:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:07:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 02:10  

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 01:59 static/image/common/back.gif
سېخىما رەسىمىڭىزنىڭ ئۇچۇق نۇسخىسى بار بولسا يوللاپ بې ...

  سۈپەك باھالاشنىڭ گىپى ئەمەس، مەن تىما يازغاندا يىزىۋىتىپ رەسىم لازىم بولسا تۇردىن مۇناسىۋەتلىكىنى چۈشۈرۈپلا يازىمەن، شۇڭا ئادرىس ساقلاپ قويمايمەن. بەيدۇدىن ئىزدەڭ، نىمە يىزىپ ئىزدىگىنىممۇ تازا ئىسىمدە يوق...

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:15:04

يەنە بىر گەپ
ئىككى سېستىما تەڭ ئىشلىتىلگەندە ئىش ئۈنىمىنى قوشۇپ ئۇمۇمى ئىش ئۈنىمىنى چىقارمايمىز،ئەكسىنچە كۆپەيتىمىز.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:19:28

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 02:20  

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 02:15 static/image/common/back.gif
يەنە بىر گەپ
ئىككى سېستىما تەڭ ئىشلىتىلگەندە ئىش ئۈنىم ...

بىر لىتىر دىزىلدا ئادەتتە ئۈنىمى %35 يۇقىرى دىيىلۋاتقان ماتوردا 4 كىلوۋات توك چىقىرۋاتقاندا مەن قۇپۇپ بىر لىتىردا 15 كىلوۋات توك چىقارسام سىزنىڭچە ئۈنۈمى ئاشقان بۇلامدۇ ياكى تۈۋەنلىگەن بۇلامدۇ؟
پىتىغدىماڭ.
  ئۈستىدىكى ئىنكاسىڭىزغا قارىسام باشقا گەپلەر تۇرىدۇ. جوڭگو ياسىيالايدۇ دىمىدىم. مەن ياسايمەن دىدىم.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:21:12

مىخانىكىدا يېقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمىنى قانداق ھىساپلايسىلە تەپسىلىي دىيىشىپ باقساق بولامدۇ.
خىمىيەدە خىمىيىلىك باغلارنىڭ ئۈزىلىشى ياكى بىرىكىشىدىن ئالدى كەينىدىكى باغنىڭ بار بولىدىغان ئىنىرگىيەسىنىڭ ئايرىمىسى ئارقىلىق يېقىلغۇنىڭ ئىنىرگىيەسىنى ھىساپلاپ چىقىرۋالغاندىن كىيىن بۇ ئىنىرگىيە ئاخىرىدا قانچىلىق مىخانىك ياكى توك ……قاتارلىق ئىنىرگىيەلەرگە ئايلانغانلىقىغا قاراپ يېقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمىنى ھىساپلايمىز.كۈمۈر تەبىئى گاز دىنزىل……قاتارلىق يېقىلغۇ ئىنىرگىيەلەرگە بۇ خىل ھىساپلاش ئورتاق.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:28:18

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 03:30  

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 02:21 static/image/common/back.gif
مىخانىكىدا يېقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمىنى قانداق ھىساپلايسى ...

بۇنىڭ ھاجىتى يوق.

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:31:11

ھاھاھا
35%لىك ماتوردا بىر لىتىر ئىنىرگىيەدىن خەق 4كىلوۋات چىقارسا سىز 15نى چىقىرىسىز دەڭ:lol
نىمە داۋاتقىنىڭىزنى چۈشىنىپ داۋاتامسىز ياكى؟

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:38:26

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 03:24  

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 02:31 static/image/common/back.gif
ھاھاھا
35%لىك ماتوردا بىر لىتىر ئىنىرگىيەدىن خەق 4كىلوۋ ...

ئىش ئۈنىمى %35لىك ماتور، ماتوردىن باشقا يەنە نەچچە يۈز كىلوۋاتلىق گىنراتورنىڭ ئۈنىمى %80 گە بارمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خېلى كۆپ كۈچتە ئازراق توك چىقىدۇ...

olive يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:47:38

4كىلوۋات قانچە كىلوۋاتنىڭ 35%تى بولىدۇ مۇشۇنى بىلمەي تۇرۇپ ئاغزىڭىزغا كەلگەننى بىلجىرلايدىكەنسىز.

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 02:53:55

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 03:25  

olive يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 02:47 static/image/common/back.gif
4كىلوۋات قانچە كىلوۋاتنىڭ 35%تى بولىدۇ مۇشۇنى بىلمەي تۇ ...

---

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 03:00:10

كىچىك نۇمۇرۇم بىلەن چىقسام سەل بوزەك قىلىۋالىدىغاندەك تۇرىسىز:lol
ئۈستىدىكى ئىنكاسلارنى مەن يازغان.
مۇنازىرىنى باشتىن باشلايمىزمۇ ياكى داۋامىنى قىلىمىزمۇ:lol

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-11-17 03:08:00

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ablimitt تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-17 03:16  

ziyali يوللىغان ۋاقتى  2014-11-17 03:00 static/image/common/back.gif
كىچىك نۇمۇرۇم بىلەن چىقسام سەل بوزەك قىلىۋالىدىغاندەك ...

بىر توپ ئەخلەت باتتى قەستەن قۇسۇر ئىزدەيدىغان. شۇلارمىكىن دەپتىمەن.
بۇ يەرگە كىرىپ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ چۈشەنچە ھاسىل قىلىپ ئاندىن ئىنكاس يىزىڭ. ئەمما شۇنىسى ئىنىق، مەن باشتىن دەرىس يازمايمەن. سىز شۇنى بىلىپ قىلىڭ، بارنى بىلمەي تۇرۇپ يوقنى قىلغىلى بولمايدۇ.
http://www.kaxpiyat.com/forum.php
بەت: [1] 2
: يىقىلغۇنىڭ ئىش ئۈنىمى قانداق بىكىتىلگەن؟