qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:12:28

باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى ئۆگىتىغان مۇۋاپىق ئورۇن (مەكتەپ) بارمىدۇ

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qedem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-14 21:15  

   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ،ئىزدىنىشتىكى قېرىداشلار ، ياخشىمۇسىلەر ! بىلدىغانلار مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار . رەھمەت  .
   نەق گەپكە كەلسەم  مەن يىڭىلا ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن  ياش ( 7-ئايدا) ،  ئازراق ئىشلەپ  ئۆز قىزىقىشىمنى دەپ ئىستېپا بېرىپ  چىقىپ باغۋەنچىككە  تۇتۇش قىلغان ، قىشتىكى ئارىسال ۋاقىتتىن پايدىلنىپ  تېخنىكا ئۆگەنمەكچى ئىدىم ،  مەندە قىزغىنلىق كۈچلۈك،بىراق  ئەمەلى تېخنىكا كەمچىل ،   مەن  ئىمكان بار قىسقىراق ۋاقىت ئىچىدە كۆپرەك تېخنىكا بىلىمى ئۆگىنىۋالاي دېگەن ئارزۇدا ، شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ باغۋەنچىلىككە ،باغۋەنچىلىك تېخنىكىسىغا  ئائىت ، بولسا ياڭاق ئۆستۈرۈشكە ئائىت ،     ئەسقاتىدىغان كىتابلار ياكى سىن ماتېرياللار  ۋەياكى مۇۋاپىق تەربىيلىنىش ئورۇنلىرى بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلار  تولىمۇ مىننەتدار بولاتتىم ، ھىچ بولمىسا  ئۆز ئەمەلى ئۆزگىچە  تەجىربە  ماھارەتلىڭلار بولسىمۇ  مەيلى ، رەھمەت…

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 10:12:19

قاسساپ باغۋەنچىلىكتە ئوقۇغان ، خىيالچىنىڭ باغۋەنچىلىكتىن خەۋىرى بار

elipbe يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 11:09:07

قاسساپ باغۋەنچىلىكتە ئوقۇغان بىلەن ئۈزۈشنى بىلىدۇ   ئۇلاقچىلىقنى بىلمەيدۇ

ilter يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 12:47:42

ماۋۇ ئاغىنىمىز ئۇلاقچىلىقنى ئۈگۈنۈپ قىشنى يازغا ئۇلايدىغان ئوخشايدۇ ، بىر ياردەم قىلساڭلارچۇ

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 15:20:25

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qedem تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-11-15 15:25  

ئۇلاشنى بىلمىسە ئۈزۈشنى بىلسىمۇ مەيلى ئەمەسمۇ    ،ئەسقاتىدىغان بىلىمى   بولسا «بىلگەننى ئەلدىن ئايىما » دەپتىكەن كونىلار ، بىراق قارسام ئۇنداقلا يوقتەك قىلامدۇ نېمە .

