dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:56:22

دىلنازۇك :كۆز كېسەللىكلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىسمەن دورىلار (1)

                                                     

      1     .ئانىبىئوتىك دورىلار
  
(1)  باكتىرىيەگە قارشى دورىلار:

1)  新霉素: ئۈزۈمسمان شارچە باكتىرىيەسى ،چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتىرىيەسى ۋە ئۆزگىرىشچان تاياقچە باكتىرىيەسىگە  قارشى تۇرۇش رولى بار. كۆز كېسەللىكلىرىدىن  سەزگۈر باكتىرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ۋە كۆز جىيەك ياللۇغلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ . تېمىتما قويۇقلۇقى 0.5%، كۈنىگە تۆت قېتىمدىن ئالتە قېتمىغىچە تېمىتىلىدۇ، ئىشلىتىلگەندىن كېيىن ئەكس تەسىر ئاز كۆرىلىدۇ .
2) 妥布霉素:باكتىرىيەگە قارشى رولى نېيمايىسىنگە)新霉素( ئوخشاپ كېتىدۇ لېكىن باكتىرىيگە قارشى سىپىكتىرى نېيمايسندىن كەڭرى بولىدۇ (  قارشى تۇرىدىغان باكتىرىيە تۈر دائىرىسى كەڭرى ). يىرىڭلىق تايانچە باكتىرىيەسىگە قارشى تۇرۇش رولى ئالاھىدە كۈچلۈك . كۆز كېسەللىكلىرىدىن  سەزگۈر باكتىرىيەلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان مۈڭگۈزسىمان پەردە ياللۇغى ، ياش يولى ياللۇغى ، كۆز جىيەك ياللۇغى ، ئاقسىللىق پەردە ياللۇغى ، خىمىيلىك زەخمە، يىرىڭلىق ياللۇغ قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ، تېمىتما قويۇقلۇقى 0.3%~0.6% ، كۈنىگە ئۈچ ۋاقتىن ئالتە ۋاق ۋە ياكى بىر سائەتتە بىر قېتىم تېمىتىلىدۇ .
3)氯霉素 : كەڭ سىپىكتىرلىق باكتىرىيە چەكلىگۈچى بولۇپ ، دورا تەسىرى ھۈجەيرە ئىچىگىچە بولىدۇ) دورىنىڭ مايدا ئېرىشچانلىقى ياخشى بولغاچ ھۈجەيرە پەردىسىدىن ئۆتەلەيدۇ ) ،يىرىڭلىق تاياقچە باكتىرىيەسىگە قارشى تۇرۇش رولى يوق ، كۆز كېسەللىكلىرىدە ئاساسلىقى بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ، ياش بېزى ياللۇغى ، باش خالتىسى ياللۇغى ، كۆز ئىچكى قىسىم  ياللۇغى ، تىراخوماغا ئىشلىتىلىدۇ ..مەزكۇر دورىنىڭ قايتىلانمايدىغان قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئەكىس تەسىرىنىڭ تېمىتىما ھالىتىدىمۇ كۆرۈلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بولغاچ كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىشتە قاتتىق ئېھتىيات قىلىش كېرەك ، ئادەتتە 0.25% قويۇقلۇقتىكى تېمىتما ئۈچ ۋاقتىن تۆت ۋاققىچە تېمىتىلىدۇ .
4) 四环素: كەڭ سىپىكتىرلىق باكتىرىيە چەكلىگۈچى دورا، دورىنىڭ سۇدىكى ئېرىتمىسى تۇراقىسز بولغاچ ئادەتتە مەلھەم ھالىتىدە ئىشلىتىلىدۇ ، كۆز كېسەللىكلىرىدە تىراخۇما، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ .
5) 红霉素: كۆز كېسەللىكلىرىدە باكتىرىيەلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ، كۆز جىيەك ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ، كېلىنىكىدا 0.5% قويۇقلۇقتىكى مەلھەم شەكلى كۆپ ئىشلىتىلىدۇ .
  6)  氧氟沙星 :كەڭ سىپىكتىرلىق باكتىرىيە ئۆلتۈرگۈچى دورا بولۇپ ،  بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردە زەخمىسى ، كۆز جىيەك بېزى ئىششىق ياللۇغى ، ياش بېزى ياللۇغى ، كۆز جىيەك ياللۇغى ، كۆز جىيەك بېزى ياللۇغى ، ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى ياللۇغلىنىش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ، ئادەتتە 0.3 %قويۇقلۇقتىكى تېمىتما ئۈچ ۋاقتىدىن بەش ۋاققىچە تېمىتىلىدۇ .
7) 加替沙星:سۈنئىي ئۇسۇلدا بىرىكتۈرۈپ چىقىلغان كەڭ سىپىكترلىق باكتىرىيە ئۆلتۈرگۈچى دورا بولۇپ ، كۆز قىسىمىنىڭ ياللۇغلىنىشنىڭ ئۈنۈملۇم ئالدىنى ئالىدۇ ، كۆز كېسەللىكلىرىدە  ئاساسلىقى كۆز جىيەك ياللۇغى ، كۆز جىيەك بېزى ياللۇغى ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، ياش بېزى ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ، مۈڭگۈز پەردە زەخمىسى ، تىراخۇما قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ، كۆپ ھاللاردا 0.3% قويۇقلۇقتىكى تېمىتمىسى كۈنىگە ئىككى ۋاقتىن ئۈچ ۋاققىچە ئىشلىتىلىدۇ .

