tohotur يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:35:52

بارغانسىرى تەسلەشكەن راھاتباغ ئامىۋى قاتنىشى

1.يۇرتۇم راھەتباغ يېزىسى قومۇلنىڭ ئەڭ قەدىمى شەھەرگە يانداشقان بىر بۆلكى .ئەزىز خەلقىم تارىختىن بۇيان سۇنىڭ ئېقىنىنى بويلاپ بۇ يەردە تەبىئەت بىلەن دوسلاشقان بىرھالەتتە نەچچە مىڭ يىللىق كەچۇرمىشلىرىنى باشتىن كەچۇردى. تۆۋەنتۇر نامى بىلەن ئاتالغان راھەتباغ ۋە راھەتباغلىقلار ، گەرچەئېقىنلىرى قۇرۇغان بىر بوھراننى كۇتۇۋېلىۋاتقان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ ھالال ئەمگىكى ، ئۇمۇتۋارلىقى بىلەن بىلەن ياشاپ كەلمەكتە .
2. ئسىىمدە قېلىشىچە راھەتباغنىڭ قاتنىشى ئىلگىرى قومۇل ئامىۋى قاتناش ئەتتىگەندە بىر چۇشتىن كىيىن بىر قېتىم ماشىنا ماڭدۇرۇپ تۇراتتى .كىيىن شەخسى ئىگىلىكتىكى كىچىك بولكىۋايلار ئۇنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى .بولكىۋايلار قاتنىغان ئاشۇ بىر قانچە يىل راھەتباغلىقلارنىڭقاتنىشى ئەڭ راۋانلاشقان ، ئەل جاھان رازى بولغان بىر قانچە يىل بولغان ئىدى. كىيىن نىمىسى نىمە بولغان بولكىۋايلارنى يىغىۋېلىپ ، راھەتباغقا 7-يول قاتنىغان بولدى ، 7-يول شامالچاھارباغ كەنتىگىچە راۋان مېڭىپ ئۇنىڭ تۆۋەينىغاتۆۋەنتۇرغا ئۆكتەمبەدى بولۇپ نەچچە يولدا بىر قېتىم مېىڭىپ ئۆنجەيتتى . كىيىن 7-يول شامالچاھارباغنىڭ تۆۋەينىغا ئۆتمەيدىغان بولدى . شۇنىڭ بىلەن ئامىۋى قاتناش شېركىتى ئۇچ سائەت ساقلاپ ئولتارغىلى بولدىغانلۆم لۆم16 -يولنى پەيدا قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ئەلكە ، چوڭگۇمبات ، دۆشتۇر ، ئويمانتۇر ، توخوتۇر ، قۇمتۇر ، چوڭتۇر ، چۆلتۇر ،قارىتال قاتارلىق جايلارنىڭ ئامىۋى قاتناشقا ئولتۇرىشى مسىلسىز قىينلاشتى .
   3. بىر نەچچە كۇننىڭ ئالدىدا چوڭتۇرغا چوڭنەمنى يوقلاپ چۇشتۇم . چوڭنەم قاتناش توغۇرلۇق ھال ئېيتىپ 16 -يول پەقەت جانغا ئەسقاتمايدۇ ، ئۇنىڭغا ئولتۇرىمىز دىسەك بىر نەچچە سائەت ساقلاشقا توغرا كىلىدۇ .بۇ قشىنىڭ بىر تۇتام كۇنىدە ئۇنى قانداقمۇ ساقلاپ بولغىلى بولىدۇ . ئىشىمىز چىقىپ قالسا مەھەلىدە بىر قانچە ماشىنىسى بار باللار بار . شامالچاھارباغقا ئون سومغا ، بازارغا قومۇل شەھەر ئىچىگە ئوتتۇز سومغا ئاچىقىپ قويىدۇ . ئاشۇ بولكىۋايلا قاتنىغان ۋاقىت شۇنداق ئامدان ۋاقىتلاركەنتۇق .مانا قارىتالدىنى ماڭسا مەھەللە ئىچى بىلەن چۆلتۇر ۋە چوڭتۇرنى بويلاپ ماڭاتتى .ۋاي بالام تېخى شەھەردىن بازارلىقلارنى ئېلىپ قايتقاندا ئشىكىمىز ئالدىغىچە ئاپىرىپ قوياتتى .مانا ئەمدىچۇ ؟
4. بۇ ئامىۋى قاتناش بولكىۋاينى يوقۇتۇپ ئاممىنىڭ قاتنىشىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرماقتا يوق ،تېخى ئىلگىرى بولكىۋايغا ئۇچ تۆت كوي خەجلەپ شەھەرگە چىقىدىغانتۆۋەنتۇرلۇق دىقانلار مانا ئەمدىلىكتە ، ئوتتۇز سوم خەجلەپ بازارغا چىقىدىغان بوپتۇ . ياكى بولمىسا چىقمايلا قويىدىكەن شۇ ، چىقمىسىغۇ يانچۇقتىكى پۇل خەجلەنمەيدۇ ، ئەمما ماۋۇ تەرەققى قىلۋاتقان قومۇل ، تۆۋەنتۇرنىڭ قاتنىشىنى كەينىگە چىكىندۇرۇپ تۇۋەنتۇر دىھقانلىرىنى ئۇھسىندىرىۋاتقان ئامىۋى قاتناشتىن ناھايىتى قۇرسۇقۇم كۆپتى.