Nanqipi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:04:28

مىنىڭ كەنجى نەۋرەم بۇ يىل مەلۇم بىر ئ‍الى مەكتەپنىڭ قانۇن كەسپىنى پۈتكۈزگەنتى. دادىسىنىڭغۇ ئ‍وغلىنى ئ‍ادۋۇكات قىلغۇسى باتتى، ئ‍ەمما نەۋرەم دىگەن كاساپەت يىقىننىياقى كومپىيۇتىرغا قىزىقىپ قاپتۇدەك. كومپىيۇتىر پروگراممىرى بولغۇسى بار كەن. كەلگۈسىدە مۇشۇ ئ‍ىزدىنىشتىكى ئ‍ەركىن، تاشپولات، تۇرسۇنجان ۋە تۇرسۇنجانلارغا ئ‍وخشاش دۇنياغا يۈزلىنىش ئ‍ويىمۇ يوق ئ‍ەمەس ئ‍وخشايدۇ.
نەۋرەمگە كەسەك،  ئۇنىڭ ھازىر قولىدا بار دەسمىلىرى: تولۇق كۇرۇس دىپلومى ۋە ئ‍ۇ نۋانى،خەنزۇتىلى سەۋىيە سىناش ئ‍ىمتىھانى ئ‍ۈچىنچى دەرىجە  پىلۇس، كومپىيۇتىر بىرىنجى دەرىجە كىنىشكىسى، ئ‍الى مەكتەپ ئ‍ىنگىلىزتىلى ئ‍التىنچى دەرىجە، بوغالتىرلىق سالاھىيەت كىنىشكىسى...ۋەھاكازالار.
مەخسەتكە كەلسەم نەۋرەم كومپىيۇتىرنى نۆلدىن باشلاپ ئ‍ۆگۈنۈپياراملىق بىر پروگراممىر بوپ يىتىشىپ چىقىشى ئ‍ۈچۈن قانچىلىك ۋاقت كىتەر؟ ئ‍ىشنى قەيەردىن باشلاش لازىم؟ ئ‍ۈرۈمچىدە نەۋرەم ئ‍وقۇشقا ماس كەلگۈدەك تەربىيلەش ئ‍ورۇنلىرى بارمۇ؟ بولسا (تەۋسىيە قىلساڭلار)يول كۆرسەتكەن بولساڭلار؟


تۆۋەنچىلىك بىلەن ئ‍ىزدىنىشتىكى يىشى ئ‍ەڭ چوڭ قىرى بوۋاڭلار نانقىپى.

tehram يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:14:54

Nanqipi يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 17:04 static/image/common/back.gif
مىنىڭ كەنجى نەۋرەم بۇ يىل مەلۇم بىر ئ‍الى مەكتەپنىڭ قا ...

ئەگەر ئۆزى قىزىقىپ ئۆگەنمەكچى بولسا ، ئەڭ ئالدىنقى تاللاش قارلۇق ، ئوقۇتۇش سۈپىتى ياخشى ، ئەڭ ياخشى بولغان ئۆگىنىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ. 18 ئايلىقى 28000 يۈەن ، قىزىقىشغا باققان ياخشى.

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:53:52

  تېز پۇرسەتتە يۇقىرى تېخنىكا ئىگەللەپ چىقماقچى بولسىڭىز ئاپتونوم رايونلۇق باغۋەنچىلىك تېخنىكلىرىنى تەربىيىلەش مەركېزى (شەخسى ئاچقان تېخنىكا ئۆگىتىش ئورنى) غا بېرىڭ، ئۈرۈمچى يامالىق تاغدا. ئاپتونوم رايون بويىچە ئەڭ يىتىشكەن باغۋەنچىلىك موتەخەسىسى (باغۋەنچىلىك ئالىمى) ئۆمەرجان ئەپەندى بىر قوللۇق تەربىيىلەيدۇ، مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئۇلاش، چاتاش، پارنىكتا ئۆستۈرۈش، كۆچەت يىتىشتۈرۈش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلارنى ئىگەللىيەلەيسىز، ئەمما ئوقۇش پۇلى قىممەترەك (ھازىر قانچە پۇل ئىكەنلىكىنى ئۇقمايمەن)، ھۇشيار ۋە تېرىشچان بولسىڭىز تېز پۇرسەتتە نۇرغۇن تېخنىكىلارنى ئىگەللىيەلەيسىز، سەل بىخود بولسىڭىز ئاتتىن چۈشمەي گۈل كۆرۈپ (نۇرغۇن تېخنىكا ۋە يېڭىلىقلارنى كۆرگەن ئەمما بىرىنى قىلالمايدىغان بولۇپ) قايتىپ چىقىسىز.
    ئەگەر ئۇلاش، چاتاش، كۆچەت يىتىشتۈرۈش ۋە باغ باشقۇرۇشنىلا ئۆگەنمەكچى بولسىڭىز ماڭا شاگىرت بولسىڭىز ھەقسىز تەربىيىلەيمەن (جاپاغا چىدىسىڭىزلا....) :lol:lol:lol:lol:lol