(2) ۋىرۇسقا قارشى دورىلار:
1) 阿昔洛韦:قاپارتما ۋىرۇسىنىڭ دىئۇكىسى رىبۇ نۇكلىئۇدىتىنىڭ نۇسخىلىنىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش مەقستىگە يېتىدىغان دورا بولۇپ  ، قاپارتما ۋىرۇسى كەلتۈرۈپ چىقارغان مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۇم دورىلىرىنىڭ بىرى ، ئەكس تەسىرى ئاز ، ئادەتتە 0.1%لىك تېمىتمىسى جىددىي ياللۇغ مەزگىلىدە يېرىم سائەتتە ياكى بىر سائەتتە بىر قېتىم تېمىتىلىدۇ ، 0.3% قويۇقلۇقتىكى مەلھىمى كەچتە بىر قېتىم سۈرتىلىدۇ .
2) 羟苄唑: باكتىرىيەنىڭ رىبۇ نۇكلىئۇدىنىڭ بىرىكىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدىغان دورا بولۇپ ، جىددىي قاناش خاراكتىرىدىكى مۈڭگۈز پەردە ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ ، 0.1% قويۇقلۇقتىكى تېمىتما ئالتە قېتىمدىن  ئون ئىككى قېتمىغىچە تېمىتىلىدۇ .

(3) زەمبۇرۇغقا قارشى دورىلار قىسىمى قىسقارتىلدى .

