تاشپولات: ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TashpolatRozi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 11:39سالام قېرىنداشلار، مەن بۇرۇن بىزنىڭ مەكتەپتە بىر ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىش توغرىلىق يازما يوللىغان ئىدىم. مەكتەپ ئىچىدە ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىش توغرىلىق مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلساق، ئۇلار ئىنگلىزچە سىنىپ ئېچىش تەكلىپىمىزنى قوللىمىدى. بۇنداق بۆلىشى چەت ئەلدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كېلىپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە كەلمەسلىك قاتارلىق كوپ مەسىلىلەرنى تۇغدۇرىدىكەن. شۇڭا بىزنىڭ مەكتەپتە سىنىپ ئېچىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.
يېنىمدا ئولتۇرغىنى مەكتەپ مۇدىرى
مەن بۇ يىل ۋەتەنگە بارغان ۋاقتىمدا، كۆپلىگەن تونۇشلار مەن تۇرۇۋاتقان يەردە بىر ئىنگلىزچە سىنىپنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. مەن لوس ئانجېلېستىكى ھوللېۋۇد قا يېقىن يەردىكى “Harbor Career College” مەكتىپى بىلەن بۇ توغرىلىق پاراڭلاشقان ئىدىم. 3 ئايدەك پاراڭلىشىش نەتىجىسىدە بۇ مەكتەپكە ۋەتەندىن ئىنگلىزچە ئۆگەنمەكچى بولغانلار قوبۇل قىلىدىغان ۋە پۇلىمۇ مۇۋاپىق بولغان سىنىپقا ئېرىشتىم.
بۈگۈن ئۇلار بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم پاراڭلىشىپ بۇ سىنىپنىڭ ئوقۇتۇش جەدۋىلىنى، ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى، ۋە كېتىدىغان ئوقۇش پۇلى قاتارلىقلارنى ئالدىم.
بۇ مەكتەپكە بىر ئوقۇغۇچى بىر ئايدا 740 ئامېرىكا دوللار تۆلەيدۇ. بىر يىلدا يەنە 12 ئاي ئوقۇماقچى بولسىڭىز 8880 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەيسىز. ۋەتەندىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار كەم دېگەندە 6 ئاي ئوقۇشىڭىز كېرەك. مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى بۇ يەرگە چاپلاي دېسەم چاپلىغىلى بولمىدى.
ۋەتەندىن بۇ مەكتەپكە ئۆقۇشقا كېلىدىغانلار چوقۇم مەن بىلەن ئالاقە قىلىڭ. ماڭا ئېلخەت ياكى ئۇندىداردا سوز قالدۇرسىڭىز، مەن ئىلتىماسقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئەۋەتىپ بېرىمەن.
مېنىڭ ئېلخەت ئادرېسىم: tashpulat@yahoo.com
ئۇندىدار ئادرېسىم: qarighay
ئامرىكىدمۇ ئۈندىدار باركەنھە؟ئامرىكىدىمۇتىڭشۈننىڭ مۇلازىمەتلىرىنى ئىشلىتىدىغانلارنىڭ بارلىقى مېنى ھەيران قالدۇردى ئوقۇش پۇلى ھەقىقەتەن قىممەتكەن. ھىچ بولمىغاندا ماڭا نىسبەتەن قىممەتكەن. ئامېرىكىنىڭ كىرىم سەۋىيەسى بويىچە قارىغاندا مۇشۇ ئوقۇش پۇلى نورمالمۇ؟ مۇشۇ بويىچە بولسا،بىر يىللىق ئوقۇش،تۇرمۇش راسخودى قانچە بولار؟ يېرىم يىللىقىغا 4440 دوللار، بۈگۈنگى پىرىۋوت نىسبىتى 6.13 كوي بىر دوللار بويىچە ھېسابلىساق،تەخمىنەن 27217 كوي بولدىكەن يېرىم يىللىقى. ئاز پۇل ئەمەسكەن.