Elqvn يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:55:03

  باغۋەنچىلىك ئەمەلى تېخنىكا، نۇرغۇن مەشغۇلاتلىرىنى ئەمەلىيەتتىن كۆرۈپ ئۆگەنمىسە ماتىرىيالدىن ئۆگىنىپ بولغىلى بولمايدۇ (بولۇپمۇ نەزەرىيەۋى ئاساسى يوقلار).

mewize يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 17:58:36

تىل ئاساسى،ئىقتىساد يېتەرلىك بولسا ئىچكىرگە بېرىپ ئۆگەنسىمۇ بولىدۇ، داڭلىق يۇمشاق دىتال باغچىلىرىغا تەربىيلىنىشكە بارسىمۇ بولىدۇ،بۇنداق بولغاندا خۇاۋىي،مىكروسوفىت ئاسىيا تەتقىقات ئورنى دىگەندەك جايلار بىلەن ئۇچۇرشىش پۇرسىتى بار بولىدۇ،ئۇچۇر تېخنىكا ساھەسىدە ئىچكىرنىڭ ھامان رايۇنىمىزنىڭكىدىن كۈچلۈك. شۇڭا مەن ئىچكىرەە بېرىشنى تەۋسىيە قىلمەن، مىنىڭچە ئەڭ ياماننى دوراپ،ئەڭ ياماننىڭ كەينىدىكىسى بولغان ياخشى ،ئىمكان بولسا تىرىشسىڭىز ئىېشىپمۇ كېتەلەيسىز

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:05:32

Elqvn يوللىغان ۋاقتى  2014-11-15 17:53 static/image/common/back.gif
تېز پۇرسەتتە يۇقىرى تېخنىكا ئىگەللەپ چىقماقچى بولسىڭ ...

ئۇستام سىلى قەيەرلىك؟ قەشقەر ئەتراپىدا بولسىلا مەن شاگىرت بولسام بولامدىكى :P  باغچاق قىلىدىغان 100 كىۋادىرات مېتىرچە ھويلام بار ئىدى. ئۇندىن باشقا يازدىن بىرى گۈل ئۆستۈرۈشكە شۇنداقمۇ ھەۋەس قىلىپ ... كەپتەۋازدەك كۈندە نەچچە ۋاقىت قارايمەن. ماۋۇ بىرسى غازاڭ چىقارغىلى تۇرۇپتۇ، ماۋۇسى بىخلاپتۇ، ماۋۇسى غۇنچىلىغىلى تۇرۇپتۇ دەپ.  پەرۋېشىنى ئۆزۈم قىلىپ كېتىمەن. يېشىللاشتۇرۇشقا بىر ئىشتىياق كىرىۋالدى كاللامغا. گۈللەرگە بىر قاراپ ئولتۇرۇپ كەتسەم يېرىم سائەتتىن بىرەر سائەتكىچە قاراپ ھەپىلىشىپ كېتىمەن. ئۆيدە باللارنىڭ ئىچى پۇشۇپ كېتىدۇ ماڭا قاراپ. :lol

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 20:19:30

ئەلچۈن ئەپەندىم سىزگە رەھمەت ، سىز ئېيتقان   ئاپتونۇم رايۇنلۇق باغۋەنچىلىك تېخنىكا تەربىيلەش مەركىزى بىلەن قانداق ئالاقىلاشقىلى بولار ، ئۇلارنىڭ بىرەر  توربېكىتى ،بىلوگ ياكى ئۈندېدار سالونى بارمىدۇ …