  2     . قارىچۇق تۆشۈكچىىسنى كېڭەيتكۈچى دورىلار

1)  阿托品:ئادەم تېنىدىكى خولىن تەسىرىنى  چەكلىگۈچى دورا بولۇپ قارىچۇق تۆشۈكچىسىنى  ئۇزۇن مەزگىللىك كېڭەيتىش( قارىچۇق تۆشۈكچىسى ئادەتتە  ئىككى ئۈچ ھەپتىدە نورمال ھالەتكە قايتىدۇ) ، كىرپىكسىمان موسكۇلنى بوشاشتۇرۇش قاتارلىق رولى بولۇپ ،   ياش -ئۆسمۈرلەرنىڭ كۆرۈش گىرادۇسىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدۇ ، بىر كۈندە ئۈچ ۋاق ئۈچ كۈن تېمىتىلىپ بىرىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ، قارىچۇق تۆشۈكچىسى نورمال ھالەتكە قايتقاندىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلپ بېرىلىدۇ ،كۆز كېسەللىكلىرىدىن رەڭدار پەردە -كىرپىكسىمان تەنچە ياللۇغى ۋە باشقا تۈرلۈك ياللۇغلار تۈپەيلى كېلىپ چىققان كىرپىكسمان تەنچە تارتىشىپ قېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
2) 托吡卡胺:رولى 阿托品 بىلەن ئوخشاش كېتىدۇ ، قارىچۇق تۆشۈكچىسىنى كېڭەيتىش، كىرپىكسىمان موسكۇلنى بوشاشتۇرۇش ( خولىن چەكلەش ) رولى بىر قەدەر ئاجىز بولۇپ ، 阿托品 نىڭ ئوندىن بىرىگە توغرا كېلدۇ (قارىچۇق تۆشۈكچىسى تەخنىمەن ئالتە يەتتە سائەتتە نورمال ھالەتكە قايتىدۇ) ، ئادەتتە 0.5% ياكى 1%لىك قويۇقلۇقتىكى تېمىتمىسى ئىشلىتىلىدۇ ،  كۆز كېسەللىكلىرىدە  كۆز تېگىنى تەكشۈرۈش ، كۆرۈش گىرادۇسىنى تەكشۈرۈش، ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش  ، مۇداپىئەلىنىش، رەڭدار پەردە- كىرپىكسمان مۇسكۇل ياللۇغىنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ .كۆرۈش گىرادىسنى تەكشۈرۈشتە ھەر بەش مىنۇتتا بىر قېتىم تۆت ۋاق تېمىتلىپ قارىچۇق تۆشۈكچىسى ئەڭ چوڭ ھالەتكە يەتكەندە دەسلەپكى تەكشۈرۈش ، ئەسلىگە قايتقاندا ئىككىنچى قېتىملىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ ،ساختا يىراقنى كۆرەلمەسلىكنى داۋالاش -مۇداپىئەلىنىشتە كەچتە ئۇخلاشتىن ئاۋۋال بىر قېتىم تېمىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش : قارىچۇق  تۆشۈكچىسىنى كېڭەيتكۈچى دورىلارنىڭ رەڭدار پەردىنى كېڭەيتىش ، كىرپىسكمان تەنچىنى بوشاشتۇرۇش رولى دالانچە تەنچىسىگە بېسىم چۈشۈرۈپ كۆز بېسىمنىڭ مەلۇم دەرىجىدە ئېىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولغاچقا گلاۋكوما كېسەللىكلىرىنىڭ ئىشلىتىلىشى چەكلىنىدۇ ( دوختۇرنىڭ مەسلىھەت بويىچە ئىشلىتىش كېرەك).

  3  .   ھورمۇنلۇق دورىلار

1(泼尼松:ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك، ناترىي سۇ ساقلاش، كالىي ھەيدەش رولى بىر قەدەر ئاجىز، كۆز كېسەللىكلىرىدىن ئۈزۈمىسمان پەردە ياللۇغى ، كۆرۈش تور پەردىسى ياللۇغى ، كۆرۈش نېرۋىسى ياللۇغى ، ئوپىراتسىيەدىن كېينىكى ياللۇغقا قارشى تۇرۇشتا ئىشلىتىلىدۇ .
2) 地塞米松: ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولى 泼尼松دىن كۆرۈنەرلىك ، لېكىن ناترىي سۇ ساقلاش، كالىي ھەيدەش رولى نىسبەتەن ئاجىز، تېمىتما قويۇقلۇقى 0.1%، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ئاستىنقى قىسمىغا ئوكۇل قىلىنغاندىكى مىقدارى 1~2 مىللىگىرام، ئەينەكسمان تەنچىگە ئوكۇل قىلىنغاندىكى مىقدارى 1مىللىگىرام ، ۋېنا تومۇرىغا ئوكۇل قىلىنغاندىكى مىقدارى كۈنلىكىگە 2~20 مىللىگىرامغىچە بولىدۇ.
复方地塞米松(3:  تېمىتما تەركىبى   0.5%لىك 硫酸新霉素بىلەن 0.1%لىك  地塞米松磷酸钠بولۇپ ،  يالۇغقا، رىئاكسىيەگە قارشى رولى بار. كۆز قىسىمدىكى ياللۇغ، مۈڭگۈزسمان پەردە كۆچۈرۈش ئوپىراتىسيەدىن كېينكى يەكلەشكە ئىشلىتىلىدۇ .
4( 复方妥布霉素: تېمىتما تەركىبى 0.3$لىك 硫酸妥布霉素بىلەن 0.1%لىك 地塞米松磷酸钠ياكى 地塞米松بولۇپ ، باكتىرىيە ۋە ياللۇغلىنىشقا قارشى تۇرۇش رولى بار. جىددىي  ۋە ئاستا خاراكتىرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ، ئاقسىللىق پەردە ياللۇغى ، رەڭدار پەردە -كىرپىسىمان تەنچە ياللۇغىغا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: ھورمۇنلۇق دورىلارنىڭ كۆز بېسىمىنى ئاشۇرۋىتىشتەك قوشۇمچە تەسىرى بولغاچ ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىشتە چوقۇم دوختۇرنىڭ مەسىلىھەتىنى ئېلىش كېرەك.

