Harunbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 12:43:28

بالام تارتىشىپ قالدى

ئىككى ياش تۆت ئايلىق بولغان كىچىك ئوغلۇم بىر ھەپتىدىن بۇيان  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1 - دېۋىزىيە دوختۇرخانىسىدا داۋالىنىۋاتىدۇ . ئوغلۇم دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشتىن ئۈچ - تۆت كۈن بۇرۇن زۇكام بولۇپ قالغان . يەنى ئانچە - مۇنچە كالتە يۈتەل بولۇپ ، بۇرنىدىن ماڭقا ئېقىپ ، كۆزلىرى ياشاڭغۇراپ قاپتىكەن ،  لېكىن قىززىپ يېتىپ قالمىغان بولغاچقا  نورمال ئويناپ يۈرەتتى . بىزمۇ ئۇنىڭغا زۇكام دورىلىرىنى ئىچكۈزۈپ يۈرگەن ئىدۇق . دوختۇرخانىغا كىرىپ قېلىشتىن بىر كۈن ئاۋال كېچىسى تەرىتى قىستاپ تولا يىغلاپ ، ئىچى سۈرۈپ ، تەرىتىدىن  قان كېلىپ بىر كېچە قىينالدى . ئەتىسى بىر دەم قىززىپ ، بىر دەم قىززىتمىسى چۈشۈپ ، سوغۇق تەرلەپ ، بىر تەرەپتىن ئىچى سۈرۈپ ، تەرىتىدىن قان ئارىلاش كېلىپ ھېچ ھالى قالماپتۇ .يەنە تۇرۇپ – تۇرۇپ خۇددى بىر نەرسىدىن  ئەندىكىپ كەتكەندەك چۈچۈش ئالامەتلىرىمۇ بار . ئاپىسى بىلەن بۈگۈنچە ئۆيدە قىززىتما ،زۇكام ۋە ياللۇغ دورىلىرى ئىچكۈزۈپ قاراپ بېقىپ ، پەقەت بولمىسا ئەتە چوڭراق دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ كۆرسىتىپ باقايلى دەپ مەسلىھەتلىشىپ ، چۈشتىن كېيىنلىكى ئىشقا كەتكەن ئىدىم. كەچلىكى ياتار ۋاقتىدا تۇيۇقسىزلا قاتتىق بىر چۆچۈشتىن كېيىن ، قول – پۇتلىرى تارتىشىپ قالدى . كۆزىنىڭ گەرى ئارقىغا تارتىلىپ ، ئاغزىدىن كۆپۈك يېنىپ ، ھوشىسىزلانغان ھالەتتە ئىدى . چوڭ تەرىتىمۇ سۇدەك ئېقىپ كېتىۋاتاتتى ...دەرھال دوختۇرخانىغا يۆتكىدۇق . جىددى قۇتقۇزۇش بۆلىمىدە ئاسما ئېسىپ ، سۆڭگەچ ئۇكۇلى ئۇرۇپ ، ئاندىن بالنىسقا يۆتكىدى .مۇشۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسىدە بالا باشتىن- ئاخىر ھۇشىسىز ھالەتتە ياتتى. يۆتەل ئاۋازى ياكى بىرەر قاتتىق ئاۋازلار چىقسىلا تارتىشىپ قالاتتى . دوختۇرلار بالاڭ بۈگۈن كېچىدىن ئۆتەلمەيدۇ، بەك كېچىكىپ قاپسەن ، مىڭگىت بولۇپ قالغان بولىشى ئېھتىمال دېگەندەك قورقۇنۇشلۇق گەپلەرنى قىلىپ ، بىزنى ئەيىپلەپ يۈردى . بالىنىڭ ھازىرقى كېسەللىك ئەھۋالىغا دېئاگىنوز قويىشى ئۈچۈن ئومۇرتقىدىن سۇ ئېلىپ تەكشۈرەيدىكەن ، ئەمما ساقايغاندىن كېيىنمۇ يەنە ئۈرۈمچىگە ھامان ئاپارمىساق بولمايدىكەن. دوختۇرنىڭ دىيىشىچە بالىنىڭ مېڭىسىنى تەكشۈرەيدىغان ‹‹ ناۋ دىيەن تۇ ›› دەيدىغان ئۈسكىنە ئاقسۇ تەۋەسىدىكى ھېچقانداق دوختۇرخانىدا يوق  ئىكەن ياكى توغرىلىق دەرىجىسى بەك يۇقىرى ئەمەس ئىكەن . ئۈرۈمچىگە ئاپارساق ئۇ يەردە بۇ يەردىكى تەكشۈرۈشنى ئېتىراپ قىلمايدىكەن . شۇڭا بىز دوختۇرلارنىڭ ئومۇرتقىدىن سۇ ئېلىپ تەكشۈرۈشىگىمۇ ، بالىنىڭ بېشىنى خېزىغا سېلىپ تەكشۈرشىگىمۇ قول قويۇپ بەرمىدۇق . يەنە كېلىپ ئەتىراپىتكىلەرىدن ، تونۇش – بىلىشلەردىن سۈرۈشتۈرسەك ، ئومۇرتقىدىن سۇ ئېلىپ تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ خەتىرى بەك چوڭ دەيدۇ . بالا تاڭ سۈزۈلۈشىگە يېقىن ‹‹ ئاپا ›› دەپ ھۇشىغا كېلىپ ، ھەممىمىزنى خۇشال قىلدى . بىز دوختۇرلارنىڭ ھېچقايسى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىغا قول قويۇپ بەرمىگەندىن