begir يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 10:34:02

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 13:14:28

ھازىرقى پەسىلدە ياڭاق تېرىش ، كۆچىتىنى سېلىش قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشكە بۇلىدۇ ، قىشىچە كىسەللىك ھاشاراتلارنى ئالدىنى ئېلىشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئىشلەيمىز ، قاتتىق سوغۇقتىن كىيىن نەشپۈت ، ئالما ، چىلان كۆچەتلرىنى  چاتايمىز ....
3-ئايدا ئۈرۈك ، ئالما ، نەشپۈت قاتارلىقلارنى ئۇلايمىز ....
4-ئايدا چىلان ئۇلاش ، تىرەك قەلەمچىسى سېلىش ، ياڭاق ئۇلاش ، چىچەك مەزگىلىدىكى چاڭ تارقىتىش قاتارلىقلارنى ئۆگەنگىلى بۇلىدۇ ....
5-ئايدا چىلان ئۇلاقچىلىقى
6-ئايدا ياڭاق ئۇلاقچىلىقى
ياڭاق ئۇلاقچلىقى ئاخىرلاشسا 7-8- ئايلاردا ئازراق قول سوۋۇيدۇ .... ئەمما ئالما دەرەخلىرىدىكى قىزىل ئۆمۈچۈكتىن ھەر ۋاقىت ھۇشيار تۇرمىساق بولمايدۇ ، بىخۇدلاشساق كۆكپىتمۇ بوزەك قىلىدۇ ....
9-10-11- ئايلاردا مىۋىلىك دەرەخلەرنىڭ سورتىنى تۇنۇغاچ بىرە مىۋە چىۋە سودىگىرىدىن ئۆگەنسىڭىز باغۋەنلەردىن ئۈگەنگەنگە قارىغاندا جىق ئىگەللىۋالىسىز ....

يېقىندا بىزنىڭ ئۆيگە پاختا چۆلىگىلى بىر بالا كەلگەن ، ھازىر قايتتى ، يازدا كورلىدا نەشپۈتلۈك باغدا ئىشلەپتۇ ، ( بارغاندا ھىچنىمىنى بىلمەيدىكەنتۇق ، تۇلۇقسىز مەلۇماتى بار ، يەنە بىرەيلەن ساۋاتسىز تېخى ، ئالدىنقى يىللىرى چىلانلىق باغدا ئىشلەپتىكەن ، ھازىر چىلان سورتلىرىنى مەندىن ئوبدان تۇنۇيدىكەن ) ، بالدۇر كۈزدە بىڭتۇەندە پاختا چۆلەپتۇ ، كەچكۈزدە بىزنىڭكىگە كەلگەن ، ئەمدى تۇرپانغا ماڭدىم دەيدۇ ، بەلكىم ئۈزۈم كۆمسە كېرەك ...
بىر يىلنىڭ ئىچىدە پۈتۈن شىنجاڭدا ئايلىنىپ يۈرۈپ پۇل تاپىدىكەن ، بەش ئايلىق بولغان بالىسىنى ۋە ئايالىنى بىرگە ئېلىپ كەپتىكەن .....

    ئادەم دىگەن بىر جايغا بىكىنىۋېلىپ ، ئازغىنا مائاشنىڭ قۇلى بۇلۇپ تۇرماي ، مۇشۇلاردەك تۆت پەسلىنى قولدىن بەرمەي ئىش قىلغاندا چۇقۇم تۆت - بەش يىلدا چۇقۇم بىرە ئىگىلىك تىكلىگۈدەك پۇلنى تاپالىغۇدەك ، بىڭسىسى بارلار شۇ چاغدا بانكىغا يالۋۇرماي بىرە شىركەتنى قۇرۇپ قويسا بۇلىدۇ .....
      
سىزگە تەكلىۋىم : سىزمۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرۈپسىز ، توي قىلىشنىڭ ئالدىدا 2-3 يىل جاپاغا چىداپ ئىشلىسىڭىز بىرە ئىگىلىك تىكلىگۇدەك ياكى خىزمەتكە ئۇرۇنلاشسىڭىز پارا بەرگۈدەك پۇلنى تاپالايسىز  ....
ئۆزەڭنى خار قىلغۇچە كۈچۈڭنى خار قىل دىگەن دىگەن ھىكمەتنى بالدۇر تۇنۇپ يەتكەننىڭ زىيىنى يوق ....