4.  سىتورىئىدلىك تۈزىلىشى بولمىغان ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورا

بۆۋەك ئۈستى بېزى ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇن تەركىبلىك دورىلاردا سىتۇرىئود (خەنزۇچە甾 خېتىگە ئوخشاپ كېتىدىغان تۈزۈلۈش بولىدۇ ) ، سىتورۇئىدلىك تۈزىلىشىكە ئىگە بولمىغان ياللۇغى قايتۇرغۇچى دورىلار ھورمۇنلۇق دورىلارنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش پىرىپىنىسىغىمۇ ، ئانىئوبىئوتىكلارنىڭ ياللۇغ قايتۇرۇش پىرىنىسپىگىمۇ ئوخشىمايدىغان ھالدا تەن ئاجرىتىپ چىقارغان ياللۇغلىغۇچى ماددىلارنى چەكلەش ئارقىلىق ياللۇغ قايتۇرۇش مەقسىتىگە يېتىدىغان بىر تۈر دورىلاردۇر.
  (1) 双氯芬酸钠离 : يۇقۇملىنىش بولمىغان ياللۇغ قايتۇرۇشتا ، ئوپىراتسىيەدىن كېيىن ئىشلىتىلىدۇ ، بۇ دورىنى قارىچۇق تۆشۈكچىسىنى كىكىچىكلەتكۈچى دورىلار بىلەن بىرگە ئىشلىتىشكە بولمايدۇ ، ئادەتتە 0.1 % قويۇقلۇقتىكى ئېرىتمىسى بىر كۈندە ئۈچ ۋاقتىن تۆت ۋاق تېمىتىلىدۇ .
(2) 普拉洛芬: كۆزگە بولغان غىدىقلاش رولى تۆۋەن ، ياللۇغ قايتۇرۇش ئۈنۈمى يۇقىرى بولۇپ ، كۆز كېسەللىكلىرىدە جىيەك ياللۇغى ، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى  ، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى ، ئاقسىللىق پەردە ياللۇغى ، رەڭدار پەردە -كىرپىكسىمان تەنچە ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ ، 0.1% لىك ئېرىتمىسى كۈنىگە تۆت ۋاخ تېمىتىلىدۇ .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 18:01:56

كۆز كېسەللىكلىرىدە دورا ئىشلىتىشە ئامال بار دوختۇرنىڭ مەسىلىھەتى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك ، قىسمەن ھاللاردا كۆز قىرىزىپ قېلىش، چارچاپ قېلىش تۈپەيلى دورىخانىدىن دورا سېتىۋىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغاندا كۆپچىلىك دورىكەشلەرنىڭ مەسىلىھەتىنى ئالغاندىن سىرت ئۆزلىرىمۇ دورىنىڭ تەستىق نومۇرى ، تەركىبى دېگەنلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ، دورا ئىشلىتىپ ئۈچ كۈندىن بىر ھەپتىگىچە ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە دوختۇرغا بېرىش كېرەك ،  دورىلارنىڭ تەركىبىدە ئۇزۈن مۇددەت ئىشلىتىشكە بولمايدىغان تەركىبلەر بولسا ئۆزى خالىغانچە سېتىۋىلىپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك .

calisiyorum يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 19:21:29

ئەجرىڭىزگە تەشەككۈر.بەكمۇ تەپسىلى چۈشۈنۈشلۈك. ماڭا ئوخشاش كۆز ئاغرىقى تارتىۋاتقان دوستلارغا پايدىلىنىش قىممىتى زور تىما بوپتۇ.داۋامىنى تىزرەك يوللىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.

guzaltarim يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 19:46:12

ئەسسالام ئەلەيكۇم دوستۇمنىڭ بالىسى3 ياشقا كىرەي دىدى،ئۆيدە كۆزنى تۇلۇق ئېچىپ قارىغان بىلەن كۈندۈزى سىرىتقا چىققاندا كۆزنى چىمچىقلىتىپ كۆزنى ئاچالمايدىكەن  ،دۆختۇرلار كۆزنىڭ نۇرى چېچىلىش  (سەنگۈاڭيەن)كەن دەپتىكەن .ئۈرۈمچىدىكى ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ئاپارغان ئۇ يەردىمۇ تەكشۈرۈپ كۆزگە تاقايدىغان كۆزئەينەك بىرىپ بىر ئايدىن كىيىن كەل دەپ يولغا ساپتۇ ،بالسى كۆز ئەينەكنى تاقغىلى ئۇنمايدىكەن ، ئەمدى ئۇ بالامنى ئازراق گەپ ئۇققىدەك بولغاندا ئاپاسام بولدىغان ئوخشايدۇ دەيدۇ ھەم ئۇ دوختۇرخدانىغا ئاپىرىشتىن يالتىيىپ قاپتۇ ، ئادەم بەك جىقكەن ، ئۇيغۇر دوختۇر ياكى سېستىرالارمۇ يوق ئىكەن گىپىنى چۈشنەلمەيدىكەنمەن دەپ ...
قايسى كۈنى شىنجاڭ خەۋەرلىرىدە ئۈرۈمچىدىكى بىر كۆز كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسىنى كۆرسەتتى شۇنىڭغا ئاپىرايمىكىن دەيدۇ ؟
ئۈرۈمچىدە مۇشۇ كېسەلىگە قايسى دوختۇرخانا ياخىشى ؟ بۇ كېسەلنىڭمۇ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدىغان ئىشلار بولامدۇ بىر مەسلھەت كۆرسەتسىڭىز ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 19:49:18

ياخشى تېما يوللاپسىز

kakkur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:42:00

تىمىڭىزغا رەھمەت ، تېخى ئوقۇپ بولالمايلا ئىنكاس يېزىۋاتىمەن.

مىنىڭ سول كۆزۈم 10 ئاي بۇرۇن كۈچلۈك نۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان‹‹ تەخمىنەن  10000w ئەتراپىدىكى لازىر نۇرى›› ئەتىسى كۆزۈم بىنورمال تۇرىدۇ ، تۈنۈگۈنكىنىڭ تەسىرى ئوخشايدۇ دەپ يۈرۈپ كارىم بولماپتۇ ئەمدى دىققەت قىلسام سول كۆزۈم بىر يەرگە قارىسام چىكىتچىلىك جاينى قارا داغ بېسىۋالىدۇ ، ئوڭ كۆزۈمنىڭ ياردىمىدە ھازىرچە نورمال بۇنىڭغا قايسى دورىلارنى ئىشلەتسەم بولا؟