كېيىن ئۇلار مېڭىنىڭ بېسىمىنى يېنىكلىتىدىغان ، ياللۇغ قايتۇردىغان ، ۋە سۇ تولۇقلايدىغان ئاسما ئۇكۇللار بىلەن داۋالاۋاتىدۇ . بالىنىڭ قىزىتمىسى ئەتىسى چۈشكە يېقىن تەلتۆكۈس ياندى ، لېكىن تا ھازىرغىچە ئىچى سۈرۈپ ، چوڭ تەرىتى قان ئارىلاش كېلىدىغان ئالامىتى بىر كۈن ياخشى بولسا ، ئەتىسى يەنە يامانلىشىپ دېگەندەك ياخشى بولماي كېلىۋاتىدۇ . بالىنىڭ چوڭ تەرىتىنى تەكشۈرۈپ ‹‹ بالىنىڭ ئۈچىيى كىزىك باكتىرىيەسى بىلەن ياللۇغلىنىپتۇ ، بالا ئۈچەي كىزىك بولۇپ قاپتۇ ›› دەپ دېئاگىنۇز قويدى . بۇ كېسەللىكنى خەنزۇچە نېمە دەيدۇ ، دەپ بەرگىن دېسەم ، دوختۇرخانىدىن چىققاندا كېسەللىك دېئاگىنوز قەغىزىنى قولۇڭغا بېرىمەن دەپ دەپ بەرمىدى . بىر تەجىربىلىك تېۋىپ بالا دەسلەپ ئۆيدە ئاغرىپ يېتىپ قالغان كۈنى ئۇنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن بالىدا چەتنەك بەك ئېغىركەن دېگەن ئىدى ، يەنە بەزىلەر قان تولغاق سەۋەبىدىن تارتىشىپ قاپتۇ دەيدۇ .بالىنىڭ مېڭىسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئومۇرتقىدىن سۇ ئېلىش دېگەندەك مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش قىلمىغاندىن كېيىن دوختۇرلارمۇ بالىنىڭ تارتىشىپ قېلىشىغا ئېنىق دېئاگىنۇز قويۇپ بەرمىدى . ئەمدى مېنىڭ مۇنبەردىكى كەسىپ ئەھلى تورداشلاردىن سورىماقچى بولغىنىم :
1 . ئۇچەي ياللۇغىنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ بالىدا تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلەمدۇ ؟
2 . ئۇنداق بولمىسا بالىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى بالىنىڭ مىڭىسىدە بىرەر مەسىلە بارلىغىنى بىلدۈرەمدۇ ؟
3. ئومۇرتقىدىن سۇ ئېلىش ، بالىنىڭ مېڭىسىنى ‹‹ ناۋ دىيەن تۇ ›› غا سېلىش ، بالىنى ‹‹ خېزى ›› غا سېلىشنىڭ بالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەقلى ، جىسمانى تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىرى بارمۇ ؟ بار بولسا قانچىلىك ؟
4. ئۈرۈمچىگە ئاپارساق بۇ خىل كېسەلنى يەنە قانداق ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ داۋالاتقىلى بولىدۇ ؟
بالام ئالدىنقى يىلىمۇ قىززىپ ، ئىچى سۈرۈپ ، چوڭ تەرىتىدىن قان كېلىپ ، شەخسى ئامبۇلاتۇرىيەدە ئاسما ئۇكۇل ۋە دورىلار بىلەن داۋالىنىپ ياخشى بولۇپ قالغان . ئۇ چاغدا بىر ھەپتىدەك تەرىتىدىن قان كەلگەن بولسىمۇ تارتىشىپ قالمىغان ئىدى . بۇ قېتىممۇ بالا تارتىشىپ قالغۇدەك ئۇ دەرىجىدە قاتتىق قىززىپ قالمىغان ئىدى . شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ ئىچىدە مۇشۇ ساھەدە تەجىربىسى بارلارنىڭ مەسلىھەتىنى ئېلىپ باقاي دېگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يازدىم . بالامنىڭ ھازىرقى كېسەللىك ئەھۋالى ئاساسەن ياخشى ، تۇراقلاشتى . پەقەت تەرىتىدىن قان كېلىدىغان ھالەت ياخشىلانمىدى. تەرىتى نورماللاشسا دوختۇرخاندىن ئېلىپ چىقىپ كېتىپ ، تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە مېڭىپ قېلىشىمىز مۇمكىن ، شۇڭا ئۈرۈمچىدە قانداق تەكشۈرتسەك بولىدۇ ؟ سەمىمىي پىكىر – مەسلىھەتىڭلار بولسا ئايىمىغان بولساڭلار ...
بەك ئالدىراش يازدىم ، ئەيىپكە بۇيرىماي تۈزۈتۈپ ئوقۇپ ، مەسلىھەت بەرگەيسىلەر ...


ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار ، ياردەم سوراپ يازغان مۇشۇ تېمامنى بىر تەستىقلاپ  بەرگەن بولساڭلار ... بەك جىددى ئىدى ...

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:12:52

alip يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:22:16

دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكەڭلار.

2525255 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:26:19

138818482 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:39:03

بالىڭىز شۇنچە قاتتىق اغرىپ قالسىمۇ مۇنبەرگە تىما يوللاپ يۇرگىنىڭىز نىمىسى؟ ۋاخـتىدا،ېنىق دىياگۇنۇز قويدۇرۇپ داۋالاش قىلماي كىيىن كېسەللىك اسارىتى قالسا قانداق قىلىسىز؟ ۇرۇمچىگە دەرھال يۆتكىمەمسىز؟ قانداق تەكشۇرتۇش قىلىشىڭىزنى

Harunbeg يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:40:04

ھازىرقى ئەھۋالى ياخشى. پەقەت شۇ تەرىتىدىن قان كېلىدىغىنى ئوڭشىلىپ بولالمىدى. دوختۇرخانىدا ھەپتىدىن كۆپرەك داۋالىنىش جەريانىدا تەرىتىدىن توختىماي قان كېلىپ تۇرغان، ئاخشام دوختۇرخانىدىن ئېلىپ چىقتۇق. دوختۇرلار ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ئومۇميۈزلۈك بىر تەكشۈرتمىسەڭلار بولمايدۇ، دېگەچكە ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.

udun007 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:41:47

بالىنىڭ تەرىتىدىن قان كەلسە، سەل قارىغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بالا كىچىك بولغانلىقتىن، نەرىنىڭ ئاغرىغانلىقىنى دەپ بىرەلمەيدۇ.

شۇڭا يۇقىرى دەرىجىلىك دوختورخانىلارغا ئىلىپ بىرىپ، مۇتەخەسس دوختورلارنىڭ داۋالاش لاھىيسىنى قوبول قىلسىڭىز بولىدۇ.

acid يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 13:55:35

باشقا ئەھۋاللىرىنى بىلمىدىم،لىكىن تەرىتىدىن قان كەلگەن بولسا سەل قارىماڭ،ئاكامنىڭ باللىرىدىمۇ مۇشۇنداق ئەھۋال بولغان ...(ئۇلارنىڭ مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئېرىشمە خارەكتىرلىك كېسەللىك،بەلكىم بالىڭىزنىڭ باشقا ئەھۋالدۇر).خۇدايىم شىپالىق بەرسۇن!