پۇل تاپقاچ ئۆگەنسىڭىز جىق ئۆگىنەلەيسىز ، چىلان ياڭاق ئالما نەشپۈتلەرنى ئۇلاۋاتقانلارنىڭ كۆپىنچىسى  تېخى يېقىندىلا مۇشۇ چىلان ياڭاق ئالما دىگەنلەرنى كۈرۈپ باقمىغان كىشىلەر ، بەزىسى تېخى ئۆزى ئۇلاۋاتقان نەرسىنىڭ قانداق مىۋە بىرىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا ئۇلاقچىلىق مەيدانىدىن ئىش ھەققىدىن ئېلىپ كىتىپ بۇلىدۇ ، نەتىجىسىچۇ ، ئۇلارنىڭ ئۇلاقلىرىمۇ ئاشۇ 5 يىل داشۆدە باغۋەنچىلىك ئۇقۇغان ياكى بىر ئۆمۈر باغ بىلەن ھەپىلەشكەنلەرنىڭ ئۇلىغان ئۇلىقى بىلەن ئوخشاش تۇتىدۇ ،،،بۇنى دىيىشتىن مەقسەت ئۆگىنىۋېلىش شۇنچىلىك ئاسان ، ئەمما جاپالىق ....
     باغۋەنچىلىكنى پۈتتۈرگەن ئىنىلىرىمىز خېلى بار ، ئەمما جاپاغا چىدىمايدۇ ، ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇمىغانلار بىلەن پەرقىم بۇلۇش كېرەك دىگەننى تەكىتلەيدۇ ، ئەمما بۇ پەرققە ئالدىراپ كەتمەسلىك كېرەك ، مەيلى بايۋەتچىلەر بولسۇن ، مەيلى ئائىلىسى نامراتلار بولسۇن ئازراق ئەمەلىيەتكە كىرمسە جىق ئىشلارنى ھىس قىلالمايدۇ .....

     ئەمما باغۋەنچىلىك بىر چوڭ سېستىما  ئۇنىڭدا مۇكەممەل غەلىبە قازىنىش ئۇنىڭغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى ،  سۇ ، تۇپراق ، ھاۋارايى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپ قالماستىن يەنە ناھايىتى رەھىمسىز بولغان بازار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك ......

   شۇڭا بىر قىسىم مەشغۇلاتلارنى ناھايىتى تىز ئىگەللىۋالغىلى بۇلىدۇ ، بىر قىسىم ھىكمەتلەرنى مۇتەخەسسلەرمۇ بىر ئۆمۈر بىلىپ يىتەلمەيدۇ .....

qedem يوللانغان ۋاقتى 2014-11-16 22:19:37

    قېرىنداشلارنىڭ ماڭا ئەستايدىل مەسلىھەت بەرگىنىگە كۆپ رەھمەت ،   تەييار خىزمەتتىن ئىستىپا بېرىپ چىقىپ بۇ يولنى توغرا تاپقانكەنمەن  جاپاغا چىداپ ئۆگىنىمەن ، ئاللا خالىسا ياخشى نەتىنجە قازىنالايدىغانلىقىمغا ئىشىنىمەن …

qedem يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 07:15:38

ئۈرۈمچىگە كەلگەن بولساممۇ سىلەر دەۋاتقان ئاپتونۇم رايۇنلۇق باغۋەنچىلىك تەربىيلەش مەكتىپىنى تاپالمايۋاتىمەن، ئېنىقراق ئادىرسىنى ياكى  شۇ مەكتەپنىڭ خەنچە ئىسمىنى بىلدىغانلار بولسا  دەپ بەرگەن بولساڭلار ، رەھمەت…

sahabe يوللانغان ۋاقتى 2015-1-14 10:05:47

      سىزنىڭ ئۈگەنگەن بىلىملىرىڭىزنى ئىگىلىك تىكلەش ئەمەلىيىتىڭىزگە جانلىق ئىشلىتەلەيدىغىنىڭىزغا ئىشىنىمەن، ئۇتۇق سىزگە يار بولسۇن قېرىندىشىم!:handshake
بەت: [1]
: باغۋەنچىلىك تېخنىكىسى ئۆگىتىغان مۇۋاپىق ئورۇن (مەكتەپ) بارمىدۇ