[720p] قەھرىمان (ئۇيغۇرچەئاۋازلىق سۈزۈك فىلىم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Alqut701 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-11-14 21:42فىلىم ئۇچۇرلىرى:
ئۇيغۇرچە ئىسمى: قەھرىمان
خەنزۇچە ئىسمى :英雄
ئېنگىلىزچە ئسمى : HERO
تۈرى: ھەركەتلىك ،تارىخى،جانبازلىق
دۆلىتى: جۇڭگو-شىياڭگاڭ
چىققان ۋاختى: 2002-يىلى
تىلى: ئۇيغۇرچە
خېتى: يوق
فورماتى: MKV
رازمىرى: 1280X720
سىغىمى: 1.7GB
ئاۋاز بەرگەن ئورۇن: قەشقەر كىنو -تىلۋېزىيە تەرجىمە مەركىزى
كىرۈشتۈرگۈچى: Alqut (ئەلقۇت ئەپەندى)
فىلىم چۈشەندۈرلىشى:
يېغىلىق دەۋرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يەن،جاۋ،چۇ،خەن،ۋېي،چى،چىن دىن ئىبارەت 7بەگلىك باش كۆتۈرگەن بۇلۇپ بۇنىڭ ئىچىدىكى چىن بەگلىكى ئەڭ قۇدرەتلىك بولغاچقا باشقا 6 بەگلىكنى يوقۇتۇپ جاھاننى بىرلككە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.شۇ سەۋەپتىن چىن بىگى باشقا 6بەگلىكنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.ھەمدە ھەر جايدىن كەلگەن قاتىللار چىن بىگىنى قەسلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولىدۇ.بۇنىڭ ئىچىدە جاۋ بەگلىكىدىكى چاڭ كۇڭ،سەن جيەن ۋە فېيشۆلەرمۇ بار ئىدى،ئۇلارنىڭ جانبازلىق ماھارىتى ناھايتى ئۈستۈن بولغاچقا،ئۇلارنىڭ قەسىت قىلىشدىن ئەندىشە قىلغان چىن بىگى 10 يىلدىن بىرى خاتىرجەم ئۇخلاپمۇ باقمىغان ئىدى،بىر كۈنى چىن بىگى سەن جىيەن قاتارلىقلارنىڭ ۋۇ مىڭ (نامسىز) پالۋان تەرپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلايدۇ،ھەمدە ئۇنى ئوردىسىغا چاقىرتىدۇ،چىن بىگىمۇ ناھايتى ھۇشيار كىشى بولغاچقا بۇنىىڭ ئىچىدە ھىيلە بارلىقىدىن گۇمانلىنىدۇ،بۇ ئىككىسى ئەقىل ۋە باتۇرلىقتا سىنىشدۇ،مۇشۇ جەرياندا ۋۇمىڭ پالۋان جاۋ بەگلىكى قاتىللىرى بىلەن ئېلىشىش جەريانىنى ئەسلەپ بىرىدۇ.باشقا تەپسىلاتىنى فىلىمدىن كۈرۈڭ.
فىلىم كەسمە رەسىملىرى:
(فىلىم كەسمە رەسىملىرى فىلىمنىڭ ئۆزىدىن ئېلىنغان)
بۇ فىلىمنى قايتا ئىشلەشكە قاتناشقۇچىلار:
ئاۋاز مەنــــــــــــبەسى : دۇلدۇل808
ئاۋاز ماسلاشتۇرغۇچى: Alqut (ئەلقۇت ئەپەندى)
كىرىشـــــــتۈرگـــــۈچى: Alqut (ئەلقۇت ئەپەندى)
مۇقاۋا ئىشلـــــــىگۈچى: رازاقجان
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
مەزكۇر فىلىم ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىم تور بېكىتى تەرىپىدىن سۈزۈك نۇسخىغا ئۇيغۇرچە ئاۋازنى ماسلاشتۇرۇپ كىرىشتۈرلۇپ چىقىلدى. خالىغان شەخىس ۋە كوللىكتىپنىڭ فىلىمنى كۈچۈرۈپ ئوز نامىدا باشقا مۇنبەردە ئېلان قىلىشىغا، سودا خارەكتىرىدە ئىشلىتىشىگە قەتئى بولمايدۇ. ئەگەر شۇ سەۋەبلىك نەشىر ھۇقۇقى داۋاسى كىلىپ چىقسا، بارلىق ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بۇلىدۇ.شۇنداق ئەھۋاللار بايقالسا،مەسئۇلىيىتى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
تىخىمۇ نادىر ۋە قىزىقارلىق فىلىملەرگە قىزىقسىڭىز، نەزىرىڭىز ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق سۈزۈك فىلىم تور بېتىدە بولسۇن!
تور بېتىمىزنىڭ كىرىش ئادىرسى: WWW.SUZUKFILIM.COM
مەزكۇر فىلىمنى چۈشۈرۈش ئادىرسى:
http://kuai.xunlei.com/d/Y-PIEgKKEADALi1U6a1 ھېلىقى ئوباماغا ياراپ كەتكەن كىنو شۇغۇ دەيمەن ، ئانا تىلىمدا بىر پۇخادىن چىققۇچە كۆرۇپ باقمايمەنمۇ قېنى ،خەنسوچە ھايىت ھۇيىت دىگىنىلا ئىسىمدە قاپتىكەن مېنىڭ {:92:}{:92:}{:92:} مەنىسىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ھېس قىلسام بەك ئېسىل ئىشلەنگەن كىنو ئىكەنتۇق. دۇڭيجىياڭجىنىڭ كۆرنىپ قالغىننى ھېساپقا ئالمىغاندا باشقا يەرلىرى شۇنداق چانمىغان بۇنىڭ{:92:} مەن نېمە دەپ يازسام بولا دەپ ئويلاۋاتىمەن ikkimo يوللىغان ۋاقتى 2014-11-15 09:43 static/image/common/back.gif
مەن نېمە دەپ يازسام بولا دەپ ئويلاۋاتىمەن
رەھمەت زۇۋانى ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈن بىر كۆرۋىتەي {:112:}،،رەھمەت ئاۋازنى ياخشىى بېرىپتىكەن بۇ كىنوغا ... ئەينى چاغدا قاتتىق تەشۋىقات بۇلۇپ كەتكەن دۆلىتىمىزنىڭ تەشۋىقاتلىرىدا ئوسكار مۇكاپاتىغا چۇقۇم ئىرىشىدۇ دەپ ..........ئاخىرىدا ھىچقانداق مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەي جىمىپلا قالغان ئىدى .
مىنىڭچە بۇ ڧىلىمنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمەسلىكى دېمكۇراتىيە ، باراۋەرلىك باش تېما قىلىنىدىغان ئوسكار كىنولىرىغا زىت ھالدا تاجاۋۇزچىلىق ، ئۇرۇش ۋە بىرلىككە كلىشنى قېلىچ ،نەيزە بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش باش تېما قىلىنغانلىقىدا دەپ قارىغان ئىدىم . ھېلىمۇ مۇشۇ قارىشىمنى قوللايمەن .:P
بەت:
[1]