Qumaltag يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 14:43:42

‏‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ،تۆۋەندكىسى بىزگە دەرسلىك قىلىپ ئۆتكەن «يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر» دىن ئۆگەنگەنلىرىم . سىزگە پايدىسى تېگىپ قالا دەپ بىلگىنىمچە يېزىپ قويدۇم .
‏كىزىك - ئادەتتە بىر خىل باكتىرىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئۈچەي يولىدىكى يۇقۇملۇق كېسەلدۇر .
‏ئاساسلىق ئالامەتلىرى : داۋاملىق قىزىتىش (بەدەن تىمپىراتۇرسى 39 سىلسىيە گىرادۇستىن يۇقىرى،24 سائەت ئىچىدىكى بەدەن تىمپىراتۇرا ئۆزگىرىشى 1 سىلسىيە گىرادۇستىن ئېشىپ كەتمەيدۇ ) . بىمارنىڭ كەيپىياتى سۇلغۇن ،ئىنكاسى ئاستا ،ئاڭلاش ئىقتىداى تۆۋەنلەپ كەتكەن بۇلىدۇ .ئەگەر بالىلاردا بولسا تارتىشىپ قېلىشمۇ كۆرلىدۇ .
‏كۆپ ساندىكى بىمارلاردا كىسەللىك باشلىنىپ 7-14 كۈن ئىچىدە مەيدە ،قورساق ۋە مۆرە قاتارلىق ئوۇنلاردا ئەتىرگۈلدەك دانخورەكسىمان نەرسىلەر پەيدا بۇلىدۇ .
‏قورساقنىڭ ئوڭ ئاستىنقى تەرەپ ئاغرىيدۇ ،قەۋزىيەت كۆپ كۆرلىدۇ . كۆپىنچە بىمارلاردا جىگەر ،تال سەل يوغىناپ قالىدۇ .
‏بۇ كېسەلنىڭ خەنزۇچە ئىسمى: 伤寒
‏ئەسكەرتىش: كىتابتىكى ئۆگەنگەن بىلىملەر بىلەن ئەمەلىيەتتىككىسى تامامەن ئوخشاش بۇلۇشى ناتايىن ،شۇڭا بۇنى ئاساسلىق دىئاگونوز ماتىرىيالى قىلۋالماڭ .

ArislanMemet يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 14:46:24

بالا كىچىك چاغدا ئاتا–ئانا دىققەت قىلماي يارىلاندۇرۇپ قويسا، باققان ئەجىرى يوق بولىدۇ دەيدىكەن. سەل قارىماي ۋاقتىدا چوڭراق ئورۇندا داۋالىتىڭلار.

malchi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 14:52:28

مىنىڭ بالام ئىككى يىرىم ياشقا كىرگەندە باشتا ھۆتەل بولۇپ كىچىدە بىر قىزىتىپلا تارتىشىپ قالغان ناھيلىك دوختۇرخانىغا ئاپارساق قىزىتمىسى بەك يۇقىرى بولۇپ كىتىپ تارتىشىپ قاپتۇ دەپ نەچچە كۈن ئوكۇل سىلىپ قايتۇرۇپ ئەكەلدۇق ،ئىككى ئۈچ ئاي ئۆتۈپ يەنە بىر قىزىتىپ قىلىپ تارتىشىپ قالدۇ،ئوڭشىلىدۇ يەنە تارتىشىدۇ شۇنداق قىلىپ بىر كۈندە تۆت قىتىم تارتىشتى ،ئەتسىلا ئۈرۈمچىگە ئىلىپ بىرىپ 2-دوختۇرخانىدا مىڭىسىنى تەكشۈرتتۇق ،چوڭ چاتاق يوقكەن دەپ 奥卡西平دەپ بىر دورىنى يىزىپ بەردى ،كۈندە ئۈچ مىللى ئىچسۇن دىدى ،يىرىم يىلغىچە بىرىسەن ئاندىن كىيىن يەنە بىر كىلىپ تەكشۈرۈش قىلىسەن دىدى،9-ئايدا بىر بىرىپ تەكشۈرتۈپ كەلدۇق ،مۇشۇ چاققىچە خۇدايىم ساقلاپ تارتىشىپ باقمىدى ،ئاۋۇ دورىنى توردىن ئىزدەپ باقسام تازا ياخشى باھالار يوقكەن ،دورىنىمۇ توختاتتۇق ،ھازىرچە توخۇم سۈت بىرىپ تۇرۋاتىمىز