5.ئامىۋى قاتناشنىڭ ئاجايىپ ماز بىر گىپى بار .ماۋۇ يەردىكى خەلق قاتناشتىن قىيلىنىپ قاپتۇ دەپ مەلۇم قىلسا ، ئۇ يەرگە قاتناش سالساق پۇل تاپالمايمىز ، بۇنداق پۇلدىن باشقىنى تونۇمايدىغان پوزۇتسىيەدىن دەھشەت نەپرەتلىنىمىز ئەلۋەتتە . لېكىن بۇمۇ بوپتۇ ، ئۆزەڭ قاملاشتۇرالمايسەن ، ئۇنداق بولسا شەخسى بولكىۋايلارنى ماڭغىلى قويساڭ بولمامدۇ . بۇ بولكىۋايلار تۆۋەنتۇر دىھقانلىرىنىڭ ھاجىتىنى ناھايىتى ياخشى راۋان قىلىپ ئىشىك ئالدىغىچە مۇلازىمەت قىلىپ خەلقنىڭ رازىلىغىنى ئېلىۋاتسا ، يا ئۇلارنى ماڭغىلى قويماي يا ئۆزەڭلار ياخشى مۇلازىمەت قىلماي ، ئىشەك ھارۋىسىىنىڭ ئورنىدىكى 16-يولنى سېلىپ قويۇپ تۆۋەنتۇر خەلقىگە قۇرۇق ئىمىزگە ئەمگۇزۇپ نىمە قىلغان ئىشىڭلار بۇ .
6. يېزىغا چۇشكەن ياردەم بەرگۇچى كادىرلار نىمە قىلىپ يۇرۇيدىكىن تاڭ . بۇ غوجاملارنىڭ ئۆزىنىڭ مىنىدىغانماشىنىسى كام بولمىغاندىن كىيىن ،تۆۋەنتۇرلۇقلار زادى قانداق ماڭىدۇ ،قاتنىشى قولايلىقمۇ ،دىگەندەك ئەڭ ئەقەللى ئەڭ مۇھىم ئىھتىياجلىرىىنمۇ كۆرمەسكە سېلىپ ۋاقىتنى توشقۇزۇش بىلەن بەنىتمۇ نىمە ؟
7.ئالدىنقى ۋاقىتلاردا راھەتباغدا نورۇز ، ئالتۇن توي ، كۆمۇش توي دىگەندەك پائاليەتلەر بولۇندى ، ئەمما بۇنداق بىرەر كۇن داغدۇغا بولۇپ ئاندىن ھەممە ئەسلى ھالىتىگە قايتىدىغان پائاليەتلەردىن مېنىڭچە توۋەنتۇرلۇقلارنىڭ بولۇپمۇ ئەلكىدىن تۆۋەينىدىكى توۋەنتۇر دىخانلىرىنىڭ كۇندىلىك قاتناش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۇنداق پائاليەتلەردىن مىڭ ھەسسە مۇھىم .بىز راھەتباغ يېزىسىغا يېڭى كەلگەن يېزا باشلىقىنىڭ قانداقلا قىلسا قىلىپ تۆۋەنتۇر دىھقانلىرنىڭ قاتناش قىيىنچىلىقىنى بولۇپمۇ موشۇنداق جاڭ جاڭ قىشتىكى قاتناش قىيىنچىلىقىنى ۋاقتىدا ھەل قىلىپ بىرىشىنى ئۇمۇت قىلىمىز .ۋە بۇ ئىشقا يېققىندىن دىققەتتە بولماقتىمىز .
8.ئەگەر قەتئى ھەل قىلالمساڭلار ، ئۆزەڭلىنى قىينىماي ، ئاۋامنىمۇ قىينىماي ئاشۇ بولكىۋايلارنى ماڭغىلى قويۇڭلار . بۇنىڭدا جاھىللىق قىلماي ، تۇزۇم قېلىپ دەپ تۇرۋالماي ، ئەل دەرھال مەنپەئەتلىنەلەمدۇ دىگەننى بىرىنچى ئورۇنغا قويساڭلار !
بەت: [1]
: بارغانسىرى تەسلەشكەن راھاتباغ ئامىۋى قاتنىشى