dunya يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 08:36:25

ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنىڭ چېكى بارمۇ؟

ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنىڭ چېكى بارمۇ؟

       ئېلېمېنىتلار  دەۋرى جەدۋىلى كىشىلەرنىڭ يېڭى ئېلېمېنىتلارنى تاپىدىغان ۋە ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان « قورالى ». ھازىرغا قەدەر كىشىلەر  ئېلېمېنىتلار دەۋرى جەدۋىلىگە ئاساسەن 109  ئېلېمېنتنى تاپتى. ئۇنداقتا، ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنىڭ چېكى بارمۇ – يوق؟
ئېلېمېنتلاردەۋرى جەدۋىلىدىكى كېچىكىپ كەلگەن بىر نەچچە « مىېھمان » لارنى  ئەسلەپ باقايلى. بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى،ئېلېمېنتلار  دەۋرى جەدۋىلىگە 92- نومۇرلۇق ئېلېمېنت ئۇران  ئورۇنلاشقاندىن  كېيىن خېلى ۋاقىتقىچە ھىچقانداق  ئېلېمېنت بايقالمىدى. مۇشۇ ئەسىرنىڭ  40 – يىللىرىدا  ئالىملار ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىدىن 93-نومورلۇق ئېلېمېنت – نېپتۇنىي  ( Np ) نى، 1983- يىلىغا كەلگەندە ئىلگىرى  - ئاخىر بولۇپ 17 دانە ترانس ئۇران ئېلېمېنتلىرى  ( ئۇراندىن يۇقىرى ئېلېمېنتلار ) نى بايقىدى.
       50- ۋە 60- يىللىرى ئامېرىكا، سۆۋېت ئىتتپاقى ئالىملرى ئوخشاش بولمىغان  ئېغىر مېتال ئىئونلىرى رېئاكسىيىسىدىن پايدىلىنىپ 102-  ۋە 103نومۇرلۇق ئېلېمېنتنى سىنتېزلەپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىدىكى7- دەۋر ئاكتىنوئىدلار گوروپپىسى تولدى. كېيىن ئامېرىكا ۋە سۆۋېت ئىتتپاقى ترانس ئۇرۇن ئېلېمېنتلارغا تەئەللۇق بولغان 104- ~ 106- نومۇرلۇق ئېلېمېنتلارنى سىنتېزلەپ چىقتى. لېكىن ئارقا – ئارقىدىن بايقالغان ترانس ئۇران ئېلېمېنتلىرىنىڭ ئۆمرى بارغانسىرى قىسقا بولىدۇ. مەسىلەن،  101 – نومۇرلۇق ئېلېمېنتنىڭ  ئۆمرىنى كۈن بويىچە ھېسابلاشقا، 102- نومۇرلۇقئېلېمېنتنىڭ  ئۆمرىنى بولسا مىنۇت بويىچەھېسابلاشقا، 103 – نومۇرلۇق ئېلېمېنتتىن كېيىنكىلىرىنى بولسا پەقەت سېكۇنت ياكى مىللىسېكۇنت بويىچە ھېسابلاشقابولىدۇ.  109- نومۇرلۇق ئېلېمېنت بولسائىنتاينن قىسقا دەقىقە ئىچىدىلا ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنداقتا.ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلى ئاخىرلاشتىمۇ؟
       گېرمانىيە ئالىملىرى 1994-  يىلى 11- ۋە  12- ئايدا، 1996- يىلى  2- ئايدا 110- ، 111- ۋە 112- نومۇرلۇق ئېلېمېنتلارنى ئايرىپ چىقىپ،ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.
       60- ۋە 70 يىللىرى، چەت ئەل ئالىملىرى يادرو قەۋىتى مودىلى بىلەن سۇيۇقلۇق تېمىتىش مودېلى ئۆز – ئارا بىرلەشتۈرۈلگەن نەزەرىيىگە ئاساسەن، ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلى 126-نومۇرلۇق ئېلېمېنت ياكى  164 – نومۇرلۇق ئېلېمېنت، ھەتتا  184-  نومۇرلۇق ئېلېمېنت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى.
       ئېلىمىز ئالىملىرى يادرو تۇراقلىق خۇسۇسىيىتى، ئېلېكترون قەۋىتىنىڭ تۇراقلىق خۇسۇسىيىتى  ۋە ئېلېمېنتلار خۇسۇسىيىتىنىڭ تەدرىجىي  ئۆزگىرىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلى 8- دەۋر ( 119- ~ 168- نومۇرلۇق ) دىكى تەخمىنەن  138- نومۇرلۇق ئېلېمېنت بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن دېگەن پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنىڭ چېكى بارمۇ  - يوق دېگەن بۇ مەسىلىگە قارىتا تاھازىرغىچە تېخى  ھىچكىم ئېنىق جاۋاب بەرگىنى يوق. بۇنىڭغا بەلكىم 21- ئەسىردە جاۋاب تېپىلىشى مۇمكىن.
مەنبە: بىلىم –كۈچ ژورنىلى      1997- يىلى 11- سان

ismail يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 12:08:56

ياراتقۇچىنىڭ كارامەتلىرىنى بىلىشىمىز قانچە چوڭقۇرلاشسا چېكى شۇنچە ئۇزىرىدۇ.

powerman5000 يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 17:30:18

پەن - تېخنىكىغا ئائىت ئۇچۇرلار كۆپرەك يوللانغىنى ياخشى ئىش، ئەمما ماقالىنىڭ ۋاقتى ۋە كېلىش مەنبەسىگە ئەھمىيەت بېرىلگەن بولسا. بۇ ماقالە ئېلان قىلىنغىلى 17 يىل بوپتۇ، بەلكىم 17 يىل جەريانىدا بۇ خىل قاراش ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن.  شۇڭا ئەڭ يېڭى ۋە نۇپۇزلۇق ژۇرناللاردىكى ماقالىلەر تەرجىمە قىلىنغان بولسا دەيمەن ، مەسىلەن scientific american ژۇرنىلىنىڭ خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان 环球科学   ژۇرنىلى دېگەندەك.  ( كىچىككىنە تەكلىپ )

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2014-11-14 21:49:27

نەچچە نانو سېكۇنت ھەتتا پىكو سېكۇنت مەۋجۇت بولۇپ تۇرسىمۇ يېڭى ئېلمېنت بولاۋېرىدىكەن
بەت: [1]
: ئېلېمېنتلار دەۋرى جەدۋىلىنىڭ چېكى بارمۇ؟