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 14:55:57

تارتىشىپ قالغان ۋاقىتتا مىڭىگە ئوكسىگىن يېتىشمەيدۇ،نېرۋا زەخمىگە ئۇچرايدۇ،شۇڭا تارتىشقاندىن كىيىن چوقۇم كامىرالىق مىڭە ئېلىكتىر دئوگراممىسىدا (3 سائەتتىن 8 سائەتكىچە كۆزىتىدۇ) مىڭە ھەركىتىنى كۆزىتىپ زەخمىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىگىگە ھۆكۈم قىلىش كېرەك. زەخمە ئەھۋالىغا قاراپ ۋاقتىدا داۋالىسا ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىن ئۈمۈت بار. ئەگەر سەل قارالسا ئادەت خاراكتىرلىك تۇتقاقلىققا  ئۆزگۈرىشى مۈمكىن، ئۇ ۋاقىتتا بىر ئۆمۈر دورا يەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىدۇ، يەنە كېلىپ يەيدىغان ئۇ دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى بەكلا يامان.
نىمىلا سەۋەپتىن بولسۇن، تارتىشىپ قېلىشنى چوقۇم داۋالىتىش كېرەك.

1 . ئۇچەي ياللۇغىنىڭ تەسىرى بىلەنمۇ بالىدا تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلەمدۇ ؟
ج: ياللۇغ بولغان ئىكەن قىزىتىش بولىشى مۈمكىن، تىمپراتۇرا ئۆرلەپ كەتكەندە تارتىشىپ قالىدۇ.
2 . ئۇنداق بولمىسا بالىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى بالىنىڭ مىڭىسىدە بىرەر مەسىلە بارلىغىنى بىلدۈرەمدۇ ؟
ج: تارتىشىپ قېلىشتىن بۇرۇن مەسىلە بولىشى ناتايىن، ئەمما تارتىشىپ قالغاندىن كىيىن مەسىلە پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقرى.
3. ئومۇرتقىدىن سۇ ئېلىش ، بالىنىڭ مېڭىسىنى ‹‹ ناۋ دىيەن تۇ ›› غا سېلىش ، بالىنى ‹‹ خېزى ›› غا سېلىشنىڭ بالىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئەقلى ، جىسمانى تەرەققىياتىغا سەلبى تەسىرى بارمۇ ؟ بار بولسا قانچىلىك ؟
ج: ' مىڭە ئىلكتىر دىئوگرامما ' نىڭ ھىچقانداق ئەكىس تەسىرى يوق،' MRI' نىڭ يامان تەسىرى ئىنتايىن ئاز، ئۇمۇرتقىدىن سۇ ئېلىشتا ئەگەر خاتا مەشغۇلات قىلىپ قالسا خەتىرى چوڭ، ئىشلىگەن دوختۇرنىڭ تەجرىبىسىگە باغلىق،ئەمما كۆپىنچە ئەھۋاللاردا چاتاق چىقمايدۇ. كېسەلنى داۋالىتىش ۋە داۋالاتماسلىقنىڭ ھەر ئىككىسى تەۋەككۈلچىلىك،ئالدىنقىسنىڭ ئۇتۇقلۇق بولىشىغا دوختۇرلار سەۋەپ قىلىدۇ.
4. ئۈرۈمچىگە ئاپارساق بۇ خىل كېسەلنى يەنە قانداق ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈپ داۋالاتقىلى بولىدۇ ؟
ج:  جاۋابى ئۈستىدە.

ئەسكەرتىش: مەن كەسىپ ئەھلى ئەمەس،كەسىپ ئەھلىلىرى كىرگىچە پايدىلىنىپ تۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئاتا-ئانا بولماق ئاسان ئەمەس، بالىلارنىڭ كېسىلى چوڭلارنىڭكى بىلەن ئوخشىمايدۇ،بىخەستەلىكنى كۆتۈرمەيدۇ.

79588010 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 15:14:57

Qumaltag يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 14:43 static/image/common/back.gif
‏‏ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم تېما ئىگىسى ،تۆۋەندكىسى بىزگە دە ...

بۇ خىل كېسەللىكنىڭ يۇقۇش دەرىجىسى قانداق؟

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 16:59:08

zemindar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:06:48

begir يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 16:59 static/image/common/back.gif
تارتىشىپ قېلىشنىڭ سەۋەبى جىق بولمايدۇ . پەقەت بىرلا سە ...