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:50:41

قىزىمنىڭ كۆزى بەك قىچىشىدۇ ، بەزىدە تاتلاپ ئەتراپىنى يېغىر قىلىپ قويىدۇ ، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسىغا ۋە باشقا بالىلار دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ باقتىم ، تېمىتىغان لۈمىيسۇ ، سۇۋايدىغان خوڭمىسۇ بەرگەن پەقەت پايدا قىممىدى ،  نەچچە ئاي بولدى ، ھاۋا ئارمىيە دوختۇرخانىسى بىر چەتئەلنىڭ تېمىتىدىغان دورىسىنى بەرگەن ئۇمۇ كار قىلمىدى ، قانداق قىلسام بولار ، سىز نەدە ئىشلەيسىز ، بالامنى ئاپىرىپ تەكشۇرتۇم باقسام ، گومىنشىڭ جېيمويەن  دېگەن دەك دېئاگنوزلارنى قويغان ، لىكىن قىچىشىپ توختىمىدى ، تولا چىمچىقلىتىپ ، تاتلاپ ،ئۇۋلاپ بەك جاپا تارتىپ كەتتى

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:51:00

بولسا دوختۇرغا بېرىپ كۆز ئاستى قىسىمى،سېرىق داغنىkakkur تەكشۈرۈپ بېقىڭ،دىئاگنوزغا ئاساسەن دورا تەۋسىيە قىلاي نايرىم

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:51:01

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shatmurat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 20:59  

تەكرار بوپكەتكەن ئىنكاس

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:53:08

ئۈرۈمچى پۇرۇي كۆز كېسەللىكلىرىگە بېرىپ گۈلنىسا دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىڭ

shatmurat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:55:14

ئادرىسى نەدە ، بولسا خەنزۇچە يېزىپ بەرسىڭىز دوختۇرخانا ئىسمىنى بەيدۇلاپ ، ئىزدەپ تېپىپ بارسام ،
سىزچە  10 ئايلىق بالامنىڭ كۆزىنىڭ توختىماي قىچىشىشى نىمە سەۋەپتىندۇ

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:57:07

رىئاكىسيە خاراكتىرلىك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغىغا نىشلىتىدىغان قىسمەن دورىلاردا ھورمۇن تەركىبى بولغاچ بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ،ئادەتتە كىچىك بالىلارغا ئىشلىتىشكە بولىدىغانلىرىدىن研立爽,帕坦络قاتارلىق ئېمپورت دورىلار بار

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:58:17

乌鲁木齐青年路333号普瑞眼科医院

putboljan يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 22:22:24

dilnazuk يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 18:01 static/image/common/back.gif
كۆز كېسەللىكلىرىدە دورا ئىشلىتىشە ئامال بار دوختۇرنىڭ ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!تېمىڭىزنى ئوقۇپ بەك خوش بولدۇم.سىزدىن بىر سۇئال سوراي دىگەن ئىدىم؟!
ئاپام بۇ يىل 53ياش.سول كۆزى قىزىرىپ ،ياش ئېقىپ ئاغىرغىلى ئىككى يىلچە بولۇپ قالدى.كۆرسەتمىگەن دوختۇر قالمىدى.شىنجاڭنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقتى دىسەكمۇ بولىدۇ.لېكىن يەنىلا مەنپەئەت قىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن قۇربان ھېيتتىن كېيىن ئۆيىمىزدە خالىس نىيەت بىلەن سۇپار(قۇرئان ئاغدۇرۇش)ئوقۇتقان ئىدۇق يۇرتىمىزدىكى بىر قانچە داڭلىق موللىلارغا.شۇ موللىلار دېمىدە سۈيى قىلىپ بەرگەن ئىدى.ئاللاھنىڭ ئىلتپاتى بىلەن ئاپامنىڭ كۆزىنىڭ ساقىيىشى ناھايتى تېز بولدى.ھازىر مانا كۆز ئەتراپىدىكى قىزىلمۇ يوقاپ ،ياشمۇ ئاقمايدىغان بولدى(ئاللاھقا چەكسىز شۈكرى!).مۇشۇنىڭغا بىر تەبىر بېرەلەمسىز؟

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 23:15:42

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 23:35:07

tuz يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 10:39:41

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئانامنڭ كۆزىگە ئىشلەتمىگەن دورىلار قالمىدى . ئاخىرى ئامالسىز ھەدىيە كۆز كىسەللىك دوختۇرخانىسىدا بىر كۆزىنى ئىلۋەتتى . ئانام بىركۆزۈمدىن ئايرىلغان بولساممۇ لېكىن بىشىمدىن بىر تاغنى ئىلۋەتكەندەك يىنىكلەپ قالدىم دەيدۇ .

