تەڭرىتاغ كوماندىسى تىيەنجىن كوماندىسىنى يەڭدى
http://you.video.sina.com.cn/api/sinawebApi/outplayrefer.php/vid=136308608_6/s.swfئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 14- كۈنى كەچ سائەت 00؛6 دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ ئالتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى ئۆزمەيدانى قىزىلتاغ تەنتەربىيە سارىيىدا، كۇشى دۇبى باشچىلىقىدىكى تىيەنجىن ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسىنى كۈتىۋالدى. شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى كوماندىسى چەتئەللىك ئەزاسى جوردان كىراۋفورد كۆز ئاغرىقى سەۋەبىدىن شاڭخەيگە داۋالىنىشقا كەتكەنلىگى سەۋەبىدىن مەيدانغا چىقىدى، ئاندىرى بىراچ 43 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 8 قېتىم ياردەمچى پاس بىرىشتەك ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىشى بىلەن ئاخىرى 128-101 نەتىجە بىلەن رەقىبى تىيەنجىن كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە، شىنجاڭ كوماندىسىدىن بەش ئەزا قوش خانىلىق نومۇر ئالدى، كوماندا ئەزاسى ئاندىرى بىراچ 43 نومۇر، 10 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 8 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ جۇ چى 20 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 6 قىتىم قالپاق كىيگۈزدى؛ شىرئەلىجان 17 نومۇر، 3 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 2 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى؛ قىرانبېك ماقان 10 نومۇر، لىيۇشۇنەن 10 نومۇر، ليۇۋېي 9 نومۇرئالدى. تىيەنجىن كوماندىسىدىن كۇشى دۇبى شىرئەلىجاننىڭ ئۈنۈملۇك مۇداپىيە قىلىپ تىزگىنلىشى بىلەن ئاران 17 نومۇر، 4 قېتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى ھەمدە 7 قېتىم ياردەمچى پاس بەردى.
يىڭى پەسىللىك مۇسابىقە ئورۇنلاشتۇرۇش رەت تەرتىپى بويىچە 11-ئاينىڭ 16-كۈنى شىنجاڭ كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا جىياڭسۇ توڭشى كوماندىسى بىلەن مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ئەسلى مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/portal.php
ئالدىنقى مەيداندىمۇ يېڭىۋالاتتى ئەسلى شىرئەلىجان بۇرنىغا بىر نەرسە چاپلىۋالدىمۇ؟ چەتئەللىك ماھىرلار بولمىسا تۈزۈك نومۇر ئالالمايدىغان ئوخشىمامدۇ ،ھەرئىككى تەرەپ؟ ئۇيغۇر ۋاسكېتبول تورى خەۋىرى؛ ئۈرۇمچى ۋاقتى 11- ئاينىڭ 16- كۈنى كەچ سائەت 30؛5دە ، 2014-2015- پەسىللىك جۇڭگو ۋاسكېتبول بىرلەشمىسى دائىملىق مۇسابىقىسىنىڭ يەتتىنچى ئايلانما مۇسابىقىسى ئىلىپ بېرىلىپ، شىنجاڭ تەڭرىتاغ يىزائىگىلىك سودا بانكىسى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسى قارشى تەرەپ مەيدانىدا، ئاكا-ئۇكا ئۇيغۇر تەنھەركەتچىمىز مەۋلان-مەردانلار توپ ئوينىۋاتقان جىياڭسۇ توڭشى ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ۋاختىدا كۈرشىڭلارنى تەۋىسىيە قىلىمىز.
توردا كۈرۈش ئادىرىسى؛ http://waskitbol.com/plugin.php?id=damei_tv:tv
پۇتبولنىڭ گېپى يوقما ؟
بەت:
[1]