بۇ ئىنكاسىڭىزنىڭ ئاستىدىكى بوشلۇقمۇ تارتىشىپ قاپتۇ، تېزراق تەھرىرلەپ ئوڭشاپ قويۇڭ!

nusrat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 18:07:23

بالىڭىز 破伤风بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ . بۇ كىسەللىك كىچىك بالىلاردا يارا ئېغىزىنى ، كىندىكنى پاكىز تۇتماسلىق ياكى مەينەت توپا يەرلەردە ئويناشتىن كىلىپ چىقىشى مۇمكىن .

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 18:34:44

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   iltersh تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 18:56  

脑电图
ئېلىكتىرو ئىنسىفالوگىرامما
心电图
ئېلىكتىرو كاردىئوگىرامما
دەرھال ئۈرۈمچىگە ئەچىقىڭ،دوختۇر نىمە دىسە شۇنى قىلدۇرۇڭ،ئەگەر ياق دىسىڭىز ئۆزىڭىز ھېچنىمە قىلالمايسىز سەتراق دىسەم پوقنى ئىككىگە بۆلەلمەيسىز،ۋاي بالام دەپ يىغلاپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئىش قىلالمايسىز

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 18:53:56

脑电图ئېلىكتىرو ئىنسىفالوگىرامما
心电图ئېلىكتىرو كاردىئوگىرامما

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 18:56:39

كېچىكتۈرمەي ئەڭ تىز سۈرئەتتە ئۈرۈمچىگە يۆتكەڭ  ،  ئىلگىرى مىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان قىزىمنىمۇ ئىچى سۈرۈپ  مانا ئەنە  دەپ  كىچىكتۈرۈپ تاس قالغان ،كورلىنىڭ  يېقىن ھەم بەك ئۇستىكەن دەپ  يۆتكىسەك  ئوبلاست دوختۇرخانىمۇ يېرىم كۈن داۋالاپ بېقىپ يۆتكە دىدى ، كېچىلەپ  ئۈرۈمچىگە جىددى يۆتكەپ   ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا ھاياتىنى ساقلاپ قالغان،  بالىنىڭ ئەھۋالى تۇراقلىشىپ نەچچە كۈندىن كېيىن شۇ يەردە  يۇلۇندىن سۇيۇقلۇق ئېلىپ تەكشۈرىمىز دەپ قول قويدۇرغىلى  كىرىپتىكەن، نېرۋىدىن چاتاق چىقىپ قالارمۇ دەپ ئەنسىرەپ نېزىقاپ تۇرۇۋالساق سېستىرالار  بۇ تەكشۈرۈش خەتەرلىكتەك تۇرغان بىلەن ئاددى ، خەتەر چىقىش نىسبىتى بەك تۆۋەن ئەنسىرمەڭلار، دەپ چۈشەندۈرگەندىن كېيىن بوپتۇلا ، ئالدى بىلەن شىپالىق بەرگەن  خۇداغا ئاندىن قالسا  سەۋەب قىلىپ بالىنى قۇتقۇزىۋالغان مۇشۇ دوختۇرلارغا ئىشىنەيلى دەپ قول قۇيۇپ بەرگەن، بالىنى ئەپچىقىپ كېتىپ 10 مىنۇتتىلا سۇيۇقلۇق ئېلىپ بولدۇق دەپ ئەپچىقىپ بەردى ، دۈمبىسىگە قارىسام كىچىككىنە ئۇكۇل يىڭنىسىدىن قالغان بىر ئىزدىن بۆلەك ھىچنىمە يوق ، بالىىنىڭ كەيپىياتىمۇ ياخشى ، دوختۇرخانىدىن چىقىدىغاندىمۇ يەنە بىر قېتىم تەكشۈردى، ھچىقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى بولمىسا ...

ErkinQush يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 19:35:21

يۇلۇندىن سۇ ئېلىش بەك خەتەرلىك دەپ ئاڭلىغان مەنمۇ


بالىڭىزغا ئاللاھتىن شىپالىق تىلەيمەن………مېھرىبان ئاللاھ ھەر بەندىسىنى ئامان قىلسۇن…………
بەت: [1] 2 3
: بالام تارتىشىپ قالدى