مېنىڭچە ئۇ يەرگە چىقىپ ئېنگىلىزچە ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش پۇرسىتى بارمۇ يوق؟ خىزمەت تېپىپ ئىشلەپ ئامرىكىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغىلى بولامدۇ دېگەندەكلەرگە بەكىرەك قىزىقارمىكىن. ئەگەر مۇشۇ توغرىسىدا پايدىلىق شارائىتلارھازىرلانسا، نۇرغۇن ئادەم ئۇنچىلىك پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدۇ. ئوقۇش پۇل ئامىرىكا دېگەن دەبدەبە ئىسىم ئۈچۈن نۇرمالدەك ھېس قىلدىم. لىكىن ياشاش ئىھتىياجىغا قانچىلىك چىقىم يېتەر بىر ئايلىقى ئۈچۈن؟ سالام ھۆرمەتلىك دوكتۇر تاشپولات روزى ئەپەندىم، ھەقىقەتەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپسىز. سىڭدۈرگەن ئەجرىڭىز يەردە قالماس. ( يەنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىسۇن!) ۋاقتىڭىز يار بەرسە، كۈندىلىك ئوقۇش ۋاقتى قانچە سائەت، ھەپتىدە قانچە كۈن، بىر يىل ئىچىدە قانچە كۈن تەتىل بار، تەتىل ۋاقتىمۇ ئوقۇش - ئىش ھەققى سائېتىگە كىرەمدۇ، كۇرسنى پۈتتىرۈپ ئىمتىھاندىن ئۆتەلىسە، ئالى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىشكە ( رەسمىيەت ئۈچۈن) پايدىسى بولامدۇ، قاتارلىق مەزمۇنلارنىمۇ يېزىپ قويغان بولسىڭىز-دېمەكچى ئىدىم. ئەگەر ئايلىق دەرس ۋاقتى 80 سائەتتىن تۆۋەن بولمىسا، 740 دوللەر قىممەتمۇ ئەمەس. پۇلدارلىرىمىز بالىلىرىنى ئامېرىكىدەك دۆلەتلەردە ئوقۇتسا، قوتاندا بودىغان كالىغا قارىغاندا ، قانچە ھەسسە ئارتۇق ماي قوشۇلىدۇ ئەلۋەتتە. :lol Birzat يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 13:30 static/image/common/back.gif
ئوقۇش پۇل ئامىرىكا دېگەن دەبدەبە ئىسىم ئۈچۈن نۇرمالدە ...
ئامېرىكىدا ئوقۇيدىغان بالا ئۈرۈمچىدە، ياكى ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان بالىغا قارىغاندا « ئاغىزىدا قاغا تۇتالايدىغان» دەرىجىدە ھۇشيار بالا بولۇشى كېرەك. جانلىق، تىرىشچان، كىشىلەر بىلەن چىقىشقاق..... ئالاھىدىلىكى بولمىسا، ئۇ ياقلارغا بارغاننىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ئۆي ئىجارىسى قىممەت، شۇڭا بىر ئۆيدە تۆت ئادەم بىرگە ئولتۇرالىسا، پىششىق تاماق قىممەت، شۇڭا ئۆيدە تاماق ئېتىپ يېيەلىسە، مەكتەپ ئەتراپى قىممەتچىلىك، شۇڭا ماشىنا ھەيدىيەلىسە، ۋاقىت ئالتۇن بىلەن ئۆلچىلىدۇ، شۇڭا زەرگەردەك ئالتۇننى قەدىرلىيەلىسە، ئامېرىكىغا بېرىپ، ئۈچ ئاي ئۆتمەيلا قوشۇمچە ئىشلەشنى قولغا كەلتۈرەلىسە، دادىسىغا ھەرگىز يۈك بولۇپ قالمايدۇ.... GoodLuck يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 12:33 static/image/common/back.gif
ئوقۇش پۇلى ھەقىقەتەن قىممەتكەن. ھىچ بولمىغاندا ماڭا نى ...
مەن ۋەتەنگە بارغىنىمدا بۇ باھانىڭ قىممەت ئەمەسلىكىنى دېگەن ئىدى. بۇ ئامېرىكادا نورمال باھا. amanpahri يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 12:51 static/image/common/back.gif
مۇشۇ بويىچە بولسا،بىر يىللىق ئوقۇش،تۇرمۇش راسخودى قان ...
مېنىڭچە 20،000 ئامېرىكا دوللىرى كېتىدۇ. Emperor يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 13:10 static/image/common/back.gif
يېرىم يىللىقىغا 4440 دوللار، بۈگۈنگى پىرىۋوت نىسبىتى 6.13 ...
