OCUZ يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 20:58:10

ئوغۇز:بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى

بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى
ئوغۇز تەرجىمىسى
ئى سۈيۈملۈك دۇنيا:
ئوغلۇم بۆگۈن مەكتەپكە كىردى.مەكتەپتىكى مۇھىت ئۇنىڭغا دەماللىقا ناتونۇش،يېڭى تۇيۇلىشى مومكىن.ئۇنىڭغا سېلىق مۇئامىلە قىلىشڭىنى ئۈمىد قىلىمەن.ساڭىمۇ ئايان، ھازىرغا قەدەر ئۇ ئۆيىمىزنىڭ شاھزادىسى،ئارقا ھويلىمىزنىڭ داھىيسى بولۇپ كەلدى.مەن ھەرقانداق بىرئىشتا ئۇنى بەزلەپ، پەپىلەپ كەلدىم،بىراق،ھازىر ئىش بۇرۇنقىغا پەقەتلا ئوخشىمايدۇ.
بۆگۈن ئەتىگەن ئۇ پەشتاقتىن چۈشكەچ ماڭا قۇل پۇلاڭلىتىپ، ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار كەسپىنى باشلىدى.ئۇنىڭ ئالدىدىكى مۇساپە بەكلا ئۇزۇن، بەكلا مۇشەققەتلىك،ئۇ بۇ سەپەردە كۆرەش،بەخىتسىزلىك،قايغۇلارغا دۈچكېلىدۇ.
بۇ دۇنيادا ياشاش ئۈچۈن ئۇ ئىشەنچ ،مىھىر-مۇھەببەت ،جاسارەتكە مۇھتاج بولىدۇ.شۇڭلاشقا ئى دۇنيا مەن سېنىڭ ئۇنىڭ ئىنچىكە قوللىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئۇ بىلىۋىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئۇنىڭغا دەپ بېرىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئۇنىڭغا مۇلايىم بولۇشنى ئۆگەتكىن،مومكىن بولسا ئۇنىڭغا دوستنىڭ،دۈشمەننىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگىن.
ئۇنىڭغاكىتاپتىكى مۆجىزىلەرنى ئۆگەتكىن.
ئۇنىڭغا كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلار،قۇياش نۇرىدا تىنمىسىز ھەرىكەت قىلىۋاتقان ھەرىلەر،تاغدا پورەكلەپ ئېچىلغان  گۈللەرگە ئوخشاش مەڭگۈلۈك سىرلار ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ۋاقىت ئاتا قىلغىن.
ئۇنىڭغا ئوڭۇشسىزلىقىنىڭ ئالدامچىلىققا قارىغاندا شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگىن.
ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىغا ئىشىنىشنىڭ لازىملىقىنى ئۆگەتكىن.
ئۇنىڭغا  زېھنى،جىسمانى كۈچىنى ئالىيجاناپ كىشىلەر بىلەن رىقابەتلىششىكە سەرىپ قىلىشنى،  ۋېجدانىنى ۋە رۇھىنى ساتماسلىقنى ئۆگەتكىن.
ئۇنىڭغا ئالىقاپ كىشىلەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىگە قۇلاق سالماسلىقىنى،ھەر ۋاقىت ھەققانىيەت ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقىشنى ئۆگەتكىن.
ئۇنىڭغا مۇلايىملىق بىلەن ئۆگەتكىن،ئەمما ئۇنى ئەركە قىلىپ قويمىغىن.چۈنكى تۆمۈرنى كۈچلۈك ئوتتا تاۋلىغاندىلا ئاندىن پۇلاتقا ئايلاندۇرغىلى  بولىدۇ.
ئى دۇنيا ، بۇ تەلەپ بەلكىم بەكلا يۇقىرى بولىشى مومكىن، ئەمما  ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئورۇنداپ بەرگىن،چۈنكى ئۇ ئاشۇنداق سۆيۈملۈك ئەبلەخ!
مەنبە :خەنزۇچە «ساتىرا ۋە يومۇر گېزىتى »نىڭ 2013-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى سانى

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 09:04:47

تەشەككۈر!

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 09:06:02

تەشەككۈر!

newstar يوللانغان ۋاقتى 2014-11-15 10:35:32

بالىسى تۇغۇلغاندا بالام نامەرت، خۇمسا، پەسكەش، چېقىمچى، يالاقچى، ئىچى قوتۇر، ئىت مىجەز ئادەم بولۇپ قالسۇن دەپ ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانا ھەرگىزمۇ بولمايدۇ، ئەمما بەزى ئادەملەر ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئاشۇنداق ئادەملەردىن بولۇپ قالىدۇ. ئاشۇنداق ئادەم بولۇپ قالغانلارغا دۇنيا ئەمەس، ئاتا-ئانىسى ئەمەس، شۇ خىل ئادەملەرنىڭ ئۆزى سەۋەبچى بولىدۇ.
بەت: [1]
: ئوغۇز:بىر ئانىنىڭ دۇنياغا يازغان خېتى