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 11:24:16

guzaltarim يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 19:46 static/image/common/back.gif
ئەسسالام ئەلەيكۇم دوستۇمنىڭ بالىسى3 ياشقا كىرەي دىدى، ...

يېشى بەك كىچىك بالىلارنىڭ بەزىلىرى  ئادەتتە تەكشۈرۈشكە ماسلىشىپ بەرمەيدۇ ، ئەگەر نۇر يىغالماسلىق بولسا يەنىلا كۆزەينەكنى تاقىغان ياخشى ، نۇر يىغالماسلىق ، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، يېقىننى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق نۇر سۇندۇرۇش مەسىلىسى تۈپەيلى كېلىپ چىققان ئېنىق كۆرەلمەسلىكتە كىچىك بالىلار ھېچبولمىغىنىدا 8 ياشقىچە دوختۇرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىپ كۆزەينەك تاقىشى ، ئۈچ ئايدىن يېرىم يىلغىچە تەكشۈرۈتۈش قىلىپ كۆز گىرادۇسىغا ئۆزگىرىشىكە ئاساسەن كۆزەينەك يەڭگۈشلەپ تۇرىشى ، كۆزەينەك تاقىماسلىقتىن ، ۋاقتىدا داۋالاش قوللانمىغانلىقتىن كېلىپ چىقىدىغان 弱视نىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 11:26:44

tuz يوللىغان ۋاقتى  2014-11-16 10:39 static/image/common/back.gif
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم

ئانامنڭ كۆزىگە ئىشلەتمىگەن دورىل ...

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بىزنىڭ دوختۇرخانىدا يېقىندا 20 ياشقا كىرگەن بىر شۇنداق پاكىز ،قاملاشقان  ئۇيغۇر بالىنىڭ بىر  كۆزىنى ئېلىۋەتتى ، بەزى چاغلاردا ئامال يوق ، ئادەم دوختۇرخانىدا خىزمەت قىلسا تەن ساقلىقنىڭ ، ئائىلە ئەزالىرىنىڭ سالامەت تۇرۇشىنىڭ ئۆزىنىڭمۇ بىر بەخت ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ ھېس قىلىدىكەن

nurjahan0997 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 11:27:16


双眼从小视力下降,双眼先天性虹膜缺损,双眼先天性脉络膜缺损:右眼指数,左眼0.25,眼位正,右眼小眼球,结果角膜(-)。
瞳孔变形,晶体密度高,视网膜不清。。。。
ئەسالامۇ ئەلەيكۇم سىز بىلەن ئىلگىرىمۇ بىر قېتىم كۆرۈشكەن ..ھازىر ئەينەك تاقاۋاتىمەن..ئەينەكتە سىرتقى مۇھىتى سال نۇر يىغىلىپ ئېنىق بولغاندەك بىراق كىتاپ ئوقۇسام ياكى ئېكرانغا قارىسام خەتلەر سۇۋاشلا كۆرۈنىدۇ...يەنە ئامالسىز ئەينەكنى ئېلىۋېتىپ خەت ئوقۇشقا مەجبۇر بولىمەن...بۇ زادى قانداق ئىش...ئەينەك ماڭا ماس كەلمىدىمۇ ياكى كۆزۈمدىكى مەسىلىمۇ يەنە ئەينەك تاقىشىمنىڭ ئەھمىيتى يوقمۇ؟
بەت: [1] 2 3
: دىلنازۇك :كۆز كېسەللىكلىرىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان قىسمەن دورىلار (1)