بۇ مەكتەپنىڭ مەقسىتى ئوقۇغان بالىنى TOEFL ئىمتىھاندىن ئۆتكۈزۈپ ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئەۋەتىپ بېرىش. بەزى ئۇنىۋېرسىتېتىغا TOEFL سىز كىرگىنىمۇ بولىدۇ. ئامېرىكادا ئىشلەپ ئوقۇشقا يول قويمايدۇ. ئولتۇراقلىشىپ قېلىش مەسىلىسىنى كەلگەندىن كېيىن دېيىشىدىغان ئىش.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا man_sarang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-15 13:56
ئەڭ مۇھىم ئىش: بۇ مەكتەپ ( سىنىپ) نىڭ چاقىرىقى بىلەن پاسپورت بىجىرگىلى، ۋىزا قويدۇرغىلى بولامدۇ؟{:101:}
جۇڭگۇ شىنجاڭ ( ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەرلەر) دا jan يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 13:32 static/image/common/back.gif
سالام ھۆرمەتلىك دوكتۇر تاشپولات روزى ئەپەندىم، ھەقىقە ...
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىز سورىغان نەرسىلەرنىڭ جەدۋىلى مەندە بار. ماڭا خەت يېزىڭ ئەۋەتىپ بېرەي. man_sarang يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 13:55 static/image/common/back.gif
ئەڭ مۇھىم ئىش: بۇ مەكتەپ ( سىنىپ) نىڭ چاقىرىقى بىلەن پاس ...
مەكتەپكە ئىلتىماس قىلىشتىن بۇرۇن پاسپورتىڭىز بۆلىشى كېرەك. پاسپورتىڭىز بولسا ۋىزا ئېلىش ئۈچۈن ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىدۇ. مۇشۇ ئۇقتۇرۇشنى كۆتۈرۈپ ئامېرىكا كونسۇلىغا بېرىپ ۋىزا ئىلتىماس قىلىسىز. بەزىدە ۋىزا ئىنكار قىلىنىپ كېتىدىغان ئىشلارمۇ بار. تىل ئۆگنىشتە ، نەق شۇ تىلنىڭ مۇھىتىدا ئۆگەنگەننىڭ ئۈنۈمى ھەقىقىتەن يۇقۇرى بولىدۇ. ئىقتىسادىي شارىئىتىمىز يار بەرگەن بولسا بالىلارنى شۇ يەردە ئوقۇتار ئىدىم. بالىسىنى يىلىغا ئوننەچچە تۈمەن يۈەن كېتىدىغان چەتئەل مەكتىپىدە ئوقۇتالايدىغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ ئەمەسمىكى. شارائىتىمىزغا قارىتا ئىش تۇتماي ئامال يوقكەن. ئەسسالامۇئەلەيكۇم تاشپولات ئاكا!
ئامىرىكادا تولۇق كۇرۇستا ئوقۇشنىڭ ياش چەكلىمىسى بارمۇ؟ يۇقردا بەزى مەكتەپلەرگەتوفېل بەرمەيمۇ كىرىپ ئوقۇغىلى بولىدۇ دەپسىز، ئۇنداقتا ئەس ئەي تى ئىمتاھانلىرىنى بىرىشىمىز كىرەكمۇ ئەمەسمۇ؟ ئىشقىلىپ بۇ مەكتەپنىڭ ئىچىلغىنى خۇيمۇ ياخشى ئىش بولاپتۇ....{:112:} ئوقۇش پۇلى قىممەت ئەمەسكەن. ئەمما كالىفورنىيەنىڭ تۇرمۇش چىقىمى ئامرىكىنىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا قىممەتچىلىك. ناھايتى تىجەشلىك بىلەن كۈن ئۆتكۈزسىمۇ 1000 دوللاردىن كەم بولمايدۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تاشپۇلات ئاكا.ئەجرىڭىزنى ئاللا بەرگەي. ئۇيغۇر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك بىر يول ئېچىپ بېرىپسىز . خۇتەنلىك بىچارىلەرگە پاسپورت بىجىرىشنىڭ ياخشىراق ئامالى بارمىدۇ؟